موڭغۇل زىيالىيلارنىڭ ياپونىيەدىكى مۇھاكىمە يىغىنىدا ئۇيغۇرلار مەسىلىسى ئوتتۇرىغا قويۇلدى

0:00 / 0:00

باش شتابى ۋاشىنگتوندىكى جەنۇبىي موڭغۇلىيە خەلق پارتىيىسى، نيۇيوركتىكى جەنۇبىي موڭغۇلىيە ئۇچۇر-ئالاقە مەركىزى قاتارلىق ئاممىۋى تەشكىلاتلارنىڭ ئورۇنلاشتۇرۇشى بىلەن جەنۇبىي موڭغۇلىيە خەلق پارتىيىسى ياپونىيە تارماق شۆبىسىنىڭ ساھىبخانىلىقىدا 4-ئاينىڭ 29-كۈنى ياپونىيەنىڭ سايتاما ئۆلكىسى كاۋاگۇچى شەھىرىدە موڭغۇللارنىڭ «يۇرت سۆھبىتى» ناملىق خەلقئارا مۇھاكىمە يىغىنى ئۆتكۈزۈلدى.

چەتئەلدىكى موڭغۇل تەشكىلاتلىرىنىڭ ئورۇنلاشتۇرۇشى بىلەن ياپونىيەدە ئۆتكۈزۈلگەن «يۇرت سۆھبىتى» ناملىق خەلقئارا مۇھاكىمە يىغىنىغا دۇنيانىڭ ھەر قايسى جايلىرىدىكى موڭغۇل تەشكىلاتلىرىنىڭ ۋەكىللىرى ۋە شۇنداقلا ياپونىيەدە پائالىيەت ئېلىپ بېرىۋاتقان ئۇيغۇر، تىبەت، خىتاي دېموكراتىك تەشكىلاتلىرىنىڭ ئەزالىرىمۇ تەكلىپ قىلىنغان.

ياپونىيەدە پائالىيەت ئېلىپ بېرىۋاتقان ئۇيغۇر تەشكىلاتلىرىدىن باش شتابى ۋاشىنگتوندىكى خەلقئارا ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇق، دېموكراتىيە فوندىنىڭ ياپونىيەدىكى ۋەكىلى دوكتور تۇرمۇھەممەت ھاشىم ئالاھىدە تەكلىپ بىلەن قاتناشقان.

بۇ قېتىمقى يىغىنىدا ئاساسلىقى، نۆۋەتتىكى ئىچكى موڭغۇل ئاپتونوم رايونىدىكى موڭغۇللار دۇچ كېلىۋاتقان تۈرلۈك مەسىلىلەر، خىتاينىڭ موڭغۇللارنى ئاسسىمىلياتسىيە قىلىش سىياسىتىنىڭ كۈندىن-كۈنگە ئېشىپ بېرىشى بىلەن موڭغۇللارنىڭ تىل ۋە مەدەنىيىتىنىڭ يوقىلىپ كېتىۋاتقانلىقى، خىتاي كۆچمەنلىرىنىڭ تەبىئىي بايلىقلارنى بۇلاش مەقسىتىدە ئىچكى موڭغۇلدا ئېلىپ بېرىۋاتقان كان ئېچىش ھەرىكىتىنىڭ دولقۇنىدا موڭغۇل يايلاقلىرىنىڭ ئېكولوگىيەلىك جەھەتتىن قاتتىق بۇزغۇنچىلىققا ئۇچراۋاتقانلىقىدىن ئىبارەت بىر قاتار مەسىلىلەر مۇھاكىمە قىلىنغان.

زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلغان جەنۇبىي موڭغۇلىيە خەلق پارتىيىسىنىڭ ياپونىيەدىكى ۋەكىلى قۇبۇسغالت كېرېيت يىغىن ھەققىدە توختىلىپ مۇنداق دېدى:
-جەنۇبىي موڭغۇلىستان خەلق پارتىيىسى 1990-يىلى ئامېرىكىدا قۇرۇلغان تەشكىلات. مەزكۇر تەشكىلاتنىڭ بۇ قېتىمقى يىغىنىدا ئاساسلىقى خىتايدىكى موڭغۇللارنىڭ ھازىرقى ئەھۋالى، بولۇپمۇ كىشىلىك ھوقۇق مەسىلىسىنىڭ دەپسەندىچىلىككە ئۇچراۋاتقانلىقىدىن ئىبارەت مەسىلىلەر ئۈستىدە مۇھاكىمە ئېلىپ بېرىلدى. يىغىنغا قاتناشقانلارنىڭ كۆپچىلىكى ئامېرىكىدىن كەلگەن، نيۇيوركتىكى جەنۇبىي موڭغۇلىستان ئۇچۇر-ئالاقە مەركىزىنىڭ ئەزالىرى شۇنداقلا موڭغۇلىيەدىن كەلگەنلەرمۇ بار. يىغىنىمىز بۇ قېتىم ياپونىيەدە ئېچىلدى. ئادەتتە ئۆز-ئارا ئۇچۇر ئالماشتۇرۇش يىغىنىمىز يىلدا بىر قېتىم ئېچىلىدۇ.

بىز مەزكۇر يىغىنغا ئىشتىراك قىلىپ، يىغىن ئەھلىگە ئۇيغۇرلار ھەققىدە سۆز قىلغان دوكتور تۇرمۇھەممەت ھاشىم بىلەن تېلېفون سۆھبىتى ئېلىپ باردۇق.

