خىتاينىڭ مىسىردىكى ئۇيغۇرلارنى ئىقامەتسىز قالدۇرۇشى تۇتقۇندىن بۇرۇنلا باشلانغان

0:00 / 0:00

مىسىر ساقچىلىرى ئۇيغۇر ئوقۇغۇچىلارنى، تۇيۇقسىز كەڭ كۆلەملىك تۇتقۇن قىلىشقا باشلىغاندا يەنە بىر تەرەپتىن ئايرودروملارنىمۇ قامال قىلغان ئىدى. بۇ ئارىدا مىسىردىنمۇ چىقىپ كېتىشكە ئامالى يوق، ھازىرغىچە دالدىلىنىپ يۈرۈۋاتقان ئۇيغۇرلارنىڭمۇ ئاز ئەمەسلىكى مەلۇم. قۇچاقتىكى ئىككى بالىسى بىلەن بىللە قورقۇپ كەتكەن، پۇلسىز، كېپىلسىز يوشۇرۇنۇپ يۈرگەن بىر ئۇيغۇر ياش ئانىنىڭ بەرگەن مەلۇماتلىرىغا قارىغاندا، مىسىردىكى خىتاي كونسۇلخانىسى، ئۇيغۇرلارنىڭ مىسىردا ئوقۇش ۋە ياشىشى ئۈچۈن زۆرۈر بولغان رەسمىيەتلىرىنى بېجىرىشنى، ئىسپات بېرىشنى توختاتقان. ئۇيغۇرلارنىڭ مىسىردا قانۇنلۇق تۇرۇشىغا بۇ خىل قەستەن كاشىلا پەيدا قىلىشى، تۇتقۇن باشلىنىشتىن 4، 5 ئايلار بۇرۇنلا باشلانغان. يوشۇرۇنۇپ تۇرۇۋاتقان ئۇيغۇرلار ئىچىدە شۇ خىل سەۋەبلەر تۈپەيلى قولىدا ئىقامىتى يوق، تۇتۇلۇپ قالغان تەقدىردە خىتايغا قايتۇرۇلۇش ئېھتىمالى يۇقىرى بولغان، ھەتتا كىچىك بالىلىرى بىلەن ئەڭ ئەندىشىلىك بىر ئەھۋالدا قالغان ئائىلىلەرمۇ بار ئىكەن.

قاھىرەنىڭ ئۇيغۇرلار توپلىشىپ ئولتۇراقلاشقان-7 رايونىدا، شۇ جاي ۋاقتى -4ئىيۇل كۈنى كېچىدە، خىتاي بىخەتەرلىك خادىملىرىنىڭ ماسلىشىشى بىلەن ئۇشتۇمتۇت باشلانغان، مىسىر ساقچىلىرىنىڭ ئۇيغۇرلارنى كەڭ كۆلەملىك تۇتقۇن قىلىش ھەرىكىتىدە، ساقچىلار تەرىپىدىن يۈزلىگەن ئۇيغۇرلار ئاشخانىلاردىن، ئىجارە ئۆيلەردىن، كوچىلاردىن تۇتۇلغان بولسا، شۇ ئاخشىمىدا باشقا شەھەرلەرگە قېچىپ بېرىپ يوشۇرۇنۇۋالغانلارمۇ ئاز ئەمەس. بىر ئايدىن ئارتۇق ۋاقىت تۈرمىدە تۇرۇۋاتقان 200 گە يېقىن ئۇيغۇر ئوقۇغۇچىدىن باشقا، نامەلۇم ساندىكى بۇ دالدىلىنىۋاتقان ئۇيغۇرلارنىڭ مىسىر چېگراسى ئىچىدە ھەر تۈرلۈك ئاماللار بىلەن تارقاق ھالدا يوشۇرۇنۇپ تۇرۇۋاتقانلىقى مەلۇم. بۇ ئۇيغۇرلاردىن بەزىلىرى رادىيومىز بىلەن ئالاقىلىشىپ ئۆزلىرىنىڭ ئۇچراۋاتقان قىيىنچىلىقلىرى ۋە ئەھۋاللىرىنى مەلۇم قىلماقتا.

