بىر قىسىم ئۇيغۇرلارنىڭ رادىئومىزغا يەتكۈزگەن ئۇچۇرلىرى بىلەن، بۇلتۇر 30-ئاۋغۇستتىن ئېتىبارەن، مىسىردىكى تۇرا تۈرمىسىدىن غايىب بولغان 16 ئۇيغۇرنىڭ بىر قىسمىنىڭ كىملىكلىرى ئايدىڭلىشىشقا باشلىدى. مىسىردىكى تۇتقۇن باشلىنىشتىن بۇرۇن تۈركىيەگە كېلىۋالغان ئەزھەر ئوقۇغۇچىلىرىدىن ئۈمىد مۇجاھىر بۈگۈن رادىئومىزنى، تۇرا تۈرمىسىدىن غايىب قىلىنغان شۇنداقلا خىتايغا ئۆتكۈزۈپ بېرىلگەنلىكى ئىلگىرى سۈرۈلۈۋاتقان بۇ 16 ئۇيغۇرنىڭ بىرى، ئۆزىنىڭ يېقىن ئاغىنىسى شىرئەلى شىرزات ئىكەنلىكى ھەققىدە ئۇچۇرلار بىلەن تەمىن ئەتتى.
مىسىر دائىرىلىرىنىڭ ئۆتكەن يىلى ئىيۇلدا، ئۇيغۇرلارنى قارا-قويۇق تۇتقۇن قىلىش ھەرىكىتىدە تۇتقۇنغا ئۇچراپ، 2017-يىلى، 30-ئاۋغۇستتىن ئېتىبارەن قاھىرەدىكى تۇرا تۈرمىسىدىن غايىب بولغان 16 ئۇيغۇرنىڭ كۆپ قىسمىنىڭ كىملىكى تېخى ئايدىڭلاشمىغان ئىدى. يېقىندىن بۇيان بۇ ئۇيغۇرلارنىڭ خىتايغا ئۆتكۈزۈپ بېرىلگەنلىكى ھەققىدىكى ئېنىقسىز ئۇچۇرلارنىڭ تارقىلىشى بىلەن، ئۇلارنىڭ ئاقىۋىتىگە بولغان ئەندىشىلەر كۈچەيگەنلىكى مەلۇم. رادىيومىزغا بۇ ھەقتە مىسىردىكى ئۇيغۇر ئوقۇغۇچىلار ۋە مىسىردىن تۈركىيەگە كېلىۋالغان بىر قىسىم ئەزھەر ئوقۇغۇچىلىرىنىڭ مەلۇماتلاردىن، مىسىر دائىرىلىرى تەرىپىدىن تۇرا تۈرمىسىگە قامالغان ئۇيغۇر ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئىچىدە مۇختەر روزى ۋە ئېلياسجان ئابدۇراخمانلارنىڭ سالاھىيىتى ئايدىڭلاشقان بولدى.
مىسىردىكى كىشىلىك ھوقۇق ئادۋوكاتى ئىززەت غەنىي ئىلگىرى مەتبۇئاتلارغا بۇ ھەقتە بەرگەن ئۇچۇرلىرىدا، 16 غايىب ئۇيغۇرنىڭ قاتارىدا ئابدۇغوپۇر ئەھمەد، ئېلياسجان راخمان، شىرئەلى شىرزات، نۇرمەمەت ئوبۇل، شەھىدۇللا جالالىدىن، ئابدۇۋەلى، ئوسمانجان، مەھمۇد، ئادىل ھاشىم، ئابدۇرەقىپ، ئەكبەر ئوسمان، ئابدۇئېزىز، ئوسمان، ئابدۇغۇپۇر، مەھمۇد ھاجى قاتارلىق ئىسىملارنى تەمىن ئەتكەن.
