مىسىردا تۇتقۇن قىلىنغان غايىب ئۇيغۇرلارنىڭ خىتايغا قايتۇرۇلغانلىقى ئىلگىرى سۈرۈلمەكتە
2018.04.02
خىتاينىڭ مىسىردىكى ئۇيغۇر ئوقۇغۇچىلارنى قايتۇرۇپ كېلىش ھەرىكىتى ئۆتكەن يىلنىڭ بېشىدا باشلانغان. دەسلەپتە خىتاي ھۆكۈمەت دائىرىلىرى ئۇيغۇر ئوقۇغۇچىلارنىڭ يۇرتىدا قالغان ئاتا-ئانا، ئۇرۇق-تۇغقانلىرىغا بېسىم ئىشلىتىپ، خېلى زور بىر تۈركۈم ئوقۇغۇچىلارنى يۇرتىغا قايتىپ كېتىشكە مەجبۇر قىلغان ئىدى. ئۆتكەن يىلى ئىيۇلدىن باشلاپ، مىسىر بىخەتەرلىك تارماقلىرى مىسىردا قانۇنلۇق تۇرۇۋاتقان، ئوقۇۋاتقان ئۇيغۇرلارنى قارا-قويۇق تۇتقۇن قىلىشقا باشلىغان، بۇ جەرياندا ئۇيغۇرلارنىڭ بىر قىسمى تۈرمىلەرگە ئېلىنغان، بىر قىسمى باشقا ئەللەرگە قاچقان، يەنە بىر قىسمى غايىب بولغان ئىدى.
بۇلتۇر ئىيۇلدىن بۇيان، مىسىردا ئۇيغۇرلار ئۇچرىغان كرىزىسنىڭ ھېلىھەم داۋام قىلىۋاتقانلىقى مەلۇم.
گەرچە، ھازىرغا قەدەر تۇتقۇنغا ئۇچرىغان ئۇيغۇرلارنىڭ كۆپ قىسمى قويۇپ بېرىلىپ، تۈركىيە ۋە باشقا دۆلەتلەردە پاناھلانغان بولسىمۇ، يەنە ئاز بىر قىسىم ئۇيغۇرلار قاھىرە ۋە باشقا شەھەرلەردە يەنىلا ئەندىشە ئىچىدە ياشىماقتا ئىكەن. بولۇپمۇ، تۇرا تۈرمىسىدە قىزىل بەلگە قويۇلغان 16 ئۇيغۇرنىڭ ھازىرغىچە ھېچ قانداق ئىز -دېرىكى يوق بولۇپ كەلمەكتە ۋە ئۇلارنىڭ خىتايغا تاپشۇرۇلسا ئاقىۋىتىنىڭ ئېچىنىشلىق بولىدىغانلىقىنى پەرەز قىلغان ئۇيغۇر جامائىتى ئارىسىدا يېقىندا بۇ غايىب ئۇيغۇرلارنىڭ خىتايغا ئېلىپ كېتىلگەنلىكى ھەققىدىكى ئېنىقسىز ئۇچۇرلارمۇ تارقىلىشقا باشلىغان.
بۇ ھەقتە مىسىردىكى بىر ئۇيغۇر خانىم، ئۆزىنىڭ مىسىردا تونۇيدىغانلىرىدىن قاھىرەدە 3، 4 ئائىلە قالغانلىقىنى، باشقا شەھەرلەردە يەنە بەزى ئۇيغۇرلارنىڭمۇ ھازىرغىچە تەشۋىش ئىچىدە يۈرۈۋاتقانلىقىنى، بولۇپمۇ، ئۇلارنىڭ تۇتۇلغان ئۇيغۇرلارنىڭ بەزىلىرىنىڭ خىتايغا قايتۇرۇلغانلىقى ھەققىدىكى گەپ-سۆزلەرنى ئاڭلاپ، قايتىدىن ئەندىشىگە پاتقانلىقىنى بىلدۈردى.
مىسىردىكى تۇتقۇن باشلانغاندا تۈركىيەگە قېچىپ كېلىۋالغان ئەزھەر ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ ئوقۇغۇچىلىرىدىن بىرى، ئۆزىنىڭمۇ مىسىردا قالغان ساۋاقداش ۋە دوستلىرىدىن تۇتقۇن قىلىنغاندىن كېيىن قويۇپ بېرىلمىگەن بىر قىسىم ئۇيغۇرلارنىڭ خىتايغا ئۆتكۈزۈپ بېرىلگەنلىكىنى ئاڭلىغانلىقىنى، ئەمما بۇ ھەقتە ئېنىق مەلۇماتى يوقلۇقىنى بىلدۈردى.
