تۈركىيە سىتار گېزىتىنىڭ ماقالىسى: گۇناھسىز ۋە مەزلۇم ئۇيغۇرلار

0:00 / 0:00


تۈركىيە سىتار گېزىتىنىڭ 29 - دېكابىر سانىدا «گۇناھسىز ۋە مەزلۇم ئۇيغۇرلار» دېگەن تېمىدا بىر ماقالە ئېلان قىلىندى. بۇ ماقالىنى سىتار گېزىتىنىڭ ئوبزۇرچىسى سېۋىل نۇرىيېۋا خانىم يازغان بولۇپ، ماقالىدە ئاساسلىقى ئۇيغۇرلارنىڭ ناھەقچىلىككە ئۇچراۋاتقانلىقى، بولۇپمۇ تايلاندتا تۇتۇپ تۇرۇلۇۋاتقان ئۇيغۇرلارنىڭ پاجىئەلىك ئەھۋالى توغرىسىدا توختالغان.

ماقالە مۇنداق باشلانغان: «نەچچە ئايدىن بېرى، تۈركىيەنىڭ تايلاندتا تۇتۇپ تۇرۇلۇۋاتقان 300 نەپەر قېرىنداش ۋە دىندىشىمىزنىڭ خىتايغا قايتۇرۇلۇپ بېرىلمەسلىكى، تۈركىيەگە ئېلىپ كېلىشى ئۈچۈن تىرىشقان تىرىشچانلىقلىرى ئەمدى ئاستا - ئاستا نەتىجە كۆرسەتمەكتە. خىتاي تايلاندقا بېسىم قىلماقتا. تۈركىيەنىڭ بۇ ئىشتا قول سالغانلىقىدىن بىئارام بولغان خىتاي بارلىق ئىمكانلىرىنى قوللىنىش باسقۇچىدا تۇرماقتا. تۈركىيەدە ئى ھا ھا ئىنسانىي ياردەم ۋەخپىنىڭ باشچىلىقىدا كۆپلىگەن ئاممىۋىي قۇرۇلۇش تەشكىلاتلىرى ھەرىكەت ھالىتىدۇر. بۇ ھەقتە تۈركىيە دۆلىتىنىڭ تىرىشچانلىقلىرىغا كۈچ قېتىش ئۈچۈن كۆپلىگەن پائالىيەتلەرنى ئېلىپ بېرىش بولسا ئەزەلدىنلا شەرت ھالىغا كەلدى.»

ماقالىدە تايلاندتىكى ئۇيغۇرلارنىڭ ئەھۋالى توغرىسىدا توختىلىپ مۇنداق دېيىلگەن: «ئۇ يەردىكى گۇناھسىز ئىنسانلار، تايلاندتىكى چېدىرلاردا پاجىئەلىك بىر ھايات ياشىماقتا. ھەر بىر كۈن ئۆتسە خىتايغا قايتۇرۇلۇپ قالارمىزمۇ دېگەن ئەندىشە بىلەن ياشايدىغانلىىقى ئۈچۈن، ئۇ يەردە چارىسىزلىك ئىچىدە چارىسىزلىك. بالىلارنىڭ بولسا قانچىلىك دەرىجىدە قورقۇنچ ئىچىدە ياشاۋاتقانلىقىنى ئويلاشمۇ ئىنساننىڭ قېنىنى توڭلىتىدۇ. تۈركىيە ھەر بىر پوزىتىيىسى ۋە ياردەم بېرىدىغان مەيدانى بىلەن ئۆزلىرىنىڭ بۇ ھەقتىكى قارارىنى ئوتتۇرىغا قويدى ۋە قويماقتا. لېكىن بەزى ئەھۋاللاردا پەقەتلا دۆلەت تەرەپتىن قىلىنغان تىرىشچانلىق يېتەرلىك بولمايدۇ. بۇ ئەھۋالدا ئىنسان ھەقلىرى پەلسەپەسىنىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالىدىغانلىقى ئۈچۈن ئاممىۋىي تەشكىلاتنىڭ ھەرىكەتلىرى ۋە تەشۋىقات ۋاستىلىرى مۇھىم رول ئوينايدىغان كۈچلەردۇر. پەقەت بۇلارلا ئەمەس، شەرقىي تۈركىستانلىق قېرىنداشلارنىڭ تەقدىرىگە پەقەت كۆزەتكۈچى سۈپىتىدە قالغان سويى ۋە دەرياسى بىر بولغان دۆلەتلەردە بىرەر ھەرىكەت كۆرۈلۈشى شەرت بولماقتا.»

