«خەلقئارا دىنىي ئەركىنلىك كومىتېتى» مىسىر ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇر ئوقۇغۇچىلارنى خىتايغا قايتۇرۇشىنى ئەيىبلىدى

0:00 / 0:00

مىسىردىكى ئۇيغۇر ئوقۇغۇچىلارنىڭ قولغا ئېلىنىشى باشلانغاندىن بۇيان، خەلقئارادىكى ھەر دەرىجىلىك ئورگانلار مىسىر ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇر ئوقۇغۇچىلارنى خىتايغا قايتۇرۇپ بەرمەسلىكىنى ھەمدە ئوقۇغۇچىلارغا قارىتىلغان تۇتقۇننى توختىتىشنى تەلەپ قىلىپ كەلدى. شۇ قاتاردا ئامېرىكىدىكى «خەلقئارا دىنىي ئەركىنلىك كومىتېتى»مۇ بايانات ئېلان قىلىپ، مىسىر ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇر ئوقۇغۇچىلارنى خىتايغا قايتۇرۇپ بېرىش قىلمىشىنى قاتتىق ئەيىبلىدى.

ئىيۇل ئېيىنىڭ باشلىرىدىن تارتىپ مىسىردىكى ئەل ئەزھەر ئۇنىۋېرسىتېتىدا ئوقۇۋاتقان ئۇيغۇر ئوقۇغۇچىلارنىڭ قولغا ئېلىنىشى ھەمدە بىر قىسمىنىڭ خىتايغا قايتۇرۇلۇشى ھەققىدىكى خەۋەرلەر خەلقئاراغا مەلۇم بولۇشقا باشلىدى. شۇنىڭدىن بۇيان قولغا ئېلىنغان ھەمدە خىتايغا قايتۇرۇلۇشقا باشلىغان ئۇيغۇر ئوقۇغۇچىلار سانىنىڭ ئېشىپ بېرىۋاتقانلىقى سەۋەبىدىن خەلقئارالىق تەشكىلاتلار، جۈملىدىن «ئىنسان ھەقلىرىنى كۆزىتىش تەشكىلاتى»، «خەلقئارا كەچۈرۈم تەشكىلاتى»، «ئوتتۇرا شەرق تەتقىقات جەمئىيىتى» قاتارلىقلار ئاشكارا باياناتلار ياكى ئوچۇق خەت ئېلان قىلدى. بۇ يازمىلاردا بىردەك ئۇيغۇرلارنىڭ ئومۇمى ئەھۋالى ئەسلەپ ئۆتۈلۈش بىلەن بىرگە، مىسىر ھۆكۈمىتىنىڭ قولغا ئېلىنغان ئۇيغۇر ئوقۇغۇچىلارنى خىتايغا قايتۇرۇپ بېرىش قىلمىشىنىڭ ھېچقانداق خەلقئارالىق قانۇنغا ياكى ئەقەللىي ئىنسان ھەقلىرى مىزانلىرىغا ئۇيغۇن ئەمەسلىكى كۆرسىتىلگەن ئىدى.

ئۆتكەن ھەپتىدىن باشلاپ مىسىردا قولغا ئېلىنغان ئۇيغۇر ئوقۇغۇچىلاردىن يەنە بىر تۈركۈمىنىڭ خىتايغا قايتۇرۇلغانلىقى، قولغا ئېلىنغان ئۇيغۇر ئوقۇغۇچىلارنىڭ بىر قىسمىنى تورا تۈرمىسىدە خىتاي ساقچىلىرىنىڭ سوراق قىلىۋاتقانلىقى ھەمدە ئۇلارنىڭ ئىنتايىن ناچار تۇرمۇش شارائىتىدا قىينىلىۋاتقانلىقى ھەققىدىكى خەۋەرلەر تارقالدى. بۇنىڭ بىلەن مىسىردىكى ئوقۇغۇچىلارنىڭ ھەق-ھوقۇقلىرىنى قوغداش ساھەسى بويىچە تونۇلغان بىر قىسىم يەرلىك ئادۋوكاتلار ئۇيغۇر ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئىزدەك-سورىقىنى قىلىش مەقسىتىدە ناسىر شەھىرىدىكى ئىككى ساقچىخانا ۋە تورا تۈرمىسىگە بارغاندا ساقچىلار «بۇ يەردە ھېچقانداق ئۇيغۇر ئوقۇغۇچى مەۋجۇت ئەمەس» دېگەن جاۋابنى بەرگەن. بۇنىڭ بىلەن مىسىر ھۆكۈمىتىنىڭ تېخىچە بۇ جەھەتتە ئىنكار مەيدانىدا تۇرۇۋاتقانلىقى ئايان بولۇپ، قولغا ئېلىنغان ئوقۇغۇچىلارنىڭ كېيىنكى تەقدىرىنىڭ قانداق بولۇشى ھەققىدىكى ئەندىشىلەرگە يەنە بىر قارا سايە تاشلاندى.

