18- نويابىر سەيشەنبە كۈنى خىتاي كوممۇنىست پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بيۇروسىنىڭ ئەزاسى مىڭ جيەنجۇ باشچىلىقىدىكى بىر ئۆمەك تۈركىيەدە زىيارەتتە بولدى. بۇ زىيارەتكە ئاتالمىش ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق جامائەت خەۋپسىزلىك ئىدارىسىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقىمۇ بىرگە كەلگەنلىكى بىلدۈرۈلگەن بولسىمۇ، بۇ كىشىنىڭ خىتاي ياكى ئۇيغۇر ئىكەنلىكى ئاشكارىلانمىدى.
خىتاي ھەيئىتىنىڭ بۇ زىيارىتى توغرىسىدا شەرقىي تۈركىستان مائارىپ ۋە ھەمكارلىق جەمئىيىتى رەسمىي تور بېتىدە بىر بايانات ئېلان قىلغان بولۇپ، باياناتتا، ئۇيغۇرلارنىڭ بۇ زىيارەتنى دىققەت بىلەن كۆزىتىۋاتقانلىقى، زىيارەتتە خىتاي دۆلەت بىخەتەرلىك مىنىسىتىرىنىڭ ئورۇن ئېلىشى ئۇيغۇرلار ئۈچۈن ياخشى ئالامەت ئەمەسلىكى تەكىتلەنگەن ۋە تۈركىيە ھۆكۈمىتىدىن بۇ زىيارەت توغرىدا چۈشەنچە بېرىشى تەلەپ قىلىنغان.
دۆلەت رەئىسى ئەردۇغان، مىڭ جيەنجۇ باشچىلىقىدىكى خىتاي ھەيئىتىنى جۇمھۇرىيەت سارىيىدا قوبۇل قىلدى
مۇخبىرلارغا يېپىق ھالدا ئېلىپ بېرىلغان بۇ ئۇچرىشىشتا نېمە توغرىسىدا سۆھبەت ئۆتكۈزگەنلىكى مەخپىي تۇتۇلدى ۋە مۇخبىرلارنىڭ پەقەت رەسىم تارتىۋېلىشىغا رۇخسەت قىلىندى.
بۇ ئۇچرىشىشتا تۈركىيە جۇمھۇرىيىتى رەئىسى ئەردۇغاننىڭ يېنىدا تۈركىيە مىللىي ئىستىخبارات تەشكىلاتىنىڭ مەسئۇلى خاقان پىدان قاتارلىق 7 نەپەر دۆلەت رەھبەرلىرى ئورۇن ئالدى.
مىڭ جيەنجۇ باشچىلىقىدىكى ھەيئەتنى تۈركىيە ئىچكى ئىشلار مىنىستىرى ئەفكان ئالامۇ قوبۇل قىلدى. ئىچكى ئىشلار مىنىستىرلىقىدىكى ئۇچرىشىشقا خىتاي ھەيئىتى ئارىسىدىن ئورۇن ئالغان خىتاي دۆلەت جامائەت خەۋپسىزلىك نارازىتىنىڭ مۇئاۋىن مىنىستىرىمۇ قاتناشتى.
ئۇچرىشىشتا، تۈركىيە بىلەن خىتاي ئارىسىدىكى ئىككى تەرەپ مۇناسىۋەتلىرى ۋە ھەمكارلىق قەدەملىرى ئۈستىدە پىكىر ئالماشتۇرۇلغانلىقى ئىلگىرى سۈرۈلدى.
خىتاي ھەيئىتى يەنە تۈركىيە باش مىنستىر ياردەمچىسى ئەلى باباجان، تۈركىيە دۆلەت بىخەتەرلىك ئىدارىسى باش كاتىپى سەيفۇللاھ ھاجىمۇفتى ئوغلى بىلەن ئايرىم - ئايرىم ئۇچراشقان. خىتاي ھەيئىتىنىڭ بۇ ئۇچرىشىشلىرى مۇخبىرلارغا يېپىق ھالدا ئېلىپ بېرىلغان بولۇپ، بۇ زىيارەتتە نېمە توغرىدا سۆزلەشكەنلىكى توغرىسىدا ھېچقانداق ئۇچۇر بېرىلمىدى.
