مىسىردا تۇتقۇن قىلىنغان ئۇيغۇر ئوقۇغۇچىلار مىسىر ئىستىخبارات ئورگانلىرىغا ئۆتكۈزۈپ بېرىلگەن

مۇخبىرىمىز ئەركىن
2017.07.18
misirdiki-uyghur-oqughuchi.jpg مىسىردىكى ئۇيغۇر ئوقۇغۇچىلار تۇتقۇن قىلىنىۋاتقان نەق مەيداننىڭ بىرى. 2017-يىلى 5-ئىيۇل.
Social Media

مىسىر ئامانلىق دائىرىلىرىنىڭ مىسىر پايتەختى قاھىرەدىكى 5 ساقچى پونكىتىنىڭ قاماقخانىسىدا تۇتۇپ تۇرۇلۇۋاتقان بارلىق ئۇيغۇرلارنى دۈشەنبە كۈنى باشقا جايغا يۆتكەپ كەتكەنلىكى ئاشكارىلاندى.

مىسىردىكى ۋەزىيەتتىن خەۋەردار كىشىلەرنىڭ ئاشكارىلىشىچە، قاھىرەدىكى نۆزھە، سالام، مىسىر جەدىد، ئاين-شەمس ۋە قاھىرە 7‏-رايوننىڭ 1‏-ساقچىخانىسىدىكى ئۇيغۇرلارنىڭ ھەممىسىنى مىسىر ئىستىخبارات ئىدارىسى ئۆتكۈزۈۋېلىپ، باشقا جايغا يۆتكىگەن.

ئۇلارنى نېمە ئۈچۈن مىسىر ئىستىخبارات ئورگىنى ئۆتكۈزۈۋالغانلىقى، ئۇلارنىڭ قايسى جايغا ۋە نېمە مەقسەت بىلەن يۆتكەپ كېتىلگەنلىكى مەلۇم ئەمەس. تۇتقۇنلارنى مىسىر ئىستىخبارات ئورگىنىنىڭ يۆتكەپ كېتىشى نەتىجىسىدە ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئادۋوكاتىنىڭ ئۇلار بىلەن بولغان ئالاقىسى ئۈزۈلگەن.

مىسىردا تۇرۇشلۇق ۋەزىيەتتىن خەۋەردار بىر ئۇيغۇرنىڭ بىلدۈرۈشىچە، ئۇنىڭغا تۈنۈگۈن قاھىرەنىڭ نۆزھە ساقچىخانىسىدىكى 10 ئۇيغۇرلارنىڭ يۆتكەپ كېتىلگەنلىك خەۋىرى كەلگەن.

ئوقۇغۇچى: ‏-ئاقشام بارغانتۇق ساقچىخانىغا. مەن نەچچە كۈننىڭ ياغى ماشىنىدا ئايلىنىپ، 14 ساقچىخانىغا بارغانتىم، بالىلارنىڭ بار-يوقلۇقىنى ئىگىلەي دەپ. ئەڭ ئاخىرىدا بىزنىڭ بالىلاردىن ئىلگىرى-كېيىن 50 كە يېقىن بالىنىڭ ئىسمى ۋە بار يېرىنى تاپقانتىم. تۈنۈگۈن بىر ساقچىخانىغا بېرىپ، بالىلار بىلەن كۆرۈشۈپ بولغاننىڭ ياغى ساقچىخانا مۇدىر مېنى چاقىردى، ئىشخانىغا كىرسەڭ دەپ. ئىشخانىغا كىردىم، پاراڭلاشتىم. پاراڭلاشسام، سىلەر خاتىرجەم بولۇڭلار، تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى بىلەن خىتاينىڭ تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى سۆزلەشكەن. بىزنىڭ مىسىر ھۆكۈمىتى قوبۇل قىلماي، يولغا سېلىش بولۇپ قالسا بۇلارنى خىتايدىن باشقا جايلارغا يولغا سالىمىز، دەپ شۇ گەپنى قىلىۋاتىدۇ. خاتىرجەم بولۇڭلار، بىز ھازىرغىچە بىر ئادەمنىمۇ يولغا سېلىپ باقمىدۇق، دەپ شۇنداق دېدى، ساقچىخانىنىڭ باشلىقى. شۇنىڭ بىلەن بالىلار سائەت 2 دە تېلېفون قىلىپتۇ ماڭا، بىزنى خىتايغا يولغا سېلىۋېتىمىز، دەپ قولىمىزغا كويزا سېلىۋاتىدۇ دەپ. بۇ نېمە گەپتۇ دەپ دەرھال ئادۋوكاتقا تېلېفون قىلدىم. تېلېفون قىلسام، مەن تېلېفون قىلىپ سوراي دېدى. سورىسا ئۇ يەردىكى ساقچىلارمۇ بىلمەيدىكەن، شۇ جۇڭگو كونسۇلىغا ئاپىرىپ رەسىمگە چۈشىدىغان بىر ئىشلار باركەن، دېگەن خەۋەر كەپتۇ. شۇنىڭ بىلەن ئادۋوكات باش ساقچىغا تېلېفون قىلىپ باقساڭ دېدى. ماقۇل دەپ، باش ساقچىغا تېلېفون قىلسام، باش ساقچى ھېچقانداق ئىش يوق، بۇلارنى باشقا جايغا يۆتكەپ ئەكىتىدۇ، دەپ شۇنداق دېدى.

