6 - ئاينىڭ 7 - كۈنى تۈركىيەدە ئۆتكۈزۈلىدىغان پارلامېنت ئەزالىرى سايلىمىدىن بۇرۇن سايلامغا قاتنىشىدىغان پارتىيەلەر تۈركىيەنىڭ 81 ۋىلايىتىدىكى چوڭ مەيدانلاردا خەلقنى يىغىپ، ئۆز پارتىيەسىنىڭ سايلانسا ئىجرا قىلىدىغان سىياسەتلىرى، خىزمەت پىلانلىرى، پارتىيەسىنىڭ نىزامنامىلىرىنى ئاڭلاتماقتا. بۇنى پۇرسەت دەپ بىلگەن شەرقىي تۈركىستان ئاممىۋى تەشكىلاتلىرى ۋە ئامما قوللىرىغا ئاي يۇلتۇزلۇق كۆك بايراقنى ئېلىپ، مەيدانلارغا چىقىپ ئۆز دەۋاسىنى ئاڭلاتماقتا.
5 - ئاينىڭ 23 - كۈنى قەيسەرىدە پائالىيەت ئېلىپ بېرىۋاتقان شەرقىي تۈركىستان مەدەنىيەت ۋە ھەمكارلىق تەشكىلاتىنىڭ مەسئۇللىرى 300 ئەتراپىدا ئۇيغۇرنى ئېلىپ، قەيسەرى شەھىرىدىكى خەلق مەيدانىدا ئۆتكۈزۈلگەن مىللىيەتچى ھەرىكەت پارتىيەسىنىڭ چوڭ يىغىلىشىغا قاتناشتى. يىغىلىش ئونلىغان تېلېۋىزىيە قاناللىرى ئارقىلىق نەق مەيداندىن تارقىتىلدى. مىللىيەتچى ھەرىكەت پارتىيەسى رەئىسى دەۋەلەت باغچەلى ئەپەندى ۋە يىغىن رىياسەتچىسى خەلققە قىلغان سۆزىدە ئۇيغۇر مەسىلىسىنىمۇ تىلغا ئېلىپ ئۆتتى. بىز بۇ يىغىلىش توغرىسىدا تېخىمۇ تەپسىلى مەلۇمات ئىگىلەش ئۈچۈن سېيىت تۈمتۈرك ئەپەندى بىلەن سۆھبەت ئېلىپ باردۇق.
ئۇ، مىللىيەتچى ھەرىكەت پارتىيەسىنىڭ بۇ يىغىلىشىغا 150 مىڭ ئەتراپىدا كىشىنىڭ قاتناشقانلىقىنىڭ پەرەز قىلىنىۋاتقانلىقى، ئۇيغۇرلارنىڭ بۇ يىغىلىشقا قاتنىشىش ئارقىلىق پارتىيەگە بولغان رەھمىتىنى ئىپادىلىسە يەنە بىر تەرەپتىن شەرقىي تۈركىستان دەۋاسىنى، شەرقىي تۈركىستاننىڭ ئاي يۇلتۇزلۇق كۆك بايرىقىنى يۈز مىڭلىغان كىشىگە، تېلېۋىزىيە ئارقىلىق مىليونلىغان كىشىگە تونۇتۇش پۇرسىتىگە ئىگە بولغانلىقىنى ئېيتتى.
0:00 / 0:00