تۈركىيە مەتبۇئاتلىرىدا بۇ ھەقتە بېرىلگەن ئۇچۇرلاردا، ئىككى تەرەپنىڭ پەقەت، ئىقتىسادىي، سىياسىي ۋە بىخەتەرلىك ساھەسىدە ئۆز - ئارا مۇناسىۋەتلەرنى كۈچلەندۈرۈش توغرىسىدا سۆھبەتلەشكەنلىكى ئىلگىرى سۈرۈلدى.
باياناتتا مۇنداق دېيىلگەن: چەتئەللەردىكى پۈتۈن ئۇيغۇرلارنىڭ دىققىتىنى تارتقان بۇ زىيارەت شەرقىي تۈركسىتانلىقلار تەرىپىدىن ئەندىشە ئىچىدە كۆزىتىلىۋاتىدۇ، نېمە بولۇشتىن قەتئىينەزەر، بۇ خىتاي ھەيئىتىنىڭ مۇشۇنداق بىر سەزگۈر ۋەزىيەتتە بۇ زىيارەتنى ئېلىپ بېرىشنىڭ مەقسىتى ئېنىق بولسىمۇ، تۈركىيە ھۆكۈمىتىدىن بىر مەنتىقىلىق چۈشەنچە بېرىشىنى كۆتىمىز. يېقىندىن بۇيان شەرقىي تۈركسىتاندا ئىشغال بىخەتەرلىك كۈچلىرى تەرىپىدىن شىددەتلىك بىر شەكىلدە داۋام قىلىۋاتقان قوراللىق باستۇرۇشلار، كىشىلىك ھوقۇق دەپسەندىچىلىكلىرى، قەتلىئام ۋە ئۆلۈم جازالىرىنىڭ تېخىمۇ ئەۋج ئېلىشى بىلەن ئانا ۋەتىنىنى تاشلاپ دۇنيانىڭ ئوخشىمىغان دۆلەتلىرىدە نەچچە مىڭلىغان ئۇيغۇر ئائىلىلەر، كىچىك بالىلار ۋە ئاياللار مىڭ بىر مۇشەققەت ۋە پاجىئەلىك قىيىنچىلىقلارغا دۈچ كېلىۋاتىدۇ. دۇنيادىكى مۇرەككەپ مەسىلىلەر، ئىسلام دۇنياسىنىڭ ئېچىنىشلىق ۋەزىيىتى ۋە تۈركىيىنىڭ رايوندىكى مۇرەككەپ قىيىنچىلىقلار بىلەن تىپىشىۋاتقان بىر مەزگىلدە، خىتاينىڭ دۆلەت بىخەتەرلىك مىنىستىرلىقىغا ئوخشاش سەزگۈر تەشكىلاتلارنىڭ تۈركىيىگە كېلىشى ھېچبىر ياخشى ئالامەت ئەمەس.
بۇلەنت ئارىنچ: «شەرقىي تۈركسىتانلىق تۈركلەرنى ئۇنۇتمايلى»
تۈركىيە مۇئاۋىن باش مىنىستىرى ۋە ھۆكۈمەت باياناتچىسى بۇلەنت ئارىنچ بىر يىغىندا سۆز قىلىپ، شەرقىي تۈركسىتانلىق تۈركلەرنى ئۇنۇتمايلى، دېدى.
خىتاي مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بيۇرۇسىنىڭ ئەزاسى مىڭ جيەنجۇ باشچىلىقىدىكى خىتاي ھەيئەتنىڭ تۈركىيىگە كېلىشى بىلەن تەڭ، مۇشۇنداق بىر باياناتنىڭ ئېلان قىلىنىشى بىر تاسادىپىلىقمۇ ياكى مەقسەتلىك خىتايغا بېرىلگەن بىر سىگنالمۇ؟ بۇ تەرىپى ئېنىق ئەمەس، ئەمما مىنىستىر بۇلەنت ئارىنچنىڭ بۇ باياناتى مەتبۇئاتلاردا كەڭ تارقالدى.
تۈركىيەنىڭ مۇئاۋىن باش مىنىستىرى ۋە ھۆكۈمەت باياناتچىسى بۈلەنت ئارىنچ ئەنقەرەنىڭ سىنجان تەنتەربىيە سارىيىدا ئېچىلغان ئادالەت ۋە تەرەققىيات پارتىيسىنىڭ ئەنقەرە شەھەرلىك چوڭ يىغىنىدا قىلغان سۆزىدە ئۇيغۇرلارنى تىلغا ئېلىپ : «شەرقىي تۈركىستان تۈركلىرىنى ئۇنۇتمايلى» دېدى.