مۇخبىر: ‏-سىز بايا ئېيتقان قاھىرەدىكى ئۇ نۈزھە دېگەن ساقچى پونكىتىدا تۇرۇۋاتقان قانچە بالا بار ئىدى؟

ئوقۇغۇچى: ‏-ئون ئۇيغۇر بار ئىدى. يەنە بىر ساقچىخانا بار ئىدى، ئۇ يەردە 16 بالا بار ئىدى. 16 بالا ئىسىملىرىنى بېرىپتۇ، لېكىن قورقۇپ بەزىلەر ئىسمىنى توغرا بەرمەپتۇ. خاتا ئىسىم چىقارغانلا بار. مىسىر جەدىد دەپ يەنە بىر ساقچىخانا بار، ئۇ يەردە 120 دەك بالا بار، ئۇنىڭدىن كېيىن ئايىن شەمس دەپ يەنە بىر ساقچىخانا بار، ئۇ يەردە 10 دەك بالا بار. ئۇنىڭدىن كېيىن ماۋۇ 7‏-رايون ساقچىخانىسىدىمۇ بالىلار بار. سالام ساقچىخانىسى دېگەن يەردە بار. ھەممىسىنى يىغساق شۇ 40 نەچچە بالا بولىدىكەن. مېنىڭ قولۇمدا 40 تەك بالا بار.

مۇخبىر: ‏-ھازىر بۇلارنى نەگە ئېلىپ كەتكەنلىكى مەلۇم ئەمەس؟

ئوقۇغۇچى: ‏-ھەئە، مەلۇم ئەمەس. ئۇنىڭدىن كېيىن ماۋۇ ئىسكەندىرىيە ئايرودرومىدىكى بالىلارنى قايتۇرۇپ ئەكەلدى، دەۋاتاتتى. لېكىن ئەكەلگەن-ئەكەلمىگەنلىكىدىن ئېنىق خەۋەر تاپالمايۋاتىمىز. شى ئايرودرومىغا ئەكېلىمىز دەپتىكەن. نۈزھەدىكى بالىلار ماڭا، خىتاي كونسۇلىغا ئاپىرىپ شۇ يەردىن يولغا سېلىۋېتىدىكەن دېگەن. ئەمما ئادۋوكاتنىڭ دېيىشىچە، ئۇنىڭغا نەچچە خىل گەپنى قىپتۇ. بىرى، يۆتكىۋەتتۇق دەپتۇ. بىرى، كونسۇلخانىغا ئېلىپ ماڭدۇق دەپتۇ. ھازىر بۇ ئىشنى ھېچقانداق ئادەم بىلمەيدىكەن. ئالىكساندرىيەدىن ئېلىپ كەلگەنلەرنى راست ئەكەلدىمۇ-ئەكەلمىدىمۇ ئۇنىڭغىمۇ ئېنىق خەۋەر يوق. ئەمما، بالىلار بىزگە تېلېفون قىلدى. ئۇ يەردىكى 16 بالىنى 8 دىن، 8 دىن ئېلىپ ماڭدى دەپ.

مىسىردىكى ۋەزىيەتتىن خەۋەردار مەزكۇر ئوقۇغۇچى بۇ خەۋەرنى بىزگە تۈنۈگۈن يەتكۈزگەن ئىدى. ئۇ بۈگۈن بىزگە يۇقىرىقى ئۇيغۇرلارنى مىسىر ئىستىخبارات ئورگىنىنىڭ ئېلىپ كەتكەنلىكىنى، بىراق ئۇلارنى قەيەردە تۇتۇپ تۇرۇۋاتقانلىقى مەلۇم ئەمەسلىكىنى بىلدۈردى.