سېۋىل نۇرىيېۋاخانىمنىڭ «گۇناھسىز ۋە مەزلۇم ئۇيغۇرلار» دېگەن بۇ ماقالىسىدە، مەسىلىلەرنى ھەل قىلىشتا بەزى دۆلەت ۋە خەلقلەرنىڭ ئۈمىدنى پەقەت تۈركىيىدىنلا كۈتىدىغانلىقىنى، شۇنىڭ ئۈچۈن تۈركىيىنىڭ جاسارەت بىلەن قەدەم بېسىم تايلاندقا بېسىم قىلىشى كېرەكلىكىنى ئوتتۇرىغا قويۇپ مۇنداق دېيىلگەن: «كۆپلىگەن دۆلەت ۋە رايۇنلاردا ھەممىنى پەقەت تۈركىيەدىنلا ئۈمىد كۈتىدىغان بىر چۈشەنچە بار. ئەلۋەتتە تۈركىيەنىڭ ھۆرمىتى ۋە تەسىرى نۇقتىسىدىن ئالغاندا بۇ خىل ئەھۋالدا مەسىلىلەرنى ھەل قىلىشتا ئەڭ ھەل قىلغۇچ نۇقتا تۈركىيە بولۇشى ئېنىق. بەزىدە تۈركىيەنى ئۆزلىرىگە قارىتا بىر خەتەر دەپ قارىغان دۆلەتلەر بولسا ئاممىۋىي تەشكىلاتلارنڭ ھەرىكەت ئېلىپ بېرىش ۋە باشقا دۆلەتلەرنى ھەرىكەتكە ئۆتكۈزۈشتە مۇھىم ئەھمىيەتكە ئىگە. ئىسلام جۇغراپىيەسى ۋە تۈرك دۇنياسى بۇنىڭغا قارىتا بىر كۆزەتكۈچى ماھىيىتىدە ئوتتۇرىغا چىقىشى تەبىئىي بىر ئەھۋال. ئەقەللىيسى ئۇ يەردە قاپسىلىپ قالغان 300 ئۇيغۇر ئۈچۈن تۈركىيەنىڭ تايلاندقا قارىتا بىر بېسىم ئىشلىتىشتە جاسارەتلىك بولۇشى كېرەكتۇر. خەلقئارادا بۇنى تىلغا ئالغۇدەك بىر ھالەتنى بارلىققا كەلتۈرۈش لازىم. بۇ يەردە پەقەت تۈركىيەنىڭ بىرەر ھەرىكىتىنى كۈتۈپ ئولتۇرغان قازاقىستان، ئىوردانىيە، ئىران ۋە ئەزەربەيجاندەك دۆلەتلەر كىشىنى ھەيران قالدۇرىدۇ. بىر ئىش بولسىلا تۈركىيەنى تۈركلەرگە ئىگە چىقمىدى، دەپ ئۆكتەملىك قىلغان بەزى گۇرۇپپىلارنىڭ ئۆزلىرىنىڭ نېمە قىلىۋاتقانلىقىغا قاراش كېرەك. تۈركىيە ئۆزىنىڭ ئەسلى ئىقتىدارىدىنمۇ ئاشقان ھالدا تىرىشچانلىقلار كۆرسىتىۋاتىدۇ. بۇلارغا كۆز يۇمۇش ئۈچۈن - ئىنسان ۋىجدان دەپ ئاتىلىدىغان بۇ مېخانىك تېشىدىن نېسىۋىسىنى ئالمىغان بولۇشى كېرەك بولىدۇ. خىتاي تايلاندنى ئۈركۈتىۋاتىدۇ. بەلكىم تايلاندنىڭ باھانىلىرى بۇلار بولۇشى مۇمكىن. دېمەككى بۇ خىل ئەھۋاللاردا بۇ خىل ئاۋارچىلىقلارغا ئالاھىدە ھەل قىلىش چارىلىرى ئىشقا سېلىنىشى كېرەكلىكى ئېنىقتۇر.»

تايلاندقا تۈرك ۋە ئىسلام دۇنياسى ئورتاق ئېتىراز بىلدۈرۈشى كېرەك

ماقالىدە تۈرك ۋە ئىسلام دۇنياسىنىڭ ئورتاق ئېتىراز بىلدۈرۈشى كېرەكلىكىنى ئىپادىلەپ مۇنداق دېيلگەن: «ئىسلام ۋە تۈرك دۇنياسى ئايرىم - ئايرىم ھالدا ئۆزلىرىنىڭ ئېتىرازلىرىنى بىلدۈرىدىغان ھەرىكەتلەردە بولۇشى، بۇ ئەھۋالنىڭ پەقەتلا تۈركىيەنىڭلا ئەمەس، بەلكى ئىسلام دۇنياسنىڭ ئېتىرازىغا ئالاقىلىق ئەھۋال ئىكەنلىكىنى بىلدۈرۈش ئىنتايىن مۇھىمدۇر. خىتاي دۆلىتى ھەرتۈرلۈك پۇرسەتنى چىڭ تۇتۇپ مۇسۇلمانلارغا قارىتا بېسىمىنى ئاشۇرۇشقا بەكلا ھېرىسمەن. خىتاي ھۆكۈمىتى ئىنسانلارنىڭ ئىسلامىي ھاياتلىرىنى ياشىشىغا رۇخسەت قىلمايدۇ ۋە بۇنىڭغا ئوخشاش ئىنسان تاقەت قىلالمايدىغان زۇلۇم ۋە بېسىملىرى بىلەن مەزلۇملارنىڭ ئوخشىمىغان دەرىجىدە ۋەقەلىكلەرنى سادىر قىلىشىغا شارائىت ھازىرلايدۇ.»

