23 - ماي ئېچىلغان «ئاسارەتتىكى تۈرك ئىسلام دۆلىتى شەرقىي تۈركىستان» ناملىق يىغىندا سۆز قىلغان قازاق پائالىيەتچى سەركان دېنچتۈرك ئەپەندى، مۇستەقىللىق ھەرىكەتلەر توغرىسىدا سۆز قىلىپ، شەرقىي تۈركىستان مۇستەقىللىق ھەرىكەتلىرىنىڭ ئاداققىچە داۋام قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.
يىغىننى مەركىزى تۈركىيەنىڭ خوجائېلى شەھىرىگە جايلاشقان كارامۈرسەل يەسەۋى چۈشەنچە، مائارىپ، مەدەنىيەت ۋە ئىجتىمائىي ھەمكارلىق جەمئىيىتى ئۇيۇشتۇرغان بولۇپ، يىغىنغا قازاق تۈركلىرى تەلىم - تەربىيە ۋە ھەمكارلىق جەمئىيىتىنىڭ رەئىسى سەركان دىنچتۈرك ئەپەندىممۇ تەكلىپ بىلەن قاتناشقان ئىدى.
يىغىنغا كارامۈرسەل ناھىيە ھاكىمى ئەخمەت نارىنئوغلى، شەھەر باشلىقى ۋەكىلى مەسئۇت چەتىنكايا، ناھىيىلىك دىنىي ئىشلار باشقارمىسىنىڭ مۇپتىسى يىلماز كۈچۈك، سىياسىي پارتىيىلەرنىڭ ۋەكىللىرى، ئۈلكۈ ئوجاقلىرى ۋە ئاممىۋى تەشكىلاتلارنىڭ مەسئۇللىرىمۇ كىشى قاتناشتى.
سەركان دېنچتۈرك سۆزىدە يەنە خىتاي ئىشغالى، قەتلىئاملار، سۈرگۈن ۋە كۆچمەنلىك ھايات توغرىسىدا توختالدى.
سەركان دېنچتۈرك ئەپەندى سۆزىدە يەنە شەرقىي تۈركىستاندا يۈز بەرگەن مەسىلىلەرنىڭ ھەل قىلىش چارىلىرى ئۈچۈن خىتاي دائىرىلىرى ئەمەلدارلىرىنى دىئالوگ ئۆتكۈزۈشكە چاقىرىق قىلدى ۋە قىرىم مەسىلىسى توغرىسىدا رۇسىيەگە قارشى مەيداندا تۇرۇشنى تەۋسىيە قىلدى.
يىغىنغا قاتناشقۇچىلارنىڭ سانى خېلى كۆپ بولۇپ شەرقىي تۈركىستان مەسىلىلىرىنى پۈتۈن دىققەت بىلەن ئاڭلىدى ۋە بەزىلىرى كۆز يېشى قىلدى.

ئېچىلىش مۇراسىمىدا كارامۈرسەل يەسەۋى چۈشەنچە، مائارىپ، مەدەنىيەت ۋە ئىجتىمائىي ھەمكارلىق جەمئىيىتىنىڭ رەئىسى ئەمراھ ئاتەش ئەپەندى سۆز قىلىپ، مىللىي ۋە مەنىۋى ھېس تۇيغۇ ئاڭدىن ئۇزاقلىشىپ كەتكەن بىر دەۋردە ياشاۋاتقانلىقىنى، ئاكتىپ خىزمەت قىلىش ئارقىلىق بۇ بوشلۇقنى تولدۇرۇشنى خالايدىغانلىقىنى، تۈرك دۇنياسى ۋە ئىسلام جوغراپىيەسىنىڭ قىيىنچىلىق مەسىلىلىرىنى كۈنتەرتىپكە كەلتۈرۈش ئۈچۈن ئەينى دەۋردە تۈرك مىللىتىنىڭ قەلبىگە ئۆچمەس ئىزلار باسقان ئەخمەت يەسەۋىينىڭ ئۆگەتكەن تەلىملىرىنى يېتەكچى قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.
يىغىندا سۆز قىلغان قازاق تۈركلىرى تەلىم - تەربىيە ۋە ھەمكارلىق جەمئىيىتىنىڭ رەئىسى سەركان دېنچتۈرك خىتاينىڭ زۇلۇم ۋە بېسىملىرىنى ئاڭلاتتى. سەركان دېچنتۈرك ئەينى زاماندا ئۆز ئائىلىسىنىڭ قۇمۇلدا بېشىغا كەلگەن ئېغىر پاجىئەلەرنى ئاڭلىتىپ كۆز ياشلىرىنى تۇتالمىدى.
سەركان دېنچتۈرك ئەپەندى، مۇستەقىللىق ھەرىكەتلەر توغرىسىدا سۆز قىلىپ، شەرقىي تۈركىستانغا قارشى رۇسىيە ۋە خىتاينىڭ ئورتاق ھەرىكەت قىلغانلىقىنى بىلدۈردى ۋە نەسىللىرىمىز داۋام قىلغان مۇددەتكىچە مۇستەقىللىق ھەرىكەتلىرىمىز توختاپ قالمايدۇ، دېدى.