مىنىستىر بۈلەنت ئارىنچ يىغىندا: «... شۇنىسى ئېنىقكى، ئۇ يەردىكى قېرىنداشلارنى ناھايىتى شانۇ- شەۋكەتلىك، جۇشقۇن بىر ھاياتتا ياشاۋاتىدۇ، دېيەلمەيمەن، چۈنكى ئۇ يەردىكى قېرىنداشلىرىمىز ئىنتايىن ئېغىر بېسىم ۋە زۇلۇم ئاستىدا ياشاۋاتىدۇ. ئۇ يەردە ئىنتايىن چوڭ قىرغىنچىلىقلار بولىۋاتىدۇ. بىز شەرقىي تۈركىستان تۈركلىرىنى ئۇنتۇپ قالمايلى. ئۇ يەردىكى مۇسۇلمان قېرىنداشلىرىمىزغا دۇئا قىلايلى. ئۇلارنىڭ بۇ زۇلۇمدىن بىر كۈن بولسىمۇ بۇرۇنراق قۇتۇلۇشى ئۈچۈن دۇئا قىلايلى.
بۇلەنت ئارىنچ سۆزىدە يەنە، ئۆتكەن يىللاردا تۈركىيە باش مىنىستىرى ۋە تاشقى ئىشلار مىنىستىرىنىڭ شۇنچە توسالغۇلارنى يېڭىپ ئۇيغۇر دىيارىنى، ئۈرۈمچى ۋە قەشقەرنى زىيارەت قىلغانلىقىنى تىلغا ئېلىپ مۇنداق دېدى: ئاللاھقا شۈكرىلەر بولسۇنكى، ئەينى زاماندا تۈركىيەنىڭ باش مىنىستىرلىق ۋەزىپسىنى ئۆتەۋاتقان ھازىرقى جۇمھۇر رەئىسىمىز رەجەپ تاييىپ ئەردۇغان، ئەينى زاماندىكى تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىنىڭ مىنىستىرى ئەھمەت داۋۇد ئوغلى خىتاي دۆلىتىگە بارغاندا تۈرلۈك توسالغۇلارنىڭ بۇلۇشىغا قارىماي «مەن بۇ زىيارەتنى شەرقىي تۈركىستاندىن باشلايمەن» دەپ تۇرۇپ ئۈرۈمچىگە باردى ۋە خىتاي ھۆكۈمىتى تەرىپىدىن شىنجاڭ دەپ ئاتىلىدىغان ئۇيغۇر دىيارىنى زىيارەت قىلدى. بۇنىڭ ئۈچۈن بولسىمۇ، ئۇ يەردىكى قېرىنداشلىرىمىز بىلەن ھەمكارلىق ئىچىدە ئىكەنلىكىمىزنى كۆرسىتەيلى. ئۇلارنىڭ ئازادە، ھۆر ھاياتقا ئېرىشىشى ئۈچۈن دۇئا قىلايلى.
خىتاي ھەيئىتىنىڭ بۇ زىيارىتىنىڭ پەردە ئارقىسىغا نېمىلەر يوشۇرۇنغان، بۇ زىيارەتنى قانداق چۈشىنىشكە بولىدۇ؟ نېمە ئۈچۈن خىتاي ھەيئىتىنىڭ بۇ زىيارىتىنىڭ تەپسىلاتى مۇخبىرلارغا يېپىق ھالدا ئېلىپ بېرىلدى؟ ھۆكۈمەت نېمە ئۈچۈن بۇ ئۇچرىشىشتا ئېلىپ بېرىلغان سۆھبەت ۋە مۇزاكىرىلەرنىڭ مەتبۇئاتتا ئېلان قىلىنىشىىنى خالىمايدۇ؟ بۇ سوئاللارنىڭ جاۋابىغا ئېرىشىش ئۈچۈن، ئىستانبۇلدا پائالىيەت قىلىۋاتقان شەرقىي تۈركسىتان مائارىپ ۋە ھەمكارلىق جەمئىيىتىنىڭ رەئىسى ھىدايەتۇللاھ ئوغۇزخان ۋە ئۇيغۇر زىيالىي ئازادجان بۇغرا ئەپەندى بىلەن سۆھبەت ئېلىپ باردۇق.