مەركىزىي ئاسىيانىڭ كېلەچەك تەقدىرى ئافغانىستانغا باغلىق بولماقتا

0:00 / 0:00

ئا ق ش ۋە ناتو ئەسكەرلىرى ئافغانىستاندىن چېكىنگەندىن كېيىن بۇ مەملىكەتتىكى ھەم ئۇنىڭغا قوشنا مەركىزىي ئاسىيا دۆلەتلىرىدىكى ۋەزىيەتنىڭ قانداق تەرەققىي قىلىدىغانلىقى كۆپچىلىكنى تەشۋىشكە سېلىۋاتقانلىقى مەلۇمدۇر.

شۇ مۇناسىۋەت بىلەن، بولۇپمۇ سابىق سوۋېت ئوتتۇرا ئاسىيا جۇمھۇرىيەتلىرىنىڭ سىياسىي ئەھۋالىغا قارىتا ھەر خىل قاراشلارمۇ ئوتتۇرىغا قويۇلماقتا. مۇلاھىزىلەردە ھازىر مەركىزىي ئاسىيانىڭ تەقدىرى بىۋاسىتە ئافغانىستاندىكى ۋەزىيەتكە باغلىق بولۇۋاتقانلىقى ئىلگىرى سۈرۈلمەكتە.

رادىئومىز زىيارىتىنى قوبۇل قىلغان سىياسەتشۇناس قەھرىمان غوجامبەردى بۇ ھەقتە ئۆز قاراشلىرىنى ئوتتۇرىغا قويدى.