سەركان دېچنتۈرك سۆزىدە يەنە، شەرقىي تۈركىستاننىڭ دىنى ۋە مىللىي جەھەتتە ھەم تۈركىيە ھەم باشقا مۇستەقىل تۈرك جۇمھۇرىيەتلەرنىڭ يېقىندىن كۆڭۈل بۆلۈشى كېرەكلىكىنى تەكىتلىدى ۋە مۇنداق دېدى: چۈنكى بۈگۈن شەرقىي تۈركىستانغا ھۆكۈمران بولغان سېرىق خەۋپنىڭ ئاساسى مەقسىتى يېقىن كەلگۈسىدە سېبىرىيە ۋە قازاقىستان ئۈستىگە قۇرىدىغان نوپۇس ھاكىمىيىتى بىلەن دۇنيا لىدېرى بولۇش ۋە دۇنياغا ھۆكۈمرانلىق قىلىش. شەرقىي تۈركىستاندىكى، رايوندىكى تۈركلەرنىڭ ئاساسى ئارزۇ - ئىرادىسى بولسا ئۆز يۇرتلىرىدا ئۆرپ - ئادەت مەدەنىيەتلىرى بىلەن، ئېتىقادى بىلەن دىنى ۋە مىللىي سالاھىيىتى بىلەن ئىنساندەك ياشاش ھوقۇققا ئىگە بولۇش ۋە ئەركىنلىك مۇھىتنىڭ بەرپا بولۇشىدۇر.»
يىغىن ئاخىرىدا يىغىن ئەھلىنىڭ شەرقىي تۈركىستان مەىسلسى توغرىسىدا سورىغان سوئاللىرىغا جاۋاب بەردى. بىر كىشىنىڭ، تۈركىيە شەرقىي تۈركىستان ئۈچۈن نېمە قىلىشى كېرەك دېگەن سوئالىغا جاۋاب بېرىپ مۇنداق دېدى: «ئەگەر تۈركىيە كۈچلۈك بولۇپ رايوندا قانچىلىك تەسىرى دائىرىسى كېڭەيسە بىزنىڭ تولۇق مۇستەقىللىقىمىزنى قولغا كەلتۈرۈشتە بىزلەرگە ئەڭ چوڭ ياردەم قىلىدىغانلىقىغا ئىشىنىمىز. يۇرتىمىزدىكى قەتلىئاملارنىڭ توختىتىلىشىدا ئەڭ چوڭ رول ئوينايدىغان رولچى تۈركىيەدۇر» دېدى.

يىغىن ئاخىرىدا سەركەن دېنچتۈرك ئەپەندىگە كارامۈرسەل يەسەۋى چۈشەنچە ۋە تەلىم تەربىيە، مەدەنىيەت ۋە ئىجتىمائىي ھەمكارلىق جەمئىيىتى رەئىسى ئەمراھ ئاتەش ئەپەندى تەرىپىدىن تەشەككۈر بىلدۈرۈپ تەقدىرنامە تەقدىم قىلىندى.