مىسىردا ئوقۇش سەۋەبىدىن تۇرۇپ قالغان بىر قىسىم ئۇيغۇر ئوقۇغۇچىلارنى يېقىندا مىسىر ساقچىلىرىنىڭ قولغا ئالغانلىقى ھەمدە ئۇلارنى خىتايغا ئۆتكۈزۈپ بېرىش ئالدىدا تۇرۇۋاتقانلىقى ياۋروپا ۋە ئامېرىكىدىكى ئاخبارات ۋاسىتىلىرىنىڭ ھەمدە خەلقئارالىق تەشكىلاتلارنىڭ جىددىي دىققىتىنى قوزغىغانلىقى مەلۇم. بۇ مۇناسىۋەت بىلەن بىر قىسىم خەلقئارالىق تەشكىلاتلار بۇ مەسىلىگە قارىتا جىددىي ئىنكاس قايتۇردى.
مۇشۇ چارشەنبىدىن باشلاپ مىسىرنىڭ قاھىرە ۋە ئىسكەندەرىيە شەھەرلىرىدە ئارقىمۇ -ئارقىدىن نەچچە ئونلىغان ئۇيغۇر ئوقۇغۇچىلارنىڭ مىسىر ساقچىلىرىنىڭ تۇتقۇن ئوبيېكتىغا ئايلانغانلىقى ھەققىدىكى خەۋەرلەر، رەسىم ۋە قىسقا سىن كۆرۈنۈشلىرى ھەرقايسى توربەتلەردە، جۈملىدىن فېيسبوك ۋە باشقا ئىجتىمائىي تاراتقۇلاردا تارقالغاندىن بۇيان، بۇ ھەقتىكى مەلۇماتلار غەرب دۇنياسىدىكى ھەرقايسى ئاخبارات ۋاسىتىلىرىدىمۇ كەڭ يەر ئالغانلىقى مەلۇم. بەزى مەنبەلەردە بولسا بۇ قېتىم ئاز دېگەندىمۇ 70 ئۇيغۇر ئوقۇغۇچىنىڭ قولغا ئېلىنغانلىقى قەيت قىلىنىدۇ.
بۇ ۋەقە ھەققىدە بۈگۈن تەپسىلىي سىن خەۋىرى ئىشلىگەن «ئەل جەزىرە» تورى بۇ قېتىم مىسىر ساقچىلىرى قولغا ئالغان ئوقۇغۇچىلارنىڭ خىتاينىڭ غەربىدىكى «شەرقىي تۈركىستان» ناملىق ئۆلكىدىن كەلگەنلەر ئىكەنلىكىنى، ئۇلارنىڭ خىتاينىڭ دىنىي زۇلۇم ۋە ئاسسىمىلياتسىيە خاراكتېرلىك مىللىي سىياسىتى سەۋەبلىك ئۆز يۇرتلىرىدا ئىسلام دىنىغا دائىر بىلىملەرنى چوڭقۇرلاپ ئۆگىنىش ئىمكانىيىتىگە ئېگە بولالمىغانلىقتىن، مىسىردىكى دۇنياغا داڭلىق بىلىم يۇرتى بولغان ئەل ئەزھەر ئۇنىۋېرسىتېتىغا ئوقۇش ئۈچۈن كەلگەنلىكىنى، مانا ئەمدىلىكتە بولسا ئويلىمىغان يەردىن مىسىر ساقچىلىرىنىڭ ئۇلارنى قولغا ئېلىپ، خىتايغا ئۆتكۈزۈپ بېرىش ئالدىدا تۇرۇۋاتقانلىقىنى ئالاھىدە تەكىتلىدى.
بۇ ھەقتىكى مەلۇماتلارنى ئەڭ دەسلەپ تەپسىلىي خەۋەر قىلغان گېزىتلەردىن «ۋاشىنگتون پوچتىسى» گېزىتى بۈگۈن سەھەردە بۇ ھەقتە مەخسۇس سەھىپە ئاجرىتىپ، مىسىردىكى ئوقۇغۇچىلار تۇتقۇن قىلىنىشىنىڭ ئالدى-كەينىدىكى مۇناسىۋەتلىك ئەھۋاللار ھەققىدە توختالدى. ئۇنىڭدا ئېيتىلىشىچە، خىتاي ھۆكۈمىتى ئۇيغۇرلار دىيارىدا ھازىر جىددىي يولغا قويۇۋاتقان «ئەسەبىيلىككە قارشى تۇرۇش» دولقۇنى بۇ قېتىمقى ئۇيغۇر ئوقۇغۇچىلارنى قولغا ئېلىشنىڭ ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچى ۋە سەۋەبى ئىكەن.
