خىتاي ئوتتۇرىغا قويغان «بىر بەلۋاغ، بىر يول» قۇرۇلۇشى پىلانى يېقىنقى يىللاردىن بېرى تۈركىيە بىلەن خىتاي ئوتتۇرىسىدا مۇزاكىرە قىلىنىۋاتقان ئەڭ مۇھىم تېمىلاردىن بىرى بولۇۋاتقان، ئۇيغۇرلارنىڭ نۆۋەتتىكى ۋەزىيىتى كۈنسايىن ئېغىرلىشىۋاتقان بۈگۈنكى كۈندە تۈركىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرى مەۋلۇت چاۋۇشئوغلۇنىڭ روزى ھېيت مەزگىلىدە خىتايغا ئىككى كۈنلۈك رەسمىي زىيارەتكە بېرىشى تۈركىيەدىكى ئۇيغۇرلارنىڭ دىققەت-ئېتىبارىنى قوزغىماقتا.
مەۋلۇت چاۋۇشئوغلۇنىڭ 6-ئاينىڭ 14-15-كۈنلىرى بېيجىڭغا ئېلىپ بارغان زىيارىتى جەريانىدا ئۇنى خىتاينىڭ مۇئاۋىن دۆلەت رەئىسى ۋاڭ چىشەن قوبۇل قىلغان. ئۇ يەنە خىتاي تاشقى ئىشلار مىنىستىرى ۋاڭ يى بىلەن ئۇچرىشىپ ئىككى دۆلەت ئوتتۇرىسىدىكى مۇناسىۋەتلەر توغرىسىدا مۇزاكىرە ئېلىپ بارغان. ئىككى دۆلەت تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىرى ئوتتۇرىسىدا ئېلىپ بېرىلغان مۇزاكىرە ئاخىرىدا ئىككى مىنىستىر مۇخبىرلارنى كۈتۈۋېلىش يىغىنى ئۆتكۈزۈپ، ئۇچرىشىشتا مۇزاكىرە قىلىنغان مەسىلىلەر توغرىسىدا مەلۇمات بەرگەن. ئالدى بىلەن تۈركىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرى مەۋلۇت چاۋۇشئوغلۇ سۆز قىلىپ مۇنداق دېگەن: «ھۆرمەتلىك مۇخبىرلار، بىز خىتاي خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ رايون خاراكتېرلىك ۋە خەلقئارالىق مەسىلىلەردە تېخىمۇ ئاكتىپ رول ئويناۋاتقانلىقىنى كۆرۈپ تۇرۇپتىمىز. خىتاينىڭ بۇ مەسىلىلەرنى ھەل قىلىش جەھەتتىكى پوزىتسىيىسىنى قىزغىن قارشى ئالىمىز. خەلقئارالىق ۋە رايون خاراكتېرلىك مەسىلىلەردە كۆز قارىشىمىزنىڭ ئوخشاش ئىكەنلىكىنى كۆرۈۋاتىمىز. بۇ مەسىلىلەرنى تىنچلىق يولى بىلەن ھەل قىلىش ئۈچۈن خىتاي بىلەن بولغان ھەمكارلىقىمىزنى داۋاملاشتۇرىمىز. تۈركىيە ھۆكۈمىتى خىتاينىڭ سۈرىيە، ئىراق، يەمەن ۋە لىۋان مەسىلىلىرىدىكى ئوبيېكتىپ، بىتەرەپ پوزىتسىيىسىنى قوللايدۇ.»
مەۋلۇت چاۋۇشئوغلۇ ۋاڭ يى بىلەن ئۆتكۈزگەن ئۇچرىشىشىدا مۇزاكىرە قىلىنغان مەسىلىلەر توغرىسىدا مەلۇمات بېرىپ مۇنداق دېگەن: «بۈگۈنكى ئۇچرىشىشىمىزدا خىتاي ئوتتۇرىغا قويغان ‹بىر بەلۋاغ، بىر يول› قۇرۇلۇشى، كارس بىلەن ئەدىرنە تېز پويىز قۇرۇلۇشىنى خىتاي تەرەپ بىلەن بىرلىكتە ئەمەلىيلەشتۈرۈش قاتارلىق بىر قاتار مەسىلىلەر توغرىسىدا مۇزاكىرە ئېلىپ باردۇق. ‹بىر بەلۋاغ، بىر يول› قۇرۇلۇشىنىڭ ئەمەلگە ئېشىشىدا تۈركىيە مۇھىم بىر دۆلەت. بۇ قېتىمقى ئۇچرىشىشىمىزدا دۆلەت رەئىسىمىز رەجەپ تاييىپ ئەردوغاننىڭ شى جىنپىڭغا ئەۋەتكەن تەكلىپنامىسىنى يەتكۈزۈپ بەردىم. سايلامدىن كېيىن شى جىنپىڭ تۈركىيەگە كەلمەكچى».
