ئىيۇلنىڭ باشلىرىدىن تارتىپ، مىسىردىكى ئەل ئەزھەر ئۇنىۋېرسىتېتىدا ئوقۇۋاتقان ئۇيغۇر ئوقۇغۇچىلارنىڭ قولغا ئېلىنىشى باشلانغاندىن بۇيان، بۇ گۇناھسىز ئۇيغۇرلارنىڭ بىر تۈركۈمىنىڭ خىتايغا قايتۇرۇلغانلىقى، بىر قىسمى مىسىر تۈرمىلىرىدە تۇرۇۋاتقان بولسا، يەنە بىر قىسمىنىڭ بولسا تۇتقۇندىن ئۆزىنى دالدىغا ئېلىپ ئىنتايىن ناچار تۇرمۇش شارائىتىدا ھاياتىنى ساقلاپ كېلىۋاتقانلىقى مەلۇم. گەرچە خەلقئارادىكى ھەر دەرىجىلىك كىشىلىك ھوقۇق ئورگانلىرى، مەتبۇئاتلار مىسىر ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇر ئوقۇغۇچىلارنى خىتايغا قايتۇرۇپ بەرمەسلىكى ھەققىدە پائالىيەتلەرنى داۋاملاشتۇرۇۋاتقان بولسىمۇ، مىسىر تۈرمىلىرىگە قامالغان 200 ئەتراپىدا ئۇيغۇر ئوقۇغۇچىلارنىڭ تەقدىرىنىڭ قانداق بولىدىغانلىقى يەنىلا ئېنىق ئەمەس. ئۇيغۇرلار يەنىلا ئەندىشىدە. قېچىپ يۈرۈۋاتقانلار يەنىلا سەرسان. بىر ئايدىن ئارتۇق ۋاقىت ئۆتتى، مىسىردىكى ئىزتىراپ چېكىۋاتقان ئۇيغۇرلارنىڭ ئەھۋالى ھەققىدە ئاكتىپ بىر ئىلگىرىلەش بولدىمۇ؟
مىسىردا ئۇيغۇر ئوقۇغۇچىلارنىڭ قولغا ئېلىنىش ۋەقەسى ھەمدە بىر قىسمىنىڭ خىتايغا قايتۇرۇلۇشى سەۋەبىدىن مىسىردىكى ئۇيغۇرلارنىڭ ھەق-ھوقۇقلىرىنى قوغداش ھەققىدە ھازىرغىچە ئامېرىكىدىكى «خەلقئارا دىنىي ئەركىنلىك كومىتېتى»، «ئىنسان ھەقلىرىنى كۆزىتىش تەشكىلاتى»، «خەلقئارا كەچۈرۈم تەشكىلاتى»، «ئوتتۇرا شەرق تەتقىقات جەمئىيىتى» قاتارلىقلار ئاشكارا باياناتلار ياكى ئوچۇق خەتلەرنى ئېلان قىلىپ، مىسىر ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇر ئوقۇغۇچىلارنى قولغا ئېلىشى ۋە خىتايغا قايتۇرۇپ بېرىش قىلمىشىنى ئەيىبلىگەن ئىدى.
ئەمما مىسىر ھۆكۈمىتى ياكى بىرەر خەلقئارالىق تەشكىلات ۋە ياكى ھۆكۈمەتلەر مىسىردىكى قولغا ئېلىنغان ئۇيغۇر ئوقۇغۇچىلارنىڭ تەقدىرى مەسىلىسىدە ئاكتىپ يېڭى بىر قەدەم باسمىغان بولغاچقا، مىسىر تۈرمىلىرىدە ھېلىھەم تۇتقۇندا تۇرۇۋاتقان، ھەر جايلاردا قېچىپ يۈرۈۋاتقان ئوقۇغۇچىلار ھەققىدە ئەندىشىلەر يەنىلا كۈچلۈك. بۇ ھەقتە ئىلگىرى مىسىردىكى ئۇيغۇر ئوقۇغۇچىلارغا ئۇستاز بولغان، ئىسمىنى ئاشكارىلاشنى خالىمىغان بىر ئۇستاز، گەرچە ئۆزى ۋە بىر قىسىم ئوقۇغۇچىلىرى مىسىر دائىرىلىرىنىڭ تۇتقۇن قىلىشىدىن قېچىپ قۇتۇلۇپ، نۆۋەتتە تۈركىيەدە خاتىرجەم تۇرۇۋاتقان بولسىمۇ، مىسىردا قالغان ۋە خىتايغا قايتۇرۇلغان ئوقۇغۇچىلارنىڭ تەقدىرىدىن چوڭقۇر ئەندىشە قىلىۋاتقانلىقى ۋە ئۇلارنىڭ داۋاملىق خىتايغا قايتۇرۇلۇشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئۈچۈن ئۇستازلار ۋە ئوقۇغۇچىلارمۇ ھەر خىل يوللارنى ئىزدەۋاتقانلىقىنى تىلغا ئالدى.