مىسىردىكى قولغا ئېلىنغان ئۇيغۇر ئوقۇغۇچىلارنىڭ كەلگۈسى ھەققىدىكى ئەندىشىلەر كۈچىيىۋاتقان مۇشۇنداق بىر پەيتتە، يەنى ئۆتكەن جۈمە كۈنى (3-ئاۋغۇست) ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسىگە قاراشلىق «ئامېرىكا خەلقئارا دىنىي ئەركىنلىك كومىتېتى» جىددىي بايانات ئېلان قىلىپ، مىسىر ھۆكۈمىتىنىڭ قولغا ئېلىنغان ئۇيغۇر ئوقۇغۇچىلارنى خىتايغا قايتۇرۇپ بېرىشىنى «مەسئۇلىيەتسىزلىك ۋە دۈشمەنلىك ھەرىكىتى» دەپ ئەيىبلىدى.

مەزكۇر كومىتېتنىڭ رەئىسى دەنىيل مارك (Daniel Mark) بۇ ھەقتە قىلغا سۆزىدە «كومىتېتىمىز 2017-يىللىق دوكلاتتا مىسىرنى ئالاھىدە ئەندىشىلىك دۆلەتلەر قاتارىغا ئالماسلىقنى تەۋسىيە قىلغان ئىدى. ئەمما مىسىر ھۆكۈمىتىنىڭ يېقىنقى ھەرىكىتى ئۇلارنىڭ ئۇيغۇر مۇسۇلمانلار جامائىتىنى نەزەر-كۆزىگىمۇ ئىلىپ قويمىغانلىقىنى كۆرسەتمەكتە» دەيدۇ. بىزنىڭ بۇ ھەقتىكى مەخسۇس زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلغان رەئىس دەنىيل مارك بۇ قېتىمقى باياناتنى ئېلان قىلىشنىڭ مۇھىملىقىنى تەكىتلەپ، بۇنىڭغا سەۋەبچى بولغان بەزى ئامىللار ھەققىدە توختالدى. ئۇ بۇ ھەقتە مۇنداق دېدى: «خۇددى سىزنىڭ خەۋىرىڭىز بولغىنىدەك، ئامېرىكا دىنىي ئەركىنلىك كومىتېتى دۇنياۋى مىقياستا ھەرقانداق بىر دۆلەتتىكى ھەرقانداق بىر دىنىي ئېتىقاد ئەركىنلىكىنىڭ تەشەببۇسكارى بولۇپ كەلمەكتە. شۇ قاتاردا بىز خىتايدىكى ئۇيغۇر مۇسۇلمانلىرىنىڭ ئەھۋالىغا بەكمۇ يېقىندىن دىققەت قىلىپ كېلىۋاتقان ئىدۇق. مانا ئەمدىلىكتە خىتاي ھۆكۈمىتى مىسىر ۋە ئىتالىيەگە ئوخشاش جايلاردىمۇ ئۇيغۇرلارنىڭ ئارقىسىدىن تىمىسقىلاپ يۈرۈۋاتىدۇ. شۇنىڭ ئۈچۈن خىتاي ھۆكۈمىتى ئىجرا قىلىۋاتقان زۇلۇملارنىڭ بۇ قەدەر يىراق جايلارغا كېڭىيىشى بىزنى بەكلا ئەندىشىگە مۇپتىلا قىلىشقا باشلىدى. مەن يېقىندا فالۇنگۇڭچىلارنىڭ بىر قېتىملىق يىغىلىشىغا قاتناشتىم. مەلۇم بولۇشىچە، فالۇنگۇڭچىلار ھازىر خىتايدا ئاشكارا زىيانكەشلىككە ئۇچراۋاتىدۇ، ئەمما مېنىڭ دىققىتىمنى تارتقىنى ھازىر ئامېرىكىدىكى بىر قىسىم فالۇنگۇڭچىلارنىڭ خىتاي ھۆكۈمىتى ئەۋەتكەن ئالاھىدە خادىملارنىڭ قولىدا زىيانكەشلىككە ئۇچراۋاتقانلىقى بولدى. شۇنىڭ ئۈچۈن بىز خىتاينىڭ ئىچى ۋە سىرتىدىكى ئۇيغۇرلارنىڭ تىنچلىق ئىچىدە ئۆز دىنىي ئېتىقادى بىلەن مەشغۇل بولۇش ئەركىنلىكىنىڭ بارلىقىنى جاكارلاش ھەمدە بۇ مەسىلە ئۈچۈن ئورنىمىزدىن دەس تۇرۇشنىڭ ئىنتايىن مۇھىملىقىنى تونۇپ يەتتۇق.»

