ئامېرىكىنىڭ مۇئاۋىن پرېزىدېنتى مايك پەنسنىڭ پەيشەنبە كۈنىدىكى ئامېرىكا-خىتاي مۇناسىۋەتلىرى ھەققىدە قىلغان مەخسۇس باياناتى كۈچلۈك دىققەت قوزغىدى.
مەزكۇر باياناتتا پەنس ئامېرىكا-خىتاي ئارىسىدا ئۇزۇن يىللاردىن بېرى مەۋجۇت بولۇپ كەلگەن ئىختىلاپلارنى بىرمۇ-بىر تىلغا ئېلىپ تۇرۇپ، خىتاينى قاتتىق ئەيىبلىگەن. ئۇنىڭ باياناتىدا يەنە خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇرلارغا يۈرگۈزۈۋاتقان باستۇرۇشلىرى ۋە لاگېرلار مەسىلىسىمۇ ئالاھىدە ئورۇن ئالغان ئىدى. كۆزەتكۈچىلەر مۇئاۋىن پرېزىدېنت مايك پەنس بۇ باياناتى ئارقىلىق ئامېرىكىنىڭ خىتايغا قاراتقان سىياسىتىنى تۈپتىن ئۆزگەرتكەنلىكىنى رەسمىي يوسۇندا جاكارلىدى، دەپ قارىماقتا.
ھۆرمەتلىك رادىئو ئاڭلىغۇچىلار، ئامېرىكىنىڭ مۇئاۋىن پرېزىدېنتى مايك پەنس 4-ئۆكتەبىر كۈنى، پايتەخت ۋاشىنگتوندىكى «خۇدسون مەركىزى» دە ئامېرىكا-خىتاي مۇناسىۋەتلىرى ھەققىدە بايانات بەردى. مايك پەنس باياناتىنى تۆۋەندىكى سۆزلەر باشلىدى: «پرېزىدېنت ترامپ باشچىلىقىدىكى ھۆكۈمىتىمىز دەسلەپكى مەزگىلىدە خىتاي ۋە خىتاي دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ بىلەن بولغان مۇناسىۋەتلەرنى مۇھىم ئورۇنغا قويۇپ كەلدى. . . . ئۆتكەن ئىككى يىل مابەينىدە پرېزىدېنت ترامپ خىتاي دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ بىلەن يېقىن مۇناسىۋەت ئورنىتىپ تۇرۇپ، ئورتاق مەنپەئەتلەرگە مۇناسىۋەتلىك مەسىلىلەر، بولۇپمۇ شىمالىي كورىيەنى يادروسىزلاشتۇرۇش مەسىلىسىدە ھەمكارلاشتى. بىراق ئامېرىكىلىقلار ئەمدى ھەقىقەتنى بىلىشى كېرەك. شۇڭا مەن بۈگۈن ئالدىڭلارغا كەلدىم. بىز سۆزلىشىۋاتقان مۇشۇ مىنۇتلاردا بېيجىڭ ھۆكۈمىتى ئامېرىكىدىكى تەسىر كۈچىنى زورايتىش ۋە يەنىمۇ كۆپ مەنپەئەتكە ئېرىشىش ئۈچۈن سىياسىي، ئىقتىسادىي ۋە ھەربىي ۋە تەشۋىقات قاتارلىق بارلىق ۋاسىتىلەرنى ئىشقا سالماقتا. خىتاي ئۆزىنىڭ تەسىرىنى كۈچىنى كۈچەيتىش ۋە ئامېرىكىنىڭ ئىچكى سىياسەتلىرىگە قول تىقىشنى يەنىمۇ كۈچەيتمەكتە»
مايك پەنس سۆزى داۋامىدا خىتاينىڭ بۈگۈنكىدەك ھالغا كېلىشىدە ئامېرىكىنىڭ زور رولى بارلىقىنى، خىتاي بىلەن ھەمكارلاشقان ئاساستا ئورتاق تەرەققىي قىلىشقا ۋە خىتاينى دېموكراتىك بىر سىستېمىغا ئېرىشىدىغانلىقىغا ئىشەنگەن ئامېرىكىنىڭ ھەر پۇرسەتتە خىتاينى قوللاپ كەلگەنلىكىنى، بىرىنچى ۋە ئىككىنچى دۇنيا ئۇرۇشىنىڭ ئالدى-كەينىدە ۋە سوۋېت ئىتتىپاقى پارچىلانغاندىن كېيىنمۇ خىتاينى قوللاپ، ئۇنى ئۆز قولى بىلەن دۇنيا سودا تەشكىلاتىغا باشلاپ كىرگەنلىكىنى بايان قىلدى. ئۇ مۇنداق دېدى: «خىتاي پۇقرالىرىنىڭ ئەركىنلىك چۈشى بارغانسېرى ئۇزاقلاشتى. بېيجىڭ ھۆكۈمىتى ھېلىھەم ئىسلاھات ۋە ئېچىۋېتىش دەپ بىلجىرلاۋاتقان بولسىمۇ، دېڭ شىياۋپىڭنىڭ ئۇ مەشھۇر سىياسىتى ئىچى قۇرۇق نەرسىگە ئايلىنىپ قالدى.»
