خىتاي ئەدلىيە مىنىستىرلىقىنىڭ ۋەكىللەر ئۆمىكى تۈركىيەنى زىيارەت قىلىپ، تۈركىيە-خىتاي مۇناسىۋەتلىرى بارغانسېرى يېقىنلىشىۋاتقان بۈگۈنكى كۈندە تۈركىيەدىكى «ئىيى» (ياخشى) پارتىيەسىنىڭ باشلىقى مېرال ئاقشەنەر خانىم تۈركىيە پارلامېنتىدا نۇتۇق سۆزلەپ، ئۇيغۇر دىيارىدىكى جازا لاگېرلىرى مەسىلىسىدە تۈركىيە دۆلەت رەئىسى رەجەپ تاييىپ ئەردوغاننى ئەيىبلىدى.
«ئىيى» پارتىيەسىنىڭ باشلىقى مەرال ئاقشەنەر خانىم 2-ئۆكتەبىر كۈنى تۈركىيە پارلامېنتىدا سۆزلىگەن نۇتقىدا مۇنداق دېدى: «ھۆرمەتلىك پارلامېنت ئەزالىرى، تۈركىيەنىڭ تاشقى سىياسىتى زادى بارمۇ-يوق، بۇنىسى ماڭا نامەلۇم. ھازىر بەزى مەسىلىلەردە تۈركىيە ھۆكۈمىتىنىڭ زادى نېمە ئويلاۋاتقانلىقى بىزگە نامەلۇم. شەرقىي تۈركىستاندا مىليونلىغان ئۇيغۇرلار لاگېرلارغا قامىلىپ ئازاب چەكمەكتە، ئەمما رەجەپ تاييىپ ئەردوغان ۋە ئۇنىڭ ئەدلىيىسى بۇ ھەقتە ھېچ نېمە دېمەيۋاتىدۇ. ھۆكۈمەتنىڭ زۇۋانىغا ئايلانغان ئاخبارات ۋاستىلىرى خىتاينىڭ زۇۋانىدەك شەرقىي تۈركىستاننى ‹شىنجاڭ› دەۋاتىدۇ. ھۆرمەتلىك رەجەپ تاييىپ ئەردوغان، مەن سىزدىن سوراپ باقاي، بۇ ھەقتە خىتايغا بەرگەن بىر ۋەدىڭىز بارمۇ-قانداق؟»
ئىگىلىنىشىچە، 2016-يىلىدىن بۇيان تۈركىيەگە رەسمىي زىيارەت ئۈچۈن كېلىۋاتقان خىتاي ھۆكۈمەت ئۆمەكلىرىنىڭ كۆپلۈكى كىشىلەرنىڭ دىققىتىنى تارتماقتا. ئۆتكەن ئايدا خىتاي ئەدلىيە مىنىستىرى فۇ چىڭخۇاتۈركىيەدە زىيارەتتە بولدى ۋە تۈركىيە ئەدلىيە ئورگانلىرى بىلەن بىر قاتار كۆرۈشۈشلەردە بولدى.
تۈركىيەدە چىقىدىغان «ستار» (يۇلتۇز) گېزىتىنىڭ 21-سېنتەبىردىكى سانىدا ئېلان قىلىنغان بىر خەۋەردە خىتاي ئەدلىيە مىنىستىرى فۇ چىڭخۇانىڭ تۈركىيە ئەدلىيە مىنىستىرى ئابدۇلھەمىت گۈلنىڭ تەكلىپىگە بىنائەن تۈركىيەگە زىيارەتكە كەلگەنلىكى تىلغا ئېلىنغان. خەۋەردە دېيىلىشىچە، ھەر ئىككى دۆلەتنىڭ ئەدلىيە مىنىستىرلىرى ئوتتۇرىسىدىكى ئۇچرىشىشتا «تېررورلۇققا قارشى ئورتاق كۈرەش ئېلىپ بېرىش، ئادەم ئەتكەسچىلىكىنى توسۇشتا ھەمكارلىشىش، شۇنداقلا ئىككى دۆلەت ئوتتۇرىسىدىكى ئەدلىيە ھەمكارلىقىنى كۈچەيتىش» توغرىسىدا مۇزاكىرە ئېلىپ بېرىلغان.
تۈركىيە ئەدلىيە مىنىستىرلىقىنىڭ تورىدىكى ئۇچۇرلارغا قارىغاندا، 9-ئاينىڭ 21-كۈنى تۈركىيە ئەدلىيە مىنىستىرلىقىنىڭ مۇئاۋىن مىنىستىرى جېڭگىز ئۆنەر ئەپەندى بىلەن خىتاينىڭ ئەنقەرەدە تۇرۇشلۇق باش ئەلچىسى يۈ خوڭياڭ تۈرك سوتچىلىرى ۋە تەپتىشلىرىنىڭ خىتايغا بېرىپ خىتاي تىلى ئۆگىنىش ھەققىدىكى توختامنامىگە قول قويغان. بۇ توختامنامىگە بىنائەن تۈركىيە تەرەپ بۇ يىل ئىچىدە تۈرك سوتچى ۋە تەپتىشلەردىن تەركىب تاپقان 8 كىشىنى خىتايچە ئۆگىنىش ئۈچۈن بېيجىڭدىكى خىتاي جامائەت خەۋپسىزلىكى ئۇنىۋېرسىتېتىغا ئوقۇشقا ئەۋەتىدىكەن.
