ئەزھەر ئۇنىۋېرسىتېتى ئوقۇغۇچىسى ئېلياسجاننىڭ ئائىلىسى ھېلىھەم ئىزتىراپ چەكمەكتە

مۇخبىرىمىز گۈلچېھرە
2018.04.04
misirda-uyghur-elyasjan-raxman.jpg مىسىردىكى تورا تۈرمىسىگە قامىلىپ ھازىرغىچە خەۋىرى بولمىغان 16 ئۇيغۇر ئوقۇغۇچىنىڭ بىرى ئېلياسجان راخمان.
RFA/Gülchéhre

مىسىردىكى تۇتقۇندا، تورا تۈرمىسىگە قامالغان ئۇيغۇرلاردىن 16 سىنىڭ تا ھازىرغىچە خەۋىرى يوق. ئەزھەر ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ ئوقۇغۇچىسى ئېلياسجان راخمان، ئۆتكەن يىلى 1-سېنتەبىردىن باشلاپ غايىب قىلىنغان شۇ ئوقۇغۇچىلارنىڭ بىرى.

ئەمدىلا 24 ياشقا كىرگەن ئېلياسجان، مىسىردا تۇتقۇن باشلانغان كۈنلەردە، قىزى ۋە ئېغىر ئاياغ ئايالىنىڭ بىخەتەرلىكىنى ئويلاپ، تۈركىيەگە ئاۋۋال ئۇلارنى يولغا سالىدۇ. ئەتىسى ئۆزى ھەردەقە ئايرودرومىدا سەۋەبسىزلا تۇتۇپ قېلىنىدۇ. ئېلياسجاننىڭ ئىككىنچى قىزى ئۇ تۇرا تۈرمىسىدىكى چېغىدا تۇغۇلىدۇ. ئۇنىڭ ئايالى مۇنزىرە ئىككى قىزىنى باغرىغا بېسىپ ئايلاردىن بېرى ئېلياسجاننىڭ ئىز-دېرىكىنى قىلماقتا.

بۇلتۇر 7-ئايدا ئۇيغۇرلارنى نىشان قىلىپ ئاۋۋال قاھىرە، كېيىن پۈتۈن مىسىردا ئېلىپ بېرىلغان شۇ قېتىمقى تۇتقۇن ھەرىكىتىنى مىسىر دائىرىلىرى «قانۇنسىز كۆچمەنلەرنى تازىلاش» دەپ چۈشەندۈرگەن بولسىمۇ، قولغا ئېلىنغان ئۇيغۇر ئوقۇغۇچىلارنىڭ كۆپ قىسمىنىڭ مىسىردا قانۇنلۇق ئوقۇۋاتقانلىقى ئاشكارىلانغان ئىدى.

مىسىردىكى تۇتقۇنغا ئۇچرىغان ئۇيغۇرلارنىڭ ئادۋوكاتى ئىززەت غەنىيم ئىلگىرى ئاخباراتلارغا «قولغا ئېلىنغان ئوقۇغۇچىلار رەڭ بويىچە سېرىق رەڭلىكلەر، قىزىل رەڭلىكلەر ۋە غايىبلار دەپ ئۈچ چوڭ گۇرۇپپىغا ئايرىلىدۇ. بۇلاردىن ئاخىرقى گۇرۇپپىغا مەنسۇپ 16 ئۇيغۇر ئوقۇغۇچى 1-سېنتەبىردىن باشلاپ غايىب بولدى» دېگەن ئىدى.

ئېلياسجان راخمان مىسىردا تۇتقۇن قىلىنىپ تورا تۈرمىسىگە قامالغاندىن كېيىن قىزىل رەڭلىك كاتېگورىيەگە ئايرىلغان 16 ئوقۇغۇچىنىڭ بىرى.

ئەزھەر ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ ئوقۇغۇچىسى ئېلياسجان راخماننىڭ ئايالى مۇنزىرە مىسىردىكى تۇتقاندا ئۆز ئائىلىسىنىڭ ۋەيران بولغانلىقىغا ھېكايىسىنى سۆزلەپ بەردى.

بۇ يىل 20 ياشقا كىرگەن مۇنزىرە، 2014-يىلى، مىسىرغا ئوقۇشقا كەلگەن. ئەزھەرنىڭ ئوتتۇرا مەكتىپىدە ئوقۇۋاتقان مۇنزىرە 2015-يىلى 9-ئايدا، يۇرتى قەشقەرگە قايتىپ، ئۆزىگە ئوخشاش مىسىردا ئوقۇۋاتقان ئېلياسجان بىلەن توي قىلىپ، بىللە مىسىرغا قايتىپ كەلگەن. ئۇ، بالىلىقىدىن تارتىپ تونۇيدىغان ئېلياسجان بىلەن بەختلىك ئائىلە مۇھىتىدا ئوقۇشىنى داۋام قىلىدۇ. ئۇلارنىڭ بىر ئوماق قىز پەرزەنتى بولىدۇ. مۇنزىرە ئىككىنچى قىزىغا ئېغىر ئاياغ ھالدا، ئۆزى ئەزھەرنىڭ ئوتتۇرا مەكتىپىدە، يولدىشى ئەزھەر ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ 1-يىللىقىدا ئوقۇشىنى داۋام قىلىپ ئىمتىھانغا تەييارلىق قىلىۋاتقان كۈنلەردە، يەنى 2017-يىلى، 7-ئاينىڭ 4-كۈنى كېچىدە قاباھەتلىك چۈش كەبى باشلانغان قارا قويۇق تۇتقۇننىڭ خەۋىرى، ئۇيغۇر ئوقۇغۇچىلار ئارىسىدا بىر دەمدىلا پۇر كېتىدۇ.

