غايىب مۇختەر روزىنىڭ ئايالى: «مىسىردىكى تۇتقۇندىن بۇيان ئىز-دېرىكى بولمايۋاتقان ئۇيغۇرلارنى ئۇنتۇمايلى!»

0:00 / 0:00

ئەزھەر ئۇنىۋېرسىتېتى ئوقۇغۇچىسى مۇختەر روزىنىڭ بۇلتۇر 17-ئىيۇل، مىسىر نۆۋەيبى پاراخوت پورتىدا تۇتۇپ قېلىنغان 8 ئايدىن بۇيان ئىز-دېرىكى يوق.

مۇختەر غايىب بولغاندىن كېيىن مۇختەرنىڭ ئىككى بوۋاق بالىسى بىلەن قالغان مەريەم خانىم، تور دۇنياسىغا «يولدىشىم مۇختەر روزىنى تاپماي قويمايمەن» دەپ مۇراجىئەتنامە ئېلان قىلدى.

بۈگۈن مۇخبىرىمىز گۈلچېھرەنىڭ تېلېفون زىيارىتىنى ئىستانبۇلدىن قايتا قوبۇل قىلغان مەريەم خانىم، دۇنيا ئەھلىنىڭ مىسىردىن بىگۇناھ، دەلىل-ئىسپاتسىز تۇتقۇن قىلىنىپ غايىب قىلىۋېتىلگەن يولدىشى مۇختەر روزى ۋە باشقا ئۇيغۇر ئوقۇغۇچىلارنى ئۇنتۇپ قالماسلىققا، ئۇلارنىڭ ئىز-دېرىكىنى قىلىشقا چاقىردى.

يۇقىرىدىكى ئاۋاز ئۇلىنىشىدىن ئۇلارنىڭ سۆھبىتىنى ئاڭلىغايسىلەر.