مۇئاۋىن پرېزىدېنت مايك پەنس نۇتقىدا خىتاينىڭ ئەسلىدە ئامېرىكىنىڭ زور دەرىجىدىكى قوللىشى سەۋەبىدىن بۈگۈنكىدەك ئىقتىسادىي كۈچكە ئېرىشكەنلىكىنى ئالاھىدە تەكىتلىدى. ئۇ ئۆتكەن 17 يىلدىن بۇيان كىشى بېشىغا توغرا كېلىدىغان ئومۇمىي ئىشلەپچىقىرىش قىممىتىنىڭ 9 پىرسەنت بىلەن ئۆسۈشىدىكى ئاساسىي ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچنىڭ ئامېرىكا خىتايغا سالغان مەبلەغدىن كەلگەنلىكىنى، بىراق خىتاينىڭ ئەكسىچە ھەدەپ ئامېرىكىنىڭ ئۇلىنى كولاپ كەلگەنلىكىنى بىلدۈردى.
ئۇ يەنە مۇنداق دېدى: «خىتاي ئامېرىكىنى پالەچ ھالغا چۈشۈرۈش بەدىلىگە ئەركىن تىجارەت قائىدىلىرىگە خىلاپلىق قىلىش، ئامېرىكا شېركەتلىرىگە چەكلىمە قويۇش، ئۇلارنى تېخنىكىلىرىنى ئۆتۈنۈپ بېرىشكە مەجبۇرلاش، ئەقلىي مۈلۈكلەرنى ئوغرىلاش، پۇل قىممىتىنى سۈنئىي ھالدا كونترول قىلىش قاتارلىق ۋاسىتىلەرنى ئىشقا سېلىپ تۇرۇپ ئۆزىنى كۈچلەندۈردى. خىتاينىڭ مۇشۇ ھەرىكەتلىرى سەۋەبىدىن ئامېرىكىنىڭ خىتاي بىلەن بولغان سودىدىكى قىزىل رەقىمى 375 مىليارد دوللارغا يەتتى. خۇددى پرېزىدېنت ترامپ مۇشۇ ھەپتە دەپ ئۆتكەندەك ئۆتكەن 25 يىلدا خىتاينى قايتا قۇرۇپ چىققان ئەسلىدە بىز ئىدۇق.»
مايك پەنس سۆزىدە ئامېرىكىنىڭ بارلىق قوللاشلىرىنىڭ ئەكسىچە خىتاينىڭ پۈتۈن كۈچىنى ئىشقا سېلىپ، ئامېرىكىنىڭ دۇنيادىكى ئىقتىسادىي ۋە ھەربىي ئەۋزەللىكلىرىگە كۆز تىكىۋاتقانلىقىنى، ئامېرىكا ئارمىيىسىنىڭ قۇرۇقلۇق، دېڭىز، ھاۋا ۋە ئالەم قاتنىشى ساھەسىدىكى ئۈستۈنلۈكىنى ئىگىلەشكە ھەرىكەت قىلىۋاتقانلىقىنى بىلدۈردى.