ئارقىدىن خىتاي تاشقى ئىشلار مىنىستىرى ۋاڭ يى سۆز قىلىپ، تۈركىيە تەرەپنىڭ خىتاينىڭ بىخەتەرلىكىگە خەۋپ ئېلىپ كېلىدىغان پائالىيەتلەرگە يول قويماسلىق سىياسىتىدىن خۇرسەن ئىكەنلىكىنى بايان قىلغان ۋە مۇنداق دېگەن: «بىز تۈركىيەنىڭ خىتاينىڭ بىخەتەرلىكىگە خەۋپ ئېلىپ كېلىدىغان پائالىيەتلەرگە رۇخسەت قىلمايدىغانلىقىنى قايتا تەكىتلىگەنلىكىنى قىزغىن قارشى ئالىمىز. تۈركىيە بىلەن خىتاي ئوتتۇرىسىدىكى تىجارىي مۇناسىۋەتنى كۈچەيتىشكە ئەھمىيەت بېرىمىز.»
تۈركىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرى مەۋلۇت چاۋۇشئوغلۇنىڭ خىتايغا ئېلىپ بارغان زىيارىتى ئاخىرلاشقاندىن كېيىن تۈركىيە باش مىنىستىرى بىنالى يىلدىرىمنىڭ بىر تېلېۋىزىيە مۇخبىرىنىڭ سوئالىغا بەرگەن جاۋابى ئىجتىمائىي تاراتقۇلاردا قاتتىق غۇلغۇلا پەيدا قىلدى. تۈركىيە باش مىنىستىرى بىنالى يىلدىرىم بىر مۇخبىرنىڭ «سىلەر شەرقىي تۈركىستان توغرىسىدا نېمىلەرنى قىلماقچىسىلەر؟» دېگەن سوئالىغا مۇنداق جاۋاب بەرگەن: «شەرقىي تۈركىستان مەسىلىسى نازۇك بىر مەسىلە. بىزنىڭ بۇ ھەقتىكى پىكرىمىز ئېنىق. خىتاينىڭ زېمىن پۈتۈنلۈكى بىز ئۈچۈن بەك مۇھىم. شەرقىي تۈركىستاندا قېرىنداشلىرىمىز بار، ئەمما ئۇلار تېررورلۇققا ئارىلاشسا، خىتاينىڭ زېمىن پۈتۈنلۈكىگە ئوچۇق-ئاشكارا قارشى چىقسا، بىز ئۇلارنى قوللىيالمايمىز.»
ئۇنداقتا، روزى ھېيت كۈنى تۈركىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرى مەۋلۇت چاۋۇشئوغلۇنىڭ خىتايغا ئېلىپ بارغان زىيارىتىنى قانداق چۈشىنىش كېرەك؟ تۈركىيە باش مىنىستىرى بىنالى يىلدىرىمنىڭ ئۇيغۇرلار توغرىسىدىكى باياناتىنى قانداق چۈشىنىش كېرەك؟ بىز بۇ ھەقتە تونۇلغان تۈركولوگ، پروفېسسور ئەخمەت بىجان ئەرجىلاسۇن ئەپەندى، ئەنقەرەدىكى ئىستراتېگىيىلىك چۈشەنچىلەر ئىنستىتۇتىنىڭ مۇتەخەسسىسى، دوكتور ئەركىن ئەكرەم ئەپەندىلەر بىلەن سۆھبەت ئېلىپ باردۇق. دوكتور ئەركىن ئەكرەم ئەپەندى مەۋلۇت چاۋۇشئوغلۇنىڭ روزى ھېيتنىڭ بىرىنچى كۈنى خىتايغا زىيارەت ئېلىپ بېرىشىنىڭ ئىككى دۆلەت ئوتتۇرىسىدا مۇھىم مەسىلىلەر بارلىقىنى ئىپادىلەيدىغانلىقىنى بايان قىلدى.
ئۇ مەۋلۇت چاۋۇشئوغلۇنىڭ ئۆتكەن يىلى خىتايغا ئېلىپ بارغان زىيارىتىدىمۇ «تۈركىيەدە خىتايغا قارشى پائالىيەت قىلدۇرمايمىز» دەپ بايانات بەرگەنلىكىنى، ئەمما تۈركىيەدە ئۇيغۇرلارنىڭ پائالىيەتلىرىنى ئۈزۈل-كېسىل چەكلىيەلمەيۋاتقانلىقىنى تىلغا ئالدى.
