«خەلقئارا مۇسۇلمان ئۆلىمالار ئىتتىپاقى»نىڭ چوڭ يىغىدا ئۇيغۇرلار مەسىلىسى ھەققىدە بايانات ئېلان قىلىندى

0:00 / 0:00


2013 - يىلى 12 - ئاينىڭ 7 - ۋە 8 - كۈنلىرى قاتار دۆلىتىنىڭ پايتەختى دوھا شەھىرىدە «خەلقئارا مۇسۇلمان ئۆلىمالار ئىتتىپاقى» نىڭ 5 - قېتىملىق چوڭ يىغىنى چاقىرىلغان بولۇپ، يىغىندا ئۇيغۇرلارنىڭ مەسىلىسى ئوتتۇرىغا قويۇلۇپ، مەخسۇس قارار ئېلان قىلىندى.

يىغىنغا دۇنيانىڭ ھەر قايسى جايلىرىدىن مۇسۇلمان ئۆلىمالىرى ئىشتىراك قىلغان بولۇپ، يىغىن ئەھلى بۇ يىغىندا پەلەستىندىن باشلاپ كەشمىرگىچە بولغان ئىسلام دۇنياسىدىكى كۆپلىگەن كرىزىسلار ئۈستىدە ئايرىم - ئايرىم توختالدى.

«خەلقئارا مۇسۇلمان ئۆلىمالار ئىتتىپاقى»نىڭ 5 - قېتىملىق چوڭ يىغىنىدىن بىر كۆرۈنۈش. قاتار 2013 - يىلى7 - دىكابىر.

«خەلقئارا مۇسۇلمان ئۆلىمالار ئىتتىپاقى» 2004 - يىلى ئەنگىلىيە پايتەختى لوندوندا قورۇلغان خەلقئارالىق ئىتتىپاق بولۇپ، ئۇنىڭغا ئىسلام دۇنياسىدا بىردەك تونۇلغان ئالىم دوكتور يۈسۈپ ئەل قەرداۋى رىئاسەتچىلىك قىلىدۇ. بۇ ئىتتىپاق سۈننىي، شىئە ۋە ئابازى قاتارلىق ئىسلام دۇنياسىدا مەۋجۇت بولغان مەزھەپلەرنىڭ ئۆلىمالىرىدىن تەركىپ تاپقان بولۇپ، مەقسىتى پۈتۈن دۇنيا مۇسۇلمانلىرىغا ۋەكىللىك قىلىش ۋە ھەممىنىڭ غېمىنى يېيىشتىن ئىبارەت ئىكەن. بۇ ئىتتىپاق ھازىرغىچە ئىسلام دۇنياسىدىكى مۇسۇلمانلار ۋە مۇسۇلمان ئەمەس دۆلەتلەردىكى ئاز سانلىق مۇسۇلمانلار ئۈچۈن كۆپلىگەن ياخشى ئىشلارنى قىلغان. بۇ ئىتتىپاق بىرەر مەزھەپ ياكى بىرەر دۆلەت بىلەن چەكلىنىپ قالمايدىكەن. بەلكى پۈتۈن دۇنيا مۇسۇلمانلىرىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان ۋە ئۇلارنىڭ ھەممە مەزھەپلىرىدىن ۋەكىللەر تەشكىل قىلغان ئىكەن. بۇ ئىتتىپاق مەزھەپلەر ئوتتۇرىسىدىكى توقۇنۇشلارنى ئىسلامىي قېرىنداشلىققا دەخلى يەتكۈزمەيدىغان شەكىلدە ھەل قىلىش، مەزھەپلەر ئوتتۇرىسىدىكى زىددىيەتلەرنى ھەل قىلىپ، پۈتۈن مۇسۇلمانلار ئوتتۇرىسىدا دوستلۇقنى ۋە ئىسلامىي قېرىنداشلىقنى كۈچەيتىش، شۇنداقلا مۇسۇلمانلارنىڭ كرىزىسلىرىنى ھەل قىلىشنى غايە ۋە مەقسەت قىلىدىكەن.

ئۇيغۇرلارنىڭ مەسىلىسى ھەققىدە ئېلىنغان قارار

ئىككى كۈن داۋام قىلغان چوڭ يىغىن جەريانىدا، «خەلقئارا مۇسۇلمان ئۆلىمالار ئىتتىپاقى» نىڭ يىغىن ئىشتىراكچىلىرى ئىسلام دۇنياسىدىكى ۋە مۇسۇلمان ئەمەس دۆلەتلەردە ياشايدىغان ئاز سانلىق مۇسۇلمانلارنىڭ قىيىنچىلىقلىرى، ئۇلارنىڭ ئالدىدىكى تەھدىتلەر ۋە ئۇلار دۇچ كەلگەن كرىزىسلار ئۈستىدە تەپسىلىي توختالغان ۋە يىغىن ئاخىرىدا ھەربىر دۆلەتتىكى مۇسۇلمانلار ئۈچۈن مەخسۇس قارارلارنى ئېلىپ، ئالاھىدە باياننامە ئېلان قىلغان. شۇلارنىڭ قاتارىدا ئۇيغۇرلار مەسىلىسىمۇ تىلغا ئېلىنىپ، ئۇيغۇر مۇسۇلمانلىرى ۋە ئۇلارنىڭ ھازىرقى ۋەزىيىتى ھەققىدە ئايرىم توختالغان. ئاخىرىدا ئۇيغۇرلار مەسىلىسى توغرىلىق مۇنداق قارار ئېلان قىلغان: «ئىتتىپاقىمىز خىتاي ھۆكۈمىتىنى ئۇلار شىنجاڭ دەپ ئاتاپ كەلگەن شەرقىي تۈركىستان مۇسۇلمانلىرىغا قاراتقان دىنىي جەھەتتىكى بېسىمىنى توختىتىشقا، بۇ رايوندىكى مۇسۇلمانلارنىڭ ئىشسىزلىق، يوقسۇللۇق قاتارلىق مۇشكىلاتلىرىنى ھەل قىلىشىقا ۋە ئۇلارنىڭ ئىجتىمائىي پاراۋانلىقىنى تولۇقلاپ بېرىىشكە چاقىرىدۇ. ئىتتىپاقىمىز يەنە، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ شەرقىي تۈركىستان مۇسۇلمانلىرىغا قاراتقان ۋە ھەمىشە داۋام قىلىۋاتقان ئۆلتۈرۈش، ئېزىش ۋە يەر - ماكانلىرىدىن مەھرۇم قىلىش قاتارلىق قىلمىشلىرىنى قاتتىق ئەيىبلەيدۇ.»