ئوقۇغۇچى: ‏-ئەمدى ئاكا، ھازىر پۈتۈن ساقچىخانىدىكى بالىلارنى مۇشۇ (مىسىر) ئىستىخبارات مەركىزىگە توپلاپتۇ. ئەتىگەننىڭياقى شۇلارنى ئاڭلىدىم. ئۇياق-بۇياققا مېڭىپ، كۆرۈشىدىغان ئادەملەر بىلەن كۆرىشىۋاتىمىز. ئادۋوكاتلىرىمىز، ئاقىۋىتى ياخشى بولار دەپ ئويلاۋاتىدۇ. خاتىرجەم بولۇڭلار، بىر يەرگە يىغقانلىرىنىڭ ئۆزى ياخشى خەۋەر بولۇپ قالار. خىتايغا يولغا سېلىۋەتتى دېگەن گەپلەرنىڭ ئاساسى يوقتۇ. بىراق، بۇنىمۇ يوق دېگىلى بولمايدۇ. ئىشقىلىپ قانداقلىكى بولسا، تەدبىر ئېلىپ قويۇشىمىز كېرەك دەپ شۇ گەپلەرنى قىلدى ماڭا.

مۇخبىر: ‏-ئۇ تونۇش ‏-بىلىش ساقچىلىرىڭىز بىلەن كۆرۈشتىڭىزمۇ؟ بۇ گەپلەرنىڭ راست ‏-يالغانلىقىنى سوراپ؟

ئوقۇغۇچى: ‏-ھەئە، كۆرۈشۈۋاتىمىز. ئۇلار شۇ ئادۋوكاتقا تېلېفون قىلىپ، ئادۋوكات ئارقىلىق مەن بىلەن كۆرۈشۈۋاتىدۇ.

مۇخبىر: ‏-ئۇيغۇر بالىلارنى قايسى ئىستىخبارات ئورگىنى يىغىۋالدى. دۆلەت ياكى ساقچى ئىستىخباراتىمۇ؟ ئۇلارنى ئاشۇ قاھىرەدىكى مەركىزىگە يىغىۋاپتىمۇ؟ ئېنىقمىكەن شۇ يەرگە يىغىۋالغىنى؟

ئوقۇغۇچى: ‏-دۆلەت ئىستىخبارات ئورگىنى. شۇ مەركەزگە، ئاشۇ يەرگە يىغىۋالغىنى ئېنىقراقكەن. چۈنكى، تۇتۇش بۇيرۇقىنى بەرگەنلەر شۇلاركەن. ئۇلار ئۆزى تۇتۇپ، ساقچىخانىلارنىڭ تۇتۇپ تۇرۇشىغا بەرگەن. ئاندىن كېيىن ساقچىخانىلاردىن توپلاپ ئېلىپ كەتكەن. 4-5 ساقچىخانا بار ئىدى. ھەممىسىنى شۇ يەرگە يىغىۋالغان ئىدى. ئۇلارنى نەگە يىغىۋالغانلىقىدىن ئېنىق مەلۇماتىمىز يوق. بەزى مەلۇماتلاردا شۇ ئىستىخبارات مەركىزىنىڭ نېمىسىگە توپلاغلىق دەپ خەۋەر كەلدى. ئەمما، راستمۇ-يالغانمۇ بىلمىدۇق. ئادۋوكاتنىڭ دېيىشىچە، تۇتۇشقا بۇيرۇقنى شۇلار بەرگەندىن كېيىن، شۇلار ئۆزلىرى يەنە توپلاپ، قانداق قىلىشنى ئويلىشىۋاتقان بولۇشى مۇمكىن. ئەگەر يولغا سېلىۋېتىش بولۇپ قالسا، ئۇلارنىڭ پاسپورتلىرىنى تەلەپ قىلاتتى دەيدۇ. پاسپورتلىرىنى بەرمىگەن بالىلارمۇ بار ئەمەسمۇ، چۈنكى بەزى بالىلارنىڭ پاسپورتىنى قولىغا تاپشۇرۇپ بەرمىدۇق ئەمەسمۇ، قولىغا تاپشۇرۇپ بېرىپ قالساق، يولغا سېلىۋېتىش ئېھتىماللىقى جىقراق دەپ، پاسپورتىنى ئاپىرىپ بەرمىگەنتۇق بىز بالىلارنىڭ.