«خەلقئارا دىنىي ئەركىنلىك كومىتېتى» نىڭ باياناتىدا ھازىر خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇرلارنى باستۇرۇش ھەرىكىتىنىڭ دۆلەت چېگراسىدىن ھالقىپ ھازىر مىسىر ۋە ئىتالىيەگە قەدەر يېتىپ بارغانلىقى، ئۆتكەن ھەپتىدە ئىتالىيە دائىرىلىرىنىڭ خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ تەلىپى بويىچە ئۇيغۇر سىياسىي پائالىيەتچىسى دولقۇن ئەيسانى قولغا ئالماقچى بولغانلىقى تىلغا ئېلىنىدۇ. شۇنىڭ بىلەن بىرگە، ھازىر مىسىر ھۆكۈمىتى ئىجرا قىلىۋاتقان ئۇيغۇرلارغا چېتىشلىق ھەرىكەتلەرنىڭ ئەمەلىيەتتە خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ تەلىپى بويىچە ئوتتۇرىغا چىقىۋاتقانلىقى تۈرلۈك پاكىتلار ئارقىلىق دەلىللىگەنلىكى، ھەتتا مىسىردىكى قانۇن ئورۇنلىرىنىڭ ئەدلىيە ھوقۇقى دائىرىسىدىكى ئىشلارغا خىتاي بىخەتەرلىك خادىملىرىنىڭ ئىشتىراك قىلىۋاتقانلىقى ئالاھىدە تەكىتلىنىدۇ.
مەزكۇر كومىتېتنىڭ باياناتىدا بىلدۈرۈلۈشىچە، ئىلگىرىكى يىللاردىمۇ تايلاند، مالايشىيا، كامبودژا قاتارلىق ئەللەردە قولغا ئېلىنغان ئۇيغۇرلار مەجبۇرىي يوسۇندا خىتايغا قايتۇرۇلغان بولۇپ، ئۇلارنىڭ كېيىنكى تەقدىرىنىڭ قانداق بولغانلىقى ھەققىدە ھازىرغىچە بىرەر ئېنىق مەلۇمات مەۋجۇت ئەمەس. كومىتېتنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى ساندرا جوللېي خانىم بۇ ھەقتە «مىسىر ھۆكۈمىتى دۇنيانىڭ ھازىر بۇ ئىشلارنى كۆزىتىپ تۇرۇۋاتقانلىقىنى ئۇنتۇماسلىقى لازىم. خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارغا نېمىلەرنى قىلىۋاتقانلىقىنى بىز كۆپ قېتىم كۆرگەن. شۇڭا مەجبۇرىي يوسۇندا خىتايغا قايتۇرۇلغانلارنىڭ كېيىنكى تەقدىرى ھەققىدە ھېچكىممۇ شېرىن خىياللاردا بولماسلىقى لازىم» دەپ كۆرسىتىدۇ.

