بۈگۈن ئامېرىكىدىكى ئوتتۇرا شەرق تەتقىقات جەمئىيىتى مىسىردا قولغا ئېلىنغان ئۇيغۇر ئوقۇغۇچىلارنىڭ خىتايغا قايتۇرۇلۇش مۇناسىۋىتى بىلەن مىسىر ھۆكۈمىتىگە ئوچۇق خەت ئەۋەتىپ، مىسىر ھۆكۈمىتىنىڭ بۇ خىلدىكى قانۇنسىز قىلمىنى دەرھال توختىتىشنى تەلەپ قىلدى.
مۇشۇ ئاينىڭ بېشىدا مىسىر ساقچىلىرىنىڭ مىسىردا ئوقۇۋاتقان ئۇيغۇر ئوقۇغۇچىلارنى قولغا ئېلىشى باشلانغاندىن بۇيان خەلقئارادا بۇ ھەقتىكى غۇلغۇلا بارغانسېرى كۈچەيدى. بولۇپمۇ دەسلەپكى قەدەمدە ئون ئىككى ئوقۇغۇچىنىڭ خىتايغا قايتۇرۇلغانلىقى ھەققىدىكى خەۋەرلەر تارقالغاندىن كېيىن خەلقئارا جەمئىيەت بۇنىڭغا جىددىي ئىنكاس قايتۇرۇشقا باشلىدى. دەسلەپ بولۇپ «خەلقئارا كەچۈرۈم تەشكىلاتى» 7-ئىيۇل كۈنى جىددىي مۇراجىئەتنامە چىقىرىپ خەلقئارا جامائەتنى ئۇيغۇر ئوقۇغۇچىلار مەسىلىسىدە مىسىر ھۆكۈمىتىنىڭ ئالىي رەھبەرلىك قاتلىمىغا خەت يېزىشقا ھەمدە ئۇيغۇرلارنى قولغا ئېلىشنى توختىتىشقا چاقىردى. ئەتىسى، يەنى 8-ئىيۇل كۈنى «ئىنسان ھەقلىرىنى كۆزىتىش تەشكىلاتى» بايانات ئېلان قىلىپ، مىسىر ھۆكۈمىتىنى قولغا ئېلىنغان ئوقۇغۇچىلارنى خىتايغا قايتۇرماسلىققا چاقىردى. شۇنىڭ بىلەن بىرگە ئەل ئەزھەر ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ ئالىي رەھبىرى بولغان ئەخمەد ئەل تەيىبكە ئوچۇق خەت ئەۋەتىپ، ئۇنىڭدىن بۇ مەسىلە ھەققىدە مىسىر ھۆكۈمىتىگە بېسىم ئىشلىتىشنى تەلەپ قىلدى.
بۈگۈن باش ئورگىنى ئامېرىكىدىكى «ئوتتۇرا شەرق تەتقىقات جەمئىيىتى» مىسىر ئەرەب جۇمھۇرىيىتىنىڭ پرېزىدېنتى ئابدۇل فەتتا سىسى ۋە مىسىرنىڭ تاشقى ئىشلار مىنىستىرى سامى شۈكۈرگە مەكتۇپ يوللاپ، مىسىردا قولغا ئېلىنغان ئۇيغۇر ئوقۇغۇچىلار مەسىلىسىنى يەنە بىر قېتىم جىددىي سۈرۈشتە قىلدى. مەلۇم بولۇشىچە بۇ خەتنىڭ بىر كۆپەيتمە نۇسخىسى يەنە مىسىرنىڭ ئامېرىكىدىكى باش ئەلچىسى ياسىر رېداغا ئەۋەتىلگەن.
بۇ مەكتۇپتا ئۇيغۇر ئوقۇغۇچىلارنىڭ مىسىردا قولغا ئېلىنىشى ھەمدە ئۇلارنىڭ شۇ ۋاقىتتىكى ھەقىقىي ئەھۋالى يەنە بىر قېتىم ئەسلەپ ئۆتۈلگەن. مەزكۇر مەكتۇپقا ئىمزا قويغان ئىككى كىشىنىڭ بىرى، «ئوتتۇرا شەرق تەتقىقات جەمئىيىتى» نىڭ رەئىسى، نيۇ يورك شەھەرلىك ئۇنىۋېرسىتېتنىڭ پروفېسسورى دوكتور بېس بارون خانىم بۇ ھەقتىكى زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلغاندا بۇ ھەقتە قىسقىچە توختىلىپ، ئۆزلىرىنىڭ بۇ مەكتۇپنى يېزىپ چىقىشى ھەققىدە مەلۇمات بەردى.