تۈركلەر ئۇيغۇرلارنى «قېرىنداش مىللەت»، ئۇيغۇر دىيارىنى بولسا «ئاتا يۇرتىمىز» دەپ بىلىدىغان بولغاچقا ئۇيغۇر مەسىلىسى تۈركلەر ئۈچۈن ئىنتايىن نازۇك بىر مەسىلە. شۇ سەۋەبتىن تۈركىيە باش مىنىستىرى بىنالى يىلدىرىمنىڭ ئۇيغۇرلار توغرىسىدىكى باياناتى تۈركىيەدىكى ئىجتىمائىي تاراتقۇلاردا قاتتىق غۇلغۇلا پەيدا قىلدى. تۈركىيەدە مىللەتچىلىك ئىدىيىسىنى تەرغىب قىلىدىغان «ئالپئەرەن ئوجاقلىرى» نىڭ رەئىسى كۇرشات مىرجان ئەپەندى شەرقىي تۈركىستاننىڭ خىتاي زېمىنى ئەمەسلىكىنى، شۇڭا تۈركىيە باش مىنىستىرى بىنالى يىلدىرىمنىڭ بۇ ھەقتىكى باياناتىنى ئەيىبلەيدىغانلىقىنى بايان قىلىپ، مۇنداق دېدى: «تېلىۋىزىيەدە باش مىنىستىرىمىزنىڭ باياناتىنى ئاڭلاپ كۆڭلىمىز بەكلا رەنجىدى. ئەلۋەتتە، بىز باشقا دۆلەتلەرنىڭ زېمىن پۈتۈنلۈكىگە ھۆرمەت قىلىمىز. ئەمما ئىسمىدىنمۇ مەلۇم بولغىنىدەك، شەرقىي تۈركىستان ئۇيغۇرلارنىڭ زېمىنىدۇر. ئاتىلىرىمىزنىڭ زېمىنىدۇر. بىز خىتايلارنىڭ زېمىنىنى بېسىۋالمىدۇق. خىتاي بىزنىڭ ئۇيغۇر قېرىنداشلىرىمىزنىڭ يۇرتىنى بېسىۋالدى. ئۇيغۇر قېرىنداشلىرىمىزغا ئەقىلگە سىغمايدىغان بېسىملارنى ئېلىپ بېرىۋاتىدۇ. ھۆكۈمەت خىتاي بىلەن بەزى توختامنامىلەرنى تۈزگەن بولۇشى مۇمكىن، ئەمما بىز ئېزىلىۋاتقان ئۇيغۇر قېرىنداشلىرىمىزغا ياردەم قىلمىساق، ئۇلارنىڭ ھەق ۋە ھوقۇقلىرىنى قوغدىمىساق، ئۇ دۇنيادا خۇداغا نېمە دەيمىز؟ مەن ئاممىۋى تەشكىلاتىمىز نامىدىن باش مىنىستىرىمىزنىڭ بۇ باياناتىنى ئەيىپلەيمەن.»
بىز مەزكۇر بايانات ھەققىدە كۆز قارىشىنى ئىگىلەش ئۈچۈن پروفېسسور ئەخمەت بىجان ئەرجىلاسۇن ئەپەندى بىلەنمۇ سۆھبەت ئېلىپ باردۇق. ئۇ، باش مىنىستىرنىڭ باياناتىدىكى «شەرقىي تۈركىستان مەسىلىسى نازۇك مەسىلە» دېگەن سۆزىنىڭ توغرا ئىكەنلىكىنى، ئەمما «خىتاينىڭ زېمىن پۈتۈنلۈكىنى ھۆرمەتلەيمىز» دېگەن سۆزىنىڭ خاتا ئىكەنلىكىنى، شۇڭا بىنالى يىلدىرىمنى ئەيىبلەيدىغانلىقىنى بايان قىلىپ، مۇنداق دېدى: «بۇ باياناتنىڭ پەقەت بىرلا توغرا تەرىپى بار. يەنى شەرقىي تۈركىستان مەسىلىسى تۈركىيە ئۈچۈن نازۇك بىر مەسىلە. ئەپسۇسكى، باش مىنىستىر بىنالى يىلدىرىم بۇ مەسىلىگە خىتاينىڭ نۇقتىئىنەزىرى بويىچە قاراپتۇ. تۈركىيە باش مىنىستىرىنىڭ شەرقىي تۈركىستاندىكى قېرىنداشلىرىمىزنىڭ مەسىلىسىگە خىتاينىڭ نۇقتىئىنەزىرى بىلەن قارىشى ئەيىپلەشكە تېگىشلىك ئىش. شەرقىي تۈركىستان خىتاينىڭ مۇستەملىكىسى ئاستىدا تۇرماقتا. شەرقىي تۈركىستانلىقلار تېررورچى ئەمەس، ئەمما خىتاي ئۇلارنى تېررورچى دەۋاتىدۇ. خىتاي تېررورچى دېگەن كىشىلەرنى بىزنىڭ باش مىنىستىرىمىزمۇ تېررورچى دەۋاتىدۇ، بۇنى قاتتىق ئەيىپلەيمەن.»
«تۈركىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرى مەۋلۇت چاۋۇشئوغلۇ بېيجىڭدىكى مۇخبىرلارنى كۈتۈۋېلىش يىغىنىدا ‹خىتاي بىلەن ھەمكارلىشىمىز› دېدى، ئەمما ئۇيغۇرلارنىڭ ھازىرقى ئېغىر ۋەزىيىتىنى تىلغا ئالمىدى، بۇنىڭغا قانداق قارايسىز؟» دېگەن سوئالىمىزغا غازى ئۇنىۋېرسىتېتىدىن پېنسىيىگە چىققان پروفېسسور دوكتور ئەخمەت بىجان ئەرجىلاسۇن ئەپەندى مۇنداق جاۋاب بەردى: «بارلىق تۈرك رەھبەرلىرى خىتاينى ئۇيغۇر مەسىلىسى توغرىسىدا ئاگاھلاندۇرۇشى كېرەك. ياۋروپا دۆلەتلىرى بىلەن ئامېرىكا تۈركىيەدىكى ئاخبارات ئەركىنلىكى، ئىنسان ھوقۇقلىرى مەسىلىلىرىنى تەنقىد قىلغاندەك، تۈركىيەمۇ خىتاينى بۇ ھەقتە ئاگاھلاندۇرۇشى كېرەك. تونۇلغان سەنئەتچى ئابدۇرەھىم ھېيت نېمە ئۈچۈن تۈرمىدە؟ بۇ كىشىنىڭ دۇتار چېلىپ ناخشا ئوقۇشتىن باشقا نېمە گۇناھى بار؟ تۈركىيە رەھبەرلىرى خىتايغا بۇلارنى دېيىشى كېرەك.»
تۈركىيە جۇمھۇرىيىتى بىلەن خىتاي خەلق جۇمھۇرىيىتى ئارىسىدا 2010-يىلى 10-ئايدا «ئىستراتېگىيىلىك شېرىكلىك توختامنامىسى» گە قول قويۇلغان ئىدى. بۇنىڭدىن سىرت ئىككى دۆلەت ئارىسىدىكى يېڭى يىپەك يولى بەلۋېغىنىڭ 21-ئەسىردىكى دېڭىز يىپەك يولى ۋە ئۇنىڭ ئوتتۇرا كارىدورىنى قۇرۇپ چىقىش توغرىسىدىكى توختاممۇ 2017-يىلى 5-ئاينىڭ 29-كۈنى تۈركىيە ھۆكۈمىتىنىڭ رەسمىي گېزىتلىرىدە دە ئېلان قىلىندى. بۇ توختامنامىدە ئىككى دۆلەت ئۆز-ئارا چۈشىنىش ۋە دوستانە ھەمكارلىق ئىچىدە «بىر بەلۋاغ، بىر يول» قۇرۇلۇشى ئۆتكەن رايونلاردا ئۆز-ئارا ئىش بىرلىكى قىلىش جەھەتلەردە بىرمۇنچە ماددىلار تەكىتلەنگەن. بۇلاردىن سىرت يەنە «تۈركىيە-بىلەن خىتاي ئوتتۇرىسىدىكى ھەمكارلىقنى قولايلاشتۇرۇش ئۈچۈن بىرلىكتە كۈچ چىقىرىش، ئىككىلا تەرەپ پايدا ئېلىش ئۈچۈن بىر-بىرىنى قوللاپ-قۇۋۋەتلەش توغرىسىدا قارار ماقۇللاندى» دەپ كۆرسىتىلگەن ئىدى. 5 چوڭ ماددىدىن تەركىب تاپقان بۇ توختامنامىگە 2015-يىلى 11-ئاينىڭ 14-كۈنى تۈركىيە جۇمھۇرىيىتىنىڭ رەئىسى رەجەپ تاييىپ ئەردوغان بىلەن خىتاي دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ تۈركىيەنىڭ ئانتالىيە شەھىرىدە قول قويغان بولۇپ، تۈركىيە بىلەن خىتاي ئوتتۇرىسىدىكى يېقىنلىشىش مەزكۇر توختامنامىنىڭ روھىغا ئاساسەن بولۇۋاتقانلىقى مەلۇم بولماقتا.