ئىستانبۇلدا دىنىي ئالىم مۇھەممەد سالىھ داموللام ھاجىم ئۈچۈن غايىبانە جىنازا نامىزى ئوقۇلدى

0:00 / 0:00

خىتاينىڭ ئۈرۈمچىدىكى «تەربىيىلەش مەركەزلىرى» دىن بىرىدە ھاياتىدىن ئايرىلغانلىقى ئىلگىرى سۈرۈلۈۋاتقان دىنىي ئالىم مۇھەممەد سالىھ داموللام ھاجىم ئۈچۈن ئىستانبۇلدىكى ئەڭ چوڭ جامەلەردىن بىرى بولغان فاتىھ جامەسىدە بۈگۈن، يەنى 2-ئاينىڭ 2-كۈنى جۈمە نامىزىدىن كېيىن غايىبانە جىنازا نامىزى ئوقۇلدى.

بۇ جىنازا نامىزى ئىستانبۇلدىكى «شەرقىي تۈركىستان ئىجتىمائىي جەمئىيەتلەر بىرلىكى» تەرىپىدىن ئۇيۇشتۇرۇلغان بولۇپ، پائالىيەتكە ھەر قايسى شەرقىي تۈركىستان تەشكىلاتلارنىڭ مەسئۇللىرى ۋە ئەزالىرى، ئىنسان ھەق-ھوقۇقلىرى ياردەم ۋەخپى، تۈركىيە خالىسانە فوندلار بىرلەشمىسى، ئالپئەرەن ئوجاقلىرى، نەجمىدىن ئەرباكان ۋەخپى، خەلقئارالىق قانۇنشۇناسلار بىرلىكى قاتارلىق ئاممىۋى تەشكىلاتلار شۇنداقلا ئىستانبۇلدا ياشاۋاتقان ئۇيغۇرلاردىن بولۇپ مىڭلىغان كىشى قاتناشتى.

جىنازا نامىزىنى «شەرقىي تۈركىستان ئۆلىمالار بىرلىكى» نىڭ رەئىسى دوكتور ئاتاۋۇللاھ شەھيار ئىمام بولۇپ ئوقۇدى.

غايىبانە جىنازا نامىزىدىن كېيىن ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنى ئۆتكۈزۈلدى. ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنىدا «شەرقىي تۈركىستان ئىجتىمائىي تەشكىلاتلار بىرلىكى» گە ۋاكالىتەن شەرقىي تۈركىستان مائارىپ ۋە ھەمكارلىق جەمئىيىتىنىڭ رەئىسى ھىدايەتۇللاھ ئوغۇزخان سۆز قىلدى.

ھىدايەتۇللاھ ئوغۇزخان سۆزىدە دىنىي ئالىم مۇھەممەد سالىھ توغرىسىدا توختىلىپ مۇنداق دېدى: «بىز ئۇيغۇرلارنىڭ دىنىي ئالىملىرى ئىچىدە مۇھەممەد سالىھ ھاجىم زور تەسىرگە ئىگە بىر زات ئىدى. ئۇ قولىدىن كېلىدىغان پۈتۈن ئىمكانىيەتلەرنى ئىشقا سېلىپ ‹قۇرئان كەرىم› نى ئۇيغۇرچىغا تەرجىمە قىلدى. مەرھۇم 82 ياشقا كىرگىچە ھېچ قانداق بىر سىياسىي ھەرىكەت ئىچىدە بولمىدى، پەقەت ئىسلام ئۈچۈن خىزمەت قىلىشنى نىيەت قىلغان بىر ئالىم ئىدى، خىتاي ئۇنى تۈرمىدە شېھىت قىلدى.»
كېيىن بۈيۈك بىرلىك پارتىيەسىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى مۇھىددىن ئاجىجى ئەپەندى، خەلقئارالىق قانۇنشۇناسلار بىرلىكىنىڭ رەئىسى پروفېسسور نىجاتى جەيلان، تارىخ ۋەخپىنىڭ رەئىسى مۇھەممەد يىلدىرىم، ۋە مۇھەممەد سالىھنىڭ جىيەنى نەفىسە سالىھ سۆز قىلىپ، مۇھەممەد سالىھ داموللامنى ھاياتى ھەققىدە توختالدى.