ماقالىدا ئېيتىلىشىچە، يەرلىك دائىرىلەر ئۇيغۇرلار دىيارىدا بىخەتەرلىك نامىدا تۈرلۈك بەلگىلىمىلەرنى يولغا قويۇۋاتقان بولۇپ، بۇنىڭ ئىچىدىكى مۇھىم بىرى، دىنىي ئەقىدە ھەمدە ئۇنى كونترول قىلىش ساھەسىدە ئۆز ئەكسىنى تاپماقتا ئىكەن. بۇنىڭ بىلەن ئۇيغۇرلاردىكى ئىسلام دىنىغا باغلىنىدىغان كۆپلىگەن ھادىسىلەر مۇشۇ شامالدا زەربىگە ئۇچرىماقتا ئىكەن.
مەلۇم بولۇشىچە، خىتاي تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى ئۆزلىرىنىڭ مىسىردىكى ئۇيغۇر ئوقۇغۇچىلارنىڭ قولغا ئېلىنىشىغا دائىر ئەھۋاللاردىن خەۋەردار ئىكەنلىكىنى، ئەمما بۇنىڭ تەپسىلاتىنى ئاشكارىلاشقا بولمايدىغانلىقىنى ئېيتقان ھەمدە ئالاقىدار ئورۇنلارنىڭ بۇ مەسىلىلەرنى يېقىندا مۇۋاپىق بىر تەرەپ قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.
بىز مىسىر ساقچىلىرىنىڭ بۇ قېتىمقى ئۇيغۇر ئوقۇغۇچىلارنى ئىز بېسىپ قولغا ئېلىش ئەھۋالى ھەققىدە مىسىر ھۆكۈمىتىنىڭ قانداق پىكىردە ئىكەنلىكىنى بىلىپ بېقىش ئۈچۈن ئەرەب مىسىر جۇمھۇرىيىتىنىڭ ئامېرىكىدىكى باش ئەلچىخانىسى بىلەن ئالاقىلەشتۇق. ئەلچىخانىدىكى نۆۋەتچى خادىم بۇ مەسىلە ھەققىدە ئۆزىنىڭ بىر نەرسە دەپ بېرەلمەيدىغانلىقىنى، بۇ ھەقتىكى مەسىلىلەرگە پەقەت ئەلچىخانىغا قاراشلىق «ئاخبارات باشقارمىسى» نىڭ جاۋاب بېرىش ھوقۇقىغا ئېگە ئىكەنلىكىنى ئېيتتى. شۇنىڭ بىلەن بىز «ئاخبارات باشقارمىسى» غا تېلېفون قىلغىنىمىزدا، مەسئۇل خادىم ئۆزىنىڭ «بىرلەشمە ئاگېنتلىق» (AP) نىڭ ئالاقىدار گېزىت خەۋىرىدىن تېخى بۈگۈن سەھەردە مىسىردىكى ئۇيغۇر ئوقۇغۇچىلارنىڭ قولغا ئېلىنىشى ھەققىدىكى مەلۇماتلارنى كۆرگەنلىكىنى، ئەمما باشقارما مۇدىرىدىن باشقا كىشىنىڭ بۇ خىلدىكى مەسىلىلەر ھەققىدە پىكىر بايان قىلىش ھوقۇقىغا ئىگە ئەمەسلىكىنى ئېيتتى. ئاخىرىدا ئۇ، سوئاللىرىمىزنى ئېلخەت ئارقىلىق ئەۋەتىشىمىزنى، شۇ چاغدا ئالاقىدار خادىملارنىڭ بۇنىڭغا جاۋاب بېرىدىغانلىقىنى بىلدۈردى. بىز سوئاللارنى كۆرسىتىلگەن خەت ساندۇقىغا ئەۋەتكەن بولساقمۇ، تا ھازىرغىچە ئۇلاردىن جاۋاب ئالالمىدۇق.
ئامېرىكىدىكى «ئىنسان ھەقلىرىنى كۆزىتىش تەشكىلاتى» ئۇيغۇر ئوقۇغۇچىلارنىڭ مىسىردا بۇ تەرىقىدە قولغا ئېلىنىشى مۇناسىۋىتى بىلەن بۈگۈن چۈشتە جىددىي ئىنكاس قايتۇرغان. فىرانسىيە خەۋەر ئاگېنتلىقى بۇ ھەقتە ئىشلىگەن تەپسىلىي خەۋىرىدە «ئىنسان ھەقلىرىنى كۆزىتىش تەشكىلاتى» ئوتتۇرا شەرق بۆلۈمى مەسئۇلى ساراخ ۋىتسوننىڭ بۇ ھەقتىكى يازما باياناتىدىن نەقىل كەلتۈرۈپ، «مىسىر دائىرىلىرى بۇ ئوقۇغۇچىلارنىڭ قەيەردە ئىكەنلىكى، ئۇلارنىڭ نېمە سەۋەبتىن قولغا ئېلىنغانلىقى قاتارلىقلارنى دەرھال ئاشكارا ئېلان قىلىشى، شۇنداقلا بۇ ئوقۇغۇچىلارغا ئادۋوكات ياللاش ئىمكانىيىتى يارىتىپ بېرىشى لازىم. شۇنىڭ بىلەن بىرگە، مىسىر ھۆكۈمىتى بۇ ئوقۇغۇچىلارنى خىتايغا ئۆتكۈزۈپ بەرسە بولمايدۇ، ئەگەر قايتۇرۇپ بەرسە، بۇ ئوقۇغۇچىلارنىڭ خىتايدا قانداق جازاغا ۋە قىيناقلارغا دۇچ كېلىدىغانلىقىنى تەسەۋۋۇر قىلىش مۇمكىن ئەمەس» دېيىلىدۇ.
