كۆزەتكۈچىلەر خىتاينىڭ مۇشتۇمزورلۇقى ھەققىدە ئامېرىكىنى ئاگاھلاندۇرماقتا

0:00 / 0:00

خىتاي دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ، خىتاي كومپارتىيىسىنىڭ ئون توققۇزىنچى قۇرۇلتىيىدا قىلغان 3 سائەتلىك نۇتقىدا «خىتايچە سوتسىيالىزم» نى تەرەققىي قىلدۇرۇش ۋە قۇدرەتلىك بىر خىتاي قۇرۇپ چىقىشنى قايتا-قايتا تەكىتلىگەن ۋە شۇنداقلا خىتاينىڭ «يېڭى بىر ئېرا» غا قەدەم باسقانلىقىنى ئىلگىرى سۈرگەن ئىدى.

نۇرغۇن كۆزەتكۈچىلەر نۆۋەتتە خىتاينىڭ خەلقئارا مەسىلىلەرگە ئارىلىشىشتا ئىلگىرىكىدىن ئاكتىپلىشىشى، جەنۇبىي دېڭىزدىكى ئىگىلىك ھوقۇق داۋاسىدا زومىگەرلىشىشى، ئۆزىنىڭ ئىقتىسادىي كۈچى ئارقىلىق باشقا دۆلەت سىياسەتلىرىگە تەسىر كۆرسىتىشكە ئۇرۇنۇش ھەرىكەتلىرىنىڭ ھەممىسىنى شى جىنپىڭ تىلغا ئالغان «يېڭى ئېرا» نىڭ ئىپادىلىرى بولۇشى مۇمكىن، دەپ قارىماقتا. ئامېرىكىدىكى «كۇيىز» ژۇرنىلىدا ئېلان قىلىنغان بىر ماقالىدە كۆرسىتىلىشىچە، خىتاي دۇنياغا ئوچۇق قىلىپ «ئىككىمىزدىن بىرىنى تاللا، يا ئامېرىكا تەرەپتە تۇر، ياكى بىز تەرەپتە،» دېمەكتىكەن.

مەزكۇر ماقالىگە «خىتاي بۇ يىل دۇنياغا ئوچۇق قىلىپ ‹ئامېرىكا بىلەن خىتايدىن بىرىنى تاللا› دەۋاتىدۇ» دەپ ماۋزۇ قويۇلغان. ئاپتور خۇاڭ زېپىڭنىڭ بايان قىلىشىچە، ئالدىنقى يىلى شى جىنپىڭ داۋۇستىكى «دۇنيا ئىقتىساد مۇنبىرى» يىغىنىدا ئامېرىكا پرېزىدېنتى دونالد ترامپ ئىلگىرى سۈرۈۋاتقان «ئالدى بىلەن ئامېرىكا» دېگەن سىياسەتكە تەگكۈزۈپ تۇرۇپ، ھە دېسە «يەرشارىلىشىش» ۋە «ئەركىن تىجارەت» تىن سۆز قىلغان بولسا، خىتاينىڭ بۇ يىل داۋۇستىكى يىغىندا قىلغان سۆزى تېخىمۇ كەسكىن بولغان. شى جىنپىڭ گەرچە داۋۇستىكى يىغىنغا ئۆزى بىۋاسىتە قاتناشمىغان بولسىمۇ، ئەمما ئۇ ئۆزىنىڭ ئىقتىساد مەسلىھەتچىسى ليۇ خې ئارقىلىق دۇنياغا يوللىغان سىگنالىدا ئوچۇق قىلىپ «ئىككىمىزدىن بىرىنى تاللا - يا ئامېرىكا ياكى بىز» دېگەننى ئوتتۇرىغا قويغان ئىكەن.