نەفىسە سالىھ خانىم تاغىسى مۇھەممەد سالىھ داموللام توغرىسىدا سۆز قىلىپ مۇنداق دېدى: «تاغامنىڭ ۋاپات بولغانلىقىنى خەۋىرىنى بىلدىم، ئەمما نېمە سەۋەبتىن ۋاپات بولغانلىقىنى بىلمىدىم. تاغام مۇھەممەد سالىھ ھاجىم پۈتۈن ھاياتى بويىچە ئۇيغۇرلار ئۈچۈن خىزمەت قىلغان شەخس ئىدى. ھېچقاچان قانۇنغا خىلاپ ئىش-ھەرىكەتلەردە بولمىغان ئىدى، ھېچ قانداق گۇناھى يوق ئىدى. ئەمدى ئۇنىڭ قىزى نەزىرە ۋە كۈيئوغلى ئادىل تۇنىياز شائىر ئىدى. ئۇلارنى تەربىيىلەش لاگېرغا ئېلىپ كېتىپتۇ، ئاقىۋىتىنىڭ نېمە بولغانلىقىنى بىلمەيمىز، ئۇلارنىڭ تۆت پەرزەنتى بار ئىدى ئۇ پەرزەنتلەردىن ئىككى نەپىرى ئاتا-ئانىسى بىلەن بىللە ئېلىپ كېتىپتۇ. قالغان ئىككىسىدىن خەۋەر يوق، ئۇلارنىڭ ھالى نېمە بولدى، بىلەلمىدۇق، ماڭىمۇ خېلى ئۇزۇن ۋاقىت بولدى، ئۇرۇق-تۇغقانلار بىلەن تېلېفوندا ئالاقە قىلالمىدىم.»

نەفىسە سالىھ خانىم سۆزىدە يەنە تۈركىيە ھۆكۈمىتى ۋە سىياسىي پارتىيەلەرگە خىتاب قىلىپ مۇنداق دېدى: «مەن بۇ يەردىن تۈركىيە جۇمھۇر رەئىسى رەجەپ تاييىپ ئەردوغانغا خىتاب قىلىمەن، مىللەتچى ھەرىكەت پارتىيەسى رەئىسى دۆلەت باھچېلىگە شۇنداق خىتاب قىلىمەنكى، مېنىڭ تۇغقانلىرىمدىن نەزىرە مۇھەممەد ۋە ئادىل تۇنىياز قاتارلىق كۆپلىگەن ئۇرۇق-تۇققانلىرىم شۇنداقلا مىليونلىغان ئۇيغۇر خەلقىم جازا لاگېرىغا قامالدى. ئۇلارنىڭ ھېچقانداق جىنايىتى يوق ئىدى، ئۇلار قانۇنغا خىلاپ ھېچقانداق ئىش قىلغان ئەمەس. خىتاي بۇنىڭغا جاۋاب بەرسۇن، ئۇلارنى نېمە ئۈچۈن تۇتقۇن قىلدى، ئۇلارنىڭ جىنايىتى نېمە؟ بۇنىڭغا خىتاي جاۋاب بەرسۇن. ئۇلارنىڭ جىنايىتى ئۇيغۇر بولغانلىقىمۇ؟ تۈركىيە جۇمھۇر رەئىسى رەجەپ تاييىپ ئەردوغان بۇ مەسىلىگە ئارىلاشسۇن، ئۇ يەردە بىزنىڭ قانداق ئەھۋالدا ئىكەنلىكىمىزنى تەكشۈرۈپ باقسۇن، خىتايدىن ئۇيغۇرلارنىڭ نېمە جىنايىتى بارلىقىنى سوراپ كۆرۈڭلار. بىز سىزلەردىن ياردەم تەلەپ قىلىمىز. بىزگە كۆڭۈل بۆلۈڭلار. . .»