«سىز تىلغا ئالغان مەكتۇپنى ‹ئوتتۇرا شەرق تەتقىقات جەمئىيىتى› گە قاراشلىق ‹ئىلمىي تەتقىقات ئەركىنلىكى كومىتېتى› تەييارلىدى. بۇ كومىتېت ئوتتۇرا شەرق ۋە شىمالىي ئامېرىكىدىكى ئىلمىي تەتقىقات ساھەسىدە مەۋجۇت بولۇۋاتقان ئەركىنلىككە مۇخالىپ ئەھۋاللارنى يېقىندىن كۆزىتىپ كېلىۋاتقان بەكمۇ ئاكتىپ بىر تەشكىلات. مەزكۇر كومىتېتنىڭ ئەزالىرى ئىلمىي تەتقىقات ئەركىنلىكىنىڭ بوغۇلۇپ قېلىش ئەھۋالىنى، بۇ ئەھۋاللارنىڭ مىسىر ھەمدە ئوتتۇرا شەرقتىكى باشقا مەملىكەتلەردە قانداق شەكىللەردە ئوتتۇرىغا چىقىۋاتقانلىقىنى كۆزىتىپ كېلىۋاتقاندا بۇ ئىش ئوتتۇرىغا چىقتى. مىسىردا ئوقۇۋاتقان بۇ ئۇيغۇر ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئەھۋالى قانداق بولۇپ بىزنىڭ دىققىتىمىزنى تارتقانلىقىنى ھازىر تەپسىلىي ئەسلىيەلمەيۋاتىمەن، لېكىن بىز مىسىردىكى بۇ ئەھۋاللارنى يېقىندىن كۆزىتىپ كېلىۋاتقان ئىدۇق. شۇڭا بۇ ئەھۋاللاردىن ھازىر بەكمۇ ئەندىشە قىلىۋاتىمىز.»
پروفېسسور بېس بارون ئۇيغۇرلارنىڭ ئىسلام دىنىدىكى سۈننىي مەزھىپىگە تەۋە مۇسۇلمانلار ئىكەنلىكىنى، بۇ جەھەتتە مىسىردىكى مۇسۇلمانلار بىلەن ئوخشاشلىققا ئېگە ئىكەنلىكىنى تەكىتلىگەچ بۇ خىل ئەھۋاللارنىڭ يۈز بېرىشىدە دىنىي ئورتاقلىققا قارىغاندا ھۆكۈمەتلەر ئارا زۆرۈر بولىدىغان مەنپەئەت مەسىلىسىنىڭ بەكرەك ئاخىرقى نەتىجىنى بەلگىلەيدىغانلىقىنى تىلغا ئالدى.
«بىز سۆزلىشىۋاتقان بۇ مەسىلىدە مېنىڭچە ئوخشاش بولمىغان سۈننىي مۇسۇلمانلىرى ئوتتۇرىسىدىكى دىنىي مۇناسىۋەت ئەمەس، بەلكى ھەرقايسى تەرەپنىڭ ھۆكۈمەتلىرى ئوتتۇرىسىدىكى مۇناسىۋەت بەكرەك مۇھىم رول ئوينىدى. چۈنكى مىسىر ھۆكۈمىتى ھازىر ھەرقانداق بىر ئاممىۋى ھەرىكەتنىڭ ئوتتۇرىغا چىقىشىنى زىنھار خالىمايدۇ، شۇنداقلا بۇ خىل خاھىشنى قاتتىق كونترول قىلىۋاتىدۇ. بولۇپمۇ ھاكىمىيەتكە چېتىلىش ئېھتىمالى بولغان ھەرقانداق ھەرىكەتكە قارىتا شۇنداق مۇئامىلىدە بولۇۋاتىدۇ. بۇ جەھەتتە مىسىر ھۆكۈمىتى خىتاي ھۆكۈمىتى بىلەن ھەمكارلىشىشقا تەشنا بولغان ھالەتتە، دېسەكمۇ خاتالاشمايمىز. يەنە بىر جەھەتتىن ئىقتىسادىي مۇناسىۋەت مىسىر ھۆكۈمىتى ئۈچۈن بەكمۇ زور دەرىجىدە ئەھمىيەتلىك ۋە مۇھىم بولۇۋاتىدۇ. شۇنىڭ ئۈچۈن مىسىر ھۆكۈمىتى خىتاي بىلەن بولغان بۇ خىل ئىقتىسادىي مۇناسىۋىتىنى داۋاملىق ياخشىلاشقا ھەمدە ئۇ راۋاجلاندۇرۇشقا موھتاج. مانا مۇشۇ ئېھتىياج مۇشۇ قېتىمقى ۋەقەدە مىسىر ھۆكۈمىتىنىڭ بۇ ئوقۇغۇچىلارنى ئۆتكۈزۈپ بېرىشنى قارار قىلىشىدا ھەل قىلغۇچ رول ئوينىغان.»