ئاپتورنىڭ ئېيتىشىچە، ليۇ خېنىڭ داۋۇستىكى سۆزىدىن كېيىن شىنخۇا ئاگېنتلىقىمۇ بىر پارچە ئوبزور ئېلان قىلغان. ئۇنىڭدا «دۇنيانىڭ سىياسەت ۋە تىجارەت ساھەسىدىكى يولباشچىلار چوقۇم بىر-بىرىدىن تۈپتىن پەرقلىق بولغان ئىككى خىل كۆز قاراشتىن بىرىنى تاللىشى كېرەك. بىرى، شى جىنپىڭنىڭ ‹كېلەچەكنى ئورتاقلىشىش› سىياسىتى يەنە بىرى ترامپنىڭ ‹ئالدى بىلەن ئامېرىكا› سىياسىتى. توغرا بولغىنى ئەلۋەتتە، شى جىنپىڭنىڭ» دەپ يېزىلغان.

ئامېرىكىدىكى ئەركىنلىك سارىيىنىڭ خىتاي ئىشلىرى تەتقىقاتچىسى ساراھ كۇك خانىم سۆزىدە، خىتاينىڭ كېيىنكى يىللاردا مەيلى ئىقتىساد، مەيلى تىجارەت ۋە كىشىلىك ھوقۇق قاتارلىق مەسىلىلەردە يولغا قويۇۋاتقان تەسىر كۆرسىتىش ھەرىكەتلىرىنىڭ ھەممىسىنىڭ پىلانلىق ھالدا ئېلىپ بېرىلغانلىقىنى بىلدۈردى. ئۇ مۇنداق دېدى: «خىتاينىڭ يېقىنقى يىللاردىن بۇيان ئېلىپ بارغان ھەر ساھە سىياسەتلىرىگە قارايدىغان بولساق، ئۇنىڭدا ئېنىق نىشان بارلىقىنى، نىشان قىلىنغان كىشىلەر ياكى سىياسەتلەر بارلىقىنى كۆرىمىز. بىز بارلىق پارچىلارنى بىرلەشتۈرۈپ ئۇنىڭ كەينىدىكى بيۇروكراتلىققا قارىغان ۋاقتىمىزدا بۇ ھەرىكەتلەرنىڭ ھەممىسىنىڭ ئىنتايىن سىستېمىلىق ئېلىپ بېرىلغانلىقىنى كۆرەلەيمىز. خىتاي سىياسەتلىرىدىكى يەنە بىر يېڭى يۈزلىنىش بولسا خىتاينىڭ ئىشلىرىنى يۈرگۈزۈشتە قوللانغان تاكتىكىسى ۋە ئىشلەتكەن تىلىدىكى قوپاللىق، قېلىنلىق ۋە قەتئىيلىكتۇر. تېخى ئون نەچچە يىل ئالدىدىلا خىتاي بۇنداق ئەمەس ئىدى. دېمەك، بۇلارغا خىتاينىڭ خەلقئارا سەھنىدىكى ئۆزىگە بولغان كۈچلۈك ئىشەنچى سەۋەب بولغان. ئۇنىڭ خەلقئاراغا سىياسىي ۋە ئىقتىسادىي جەھەتتىن ھەم شۇنداقلا تەنقىدىي ئاۋازلارنى جىمىقتۇرۇش ئۈچۈن سېلىۋاتقان تەھدىتىمۇ خىتاينىڭ زور ئىقتىسادىي كۈچىنى ئۆزىگە ئارقا تېرەك قىلغان.»

ساراھ كۇك خانىم سۆزىدە ئەسكەرتىپ، ئامېرىكا قاتارلىق دۆلەتلەرنىڭ ھەرقانداق بىر مەسىلىدە ئەگەر خىتاي ھۆكۈمىتى ھەددىدىن ئېشىپ كەتكەن تەقدىردە، دەرھال تېگىشلىك ئاگاھلاندۇرۇشنى بەرمىگەن تەقدىردە بۇنىڭ خىتايغا خاتا سىگنال بېرىدىغانلىقىنى، بۇنىڭ بىلەن خىتاينىڭ بۇنداق ھەرىكەتلىرىنى يەنىمۇ كۈچەيتىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