ئەزھەر ئۇنىۋېرسىتېتى ئوقۇغۇچىسى مۇختەر روزىمۇ بۇلتۇر 17-ئىيۇل كۈنى مىسىر نۆۋەيبى دېڭىز پورتىدا تۇتۇپ قېلىنغاندىن بۇيان ئۇنىڭ ئىز-دېرىكى يوق ئىكەن. مۇختەرنىڭ ئايالى مەريەم خانىم، ئىستانبۇلدىن رادىيومىزغا ئۇچۇر يوللاپ، يولدىشى مۇختەر روزى قاتارلىق مىسىردا تۇتقۇن قىلىنىپ، غايىب بولغان ئۇيغۇر ئوقۇغۇچىلارنىڭ خىتايغا قايتۇرۇپ بېرىلگەنلىكىنى ئاڭلىغانلىقىنى، مۇختەر روزىنىڭ يۇرتى -مارالبېشىدىكى تۇمشۇق شەھىرى قىلىپ ئۆزگەرتىلگەن، خىتاي ئىشلەپچىقىرىش قۇرۇلۇش ئارمىيەسى 53-پولكى جايلاشقان پىچاقسۇندى بازىرىغا ئېلىپ كېلىنگەنلىكى ھەققىدە ئېنىقسىز مەلۇماتقا ئىگە بولغانلىقىنى ئېيتتى. مەريەم خانىم ئۆزلۈكىدىن يۇرتىغا قايتقانلار ھەتتا بىگۇناھ بولسىمۇ تۈرمىلەرگە قامالغان يەردە، ئېرىنىڭ خىتايغا مەجبۇرىي قايتۇرۇلغان تەقدىردە، ئۇنىڭ مەڭگۈلۈك قاماققا ئېلىنىشى ھەتتا ئۆلۈمگە ھۆكۈم قىلىنىش خەۋپىدىن قاتتىق ئەندىشە قىلماقتىكەن.
بىز بۇ مەلۇماتلارنى دەلىللەش ئۈچۈن خىتاينىڭ قاھىرەدىكى ئەلچىخانىسى بىلەن ئالاقىلەشتۇق.
ئۇلاردىن جاۋاب ئالالمىغاندىن كېيىن بىز يەنە پىچاقسۇندى بازارلىق ساقچىخانا بىلەنمۇ ئالاقىلىشىپ كۆردۇق، تېلېفونىمىز قارشى تەرەپتىن چەكلىۋېتىلگەنلىكى مەلۇم بولدى.
مارالبېشى ناھىيەلىك ساقچىخانىسىدىن تېلېفوننى ئالغان ساقچى خادىمدىن مۇختەر روزى قاتارلىق مىسىردىن قايتۇرۇپ كېلىنگەنلەرنىڭ نەدە ئىكەنلىكىنى سورىغىنىمىزدا، ئۇ مۇختەر روزى قاتارلىق مىسىردىكى ئوقۇغۇچىلارنىڭ قايتۇرۇپ كېلىنگەنلىكىنى ئىنكار قىلمىغان بولسىمۇ، بىراق بۇنىڭغا دائىر مەسىلىلەرگە مەخسۇس بېكىتىلگەن ئورۇندىن جاۋاب ئېلىشىمىز كېرەكلىكىنى بىلدۈرۈپ تېلېفوننى قويۇۋەتتى.
ئەينى ۋاقىتتا ئۇيغۇر ئوقۇغۇچىلارنىڭ خىتاينىڭ مىسىر دائىرىلىرىگە تەسىر كۆرسىتىشى سەۋەبلىك يولسىزلىقلارغا ئۇچراۋاتقانلىقى، تۇتقۇن قىلىنغان ئوقۇغۇچىلارنىڭ جاسارەتلىك ھالدا ئىجتىمائىي تاراتقۇلاردا ئۇچۇر تارقىتىشى ۋە مۇھاجىرەتتىكى ئۇيغۇر ئاكتىپلىرىنىڭ مەتبۇئاتلاردا بۇنىڭغا جىددىي ئىنكاس قايتۇرۇشى نەتىجىسىدە، مىسىردىكى ئۇيغۇرلار ۋەزىيىتى خەلقئارالىق مەتبۇئاتنىڭ دىققىتىنى تارتقان مەسىلىگە ئايلانغان ئىدى.
