ئەنقەرەدە دىنىي ئالىم مۇھەممەد سالىھ ھاجىمنىڭ غايىبانە جىنازا نامىزى چۈشۈرۈلدى

0:00 / 0:00

خىتاينىڭ ئاتالمىش تەربىيىلەش مەركەزلىرىدىن بىرىدە ھاياتىدىن ئايرىلغانلىقى ئىلگىرى سۈرۈلۈۋاتقان دىنىي ئالىم مۇھەممەد سالىھ ھاجىم ئۈچۈن تۈركىيەنىڭ پايتەختى ئەنقەرەدىكى ئەڭ چوڭ ۋە تارىخىي جامەلەردىن بىرى بولغان ھاجى بايرام جامەسىدە 2-فېۋرال جۈمە نامىزىدىن كېيىن غايىبانە جىنازا نامىزى ئوقۇلدى.

بۇ جىنازا نامىزى ئەنقەرەدە پائالىيەت ئېلىپ بېرىۋاتقان ئېتىقاد مۇنبىرى تەرىپىدىن ئۇيۇشتۇرۇلغان بولۇپ، پائالىيەتكە مەزكۇر تەشكىلاتقا ئەزا ھەر قايسى ئاممىۋى تەشكىلاتلارنىڭ مەسئۇللىرى، ئەزالىرى، جۈمە نامىزىغا كەلگەن جامائەت ۋە ئەنقەرەدىكى ئۇيغۇرلاردىن بولۇپ مىڭلىغان كىشى ئىشتىراك قىلدى.

جىنازا نامىزىنى ئەنقەرە ھاجى بايرام جامەسىنىڭ ئىمامى ئەخمەت قارالى ئەپەندى ئوقۇدى.

ئارقىدىن بۇ پائالىيەتنى ئۇيۇشتۇرغان ئېتىقاد ئەركىنلىكى مۇنبىرى مەسئۇلى زەينەل ئابىدىن ئۆزقان ئەپەندى مۇخبىرلارغا بايانات بەردى.

باياناتتا مۇنۇلار دېيىلگەن: «مۇھەممەد سالىھ ھاجىم 1936-يىلى خىتاينىڭ ئىشغالى ئاستىدىكى شەرقىي تۈركىستاننىڭ ئاتۇش دېگەن يېرىدە دۇنياغا كەلگەن. ئۇنىڭ ئائىلىسى 1949-يىلى كوممۇنىست خىتاي شەرقىي تۈركىستاننى بېسىۋالغاندىن كېيىن باشقا مەرىپەتپەرۋەر ئۇيغۇر ئائىلىلىرىگە ئوخشاشلا خىتاينىڭ زىيانكەشلىكىگە ئۇچرىغان. ئۇ، بېيجىڭ ئىسلام ئىنستىتۇتىنى پۈتتۈرگەندىن كېيىن ئۈرۈمچىدىكى ئۇيغۇر ئاكادېمىيەسىدە ئىشلەشكە باشلىغان. مۇھەممەد سالىھ ھاجىم ‹قۇرئانى كەرىم› نى ھازىرقى زامان ئۇيغۇر تىلىغا تەرجىمە قىلغان، ‹ئەرەبچە-ئۇيغۇرچە لۇغەت› تۈزگەندىن سىرت. كۆپ ساندا ئىلمىي ماقالە ئېلان قىلغان. مۇھەممەد سالىھ ھاجىم ئۇيغۇرلارنىڭ دىنىي ئىلىملەرنى ئۆگىنىشىگە، ئىسلام تەتقىقاتىغا مۇھىم تۆھپىلەرنى قوشقان شەخس.»

مەتبۇئات باياناتىنى ئوقۇش جەريانىدا جامائەت «شېھىت مۇھەممەد سالىھ سېنىڭ ئىزىڭغا ۋارىسلىق قىلىمىز»، «زالىملار ئۈچۈن دوزاخ ياشىسۇن» دېگەندەك شوئارلارنى توۋلاشتى.

ئەنقەرە ئېتىقاد مۇنبىرى مەسئۇلى ئوقۇغان مەتبۇئات باياناتىنىڭ ئاخىرىدا، خىتاي ھۆكۈمىتىنى ھازىر ئۇيغۇر ۋە قازاقلارغا ئېلىپ بېرىۋاتقان بېسىم سىياسىتىنى دەرھال توختىتىشقا، ئاتالمىش «تەربىيىلەش مەركىزى» نامى ئاستىدىكى لاگېرلارنى دەرھال تاقاشقا چاقىردى.

بىز بۈگۈنكى غايىبانە جىنازا نامىزى ۋە پائالىيەت توغرىسىدا پىكىر-قاراشلىرىنى ئىگىلەش ئۈچۈن بۇ پائالىيەتكە قاتناشقان دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى مۇئاۋىن رەئىسى دوكتور ئەركىن ئەكرەم ۋە ئەنقەرەدىكى ئۇيغۇر پائالىيەتچىلەر بىلەن سۆھبەت ئۆتكۈزدۇق.

تۈركىيەدە دوكتورلۇقتا ئوقۇۋاتقان ۋاھىت ئەپەندى ئۆزىنىڭ بۇنداق بىر پائالىيەتكە تۇنجى قېتىم ئىشتىراك قىلغانلىقىنى ۋە بۇنىڭ سەۋەبلىرىنى بايان قىلدى.

مىركامىل قەشقەرلى ئەپەندى بۈگۈنكى نامايىشقا كۆپ ساندا ئۇيغۇرنىڭ قاتنىشىشىدىكى سەۋەبلەر ھەققىدە توختالدى.

«خىتاينىڭ ئاۋازى بولۇپ كەلگەن مۇھەممەد سالىھ داموللامنىڭ لاگېرغا ئېلىپ كېتىلگەنلىكى ئۇ يەردە ۋاپات بولغانلىقى ئىلگىرى سۈرۈلۈپ بۇ يەردە غايىبانە نامىزى چۈشۈرۈلدى. دوكتور ئەركىن ئەكرەم ئەپەندى بۇنداق بىر زىيالىينىڭ خىتاي تەرىپىدىن بۇنداق مۇئامىلىگە دۇچار بولۇشىنى قانداق چۈشىنىشىمىز كېرەك؟» دېگەن سوئالىمىزغا جاۋاب بەردى.

خەۋەرلەرگە ئاساسلانغاندا خىتاي ھۆكۈمىتى بۇ قېتىم كۆپ ساندا ئۇيغۇر زىيالىيسىنى تەربىيىلەش مەركىزى نامى ئاستىدىكى لاگېرلارغا يىغىۋالغان.