بۈگۈن يەنە «دۆلەت مەنپەئەتى» ژۇرنىلىدا ئاپتور گوردون چاڭ تەرىپىدىن ئېلان قىلىنغان «خىتاي جەنۇبىي دېڭىزدا توقۇنۇشنى ئارزۇ قىلىۋاتىدۇ» ماۋزۇلۇق ماقالىدىمۇ يۇقىرىدىكى ئىدىيە ئالغان سۈرۈلگەن. ئاپتور گوردون چاڭ خىتاينىڭ جەنۇبىي دېڭىزنىڭ ئىگىلىك ھوقۇق مەسىلىسىدە بارغانچە مۇشتۇمزور بولۇپ كېتىشىنى ئوباما ھۆكۈمىتىنىڭ بۇ مەسىلىدە خىتايغا يېتەرلىك ئىنكاس قايتۇرماسلىقىدىن كېلىپ چىققان ئاقىۋەت، دەپ كۆرسەتكەن ۋە ئامېرىكىنىڭ بۇ پوزىتسىيىسىنى ئۆزگەرتىشى كېرەكلىكىنى تەكىتلىگەن. ئۇ ماقالىسىدە يەنە ھازىرقى ترامپ ھۆكۈمىتىنىڭ خىتايغا قارىتىلىپ كەلگەن يۇمشاق قول سىياسەتنى ئۆزگەرتىشكە باشلىغانلىقىنى، بۇنىڭ تۇنجى ئىپادىسىنىڭ ئامېرىكا پرېزىدېنتى دونالد ترامپ ئۆتكەن 12-ئايدا ئېلان قىلغان ئامېرىكىنىڭ 2017-يىللىق «دۆلەت بىخەتەرلىك ئىستراتېگىيىسى» دە ئىپادىلىنىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن. مەزكۇر دوكلاتتا، «خىتاي ئامېرىكىغا تەھدىت پەيدا قىلىدىغان دۆلەت،» دەپ كۆرسىتىلگەن ئىدى. خەۋەرلەردىن قارىغاندا، دوكلاتتا خىتاينىڭ ئىسمى جەمئىي 23 يەردە تىلغا ئېلىنغان بولسىمۇ، ئەمما ئۇنىڭ بىرىمۇ ئىجابىي ئەمەس بولۇش بىلەن بىرگە، خىتاي ئامېرىكا قوشما شتاتلىرىنىڭ دۇنيا مىقياسىدىكى ئىقتىساد ۋە ھەربىي كۈچ-قۇۋۋەت ساھەلىرىدىكى يېتەكچى ئورۇننى تالىشىش، ئامېرىكىنىڭ تىنچ ئوكياندىكى تەسىرىنى چەكلەپ، ئۆزىنىڭ دۆلەت كونتروللۇقىدىكى ئىقتىساد مودېلىنى بۇ رايوندا كېڭەيتىشكە ئۇرۇنۇش قاتارلىقلار بىلەن ئەيىبلەنگەن ئىدى. خىتاي دوكلاتتا رۇسىيە، شىمالىي كورېيە، ئىران ۋە شۇنداقلا خەلقئارالىق جىھادىي كۈچلەر بىلەن بىر قاتاردا بىر قانچە قېتىم تىلغا ئېلىنغان بولۇپ، ئۇنىڭدا يۇقىرىدىكى ئىسمى تىلغا ئېلىنغان دۆلەت ۋە تەشكىلاتلار «ئامېرىكا ۋە ئۇنىڭ شېرىكلىرىگە قارشى ئاكتىپ ھەرىكەت قىلماقتا،» دەپ يېزىلغان.

ئەمما گوردون چاڭ ماقالىسىدە ئەسكەرتىپ، خىتاينىڭ ئامېرىكىغا قىلىۋاتقان ئوچۇق-ئاشكارا تەھدىتىگە قارىماي، ئامېرىكا سىياسەتشۇناسلىرى ئىچىدە يەنىلا بۇنىڭدىن ئىككىلىنىدىغانلار كۆپلۈكىنى بىلدۈرۈپ، ئۇلارنى خىتاينىڭ ئامېرىكا بىلەن توقۇنۇش نىيىتىنىڭ ئوچۇقلۇقى ھەققىدە ئاگاھلاندۇرغان.