خىتايغا زىيارەتكە كەلگەن تۈركىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرى مەۋلۇت چاۋۇشوغلۇ 8-ئاينىڭ 3-كۈنى، يەنى پەيشەنبە كۈنى خىتاي تاشقى ئىشلار مىنىستىرى ۋاڭ يى بىلەن ئۇچراشقاندىن كېيىن، بىخەتەرلىك مەسىلىسى ۋە تېررورلۇققا قارشى كۈرەش قىلىشتا پىكىر بىرلىكى ھاسىل قىلغانلىقىنى بىلدۈرگەن. بۇ ھەقتە تۈركىيە دۆلەت خەۋەر ئاگېنتلىقى بولغان ئاناتولىيە خەۋەر ئاگېنتلىقىنىڭ 8-ئاينىڭ 3-كۈنىدىكى خەۋىرىگە ئاساسلانغاندا، تۈركىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرى مەۋلۇت چاۋۇشوغلۇ «رايونىمىزدا ۋە دۆلىتىمىزدە خىتايغا قارشى پائالىيەتلەرگە رۇخسەت قىلمايمىز. خىتايغا قارشى خەۋەرلەرنىمۇ شاللاپ چىقىرىۋېتىمىز» دىگەن.
تۈركىيەدىكى نۇرغۇن گېزىت، تېلېۋىزىيىلەر ئاناتولىيە خەۋەر ئاگېنتلىقىنىڭ بۇ خەۋىرىنى ئۈزۈندى قىلىپ، بۇ ھەقتە خەۋەر تارقاتتى. تۈركىيەنىڭ ئەڭ چوڭ خەۋەر ئاگېنتلىقلىرىدىن بىرى بولغان دوغان خەۋەر ئاگېنتلىقى 8-ئاينىڭ 3-كۈنى «تۈركىيەنىڭ ئۇيغۇر سىياسىتى ئۆزگىرىۋاتامدۇ؟» ماۋزۇلۇق قىسقا خەۋەر ئېلان قىلدى. خەۋەردە مۇنداق دېيىلگەن: «مەۋلۇت چاۋۇشوغلۇنىڭ بېيجىڭدا بەرگەن بۇ باياناتى ئۇيغۇرلارنى ئۈمىدسىزلەندۈردى. ئۇيغۇرلارنىڭ ھەق-ھوقۇقى ئۈچۈن كۈرەش قىلىۋاتقان دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ باياناتچىسى دىلشات رېشىت ئەپەندى، تۈركىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرىنىڭ باياناتى بىزنى ھەيران قالدۇردى. خىتاينىڭ مەقسىتى ئىقتىسادىي بېسىم بىلەن ئۇيغۇرلارنىڭ ھەق ۋە ھوقۇقىنى قولىدىن تارتىۋېلىش. ئەمما تۈرك خەلقىنىڭ بىزنى داۋاملىق قوللايدىغانلىقىنى ئۈمىد قىلىمەن». بۇ خەۋەردە ئۇيغۇر دىيارىدىكى ۋەزىيەتنىڭ ئىنتايىن ئېغىر ئىكەنلىكى تەكىتلەنگەن.
تۈركىيە كۆپ پارتىيەلىك بىر دۆلەت. تۈركىيە رادىئو تېلېۋىزىيە ئىدارىسىنىڭ «تۈركىيە ئاۋازى» رادىئوسىدا 36 تىلدا ئاڭلىتىش بېرىلىدۇ. بۇنىڭ ئىچىدە ئۇيغۇر تىلىمۇ بار. تۈركىيەدىكى ئاخباراتلارنىڭ كۆپى شەخسىي شىركەتلەرنىڭ قولىدا. تۈركىيە ئاخبارات ئەركىنلىكىنىڭ ئەمىللىشىشى جەھەتتىن ئىنسان ھەقلىرى تەشكىلاتلىرىنىڭ تەنقىدىگە ئۇچراۋاتقان بولسىمۇ، ئامېرىكا ۋە ياۋروپادىكى پىكىر ئەركىنلىكى ئۆلچىمىگە يېتىشنى ئۆزىگە نىشان قىلغان بىر دۆلەت. تۈركىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرى بېيجىڭدا دىگەندەك تۈركىيەدىكى خىتايغا قارشى ئاخبارات ئورگانلىرى بىلەن خىتايغا قارشى خەۋەرلەرنى چەكلىيەلەمدۇ؟
ئەنقەرەدىكى ئىستراتېگىيىلىك چۈشەنچىلەر ئىنستىتۇتى مۇتەخەسسىسى دوكتور ئەركىن ئەكرەم ئەپەندى تۈركىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرى بەرگەن باياناتنى تۈركىيەنىڭ بۇرۇندىن تارتىپ دەپ كېلىۋاتقانلىقىنى، تۈركىيە ھۆكۈمىتىنىڭ سىياسەتلىرىگە قارايدىغان بولساق بۇنى ئەمەلىيلەشتۈرگىلى باشلىغانلىقىنى بايان قىلدى. «ئۇيغۇر خەۋەر ۋە تەتقىقات مەركىزى» مەسئۇلى خامىت گۆكتۈرك ئەپەندى تۈركىيەدەك كۆپ پارتىيەلىك تۈزۈم بىلەن باشقۇرۇلۇۋاتقان دۆلەتلەردە بۇنىڭ مۇمكىن ئەمەسلىكىنى بايان قىلدى.
دوكتور ئەركىن ئەكرەم ئەپەندى تۈركىيە ھۆكۈمىتىنىڭ خىتايغا قارشى خەۋەرلەرنى يوق قىلالمايدىغانلىقىنى، ئۇيغۇرلار توغرىسىدا ماقالە ۋە خەۋەرلەرنى يەنە يازغىلى بولىدىغانلىقىنى ئوتتۇرىغا قويدى.ئەمما، خەمىت گۆكتۈرك ئەپەندى بۇرۇنقىلارغا قارىغاندا تۈركىيەدە شەرقىي تۈركىستان توغرىسىدىكى خەۋەرلەرنىڭ ئازىيىۋاتقانلىقىنى، بۇنىڭ ئارقىسىدا ھۆكۈمەتنىڭ سىياسىتىنىڭ تەسىرى بولغان بولۇشى مۇمكىن ئىكەنلىكىنى، ئەمما تۈرك خەلقىنىڭ ئۇيغۇر قېرىنداشلىرىنى قوللاشقا داۋام قىلىدىغانلىقىنى ئۈمىد قىلىدىغانلىقىنى بايان قىلدى.
بىز ئىگىلىگەن مەلۇماتلارغا ئاساسلانغاندا، 2016-يىلى 7-ئايدا خىتاي تۈركىيە ھۆكۈمىتىگە خىتايغا قارشى تور تېلېۋىزىيىلەر، تور گېزىتى ۋە بەزى شەخسلەرنىڭ تىزىملىكىنى بەرگەن بولۇپ، 2016-يىلى 9-ئاينىڭ 1-كۈنى ئەنقەرە گۆلباشى رايونلۇق سوتىنىڭ قارارى بىلەن ئۇيغۇرلار تەرىپىدىن باشقۇرۇلۇۋاتقان ئىستىقلال تېلېۋىزىيىسى ئېتىۋېتىلگەن ئىدى. تۈركىيە ت ر ت ئۇيغۇرچە ئاڭلىتىشىمۇ ئۇيغۇرلار توغرىسىدا خەۋەرلەرنى بېرىشتە بەزى چەكلىمىلەرگە ئۇچرىماقتا.