مايك پەنسنىڭ خىتاي ھەققىدىكى بۇ نۇتقى كۆزەتكۈچىلەرنىڭ دىققىتىنى قوزغىدى. «ۋاشىنگتون پوچتىسى» گېزىتىدە مەخسۇس ئىستون يازغۇچىسى جوش روگىن تەرىپىدىن ئېلان قىلىنغان مۇلاھىزىدە كۆرسىتىلىشىچە، بۇ ترامپ ھۆكۈمىتىنىڭ خىتايغا قاراتقان سىياسىتىدىكى تۈپتىن ئۆزگىرىشنىڭ جاكارلىنىشى بولۇپ ھېسابلىنىدىكەن.
ئامېرىكىدىكى ئۇيغۇر ئادۋوكات نۇرىي تۈركەل ئەپەندى بۇ سىياسەت ئۆزگىرىشىنى تەھلىل قىلىپ، بۇ ئۆزگىرىشنىڭ ئۆتكەن ئىككى يىل مابەينىدە شەكىللەنگەنلىكىنى بىلدۈردى.
مايك پەنس نۇتقىدا خىتاي ھۆكۈمىتى يۈرگۈزگەن سىياسەتلەرنىڭ ئامېرىكىغا كەلتۈرگەن زىيىنى ئۈستىدىلا توختىلىپ قالماي، ئۇنىڭ خىتايدىكى خەلقلەرگە، ئۇلارنىڭ دېموكراتىيە، ئەركىنلىك ۋە كىشىلىك ھوقۇق، دىنى ئەركىنلىكىگە كەلتۈرۈۋاتقان زىيىنى ئۈستىدىمۇ مەخسۇس توختالدى. ئۇ بۇنىڭدا خىتاينىڭ يۇقىرى تېخنىكىدىن پايدىلىنىپ تۇرۇپ، پۇقرالارنى مۇتلەق كونترول قىلىشنى ئىشقا ئاشۇرۇۋاتقانلىقىنى، ئۇلارنىڭ پىكىر-ئۇچۇر ئەركىنلىكىنى قاتتىق قامال قىلىۋاتقانلىقىنى بىلدۈردى. ئۇ دىنى ئەركىنلىك مەسىلىسىدە توختالغاندا ئۇيغۇرلار ھەققىدە مەخسۇس توختىلىپ «خىتاي كومپارتىيىسى شىنجاڭدا بىر مىليوندىن ئوشۇق ئۇيغۇر مۇسۇلمانلىرىنى ھۆكۈمەت لاگېرلىرىغا قاماپ، مېڭە يۇيۇش ھەرىكىتى ئېلىپ بارماقتا. بۇ لاگېرلاردىن قۇتۇلۇپ چىققانلار بېشىغا كەلگەنلەرنى خىتاي كومپارتىيىسىنىڭ ئۇيغۇر مىللىي مەدەنىيىتىنى بوغۇش ۋە ئۇلارنىڭ ئېتىقادىنى يوق قىلىشنى مەقسەت قىلغان مەقسەتلىك ھەرىكىتى، دەپ تەسۋىرلىمەكتە» دېدى.
نۇرىي تۈركەل ئەپەندىنىڭ قارىشىچە، ئامېرىكىنىڭ ھەل قىلغۇچ سىياسەت ئۆزگىرىشى تېما قىلىنغان بۇ نۇتۇقتا ئۇيغۇرلار مەسىلىسىنىڭ مەخسۇس بىر ئابزاستا يەر ئېلىشى تاسادىپىيلىق ئەمەس، بۇ بەلكى ئۇيغۇر مەسىلىسىنىڭ ئىككى دۆلەت ئارىسىدىكى مۇھىم تېما بولۇپ شەكىللەنگەنلىكىنى ئىپادىلەيدىغان مۇھىم ۋە ئەھمىيەتلىك بىر ئۆزگىرىش ئىكەن.
ھۆرمەتلىك رادىئو ئاڭلىغۇچىلار، بىز كېيىنكى ئاڭلىتىشىمىزدا بۇ ھەقتە سىلەرگە داۋاملىق ئاڭلىتىش بېرىمىز.