ئىلگىرى مىسىردىكى تۇرا تۈرمىسىدىن قويۇپ بېرىلگەن ئۇيغۇر ئوقۇغۇچىلار يەتكۈزگەن مەلۇماتلاردا مىسىر دائىرىلىرى تەرىپىدىن تۇرا تۈرمىسىگە قامالغان 100 گە يېقىن ئۇيغۇر ئوقۇغۇچىلارنىڭ يېشىل، سېرىق ۋە قىزىل دېگەن ئۈچ رەڭ بويىچە كاتېگورىيەگە ئايرىلغانلىقى، بۇلاردىن قىزىل رەڭلىك گۇرۇپپىغا مەنسۇپ 16 ئۇيغۇر ئوقۇغۇچىنىڭ 2017-يىلى 1-سېنتەبىردىن باشلاپ غايىب بولغانلىقى مەلۇم بولغان ئىدى.
ئەزھەر ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ ئوقۇغۇچىسى ئىلياسجان راخمان، ئۆتكەن يىلى 1-سېنتەبىردىن باشلاپ غايىب قىلىنغان شۇ ئوقۇغۇچىلارنىڭ بىرى.
ئىلياسجاننىڭ ئايالى مۇنزىرە يولدىشى تۇتۇلغان چاغدا ئىككىنچى قىزىغا ئېغىرئاياغ ئىكەن. ئۇلارنىڭ كەنجى قىزى ئىلياسجان تۈرمىدىكى چېغىدا تۈركىيەدە تۇغۇلغان ئىكەن. ئۇنىڭ ئەمدىلا 20 ئايلىق ۋە 7 ئايلىق بولغان ئىككى قىزى دادىسىز چوڭ بولماقتا ئىكەن. مۇنزىرەنىڭ ئېيتىشىچە، ئېلياسجان بەكمۇ مېھرىبان ئاتا ئىكەن. مىسىردىكى تۇتقۇندا تۇرا تۈرمىسىدە ئېلياسجان بىلەن بىر كامېردا ياتقان ۋە كېيىن قويۇپ بېرىلگەن بالىلارنىڭ ئۇنىڭغا سۆزلەپ بېرىشىچە، ئېلياسجان تۈرمىدە داۋاملىق قىزىنىڭ سۈرىتىگە قاراپ ئولتۇرۇپ كېتىدىكەن.
«ئاپام ۋە ئاكام بولمىغان بولسا قانداق ياشار ئىدىم،» دېگەن مۇنزىرە گەرچە قۇچاقتىكى ئىككى بالىسى بىلەن كۈنلىرىنى سېغىنىش، غېرىبلىق، غەم- قايغۇ ئىچىدە ئۆتكۈزۈۋاتقان بولسىمۇ، ئەمما ئۇ ئۆزىگە ئوخشاش مىسىردىكى شۇ تۇتقۇندا ئېرى ۋە ياكى قېرىنداشلىرى تۇيۇقسىز تۇتقۇن قىلىنىپ غايىب قىلىۋېتىلگەن، ئىگە-چاقىسىز قېلىپ سەرسان ياشاۋاتقان باشقا قىز-ئاياللارغا قارىغاندا ئۆزىنى تەلەيلىك ھېسابلايدۇ. چۈنكى ھازىر ئۇنىڭ قېشىدا تۈركىيەدىكى ئاكىسىنى يوقلاش ئۈچۈن قەشقەردىن كېلىپ كېيىن يۇرتقا قايتالماي قالغان ئانىسى بار ئىكەن. ئانىسى نەۋرىلىرىگە ھەمراھ بولۇپ، ئۇلارنىڭ قېشىدا بىللە تۇرىدىكەن، ئاكىسى نۇرئەلى بولسا تىرىشىپ ئىشلەپ بۇ غېرىب ئائىلىنىڭ ھالىدىن خەۋەر ئالماقتا ئىكەن.
زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلغان مۇنزىرەنىڭ ئاكىسى نۇرئەلىمۇ ئەل-ئەزھەردە ئوقۇغان بولۇپ، مىسىردىكى تۇتقۇن باشلىنىشتىن بىر قانچە ئاي بۇرۇن تۈركىيەگە كېلىۋالغان ئىكەن. ئىلياسجاننىڭ ئۆزىگە پەقەت كۈيئوغۇللا ئەمەس، بەلكى ئەڭ يېقىن سىرداش ئاغىنىسى ئىكەنلىكىنى بىلدۈرگەن نۇرئەلى، ئېلياسجاننىڭ تۇتقۇنغا ئۇچرىشى ۋە غايىب قىلىۋېتىلىشىدىن چوڭقۇر ھەسرەت چېكىۋاتقانلىقىنى بىلدۈردى. ئۇ، «شۇ قېرىندىشىم تۇتۇلۇپ، تۈرمىلەردە ياتقاننىڭ ئورنىدا مەن ياتسام بولاتتى،» دېدى.