«ئىنسان ھەقلىرىنى كۆزىتىش تەشكىلاتى» خىتاي بۆلۈمىنىڭ مەسئۇلى سوفى رىچاردسون خانىم بۇ مۇناسىۋەت بىلەن زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلدى. ئۇ «بۇ ھەقتىكى خەۋەرلەرنى كۆرگەندىن كېيىن سىزنىڭ تۇنجى ئىنكاسىڭىز قانداق بولدى؟» دەپ سورىغىنىمىزدا مۇنداق دېدى: «بىز ھەممىدىنمۇ بەكرەك بۇ كىشىلەرنىڭ نېمە ئۈچۈن مۇشۇنداق بىر مۈشكۈلاتقا گىرىپتار بولۇپ قالغانلىقىدىن ئەندىشە قىلىۋاتىمىز. چۈنكى شۇنىڭدىن خەۋىرىمىز باركى، ئۇلارنىڭ ھەممىسىنىڭ بولمىسىمۇ، كۆپ قىسمىنىڭ مىسىردا قانۇنلۇق تۇرۇشى ئۈچۈن لازىم بولىدىغان ئىناۋەتلىك ئىقامىتى بار ئىدى. بىزنى تېخىمۇ چوڭ ئەندىشىگە گىرىپتار قىلىۋاتقىنى، مىسىر ھۆكۈمىتىنىڭ قانداقتۇر بىر شەكىللەردە خىتايغا يان تاياق بولۇپ، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ مەجبۇرىي يوسۇندا كىشىلەرنى قايتۇرۇپ كېتىشىنى قانۇنىي ئاساس بىلەن تەمىن ئېتىشىدۇر. گەرچە مىسىر ھۆكۈمىتى ‹قاچقۇنلار ئەھدىنامىسى› غا ئەزا بولمىغان مەملىكەت بولسىمۇ، خەلقئارالىق قانۇن سىستېمىسى ھەرقاچان قايتۇرۇپ بېرىلسە قىيناققا ياكى جازاغا ئۇچراش ئېھتىمالى بولغان كىشىلەرنى قايتۇرۇپ بەرمەسلىكنى تەلەپ قىلىدۇ. ئەگەر مىسىر ھۆكۈمىتى بۇ ئۇيغۇرلارغا پاناھلىق تىلەش شارائىتى يارىتىپ بەرمەستىن، ئۇلارنى ئۇدۇللا خىتايغا قايتۇرۇپ بەرسە شۈبھىسىزكى، بۇ خەلقئارالىق قانۇنغا زور دەرىجىدە خىلاپلىق قىلغانلىق بولىدۇ. شۇڭا بىز مىسىر ھۆكۈمىتىدىن بۇ ئۇيغۇرلارنى تېزدىن قويۇۋېتىشنى ھەمدە ئۇلارنىڭ خىتايغا قايتۇرۇلماسلىقىغا كېپىللىك قىلىشنى تەلەپ قىلىمىز. شۇنىڭ بىلەن بىرگە، تۇتۇپ تۇرۇلۇش جەريانىدا ئۇلارنىڭ ئادۋوكاتلىرى، ئائىلە تاۋابىئاتلىرى ھەمدە بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى قاچقۇنلار ئالىي كېڭىشىنىڭ ئەمەلدارلىرىنىڭ ئۇلار بىلەن كۆرۈشەلىشىگە كاپالەتلىك قىلىشى لازىم. شۇندىلا بۇ كىشىلەرنىڭ كىملىكى، ئۇلارنىڭ قانداق تەلەپتە ئىكەنلىكى، شۇنىڭدەك كۆپ قىسىم ئەھۋاللاردا يۈز بەرگىنىدەك، ئۇلارنىڭ گۇناھسىز دەپ قويۇپ بېرىلىشكە تېگىشلىك ئىكەنلىكى ئايان بولىدۇ.»
مەلۇم بولۇشىچە، مىسىر ساقچىلىرىنىڭ مىسىردىكى ئۇيغۇر ئوقۇغۇچىلارنى قولغا ئېلىشى ھازىر دۇنيادىكى نەچچە ئونلىغان ئاخبارات ۋاسىتىلىرىدە خەۋەر قىلىنىۋاتقان بولۇپ، ئالاقىدار تەرەپلەرنىڭ ھەممىسى بۇ ئوقۇغۇچىلارنى خىتايغا قايتۇرۇپ بەرمەسلىككە چاقىرىق قىلماقتا ئىكەن.
0:00 / 0:00