ئېلياسجان ئەمدىلا بىر ياشقا كىرگەن قىزى، ئىككىنچى قىزىغا 6 ئايلىق ھامىلىدار ئايالىنى ئېلىپ ئەتىسى نوۋەيبى ئايرودرومىغا كېلىدۇ. ھالبۇكى ساۋاقداشلىرىنىڭ «ئىسمىڭ تىزىملىككە چۈشكەن بولۇشى مۇمكىن» دېگەن قىسقا ئۇچۇرى بىلەن، ئۇ قىزى ۋە ئايالىنىڭ ئۆزى بىلەن تەڭ ماڭسا ھەممىسىنىڭ پېشكەللىككە ئۇچراش ئېھتىمالىنى ئويلاپ، ئالدى بىلەن ئۇلارنى تۈركىيەگە يولغا سالىدۇ. ئۇ، ئايالى ۋە بالىسىنىڭ تۈركىيەگە يېتىپ بارغانلىقىدىن تېلېفون ئارقىلىق خەۋەر تېپىپ خاتىرجەم بولغاندىن كېيىن، مۇھەممەت ياسىن ئىسىملىك يەنە بىر ئاغىنىسى بىلەن بىرگە تۈركىيەگە مېڭىشقا تەمشەلگەندە ئايرودرومدا تۇتقۇن قىلىنىدۇ ۋە ئايرودرومدا 7 كۈن تۇتۇپ تۇرۇلغاندىن كېيىن، تورا تۈرمىسىگە يۆتكىلىدۇ. ئۇ ئايالى بىلەن شۇنىڭغىچە تېلېفوندا ئالاقىلىشىپ تۇرىدۇ. ئەمما ئۇ تورا تۈرمىسىگە بارغاندىن كېيىن، مۇنزىرەنىڭ ئېلياسجان بىلەن ئالاقىسى پۈتۈنلەي ئۈزۈلۈپ قالىدۇ.

مۇنزىرە ئۆزىنىڭ ئىككىنچى قىزىنى يەڭگىگەن پەيتىدە، ئېلياسجاننىڭ تۈرمىدىن تېلېفون قىلىپ، قىزىنى بەك سېغىنغانلىقىنى قايتا-قايتا دەپ كەتكەنلىكىنى ئېيتىپ يىغلاپ كەتتى.

ئاخىرقى قېتىم 2017‏-يىلى 8-ئاينىڭ 30-كۈنى قۇربان ھېيتنىڭ ھارپىسىدا ئېلياسجاندىن يەنە تېلېفون كېلىدۇ، بۇ قېتىم ئېلياسجان ئۆزىنىڭ 16 بالىنىڭ قاتارىدا قىزىل گۇرۇپپىغا بۆلۈنگەنلىكىنى، قالغان ئىككى گۇرۇپپىدىكىلەرنى باشتا قويۇپ بەرگەنلىكىنى ھەمدە ساقچىلارنىڭ «قىزىل گۇرۇپپىدىكىلەرنى خىتاينىڭ ئۇلار تېررورچى دېگەن ئۇچۇرى بىلەن تۇتقان بولساقمۇ، سىلەرنى خاتا تۇتۇپ قاپتۇق، ئەسلى بىگۇناھ ئىكەنسىلەر، پەقەت تەكشۈرۈشتىن كېيىن قويۇپ بېرىمىز» دېگەنلىكىنى ئېيتقان ئىكەن.

ئېلياسجاننىڭ تۇرا تۈرمىسىدىن قىلغان شۇ قېتىملىق تېلېفونىدىن كېيىن، ئۇلارنىڭ ئالاقىسى پۈتۈنلەي ئۈزۈلگەن. باشقىلاردىن بۇ غايىب 16 ئۇيغۇرنىڭ خىتايغا قايتۇرۇلغانلىقى ھەققىدىكى مۈجمەل ئۇچۇرلارنى ئاڭلىغان بولسىمۇ، ئۆزىنىڭ ھەر ۋاقىت، «قىزلىرىمنىڭ دادىسى تۈرمىدىن ھامان چىقىدۇ»، دېگەن ئۈمىدىنى ئۈزمەي كېلىۋاتقانلىقىنى بىلدۈرگەن مۇنزىرە، دادىسى تۈرمىدىكى چاغدا تۇغۇلغان ئىككىنچى قىزىنىڭ ھازىر 7 ئايلىق بولغانلىقىنى، قىزىغا ئېلياسجان تاللىغان «مەيزۇرە » دەپ ئىسىم قويغانلىقىنى ئېيتتى. دادىسى تۈرمىدە چېغىدا تۇغۇلغان مەيزۇرەنىڭ ئىسمى «ئاسانلىققا ئېرىشكۈچى» دېگەن مەناغا ئىگە ئىكەن.

ئېلياسجان ناھەق تۇتۇلۇپ غايىب بولغاندىن كېيىن، بۇ ئائىلىنىڭ تارتقان ئازاب-ئوقۇبەتلىرى ئۆزلىرى بىلەنلا تۈگىمەيدۇ، ھەتتا ئۇلارنىڭ ۋەتەندە قالغان ئاتا-ئانىلىرى ۋە ئۇرۇق-تۇغقانلىرىمۇ ئوخشىمىغان ئاچچىق تەقدىر قىسمەتلەرگە ئۇچرىغانلىقى مەلۇم.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.