گوللاندىيەدىكى ئۇيغۇرلارنىڭ، بۇ ھەپتىلىك جۈمە خۇتبىسى مىسىردىكى قانلىق قىرغىنچىلىققا بېغىشلاندى. مەزكۇر جۈمە نامىزىنىڭ خاتىپلىقىنى قىلىپ كېلىۋاتقان ئابدۇراخمان قارىھاجىم، مىسىردا بولۇۋاتقان قانلىق زىددىيەتتىن كۆپ ئەپسۇسلانغانلىقىنى ۋە ۋەھشىيلىكتە ھەددىدىن ئاشقان زالىملارنىڭ قىلمىشلىرىغا نارازىلىقىنى بىلدۈرگەندىن كېيىن، ئىنساننىڭ قەدىر-قىممىتى ھەققىدە مەخسۇس توختالدى.
قۇرئان كەرىمىدە: «قانداقلىكى بىر ئىنسان، يەنە بىر ئىنساننى ناھەق ئۆلتۈرىدىكەن. ئۇنىڭ جازاسى جەھەننەمدۇر. ئۇ جەھەننەمدىن مەڭگۈ چىقىرىلمايدۇ. ئاللاھ ئۇنىڭغا غەزەپ قىلىدۇ ۋە ئۇنىڭغا قاتتىق لەنەت قىلىدۇ. شۇنىڭ بىلەن بىرگە كۆتۈرۈپ قوپقۇسىز جازالارغا دۇچار قىلىدۇ» دەپ ئالاھىدە ئەسكەرتىلگەنلىكىنى قەيت قىلىپ تۇرۇپ سۆزىنى داۋام قىلغان، گوللاندىيەدىكى مەزكۇر مەسچىتنىڭ ئىمامى ئابدۇراخمان قارىھاجىمنىڭ بىلدۈرۈشىچە: ئىسلام پرىنسىپىدا ئىنساننىڭ قىممىتى دۇنيادىكى بارلىق نەرسىلەردىن ئۈستۈن دەپ كۆرسىتىلگەن بولۇپ، ئاللاھقا ئىبادەت قىلىدىغان بىر مۇسۇلمان مۆمىننىڭ بىر تامچە قېنى تۆۋەندىكىدەك 10 جەھەتتە سېلىشتۇرما قىلىنىپ، ناھەق ئادەم ئۆلتۈرۈشنىڭ قاتتىق چەكلەنگەن چوڭ گۇناھلار قاتارىغا كىرگۈزۈلگەنلىكى شەرھلەنگەن.بىر مۇسۇلماننىڭ قېنىنى ناھەق تۆككەن قاتىلنىڭ تۆۋىسىنىڭ قوبۇل قىلىنىشى تەس...
- شېرىك كەلتۈرمەسلىك، ناھەق قان تۆكمەسلىك، زېنا قىلماسلىق ياخشى بەندىلەرنىڭ سۈپەتلىرىدىندۇر.
- مۇسۇلماننى ناھەق ئۆلتۈرۈش، ئىنساننى ھالاك قىلىۋېتىدىغان ئازابقا دۇچار قىلىدىغان ئېغىر گۇناھتۇر.
- بىر ئىنساننى ناھەق ئۆلتۈرۈۋەتكەن كىشى، پۈتۈن دۇنيادىكى بارلىق ئىنساننى ئۆلتۈرۈۋەتكەنگە باراۋەر جازاغا لايىق جىنايەت ئىشلىگەن بولىدۇ.
- ناھەق ئۆلتۈرۈلۈش خەۋپىدە قالغان بىر ئىنساننى قۇتقۇزۇپ قالغۇچى، پۈتۈن دۇنيادىكى ئىنسانلارنى قۇتقۇزۇپ قالغاندەك ئەجىرگە ئېرىشىدۇ.
- ئاللانىڭ نەزىرىدە، بىر مۇسۇلماننىڭ ناھەق ئۆلۈپ كەتكىنىدىن، پۈتۈن دۇنيا كۇمپەيكۇم بولۇپ كەتكەن يەڭگىلرەكتۇر.
- قىيامەت كۈنى ئەڭ ئالدى بىلەن ھېساب قىلىنىدىغان ھەقلەر، ناھەق تۆكۈلگەن قاننىڭ ھەققىدۇر.
- مۇسۇلمان مۇسۇلمانلىق چېگراسى ئىچىدە قالىدۇ. پەقەت ناھەقلا قان تۆكۈپ سالمىغان بولسا...
- بىر مۇسۇلماننىڭ قېنىنىڭ تۆكۈلۈشىدىن، كەبىنىڭ يېقىلىپ كېتىشى يەڭگىلرەكتۇر.
- كەلىمە شاھادەت ئېيتقان ھەرقانداق كىشىنىڭ قېنىنى تۆكۈش قەتئىي ھارامدۇر.
جامائەت ئىچىدە زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلغان ياۋروپا شەرقىي تۈركىستان مائارىپ جەمئىيىتىنىڭ مەسئۇلى ئوبۇلقاسىم ئەپەندى، مىسىردا بولۇۋاتقان قىرغىنچىلىقلارغا قارىتا كۆز قارىشىنى ئىپادىلەپ، بۇ زىددىيەتتە ھەممىدىن بەكرەك رول ئوينىغان نەرسىنىڭ تەشۋىقاتتا ئىپادىلەنگەنلىكى ۋە بۇ خىل قانلىق قىرغىنچىلىقلاردا ھەددىدىن ئاشقان شەخسلەرنىڭ ئۆزى ھەققىدىكى چۈشەنچىسىنىڭ بۇرمىلانغان بىر تەربىيەتتىن مۇشۇ ھالغا كەلگەنلىكى ھەققىدە توختالدى.