ئوتتا كۆيگەنمۇ مەن، ئەسكى بولغانمۇ مەن

ماقالىدە يەنە تۈركىيىنىڭ بۇ ئۇيغۇرلارنى قۇتۇلدۇرۇشقا پۈتۈن ئىمكانلارنى ئىشقا سېلىپ تىرىشىۋاتقان بولسىمۇ، باشقىلار تەرىپىدىن ھېچ ئىش قىلمىدى دەپ تەنقىد قىلىنىۋاتقانلىقىنى ئىپادىلەپ مۇنداق دېيىلگەن: «تايلاندتىكى ئۇ گۇناھسىز ئىنسانلارنىڭ ھالىغا قارىتا پۈتۈن تەشۋىقات ۋاستىلىرىنىڭ تاماشىبىن سۈپىتىدە قالماسلىقى كېرەك. يېقىنقى كۈنلەردە ب ب س بۇ ئەھۋالغا ئالاقىدار بىر ھۆججەتلىك فىلىم تارقاتتى. بۇ ھەقىقەتەن ئىچىدە دەھشەتنى ئۆز ئىچىگە ئالغان بىر ئەھۋال ئىدى. ئۇنى كۆرگەن ئىنسان ئىنسانلىقىدىن خىجىل بولىدۇ. خىجىل بولۇش تۇيغۇسى بار ئىنسانلارغا قارىتىلغان ئەلۋەتتە. ئىشنىڭ غەلىتە تەرىپى، بۇ ھەقتە تۈركىيە ۋە تۈركىيە ھۆكۈمىتىنىڭ تىرىشچانلىقلىرى تىلغا ئېلىنغان تۇرۇپ، يەنە ھېچ ئىش قىلمايۋاتىدۇ، دەپ قىلىنغان تەنقىد يەنە تۈركىيەنىڭ ئىچىدىن كەلگەنلىكىدۇر. تۈركلەرنىڭ: ئوتتا كۆيگەنمۇ مەن، ئەسكى بولغانمۇ مەن، دەيدىغان بىر ماقالىسى بار. بۇ فىلىمدە تۈركىيە دەل مۇشۇنداق ئەھۋالدا قالغان.»

ماقالىدد يەنە تايلاندتىكى ئۇيغۇرلار مەسىلىسىدە تۈركىيىنىڭ يالغۇز قالغانلىقىنى، شۇنىڭ ئۈچۈن تۈرك دۇنياسى دۆلەتلىرىدىن ئەزەربەيجان ۋە قازاقىستاننىڭمۇ ھەرىكەتكە ئۆتۈشى كېرەكلىكىنى تەكىتلەپ مۇنداق دېيىلگەن: «ئەمدى قارىساق، تۈرك دۇنياسىغا تەۋە دۆلەتلەر، تەشۋىقات ۋە ئاممىۋىي تەشكىلاتلار، رەجەپ تاييىپ ئەردۇغانغا قارشى ھەرىكەت قىلىشنىڭ ئورنىڭغا ھېچ بولمىسا ھازىرقى بۇ جىددىي مەسىلىگە ئازراق بولسىمۇ كۆڭۈل قويسۇن. تۈركىيەنىڭ بۇ ھەقتىكى تىرىشچانلىقلىرىغا كۈچ قوشسۇن. بۇ دۆلەتدىن ئەزەربەيجان ۋە قازاقىستان قاتارلىقلار بىرەر ھەرىكەتتە بولسۇن. ئىنسان ھەقلىرى يالغۇزلا خىتاي ۋە ياكى باشقا بىر دۆلەتنىڭ ئاتىسىنىڭ مېلىدەك ئىشلىتىدىغان بىر ھەق ئەمەس. ئۇ يەردىكى گۇناھسىز ئىنسانلار بىر كۈنمۇ تاقەت قىلغىدەك ھالدا ئەمەس. ئەلۋەتتە بۇ يەردىكى قېرىنداشلارنىڭ بىر كۈن بولسىمۇ بۇرۇنراق تۈركىيەگە بېرىشى ھەققىدە خىزمەت ئۈچۈن روسىيەنىمۇ بۇ ئىشقا تەكلىپ قىلىش تېخىمۇ مەنتىقىلىق بولىدۇ. چۈنكى روسىيە خىتاينىڭ تايلاندقا بېسىم ئىشلەتمەسلىكى ئۈچۈن تەسىر قىلغىدەك كۈچكە ئىگە. ئەلۋەتتە تۈركىيە ئۆزلىرىنىڭ زېممىسىگە چۈشكەن ۋەزىپىسىنى ئاشۇرۇپ ئورۇندۇماقتا. بۇنى تېخىمۇ يۇقىرى پەللىگە كۈتۈرۈش ئۈچۈن تېخىمۇ كۆپرەك تىرىشىشچانلىقلارنىڭ بىرلىكتە ئوتتۇرىغا چىقىشى لازىم.