مۇخبىر: ئەسسالامۇئەلەيكۇم ئەلەيكۇم دوكتور تۇرمۇھەممەت ئەپەندى، يىغىندا موڭغۇللارغا ئائىت نۇقتىلىق قايسى مەسىلىلەر ھەققىدە مۇزاكىرىلەر ئېلىپ بېرىلدى؟
تۇرمۇھەممەت: موڭغۇللارنىڭ زىيالىيلىرى ناھايىتى ئەتراپلىق بىر مۇزاكىرە ئېلىپ باردى يىغىندا. بۇلارنىڭ ئاساسلىق مۇزاكىرە قىلغان مەسىلە ئۈچ. بىرىنچىسى، خىتاي كومپارتىيىسى موڭغۇل مىللىتىنى قانداق باستۇرۇپ كەلدى. ئىككىنچىسى، خىتاي موڭغۇل مىللىتىنى ئاسسىمىلياتسىيە قىلىش ئۈچۈن قايسى سىياسەتلەرنى قوللىنىپ كەلدى. ئۈچىنچىسى، موڭغۇل مىللىتى خىتاينىڭ بۇنداق باستۇرۇش، ئاسسىمىلياتسىيە سىياسىتىگە تاقابىل تۇرۇش ئۈچۈن قانداق پائالىيەتلەرنى ئېلىپ بېرىشى كېرەك دېگەندەك مەسىلىلەر توغرىلىق ئۇزۇن ۋاقىت مۇزاكىرە قىلدى.

مۇخبىر: سىز بۇ قېتىمقى يىغىندا ئۇيغۇرلار مەسىلىسىدە ئاساسلىقى قايسى مەسىلىلەر ھەققىدە توختىلىپ ئۆتتىڭىز؟
تۇرمۇھەممەت: مەن ئاساسەن بۇ سۆزۈمدە بىرىنچىدىن، بىز ئۇيغۇر مىللىتى موڭغۇللارغا ئوخشاشلا ھازىر خىتاينىڭ ئېغىر مىللىي باستۇرۇش، مىللىي ئاسسىمىلياتسىيەسىگە ئۇچراۋاتقانلىقىمىز. بۇ جەھەتتە موڭغۇللار بىلەن ئۇيغۇرلارنىڭ تەغدىرىنىڭ ئوخشاشلىقىنى سۆزلەپ ئۆتتۈم. ئۇيغۇرلار بىلەن موڭغۇللارنىڭ تارىختىن بۇيان ئۆز-ئارا ھەمكارلىشىپ، ياردەملىشىپ، بىرى-بىرىمىزنى قوللاپ كەلگەن ئىككى مىللەت ئىكەنلىكىمىزنى، مەدەنىيەت جەھەتتىنمۇ تارىختىن بۇيان نۇرغۇن نەرسىلەرنى ئۆز-ئارا ئالماشتۇرۇپ كەلگەنلىكىمىزنى، خىتاي كومپارتىيىسىنىڭ ھازىر ئېلىپ بېرىۋاتقان مىللىي باستۇرۇش سىياسىتى جەھەتتىمۇ بىزنىڭ ناھايىتى كۆپ ئورتاقچىلىقىمىزنىڭ بارلىقىمىزنى، شۇڭلاشقا موڭغۇللار بىلەن ئۇيغۇرلار ئورتاقلىشىپ خىتاي كومپارتىيىسىنىڭ مىللىي باستۇرۇش سىياسىتىگە تاقابىل تۇرۇشتا ھەرىكەتلىرىمىزنى بىرلەشتۈرۈپ ئېلىپ بېرىشىمىز كېرەكلىكى ھەققىدە توختىلىپ ئۆتتۈم.

مۇخبىر: بۇ قېتىمقى جەنۇبىي موڭغۇل خەلق پارتىيىسىنىڭ يىغىنىغا تىبەت، ئۇيغۇر ۋە خىتاي دېموكراتچىلىرىنىڭ قاتنىشىشى، بۇنىڭدىن كېيىن خەلقئارادا ئېلىپ بېرىلىدىغان موڭغۇل داۋاسىدا بۇ مىللەتلەرنىڭ ئۆز-ئارا ھەمكارلىق ۋە ئىش بىرلىكى ئېلىپ بارىدىغانلىقىدىن دېرەك بېرەمدۇ؟
تۇرمۇھەممەت: ئەلۋەتتە، ئۇيغۇر، تىبەت، موڭغۇل بۇ ئۈچ مىللەت خىتاي چېگراسى ئىچىدىكى تەقدىرداش مىللەتلەردىن بولىدۇ. بىز ھەممە جەھەتتە ئۆز-ئارا ھەمكارلىشىپ ۋە ئورتاق كۈرەش قىلىپ پائالىيەت ئېلىپ بېرىۋاتىمىز. بۇلارنىڭ بۇ قېتىمقى يىغىنىدا ئوتتۇرىغا قويغىنىمۇ شۇ بولدى، مۇشۇ ئۈچ مىللەت بۇنىڭدىن كېيىن ئۆز-ئارا بىر-بىرىنى قوللاش، بىر-بىرىگە ياردەم بېرىش، خىتاي كومپارتىيىسىنىڭ ھاكىمىيىتى بىلەن كۈرەش قىلىش جەھەتتە ئورتاقلىشىش ھەققىدە تەكلىپلەر ۋە تەلەپلەر ئوتتۇرىغا قويۇلدى. بۇنىڭغا خىتاي دېموكراتلارنىڭمۇ قاتناشقانلىقى، خىتايلارنىڭ دېموكراتىيەلىشىشىگىمۇ، بىز ئۇيغۇرلار، موڭغۇللار، تىبەتلەرنىڭ مۇستەقىللىقىمىز ۋە دېموكراتىيەلىشىشىمىزگىمۇ پايدىلىق دەپ قارايمىز.

ئاۋاز ئۇلىنىشىدىن تەپسىلاتىنى ئاڭلاڭ.