8 - مارت خەلقئارا ئاياللار بايرىمى مۇناسىۋىتى بىلەن گېرمانىيىنىڭ ميۇنخېن شەھىرىدىكى ئۇيغۇر ئاياللىرى بىر سورۇنغا جەم بولۇپ بولۇپ، ھال - مۇڭ بولۇشتى.
گېرمانىيە ئۇيغۇر ئاياللار كومىتېتىنىڭ رەئىسى گۈلنار خانىم سورۇنغا جەم بولغان خانىم قىزلارغا مىللىي بىرلىك ۋە مىللىي كىملىكنى ساقلاپ قېلىش ئۈچۈن بۇ خىلدىكى ئىجتىمائىي پائالىيەتلەرنى كۆپلەپ ئۇيۇشتۇرۇشنىڭ زۆرۈرلۈكىنى تەكىتلىدى.
بۇ پائالىيەتنى ئۇيۇشتۇرغان ياۋروپا شەرقىي تۈركىستان بىرلىكى تەشكىلاتىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى راھىلە خانىم بۇ مۇناسىۋەت بىلەن زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلىپ، مەزكۇر پائالىيەت توغرىسىدىكى قاراشلىرىنى بىلدۈرۈپ ئۆتتى. ئۇ سورۇندا قىلغان سۆزىدە، ئۇيغۇر ئاياللىرىنى ئۆملۈك، ئىتتىپاقلىققا چاقىرغانىدى. ياۋروپا شەرقىي تۈركىستان بىرلىكى تەشكىلاتى ئاياللار بۆلۈمىنىڭ مۇدىرى مېھرىگۈل خانىممۇ بۇ سورۇنغا جەم بولغان 50تىن ئارتۇق ئاياللارغا ئۆزىنىڭ تىلەكلىرىنى بىلدۈرۈپ ئۆتتى. رەسسام مەرۋايىت خانىممۇ سورۇن ئەھلىگە ئۆزىنىڭ يۈرەك سۆزلىرىنى ئىزھار قىلدى.
8 - مارت كۈنى چۈشتىن كېيىن سائەت ئالتە بىلەن باشلانغان بۇ پائالىيەت سائەت 10غا قەدەر داۋام قىلدى.
پائالىيەت ئاخىرىدا تەشكىلات مەسئۇللىرى ۋە سورۇنغا داخىل بولغان خانىملار بۇندىن كېيىن قىلىشقا تېگىشلىك ئىجتىمائىي پائالىيەتلەر توغرىسىدا بەس - بەستە پىكىر بايان قىلىشتى.
0:00 / 0:00