مەزكۇر ئوچۇق خەتتە مىسىر تەرەپنىڭ بۇ ئۇيغۇر ئوقۇغۇچىلارنىڭ ۋىزا مەسىلىسىدىكى گۇمانلار ھەققىدە ئېيتقانلىرى بىردەك رەت قىلىنىدۇ، شۇنىڭدەك بۇ ئوقۇغۇچىلارنى قولغا ئېلىشنىڭ خىتاي تەرەپنىڭ تەلىپى بويىچە ئوتتۇرىغا چىققانلىقى ئېيتىلىدۇ. بۇ مەكتۇپتا ئالاھىدە تەكىتلەنگەن يەنە بىر نۇقتا 2009-يىلىدىن بۇيان خىتاي دائىرىلىرىنىڭ تولىمۇ قاتتىق بولغان دىنىي چەكلىمە سىياسەتلىرىنى يولغا قويۇۋاتقانلىقى، بۇنىڭ بىلەن ئۇيغۇرلارنىڭ نورمال دىنىي پائالىيەتلىرى بىلەن يۇغۇرۇلۇپ كەتكەن مەدەنىيەت ئامىللىرىنىڭ چەكلەش تىزىملىكىگە كىرگەنلىكى، ئەمما خىتاي دائىرىلىرىنىڭ بۇ تەدبىرلەرنى «تېرورلۇقنىڭ ئالدىنى ئېلىش چارىلىرى» دېگەن نامدا نىقاپلاۋاتقانلىقى بولغان. مەكتۇپتا يېزىلىشىچە، خىتاينىڭ ئاشۇ خىلدىكى سىياسەتلىرى تۈپەيلىدىن ئۆز يۇرتىدا دىنىي ئوقۇش بىلەن مەشغۇل بولۇش ئىمكانىيىتىگە ئېرىشەلمىگەن بۇ ئۇيغۇر ئوقۇغۇچىلار مىسىرغا كېلىپ سۈننىي مەزھىپىدىكى مۇسۇلمانلارنىڭ قەلبىدە تولىمۇ يۈكسەك ئورۇن تۇتىدىغان ئەل ئەزھەر ئۇنىۋېرسىتېتىغا ئوقۇشقا كىرگەن.
بىز خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ بۇ ئوقۇغۇچىلارنى قايتۇرۇپ كېتىشتە «ئۇلارنىڭ چەتئەللەردىكى تېررورلۇق ياكى ئەسەبىي گۇرۇھلىرىغا چېتىلىپ قېلىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئۈچۈن شۇنداق بولدى» دېگەننى سەۋەب قىلىپ كۆرسەتكەنلىكىنى تىلغا ئالغىنىمىزدا پروفېسسور بېس بارون بۇنىڭ پەقەت بىر تۈرلۈك باھانە ئىكەنلىكىنى ئېيتتى. ئۇ بۇ ھەقتە مۇنداق دېدى:
«بۇ كۆپلىگەن ھاكىممۇتلەق دۆلەتلەر ھەرقاچان قوللىنىپ كېلىۋاتقان بىر ئىستراتېگىيە، خالاس. ئۇلار ھەرقاچان خالىغان بىر ئۆكتىچى تەرەپنى ئۇلارنىڭ تىنچلىق بىلەن ئوتتۇرىغا چىققانلىقى ياكى باشقىچە شەكىلدە ئۆزىنى ئىپادىلىگەنلىكىگە قارىماستىن پىكرى ئۆزىگە ئوخشىمىسىلا ئۇلارغا ‹تېررورچى› ياكى ‹ئەسەبىي› دېگەن قالپاقنى كىيگۈزىدۇ ھەمدە شۇ ئارقىلىق ئۇلارنى يوقىتىپ تاشلايدۇ، شۇنىڭ بىلەن بىرگە ئاشۇ گۇرۇپپا ۋەكىللىك قىلىۋاتقان ھەرىكەتنىمۇ ئۆچۈرۈۋېتىدۇ. بۇ ھال ئوتتۇرا شەرقتىكى دۆلەتلەردە، شۇنداقلا دۇنيادىكى مۇستەبىتلىك ھۆكۈم سۈرگەن جايلاردا بەكلا ئومۇملاشقان بىر ئىستراتېگىيە. ھالبۇكى، بۇ خىل ‹تېررورلۇق› قالپىقى كىيگەنلەرنىڭ قانداق تېررورلۇق قىلغانلىقىغا قارىساق بۇنىڭ شەرھىسىنىڭ بەكمۇ غۇۋا ئىكەنلىكىنى بايقايمىز. دىكتاتورلار ھەرقاچان مۇشۇنداق بىر ئۇقۇمنى تىكلىۋالغاندىن كېيىن، ئاشۇ خەلقنى باستۇرۇشقا يۈزلىنىدۇ، بۇنىڭ بىلەن پۇقراۋىي ھوقۇق ۋە كىشىلىك ھوقۇق دېگەنلەر بىردەمدىلا پايخان بولىدۇ.»