مىسىردا ئۇيغۇرلارنىڭ كەڭ كۆلەمدە تۇتقۇن قىلىنىشى باشلىنىپ، ئىككى ھەپتە داۋامىدا ئارقا-ئارقىدىن ئوقۇغۇچىلاردىن 200 گە يېقىنىنىڭ جاي-جايلاردا تۇتقۇن قىلىنىشى، تۈرمىلەرگە قامىلىشى، ھەتتا ئۇلارنىڭ مىسىر قاماقخانىلىرىدا خىتاي خادىملىرىنىڭ بېشىغا قارا خالتا كىيدۈرۈپ سوراق قىلىشىغا ئۇچرىشى، بىر قىسمىنىڭ خىتايغا قايتۇرۇلۇشىدەك، ئۇيغۇرلارنىڭ مىسىردا ئۇچرىغان پاجىئەلىك قىسمەتلىرى، خەلقئارالىق بېسىملار نەتىجىدە يېقىنقى ئىككى ھەپتە ئىچىدە بىر ئاز پەسەيگەندەك كۆرۈنسىمۇ، ھالبۇكى مىسىردا دالدىلىنىپ تۇرۇۋاتقان ئۇيغۇرلارنىڭ 14-ئاۋغۇست رادىيومىزغا قىلغان ئىنكاسلىرىدىن، بۇ ئىزتىراپنىڭ يەنىلا داۋام قىلىۋاتقانلىقى ئاشكارىلاندى.
ئىسمىنى ئاشكارىلىماسلىق شەرتى بىلەن ئەھۋالىدىن مەلۇمات بەرگۈچى ئەزھەرلىك ئوقۇغۇچىنىڭ بىلدۈرۈشىگە قارىغاندا، ئۆزى باشلىق بىر گۇرۇپپا دالدىلىنىۋاتقان ئۇيغۇرلارنىڭ ئىچىدە كىچىك بالىلارمۇ بولۇپ، ئۇلار ئۇزاق مەزگىللىك چارچاش، جىددىيلىك، ئوزۇقلۇق يېتىشمەسلىكتەك سەۋەبلەر بىلەن ئاغرىپ قېلىۋاتقان ئىكەن، ئېچىنىشلىقى، دوختۇرخانىلاردا تۇتۇلۇپ قېلىشتىن قورقۇپ، ھەتتا بالىلارنىمۇ داۋالىتالماي ئېغىر كۈندە قالماقتا. بۇ ئوقۇغۇچى يەنە، تۈرمىدىكى ئۇيغۇرلاردىن ھېچقانداق بىر خەۋەر يوق تۇرۇۋاتقاچقا، ئۆزىگە ئوخشاش دالدىلىنىۋاتقان ئۇيغۇرلارنىڭ يەنىلا خاتىرجەم تالا-تۈزگىمۇ چىقالمايۋاتقانلىقىنى، بۇ خىل قاچاق ھاياتقا يەنە قانچە ئۇزۇن بەرداشلىق بېرەلەيدىغانلىقىغا كۆزى يەتمەيۋاتقانلىقىنى بىلدۈردى.
3-ئاۋغۇست ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسىگە قاراشلىق «ئامېرىكا خەلقئارا دىنىي ئەركىنلىك كومىتېتى» جىددىي بايانات ئېلان قىلىپ، مىسىر ھۆكۈمىتىنىڭ قولغا ئېلىنغان ئۇيغۇر ئوقۇغۇچىلارنى خىتايغا قايتۇرۇپ بېرىشىنى «مەسئۇلىيەتسىزلىك ۋە دۈشمەنلىك ھەرىكىتى» دەپ ئەيىبلىدى. مەزكۇر كومىتېتنىڭ باياناتىدا بىلدۈرۈلۈشىچە، ئىلگىرىكى يىللاردىمۇ تايلاند، مالايشىيا، كامبودژا قاتارلىق ئەللەردە قولغا ئېلىنغان ئۇيغۇرلار مەجبۇرىي يوسۇندا خىتايغا قايتۇرۇلغان بولۇپ، ئۇلارنىڭ كېيىنكى تەقدىرىنىڭ قانداق بولغانلىقى ھەققىدە ھازىرغىچە بىرەر ئېنىق مەلۇمات مەۋجۇت ئەمەس. كومىتېتنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى ساندا جوللېي خانىم بۇ ھەقتە «مىسىر ھۆكۈمىتى دۇنيانىڭ ھازىر بۇ ئىشلارنى كۆزىتىپ تۇرۇۋاتقانلىقىنى ئۇنتۇماسلىقى لازىم. خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارغا نېمىلەرنى قىلىۋاتقانلىقىنى بىز كۆپ قېتىم كۆرگەن. شۇڭا مەجبۇرىي يوسۇندا خىتايغا قايتۇرۇلغانلارنىڭ كېيىنكى تەقدىرى ھەققىدە ھېچكىممۇ شېرىن خىياللاردا بولماسلىقى لازىم» دەپ كۆرسىتىدۇ.