مىسىردا قېچىپ تۇرۇۋاتقان بىر ياش ئانا، ئۆزلىرىنىڭ تۇتقۇن باشلانغان، ئۆي ئاختۇرۇش داۋام قىلىۋاتقان دەسلەپكى كۈنلەردە ئېرى بىلەن تەڭ قۇچاقتىكى ئىككى بالىسىنى ئېلىپ قاچقىنىچە قاھىرەدىكى ساقچىلاردىن قۇتۇلۇپ، ھەتتا ئايرودرومدىكى تەكشۈرۈشلەردىنمۇ ئامان-ئېسەن ئۆتۈپ، تۈركىيە چېگراسىغا كىرگەن بولسىمۇ، ئەمما مىسىردا تۇغۇلغان قىزىنىڭ «ئاق پاسپورت» تىن باشقا ماتېرىيالى بولمىغاچقا تۈركىيەدىنمۇ قايتۇرۇلغانلىقى، بىر ئائىلە كىشىلىرىنىڭ ئىقامىتىنىڭ ۋاقتى ئۆتكەنلىكتىن، سىرتقا چىقىشتىنمۇ قورقۇپ، ئاق كۆڭۈل كىشىلەرنىڭ ئۆيلىرىدە يوشۇرۇنۇپ تۇرۇۋاتقانلىقىنى بىلدۈردى.

بۇ ياش ئانىنىڭ ئېيتىشىچە، خىتاي كونسۇلخانىسى بۇ يىلنىڭ بېشىدىن باشلاپلا ئۆز خىراجىتى بىلەن كېلىپ ئوقۇۋاتقان ئۇيغۇر ئوقۇغۇچىلارغا مىسىردا داۋاملىق تۇرۇش ۋە ئوقۇش ئىشلىرىنى بېجىرىشكە زۆرۈر ئىسپاتلارنى چىقىرىپ بېرىشنى توختاتقان، ھەتتا كىچىك قىزىغىمۇ پاسپورت بېجىرىپ بەرمىگەن. مىسىردا تۇرۇشلۇق ئىقامىتىنىڭ ۋاقتى ئۆتكەن، ئارقىدىنلا دەرھال قايتىپ كېتىش ھەققىدىكى تەھدىت ۋە بۇيرۇقلار كەلگەن بۇ ئارىدا، ۋەتەندە قالغان ئاتا-ئانىلىرىنىڭ تۇتۇپ تەربىيىلەشكە ئېلىپ كېتىلگەنلىكى مەلۇم بولغان. ئائىلىسى بىلەن ئالاقە ئۈزۈلگەن، ئىقتىسادى ياردەممۇ توختىغان. قايتىپ كەتكەن ئوقۇغۇچىلارنىڭ خىتاي ساقچىلىرى تەرىپىدىن ئايرودروملاردىنلا تۇتۇپ كېتىلگەنلىكى ھەققىدە خەۋەرلەر ئۈزۈلمەي كېلىۋاتقان، كېتىش -كەتمەسلىكىنى قارار قىلالماي تۇرغان پەيتتە، ئۇشتۇمتۇت قاھىرەدە كەڭ كۆلەملىك تۇتقۇن باشلانغان.

مۇشۇنىڭغا ئوخشاش سەۋەبلەر بىلەن ئىقامىتىنى ئۇزارتالمىغان ياكى ۋاقتى ئۆتۈپ كەتكەن، ۋەتەنگە قايتىشقا ئامالسىز قالغان ئۇيغۇرلار، تۇتقۇن باشلانغاندىن بۇيان ئۆزلىرىگە يېتىدىغان خېيىم-خەتەرنىڭ يەنى خىتايغا قايتۇرۇلۇش ئېھتىمالىنىڭ چوڭلۇقى سەۋەبلىك، خېيىم-خەتەردىن قېچىپ يوشۇرۇنۇپ تۇرماقتا ئىكەن. بۇ ياش ئۆزى بىلىدىغانلار ئىچىدە مۇشۇنداق ئۆزىگە ئوخشاش ئىقامىتىنىڭ ۋاقتى ئۆتكەن، بالىلىرى ئاق پاسپورت بولغاچقا ھېچنەگە كېتەلمەي يوشۇرۇنۇپ تۇرۇۋاتقان ئاز دېگەندىمۇ 4 ئائىلىلىك ئۇيغۇر بار ئىكەن.