بۈيۈك بىرلىك پارتىيەسىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى مۇھىددىن ئاجىجى ئەپەندى، ئالدى بىلەن مۇھەممەد سالىھ ھاجىم توغرىسىدا توختىلىپ مۇنداق دېدى: «بىز مۇھەممەد سالىھنى ئالىم، ئەللاما، داموللام دەپ ئاتايتتۇق، بۇنىڭدىن كېيىن شېھىت مۇھەممەد سالىھ دەپ ئەسلەيمىز ۋە خىتاينىڭ شېھىت قىلغانلىقىنى ھەرگىز ئۇنۇتمايمىز. خىتاي 2050-يىلىغىچە شەرقىي تۈركىستاندا بىرمۇ مۇسۇلمان قويماي يوقىتىشنى مەقسەت قىلغان. ئەمما ئۇلار ئۇنۇتقان بىر ئىش بار. بەلكى ھازىر شەرقىي تۈركىستان ئىگە-چاقىسىز قالغان بولۇشى مۇمكىن، شەرقىي تۈركىستان توغرىسىدا ھېچ كىم سۆز قىلماسلىقى مۇمكىن، دۇنيا ئۇ يەردىكى ئىشلارنى كۆرمەسكە سالغان بولۇشى مۇمكىن، ئەمما ئۇنتۇمايدىغان ۋە ئۇنۇتتۇرمايدىغان بىر ئاللاھىمىز بار. بىز ئۇنىڭ كۈچىگە ئىشىنىمىز.»

رەئىس مۇھىددىن ئاجىجى ئەپەندى سۆزىدە يەنە ئۇيغۇر مۇھاجىرلارغا خىتاب قىلىپ مۇنداق دېدى: «قىممەتلىك مۇھاجىر قېرىنداشلىرىم، سىلەر بەلكىم ئائىلىلىرىڭلار بىلەن كۆرۈشەلمەيسىلەر، ئەگەر ۋىجدان ۋە غۇرۇر بار ئەركەك بولسا بۇنىڭدىن كېيىن ئەڭ مۇھىم ئىشى شەرقىي تۈركىستان داۋاسى بۆلىشى كېرەك.»

رەئىس مۇھىددىن ئاجىجى ئەپەندى سۆزىدە يەنە مۇنداق دېدى: «مەن بۇ يەردىن پۈتۈن دۇنياغا، تۈركىيە خەلقىگە، پارتىيە ۋە تەشكىلاتلارغا شۇنى چاقىرىق قىلىمەنكى، ھازىرقى دەۋرنىڭ مۇھاجىرلىرىغا ئىگە چىقىش نامىدا بىر سەپەرۋەرلىك خىزمىتى باشلايلى. زۇلۇمغا توسقۇنلۇق قىلالمىساق، ھېچ بولمىغاندا زۇلۇمنى دۇنياغا ئاڭلىتايلى. ئۇ يەردە قېرىنداشلىرىمىز قەتلى قىلىنىۋاتىدۇ. خۇدايىم بۇيرۇسا، بۇ نالە-پەريادلارنىڭ، بۇ ۋاقىراش-نىدالارنىڭ، بۇ كۆز ياشلارنىڭ بىر مۇكاپاتى بولىدۇ.»

بىز بۈگۈنكى غايىبانە جىنازا نامىزى ۋە پائالىيەت توغرىسىدا پىكىر-قاراشلىرىنى ئېلىش ئۈچۈن شەرقىي تۈركىستان مائارىپ ۋە ھەمكارلىق جەمئىيىتىنىڭ رەئىسى ھىدايەتۇللاھ ئوغۇزخان بىلەن سۆھبەت ئېلىپ باردۇق.

ھىدايەتۇللا ئوغۇزخان بۇ پائالىيەتكە مۇھىم تەشكىلات رەھبەرلىرى ۋە نەچچە مىڭ كىشىنى قاتنىشىشى بىلەن ياخشى ئۆتكەنلىكىنى، تۈركىيە خەلقىنىڭ ۋە ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇرلارغا كۆڭۈل بۆلۈشىنى ئارزۇ قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

بىز يەنە نورۋېگىيەدىن كېلىپ بۇ پائالىيەتكە قاتناشقان قۇربانجان مۇسا بىلەن سۆھبەت ئۆتكۈزۈپ بۇ غايىبانە جىنازا نامىزى ۋە پائالىيەتلەر توغرىسىدا پىكىر-قاراشلىرىنى ئالدۇق.