مىسىر قاماقخانىلىرىدىكى ئۇيغۇر ئوقۇغۇچىلارنى مىسىر ئىستىخبارات ئورگىنىنىڭ ئېلىپ كېتىشى دەرھال كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرىنىڭ دىققىتىنى قوزغىدى. خەلقئارا كەچۈرۈم تەشكىلاتىنىڭ مىسىر ئىشلىرىغا مەسئۇل خادىمى ھۈسەيىن بايۈن، بۇنى «يامانلىقنىڭ بېشارىتى» دەپ كۆرسەتتى.

ئۇ مۇنداق دەيدۇ: «بۇ بىر يامانلىقنىڭ بېشارىتى. چۈنكى، بۇ خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ مىسىر دائىرىلىرىگە ئېغىر بېسىم ئىشلەتكەنلىكىنىڭ سىگنالى. مىسىرنىڭ بۇرۇن ھەرىكەتلىرىدىن قارىغاندا ئۇ بۇ خىل ۋەقەلەرنى ھېچقاچان ياخشى بىر تەرەپ قىلمىغان. ئەگەر بۇ راست بولسا، بۇ ياخشىلىقنىڭ بېشارىتى ئەمەس. ئۇلارنى خىتايغا ئۆتكۈزۈپ بېرىش ئېھتىماللىقى مەۋجۇت. مىسىر ھۆكۈمىتى ھازىرغا قەدەر بۇ ئىشقا غەيرىي رەسمىي ئىپادە بىلدۈرۈپ كەلدى. مىسىر خەلقئارا مۇساپىرلار ئەھدىنامىسىگە ئىمزا قويغان دۆلەت بولسىمۇ، بىراق مىسىر ئىچكى ئىشلار مىنىستىرلىقىنىڭ بىر ئەمەلدارى، مىسىر ھۆكۈمىتى ئۇلارنىڭ قانۇنى ئەھۋالىنى كۆزدىن كەچۈرىدىغانلىقىنى ۋە ئۇلارنى شۇنىڭغا قاراپ يولغا سالىدىغانلىقىنى ئىپادىلىگەن. خەلقئارا قانۇندا مىسىر خىتايغا قايتۇرۇلسا ھاياتى تەھدىتكە ئۇچرايدىغان كىشىلەرنى قايتۇرسا بولمايدۇ. چۈنكى، خىتايغا قايتۇرۇلغان بەزى ئوقۇغۇچىلارنىڭ 15 يىللىق قاماق جازاسىغا ھۆكۈم قىلىنغانلىقى بىزگە مەلۇم.»

ھۈسەيىن بايۈننىڭ بىلدۈرۈشىچە، ئۇلارنى ھازىر ئەندىشىگە سېلىۋاتقان مەسىلە، مىسىر ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇر ئوقۇغۇچىلارنى نېمە ئۈچۈن تۇتقۇن قىلغانلىقى، تۇتقۇنلارنىڭ ئەھۋالىنىڭ ئوچۇق-ئاشكارا ئەمەسلىكى ئىكەن.

ئۇ: «ئۇلارنىڭ ئەھۋالى بەك ناچار. مىسىر دائىرىلىرى ئەزھەر ئۇنىۋېرسىتېتىدا ئوقۇۋاتقان ئۇيغۇر ئوقۇغۇچىلارنى يىغىۋېلىشقا باشلىغاندىن بۇيان، 150 دىن 220 گىچە ئۇيغۇر تۇتقۇن قىلىنغان. ئۇلارنىڭ ئىچىدىكى 12 دىن 23 كىچە ئۇيغۇر قولغا ئېلىنغان. بۇ يەردىكى ئەڭ چوڭ مەسىلە، مىسىر ھۆكۈمىتى تۇتقۇنلار توغرىسىدا ئوچۇق-ئاشكارا بولمىدى. ئادۋوكاتلارنىڭ تۇتقۇن قىلىنغان ئوقۇغۇچىلار بىلەن ئالاقە قىلىشىغا يول قويۇلمىدى. ھۆكۈمەت بۇ ئوقۇغۇچىلار قەيەردە، ئۇلارنىڭ تەقدىرى قانداق بولىدۇ، ئۇلار خىتايغا مەجبۇرىي قايتۇرۇلامدۇ ياكى بۇنچىلىك ئوقۇغۇچى نېمىگە ئاساسەن تۇتقۇن قىلىندى دېگەن سوئاللارغا جاۋاب بەرمىدى. مىسىر بىلەن خىتاينىڭ تۇتقۇنلارنىڭ كىشىلىك ھوقۇقىغا خىلاپلىق قىلىش كەچمىشىدىن قارىغاندا، بۇ ئەھۋال ھەقىقەتەن كىشىنى ئەنسىرىتىدۇ» دېدى.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.