ئۆتكەن يىلى سېنتەبىردە دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى مەخسۇس بايانات ئېلان قىلىپ، مىسىر دائىرىلىرىنى مىسىردا غايىب بولغان ئۇيغۇرلارنىڭ ئاقىۋىتىنى دەرھال ئاشكارىلاشقا چاقىرغان ئىدى.
دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى باياتانىدا، خىتايغا قايتۇرۇلغان ئۇيغۇرلارنىڭ تۈرمىگە تاشلىنىدىغانلىقى، تەن جازاسىغا ئۇچرايدىغانلىقى ياكى ئىز -دېرەكسىز يوقاپ كېتىدىغانلىقىنى ئەسكەرتىپ، «مىسىر ھۆكۈمىتىنى خەلقئارا قانۇنغا ئەمەل قىلىشقا، تۇتۇپ تۇرۇلۇۋاتقان ئۇيغۇرلارنى دەرھال قويۇپ بېرىشكە كاپالەتلىك قىلىشقا چاقىرىمىز» دېگەن.
دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسلىرىدىن بىرى پەرھات مۇھەممىدى گېرمانىيەدىن زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلىپ، مىسىر دائىرىلىرىنىڭ شۇ قېتىمقى تۇتقۇن ھەرىكىتىدە، قولغا ئېلىنغان ئۇيغۇر ئوقۇغۇچىلارنىڭ كۆپ قىسمى تۈرلۈك بېسىملار بىلەن قويۇپ بېرىشكە مەجبۇر بولغان بولسىمۇ، بىراق ھازىرغىچە، غايىب قىلىنغان ئۇيغۇرلارنىڭ ئەھۋالىنى ئاشكارىلىماي كېلىۋاتقان كېلىۋاتقانلىقىنى، دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى ۋە خەلقئارالىق كىشىلىك ھوقۇق ئورگانلىرىنىڭ داۋاملىق مىسىر دائىرىلىرىدىن، بۇ غايىب بولغان ئۇيغۇرلارنىڭ ئاقىۋىتىنى سۈرۈشتە قىلىشنى توختاتمايدىغانلىقىنى ئەسكەرتتى.
ئىلگىرى رادىيومىزغا مىسىردىكى ئۇيغۇر ئوقۇغۇچىلار يەتكۈزگەن مەلۇماتلاردىن، مىسىر دائىرىلىرى تەرىپىدىن تۇرا تۈرمىسىگە قامالغان ئۇيغۇر ئوقۇغۇچىلارنىڭ يېشىل، سېرىق، قىزىل دەپ ئۈچ رەڭ بويىچە كاتېگورىيەگە ئايرىلغانلىقى، بۇلاردىن ئاخىرقى گۇرۇپپىغا، يەنى قىزىل رەڭلىك گۇرۇپپىغا مەنسۇپ 16 ئۇيغۇر ئوقۇغۇچىنىڭ 2017-يىلى، 1-سېنتەبىردىن باشلاپ غايىب بولغانلىقى مەلۇم بولغان ئىدى.
مىسىردىكى كىشىلىك ھوقۇق ئادۋوكاتى ئىززەت غەنىي مەتبۇئاتلارغا بۇ ھەقتە بەرگەن ئۇچۇرلىرىدا، 16 غايىب ئۇيغۇرنىڭ قاتارىدا ئابدۇغۇپۇر ئەھمەد، ئېلياسجان راخمان، شىرئەلى شىرزات، نۇرمەمەت ئوبۇل، شەھىدۇللا جالالىدىن، ئابدۇۋەلى، ئوسمانجان، مەھمۇد، ئادىل ھاشىم، ئابدۇرەقىب، ئەكبەر ئوسمان، ئابدۇئېزىز، ئوسمان، ئابدۇغۇپۇر، مەھمۇد ھاجى قاتارلىق ئىسىملارنى تەمىن ئەتكەن.
مىسىر ھۆكۈمىتىنىڭ ھەرىكىتى خەلقئارا كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرىنىڭ قاتتىق تەنقىدىگە ئۇچرىغان بولسىمۇ، بىراق مىسىر ھۆكۈمىتى ۋە ياكى خىتاي دائىرىلىرى ھازىرغا قەدەر قانچە ئۇيغۇر ئوقۇغۇچىنىڭ تۇتقۇن قىلىنغانلىقى، ئۇلاردىن قانچىسىنىڭ خىتايغا ئۆتكۈزۈپ بېرىلگەن ياكى بېرىلمىگەنلىكىگە دائىر ھېچقانداق مەلۇمات ئېلان قىلىپ باقمىدى.