قىممەتلىك رادىئو ئاڭلىغۇچىلار، تۈركىيە ئەدلىيە مىنىستىرلىقى بىلەن خىتاي ئەدلىيە مىنىستىرلىقى ئوتتۇرىسىدىكى مۇناسىۋەتلەرنىڭ كۈنسايىن كۈچىيىشىنى قانداق چۈشىنىش كېرەك؟ تۈرك سوتچى ۋە تەپتىشلەرنىڭ خىتاي تىلى ئۆگىنىشىدىكى سەۋەب زادى نېمە؟ بىز بۇ سوئاللارنى چۆرىدىگەن ھالدا ئامېرىكىدىكى ئۇيغۇر ئادۋوكات نۇرى تۈركەل ئەپەندى ۋە ئىستانبۇلدا ئۇيغۇرلارنىڭ ئادۋوكاتلىق خىزمىتىنى قىلىۋاتقان ئىبراھىم ئەپەندى بىلەن سۆھبەت ئېلىپ باردۇق.
تۈركىيە ئەدلىيە مىنىستىرلىكىگە كۆپ قېتىم تېلېفون قىلغان بولساقمۇ، ئەمما ئۇلاردىن بۇ ھەقتە جاۋاب ئالالمىدۇق.
نۇرى تۈركەل ئەپەندى خىتاينىڭ ھازىر ئۇيغۇر مەسىلىسىدە ئۆزىنى ھەقلىق كۆرسىتىش ئۈچۈن تۈركىيەدەك ئىتتىپاقداش دۆلەتلەرگە جىددىي ئېھتىياجى بارلىقىنى، شۇ سەۋەبتىن خىتاينىڭ تۈركىيەگە يېقىنلىشىۋاتقانلىقىنى، تۈركىيەدەك بىر دۆلەتنىڭ ئەمەلىيەتتە خىتاي ئەدلىيە سىستېمىسىدىن ئۆگىنىدىغان نەرسىنىڭ يوقلۇقىنى بايان قىلدى.
نۇرى تۈركەل ئەپەندى يەنە تۈركىيە ئەدلىيە مىنىستىرلىقى بىلەن خىتاي ئەدلىيە مىنىستىرلىقى ئوتتۇرىسىدىكى مۇناسىۋەتنىڭ سىياسىي تۈس ئالغان مۇناسىۋەت ئىكەنلىكىنى، بۇ مۇناسىۋەتنىڭ ئۇيغۇرلارنىڭ ھەق ۋە ھوقۇقىغا دەخلى-تەرۇز ئېلىپ كېلىدىغانلىقىنى ئىلگىرى سۈردى.
تۈركىيەدىكى ئۇيغۇر مۇساپىرلارغا ئادۋوكاتلىق قىلىۋاتقان ئىبراھىم ئەپەندى ئىككى-دۆلەت ئوتتۇرىسىدىكى بۇ يېقىنلىشىشنىڭ ھازىرچە ئۇيغۇرلارغا سەلبىي تەسىر كۆرسەتمىگەنلىكىنى بايان قىلىپ، مۇنداق دېدى: «بۇنىڭ ھازىرچە ئۇيغۇرلارغا كۆرسەتكەن بىر سەلبىي تەسىرىنىڭ بار-يوقلۇقىنى بىلمىدىم. تۈركىيە ئەدلىيە مىنىستىرلىقى بىلەن خىتاي ئەدلىيە مىنىستىرلىقى جىنايەتچىلەرنى قايتۇرۇپ بېرىش مەسىلىسىنى سۆزلىشىدۇ. ھازىرغىچە قايتۇرۇپ بېرىلگەن ئۇيغۇر يوق. خىتاي تەلەپ قىلغان كىشىلەر بولسا ئالدى بىلەن تۈركىيە سوتىدا ئادىل سوتلىنىدۇ. خىتايلارنىڭ بۇ خىل زىيارەتلىرى پەقەتلا تەشۋىقات ئۈچۈن دەپ ئويلايمەن. ھازىرچە ئۇيغۇرلارغا تەسىرى بولمىغاچقا بۇ توغرىلىق بىر نەرسە دېيىش قېيىن.»
ئىبراھىم ئەپەندى تۈركىيەنىڭ بەزى خەلقئارا توختامنامىلەرگە قول قويغان دۆلەت ئىكەنلىكىنى، قانۇننىڭ مۇناسىۋەتلىك ماددىلىرىغا ئاساسەن تۈركىيەنىڭ ئۇيغۇرلارنى خىتايغا قايتۇرۇپ بېرەلمەيدىغانلىقىنى بايان قىلىپ مۇنداق دېدى: «بىزنىڭ 6730-نومۇرلۇق بىر قانۇنىمىز بار. بۇ قانۇنغا ئاساسەن چەتئەللىكلەرنى، بولۇپمۇ ئۇيغۇرلارنى ئۆلۈم جازاسى ياكى بېسىم سىياسىتى بار بولغان دۆلەتلەرگە قايتۇرۇپ بېرىشكە بولمايدۇ. شۇڭا ئۇيغۇرلار ئەنسىرەپ كەتمىسىمۇ بولىدۇ.»
ئۆتكەن يىلى تۈركىيە بىلەن خىتاي ئوتتۇرىسىدا ئۆز-ئارا جىنايەتچىلەرنى قايتۇرۇپ بېرىش توختامنامىسى تۈزۈلگەن ئىدى. بۇ توختام تۈركىيە پارلامېنتىدا مۇزاكىرە قىلىنىپ ماقۇللانغاندىن كېيىن ئۈنۈمگە ئىگە بولىدىكەن. بىز ئىگىلىگەن مەلۇماتلارغا ئاساسلانغاندا تۈركىيە پارلامېنتىدا بۇنداق بىر مەسىلە تېخىچە مۇزاكىرە قىلىنمىغان.