ئىلياسجاننىڭ تۇيۇقسىز تۇتقۇن قىلىنىپ، تا بۈگۈنگىچە خەۋىرى بولماسلىقى بىلەن چوڭقۇر قايغۇ ۋە روھىي بېسىملارغا مۇپتىلا بولغان بۇ ئائىلىنىڭ پۈتۈن يۈكى نۇرئەلىگە چۈشكەن. ئەمما ئۇ يەنىلا ئۆزىنىڭ قېرىندىشى ئىلياسجان ئۈچۈن بىر ئىش قىلىپ بېرەلمىگەنلىكىدىن ئۆكۈنىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.
ئۇ ئۆزىنىڭ ۋە ئائىلە تاۋابىئاتلىرىنىڭ شۇنداقلا ئىلياسجاننى تونۇيدىغان ئۇيغۇرلارنىڭ بىردەك ئېلياسجان خىتايغا قايتۇرۇلغان تەقدىردە، ئۇنىڭ ئاقىۋىتىنىڭ يامان بولىدىغانلىقىدىن ئەندىشە قىلىۋاتقانلىقىنى بىلدۈردى.
ئېلياسجان ۋە ئۇنىڭغا ئوخشاش مىسىردا ناھەق تۇتۇلۇپ، غايىب بولغان ئۇيغۇرلارنىڭ تەقدىرى خەلقئارالىق كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرىنىڭمۇ ئىزچىل دىققىتىنى قوزغاپ كەلمەكتە. «خەلقئارا كىشىلىك ھوقۇقنى كۆزىتىش تەشكىلاتى» خىتاي ئىشلىرى بۆلۈمىنىڭ دىرېكتورى سوفىي رېچاردسون خانىم بۈگۈن مەخسۇس بۇ ھەقتە زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلىپ، مۇنداق دېدى: «كىشىلىك ھوقۇق كۆزىتىش تەشكىلاتى مىسىردا تۇتقۇنغا ئۇچرىغان ئۇيغۇر ئوقۇغۇچىلارنىڭ تەقدىرىدىن ناھايىتى ئەندىشە قىلماقتا. گەرچە بىز ئۇلار ھەققىدە ئىنتايىن چەكلىك ئۇچۇرلارغا ئىگە بولساقمۇ، ئەمما ئۇلار ھەققىدە پۈتۈن دۇنيادىكى ئۇيغۇرلاردىن ئۇچۇر ئېلىشقا تىرىشىۋاتىمىز. تەشكىلاتىمىزنىڭ مىسىردا تۇرۇشلۇق مەزكۇر مەسىلىگە مەسئۇل خادىملىرى بۇ ئوقۇغۇچىلارنىڭ بىخەتەرلىكى كاپالەتكە ئىگە قىلىنغانغا قەدەر ئۇلارنى سۈرۈشتە قىلىشنى داۋاملاشتۇرىدۇ. ئۇلار ئۇنتۇلۇپ قالسا ھەرگىز بولمايدۇ.»
سوفىي رېچاردسون يەنە مۇنداق دېدى: «بۇ ھەقتە خىتاي ھۆكۈمىتىدىن سورالغان سوئاللار جاۋابسىز قېلىۋاتىدۇ. خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ قولىنى چەتئەللەرگىچە سوزۇپ، يەر شارى مىقياسىدا ئۇيغۇرلارنى قانۇنسىز ۋاسىتىلەر بىلەن خالىغانچە تۇتۇپ قايتۇرۇپ كېتىشىدەك ئېغىر كىشىلىك ھوقۇق دەپسەندىچىلىكى ھەممىمىزنىڭ دىققىتىنى قوزغىماقتا. بولۇپمۇ خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇرلارنى نۇقتىلىق نىشان قىلىپ، يۇقىرى بېسىملىق باستۇرۇش تەدبىرلىرىنى يولغا قويۇۋاتقانلىقى ھەقىقەتەن پەۋقۇلئاددە ئەندىشە قوزغاشقا تېگىشلىك بىر مەسىلە.»
سوفىي رېچاردسون خانىم ئاخىرىدا يەنە مىسىردا غايىب بولغان ئۇيغۇر ئوقۇغۇچىلار ھەققىدە ھازىرغىچە يېڭى مەلۇماتلارنىڭ ئاشكارىلانماسلىقى، مەزكۇر تەشكىلاتنىڭ بۇ مەسىلىگە بولغان دىققەت ئېتىبارىنىڭ تۆۋەنلىگەنلىكىدىن دېرەك بەرمەيدىغانلىقىنى ئەسكەرتتى. ئۇ، مىسىر ھۆكۈمىتى ياكى خىتاي دائىرىلىرى تەرىپىدىن غايىب قىلىۋېتىلگەن ئۇيغۇرلار ھەققىدە مەلۇماتى بار كىشىلەرنى بۇ مەسىلىگە ئالاقىدار كىشىلىك ھوقۇق ئورگانلىرىغا ئۇچۇر تەقدىم قىلىشقا چاقىردى.
0:00 / 0:00