ئىلگىرى بىز بىلەن ئالاقە باغلىغان نۇرغۇن ئۇيغۇر ئوقۇغۇچىلارمۇ خىتاي دائىرىلىرىنىڭ بىر تەرەپتىن ۋەتەندىكى ئائىلىسىگە تەھدىت قىلسا، يەنە بىر تەرەپتىن مىسىردىكى رەسمىيەتلىرىگە قەستەن ئىسپات چىقىرىپ بەرمەي، ئوقۇغۇچىلارنى مىسىردىن كېتىشكە قىستىغانلىقىنى، بۇ تۇتقۇننىڭ بولسا خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇر ئوقۇغۇچىلارنى قايتۇرۇپ كېتىش پىلانىنىڭ ئاخىرقى تەدبىرى ئىكەنلىكىنى بىلدۈرۈشكەن ئىدى.

دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى ئۆمەر قانات ئەپەندى ۋاشىنگتوندىكى ئىشخانىسىدىن زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلىپ، مىسىر تۈرمىلىرىدە تۇرۇۋاتقان ئەل ئەزھەر ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ ئۇيغۇر ئوقۇغۇچىلىرىنى ئاساس قىلغان ئۇيغۇرلارنى قۇتقۇزۇش ۋە ئۇلارنى ئەركىنلىككە چىقىرىش مىسىر كرىزىسىدىكى ئەڭ جىددىي مەسىلە بولسىمۇ، مىسىردا داۋاملىق ساقچىلارنىڭ تۇتقۇنىدىن قوغدىنىش ئۈچۈن قېچىپ يۈرۈۋاتقان نامەلۇم ساندىكى ئۇيغۇرلارنىڭ تەقدىرىمۇ ھەممىسىنىڭ ئورتاق كۆڭۈل بۆلۈۋاتقان مەسىلە ئىكەنلىكىنى ئوتتۇرىغا قويدى ۋە ئۇيغۇر جامائىتىنىڭ، بولۇپمۇ تۈركىيەدىكى جامائەت ۋە تەشكىلاتلار ئارقىلىق مىسىردىكى ئۇيغۇرلار يولۇقۇۋاتقان مەسىلىلەرنى ھەل قىلىش، ئۇلارغا ياردەم يەتكۈزۈش يوللىرىنى ئىزدەپ كېلىۋاتقانلىقى ھەققىدە توختالدى.

ئۆمەر قانات ئەپەندى ئاخىرىدا يەنە، گەرچە ھازىر مىسىردا ئۇيغۇرلارنى نىشان قىلغان تۇتقۇن ھەرىكىتى توختىغاندەك كۆرۈنسىمۇ، تۇتۇلغان ئۇيغۇرلارنىڭ خىتايغا قايتۇرۇلۇش ئېھتىمالىنى يەنىلا يوق دېگىلى بولمايدىغان مۇقىمسىز بىر پەيت بولغاچقا، ھازىرچە يەنىلا يوشۇرۇنۇپ يۈرۈۋاتقان ئۇيغۇرلارنىڭ، مەسىلە تولۇق ھەل بولمىغۇچە بىخەستەلىك قىلماسلىقىنى، ئەگەر ياردەمسىز ۋە ئامالسىز قالغان ھالەتتە، خەلقئارالىق ۋە يەرلىك ئىنسان ھەقلىرى تەشكىلاتلىرى بىلەن ئالاقىلىشىپ ياردەم تەلەپ قىلىشىنى تەۋسىيە قىلدى.