بىر ھەپتە ئىلگىرى، بىزنىڭ مەخسۇس زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلغان كومىتېت رەئىسى دەنىيال مارك ئۆزلىرىنىڭ مىسىر ھۆكۈمىتى بىلەن ئالاقىلىشىپ ئۇيغۇرلارنى قولغا ئېلىش ھەمدە خىتايغا قايتۇرۇشنى توختىتىش، شۇنداقلا خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇرلارغا زىيانكەشلىك قىلىشنى توختىتىشىغا ھەيدەكچىلىك قىلىش ھەققىدە تەييارلىق قىلىۋاتقانلىقىنى بىلدۈرۈپ ئۆتكەن ئىدى.
مەلۇم بولۇشىچە، رابىيە قادىر خانىم باشلىق دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ رەھبەرلىرى مەخسۇس مىسىردىكى ئوقۇغۇچىلار مەسىلىسى ھەققىدە يېقىنقى مەزگىللەردە يەنە بىر قاتار مۇھىم ئىش، پائالىيەتلەر ۋە ئۇچرىشىشلاردا بولغان بولۇپ، بۇ ھەقتە بۈگۈن ۋاشىنگتوندىكى ئىشخانىسىدىن زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلغان دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى ئۆمەر قانات ئەپەندى قىسقىچە مەلۇمات بېرىپ، خەۋەرلەر بېرىلگەندەك، بىر قىسىم مۇھىم خەلقئارالىق تەشكىلات ۋە بىر قىسىم ھۆكۈمەتلەر رەسمىي تۈردە بۇ مەسىلىگە ئىنكاس قالدۇرغاندىن سىرت، يېقىندىن بۇيان ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسىدىكى ئامېرىكا، مىسىر دوستلۇق گۇرۇپىپسىدىكىلەر بىلەن ئۇچرىشىشلار بولغانلىقى ۋە ئۇلارنىڭ مىسىر دائىرىلىرىگە ئۇيغۇرلار مەسىلىسى ھەققىدە مەخسۇس مەكتۇپ يوللىغانلىقىدىن خەۋىرى بارلىقىنى بىلدۈردى، ئۆمەر قانات ئەپەندىنىڭ ئىلگىرى سۈرۈشىچە، بۇ، ئامېرىكا ھۆكۈمىتىنىڭ تۈرلۈك مۇناسىۋەتلەر دائىرىسىدە مىسىرغا بېسىم ئىشلىتىشكە باشلىغانلىقىدىن بېشارەت ئىكەن. گەرچە، ھازىرچە مىسىردىكى ئۇيغۇر ئوقۇغۇچىلارنى قويۇپ بېرىش ياكى قۇتقۇزۇش ھەققىدە ھۆكۈمەتلەردىن مەخسۇس قارار ياكى ئاكتىپ بىر ئىلگىرىلەش كۆرۈنمىسىمۇ، مەسىلىنىڭ ئۈمىدلىك بىر تەرىپى بولسا، ئىلگىرى ئۇيغۇر ئوقۇغۇچىلارنى قايتۇرۇش مەسىلىدە پۈتۈنلەي خىتاي تەرەپدارى بولۇپ كەلگەن مىسىر ھۆكۈمىتىنىڭ يېقىنقى ئىنكاسلىرىدىكى يۇمشاش ئىكەن. ئۆمەر قانات ئەپەندى زىيارىتىمىز ئاخىرىدا يەنە، مىسىردىكى ئۇيغۇرلارغا ئادالەت تەلەپ قىلىش پائالىيەتلىرى ۋە ياردەم پائالىيەتلىرىنىڭ دۇنيانىڭ ھەر قايسى جايلىرىدا ئۈزۈلدۈرمەي ئېلىپ بېرىلىۋاتقانلىقىنى ۋە بۇنىڭ ئوقۇغۇچىلار قۇتۇلۇش يولىنى تاپقىچە داۋاملىشىدىغانلىقىنى تەكىتلىدى.
0:00 / 0:00