مەزكۇر مەكتۇپتا مىسىر ھۆكۈمىتىنى ئالاھىدە دىققەت قىلىشقا چاقىرغان يەنە بىر نۇقتا بولسا 2016-يىلى ۋە 2017-يىلى خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ مىسىردىكى ئۇيغۇر ئوقۇغۇچىلارنى قايتىپ كېلىشكە بۇيرۇق قىلغانلىقى، بۇيرۇققا بويسۇنمىغانلارنىڭ ئاتا-ئانا ياكى ئۇرۇق-تۇغقانلىرىغا جازا بېرىلىدىغانلىقىنى پەش قىلغانلىقى، نەتىجىدە بۇ بۇيرۇققا بويسۇنۇپ قايتقانلارنىڭ «ئەسەبىيلىك» كە باغلىنىپ قولغا ئېلىنغانلىقىدۇر. خەتتە ئالاقىدار مەنبەلەردىن نەقىل كەلتۈرۈپ، بىر قىسىم ئوقۇغۇچىلارنىڭ مەجبۇرىي يوسۇندا «ئۆزلىرىنىڭ ئەسەبىي تەشكىلاتلارغا قاتناشقانلىقى» ھەققىدىكى يازما باياناتلارغا ئىمزا قويغانلىقى، بۇنىڭ بىلەن خىتاي دائىرىلىرىنىڭ ئۇلارغا ئاسانلا ھەرتۈرلۈك جىنايەتلەرنى بېكىتىش ئىمكانىيىتىگە ئېگە بولىدىغانلىقى تەكىتلىنىدۇ. مەكتۇپتا باشقا خەلقئارا تەشكىلاتلارنىڭ دوكلاتلىرىدىن نەقىللەر كەلتۈرۈلۈپ، بۇ خىل قولغا ئېلىشنىڭ خىتايدا بەكمۇ كەڭ ئەۋج ئالغان بىر قىلمىش ئىكەنلىكى ئەسكەرتىلىپ، مىسىر ھۆكۈمىتىنى بۇ خىل يوسۇندا قايتۇرۇلغان ئوقۇغۇچىلارنى ھەرقاچان ئېغىر جازا كۈتۈپ تۇرغانلىقى بىلەن ئاگاھلاندۇرىدۇ.
بۇ ھەقتە سۆز بولغاندا پروفېسسور بېس بارون مۇنداق دېدى:
«بىز ھازىر بۇ ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئامانلىقىدىن بەكمۇ ئەندىشە قىلىۋاتىمىز. چۈنكى جەمئىيىتىمىزنىڭ تۈپ پىرىنسىپى ئىلمىي تەتقىقات ئەركىنلىكىنى قوغداش، شۇنىڭدەك مۇشۇ خىلدىكى ئوقۇغۇچىلارنىڭ بىلىم ئېلىش ھەققىنى ھىمايە قىلىشتۇر. شۇنىڭ بىلەن بىرگە بۇ ئوقۇغۇچىلار خىتايغا قايتۇرۇلسا ئۇلار دۇچ كېلىدىغان مۈشكۈلاتلار، جۈملىدىن ئۇيغۇر مىللىتىنىڭ بىر ئاز سانلىق مىللەت سۈپىتىدە ھەر دائىم زىيانكەشلىككە ئۇچراپ كېلىۋاتقانلىقىدەك رېئاللىق بىزنى بىئارام قىلىۋاتىدۇ. چۈنكى ئىلگىرىمۇ مۇشۇ خىلدىكى ئوقۇغۇچىلارنىڭ قولغا ئېلىنىش، قىيناققا دۇچار بولۇش، ئاخىرىدا غايىب بولۇپ كېتىش ئەھۋالى كۆپ قېتىم كۆرۈلگەن. شۇنىڭ ئۈچۈن ئۇلارنىڭ ئامانلىقى بىزنى ھەممىدىنمۇ بەكرەك ئەندىشىگە سېلىۋاتىدۇ.»
مەلۇم بولۇشىچە، نۆۋەتتە مىسىر ساقچىلىرى قولغا ئالغان ئۇيغۇر ئوقۇغۇچىلارنىڭ سانى ئاز دېگەندىمۇ 120 دىن ئاشىدىغان بولۇپ، بەزى مەنبەلەر بۇ ساننى 200 ئەتراپىدا، دەپ تەخمىن قىلماقتا.
0:00 / 0:00