بىز كومىتېت رەئىسى دەنىيل ماركتىن خىتايغا قايتۇرۇلغان ئۇيغۇرلارنىڭ ئىلگىرىكى ئاچچىق قىسمەتلىرى، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ مۇشۇ يوسۇندا ئۇيغۇرلارنى باستۇرۇش ھەرىكەتلىرىنىڭ خەلقئارا جامائەتكە ئۇيغۇرلارنىڭ ئەھۋالى ھەققىدە قانداق بىر تەسۋىرنى تەقدىم قىلىشى مۇمكىنلىكىنى سورىغىنىمىزدا ئۇ مۇنداق دېدى: «مېنىڭ چۈشىنىشىمچە، بۇ ھال ھازىرقى رېئاللىقنىڭ قايسى دەرىجىدە قاباھەتلىك بولۇۋاتقانلىقىنى كۆرسىتىپ بېرىدۇ. خىتاينىڭ دۇنيا مىقياسىدا، جۈملىدىن مىسىر ۋە ئىتالىيەگە ئوخشاش يىراق جايلاردا ئۇيغۇرلارنىڭ ئارقىسىدىن تىمىسقىلاپ يۈرۈشنى زۆرۈر، دەپ قارىشىنىڭ ئۆزى ئۇلارنىڭ مەقسىتىنىڭ ئەسەبىيلەرنى تېپىشنى ئەمەس، بەلكى پۈتكۈل مىللەتنى قورقۇتۇپ قويۇشنى مەقسەت قىلغانلىقىنى كۆرسىتىدۇ. مېنىڭ چۈشىنىشىمچە، بۇ ئۇيغۇرلارنىڭ كۆپ قىسمى مىسىردا ئوقۇۋاتقان ئوقۇغۇچىلار بولۇپ، ئالىي مەكتەپلەر بىلەن ئالاقىدە بولۇۋاتقان بۇنداق كىشىلەر ئادەتتە ئەسەبىيلىككە ماڭمايدۇ. بەلكىم ئۇلارنىڭ ئارىسىدا ئاندا-ساندا ئەسەبىيلەر بولۇشىمۇ مۇمكىن، ئەمما بۇلار ئايرىم-ئايرىم يوسۇندا ئۆزىگە تېگىشلىك يوسۇندا بىر ياقلىق قىلىنىشى لازىم. ئەمما بۇ ھال ھەرقانداق قىلىپمۇ خىتاينىڭ ئۇلارنى ئۆتكۈزۈۋالماقچى بولغانلىقىغا سەۋەب بولالمايدۇ. ئەگەر خىتاي ئاشۇ ‹ئەسەبىي› كىشىلەردىن ۋايىم يەۋاتقان بولسا ھەمدە بۇ كىشىلەر ھازىر مىسىردا تۇرۇۋاتقان بولسا، ئۇلار مىسىردا قېلىۋەرسۇن. ھالبۇكى خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇلارنى مىسىردىكى مەكتەپلىرىدە قالدۇرۇشنىڭ ئورنىغا مىسىردىن ئېلىپ چىقىپ كەتمەكچى ھەمدە خىتايغا قايتۇرۇپ كەتمەكچى بولۇشىنىڭ ئۆزى بۇنىڭدىكى مەقسەتنىڭ ئەسەبىيلەرنى جايلاش ئەمەس، بەلكى ئۇيغۇرلار ئېتىقاد قىلىۋاتقان ئىسلام ئەقىدىسىنى باستۇرۇش ئىكەنلىكىنى كۆرسىتىدۇ.»

ئەمدى بۇندىن كېيىنكى ئىشلار قاتارىدا نېمە قىلماقچى بولغانلىقى ھەققىدە توختالغان رەئىس دەنىيل مارك ئۆزلىرىنىڭ مىسىر ھۆكۈمىتى بىلەن ئالاقىلىشىپ ئۇيغۇرلارنى قولغا ئېلىش ھەمدە خىتايغا قايتۇرۇشنى توختىتىش، شۇنداقلا خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇرلارغا زىيانكەشلىك قىلىشنى توختىتىشىغا ھەيدەكچىلىك قىلىش ھەققىدە تەييارلىق قىلىۋاتقانلىقىنى بىلدۈردى.

مەلۇم بولۇشىچە، ئامېرىكا «خەلقئارا دىنىي ئەركىنلىك كومىتېتى» ھەرقاچان دۇنيا مىقياسىدا مەۋجۇت بولۇۋاتقان مۇشۇ خىلدىكى دىنىي ئېتىقاد ئەركىنلىكىگە خىلاپلىق قىلىشقا مۇناسىۋەتلىك پاكىتلارنى مۇزاكىرە قىلىپ، ئامېرىكا پرېزىدېنتىغا، دۆلەت ئىشلىرى مىنىستىرىغا ۋە دۆلەت مەجلىسىگە ئالاقىدار سىياسەتلەر بويىچە تەكلىپ-تەۋسىيەلەر سۇنىدىكەن.