مىسىر ھۆكۈمىتىنىڭ ياكى خىتاي دائىرىلىرى ھازىرغا قەدەر بۇ ئوقۇغۇچىلارنى تەقدىرى ۋە كىملىكى ھەققىدە ھېچقانداق مەلۇمات ئېلان قىلىپ باقمىدى. ئۆزىنى ئۈمىد مۇجاھىر دەپ تونۇشتۇرغان مىسىردىكى ئەل 'ئەزھەر ئۇنىۋېرسىتېتىدا ئوقۇغان، ھازىر تۈركىيەدە تۇرۇۋاتقان بىر ئۇيغۇر، مىسىر دائىرىلىرى تەرىپىدىن تۇرا تۈرمىسىگە قامالغان قىزىل رەڭلىك گۇرۇپپىغا مەنسۇپ 16 ئۇيغۇر ئوقۇغۇچىنىڭ يەنە بىرى بولغان شىرئەلى شىرزات ئىكەنلىكىنى دەلىللىدى.
شىرئەلى شىرزات، بۇ يىل 23 ياشتا، قەشقەر شەھىرىدىن، 2013-يىلى مىسىرغا ئوقۇشقا چىققان. 2014-يىلى ئەزھەرگە قوبۇل قىلىنغان. ئۇ مىسىردىكى ئۇيغۇرلارنى تۇتقۇن قىلىش باشلانغان دەسلەپكى كۈنلەردە، ئەزھەر ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ ئوقۇغۇچىلىرىدىن ئىلياسجان راخمان، بىلەن تەڭ تۈركىيەگە ماڭغاندا ھەردەقە ئايروپورتىدا تۇتۇلغان ۋە تۇرا تۈرمىسىگە قامالغاندىن كېيىن 16 قىزىل كاتېگورىيەگە بۆلۈنگەن بالىلارنىڭ قاتارىدا بۇلتۇر 1-سېنتەبىردىن باشلاپ غايىب بولغان.
شىرئەلى شىرزاتنىڭ تۇتقۇنغا ئۇچراشتىن بۇرۇن، ئۈمىد مۇجاھىرغا دەپ بېرىشىچە، ئۇنىڭ قەشقەردىكى پۈتۈن ئائىلە-تاۋابىئاتى بۇلتۇر ماي ۋە ئىيۇن ئايلىرى ئارىلىقىدا خىتاي دائىرىلىرى تەرىپىدىن تۇتۇپ كېتىلگەن ئىكەن.
ئۆتكەن يىلى سېنتەبىردە، مىسىردا تۇتقۇنغا ئۇچرىغان ئۇيغۇر ئوقۇغۇچىلارنىڭ تۇرا تۈرمىسىگە قامالغاندىن كېيىن يېشىل، سېرىق، قىزىل دەپ ئۈچ رەڭ بويىچە گۇرۇپپىلارغا ئايرىلغانلىقى، بۇلاردىن ئاخىرقى گۇرۇپپىغا، يەنى قىزىل رەڭلىك گۇرۇپپىغا مەنسۇپ 16 ئۇيغۇر ئوقۇغۇچىنىڭ 2017-يىلى، 1-سېنتەبىردىن باشلاپ غايىب بولغانلىقى مەلۇم بولغان ئىدى.
دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسلىرىدىن بىرى پەرھات مۇھەممىدى ئۆتكەن ھەپتە زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلىپ، دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى ۋە خەلقئارالىق كىشىلىك ھوقۇق ئورگانلىرىنىڭ داۋاملىق مىسىر دائىرىلىرىدىن، بۇ غايىب بولغان ئۇيغۇرلارنىڭ ئاقىۋىتىنى سۈرۈشتە قىلىشنى توختاتمايدىغانلىقىنى ئەسكەرتكەن ئىدى.
«خەلقئارا كىشىلىك ھوقۇقنى كۆزىتىش تەشكىلاتى» خىتاي ئىشلىرى بۆلۈمىنىڭ دىرېكتورى سوفىي رېچاردسون خانىممۇ بۇ ھەقتە ئۆتكەن ھەپتە مەخسۇس زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلىپ، مەزكۇر تەشكىلاتنىڭ مىسىردا تۇرۇشلۇق خادىمىنىڭ تۇرا تۈرمىسىدىن غايىب بولغان ئۇيغۇر ئوقۇغۇچىلارنىڭ بىخەتەرلىكى كاپالەتكە ئىگە قىلىنغانغا قەدەر ئۇلارنى سۈرۈشتە قىلىشنى داۋاملاشتۇرىدىغانلىقىنئى تەكىتلىگەن ئىدى.
0:00 / 0:00