پروفېسسور ناكاجىما : ئۇيغۇرلار شەرقىي تۈركىستان جۇمھۇرىيىتى قۇرۇشنى ئۇنتۇپ قالمىدى

0:00 / 0:00


ياپونىيەلىك خەلقئارا مۇناسىۋەتلەر پروفېسسورى ناكاجىمانىڭ «جۇڭگو دېگەن نېمە؟»، « دۆلەت قۇرۇلغاندىن كېيىنكى كۆلەڭگە ئارقىسىدىكى ھەقىقەت» سەرلەۋھىلىك كىتابى يېقىندا ياپونىيە پ ھ پ نەشرىياتى تەرىپىدىن نەشر قىلىنغان.

پروفېسسور ناكاجىما ياپونىيەدە تونۇلغان خەلقئارا مۇناسىۋەتلەر تەتقىقاتچىسى بولۇپ، ئۇ، ئىلگىرى توكيو چەتئەل تىلى ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ مۇدىرى بولغان.

ناكاجىما خىتاي دۆلىتى تەتقىقاتىغا ئائىت كۆپلىگەن ئەسەرلەرنى يازغان بولۇپ، ئۇنىڭ ۋەكىل خاراكتېرلىك ئەسىرىدىن «جۇڭگو»، « جۇڭگو ۋە ياپونىيە مۇناسىۋىتى» قاتارلىق كىتابلىرى مەشھۇردۇر.

ئاپتورنىڭ بۇ قېتىم نەشر قىلىنغان مەزكۇر كىتابى يەتتە بابتىن تەركىپ تاپقان. بىرىنچى بابىدا خىتاي كومپارتىيىسىنىڭ بارلىققا كېلىشى ۋە ئۇنىڭ راۋاجىلىنىشى ئۈستىدە تارىخى نۇقتىدىن تەھلىل ئېلىپ بېرىلغان. ئىككىنچى بابىدا ماۋ زېدۇڭنىڭ قانداق قىلىپ دۆلەت قۇرغانلىقى ھەققىدە توختالغان. ئۈچىنچى بابىدا مەدەنىيەت زور ئىنقىلابىنىڭ كېلىپ چېقىشى، جەريانى توغرىسىدا توختالغان. تۆتىنچى بابىدا دېڭ شاۋپىڭنىڭ خىتايدا ئېلىپ بارغان ئىسلاھاتى ۋە ئۇنىڭ تەسىرى ھەققىدە ئۆز قاراشلىرى بايان قىلغان. بەشىنچى بابىدا بولسا سەددىچىن سېپىلىغا ئوخشاش خىتاينىڭ مۇستەھكەم ئىقتىسادىي بەلۋاغ ھاسىل قىلىش ئۈچۈن ئىزدىنىۋاتقانلىقى ھەققىدە نەزىرىيىۋىي جەھەتتىن ئانالىز ئېلىپ بارغان. ئالتىنچى بابىدا خىتاينىڭ تەھدىتى يەنى ھەربىي جەھەتتىن كۈچىيىشىنىڭ سەۋەبى ئۈستىدە توختالغان. يەتتىنچى بابىدا خىتاينىڭ ياپونىيە بىلەن بولغان دىپلوماتىك مۇناسىۋىتى ھەققىدە مۇلاھىزە قىلىنغان. كىتابنىڭ ئەڭ ئاخىرقى قوشۇمچە بابىدا بولسا خىتاينىڭ، بىرلەشمە ھۆكۈمەت قۇرۇشى يەنى فېدېراتسىيون تۈزۈمى شەكلىدىكى دۆلەت تۈزۈمىنى يۈرگۈزگەندە ئۆزىنىڭ ھازىرقى خىتاي تۇپرىقىنى ساقلاپ قىلىش ئىمكانىيىتىنىڭ بارلىقىنى، خىتايدىكى ئۇيغۇر، تىبەت قاتارلىق مىللەتلەرنىڭ ئۆز مۇستەقىللىقىنى قولغا كەلتۈرۈش يولىدا ئېلىپ بېرىۋاتقان كۈرەشلىرى بايان قىلىنىش بىلەن بىرگە، موڭغۇل خەلقىنىڭمۇ خىتايدىن بۆلۈنۈپ چېقىپ كېتىش ئارزۇسىدا تۈرلۈك ھەرىكەتلەرنى ئېلىپ بېرىۋاتقانلىقى بايان قىلىنغان.

پروفېسسور ناكاجىما كىتابىنىڭ ئاخىرقى بابىدىكى قوشۇمچە بابىنىڭ «تۈركىي خەلقلەرنىڭ يېڭى ھەرىكەت نىشانى»ماۋزۇلۇق پاراگراپىدا مەخسۇس ئۇيغۇرلار ھەققىدە توختىلىپ بۇ ھەقتە مۇنداق بايان قىلغان:«خىتايدىكى ئەڭ چوڭ مەسىلە شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىدا ياشاۋاتقان تۈركىي خەلقلەردىن بولغان ئۇيغۇرلارنىڭ مەسىلىسىدۇر. ئۇيغۇرلار ئۇزۇن تارىخغا ئىگە، ئۆز تارىخىدا شەرقىي تۈركىستان جۇمھۇرىيىتىنى قۇرغان خەلقلەردۇر. شىنجاڭغا ھۆكۈمرانلىق قىلغان شېڭ شىسەي ئىككىنچى دۇنيا ئۇرۇشىدىكى ۋەزىيەتتىن پايدىلىنىپ ئۇيغۇرلارنىڭ شەرقىي تۈركىستان جۇمھۇرىيىتىنى سوۋېت ئىتتىپاقى بىلەن بىرلىشىپ ۋەيران قىلغان.1958 - يىلى 6 - ئايدا ئۇيغۇرلار كەڭ كۆلەملىك ھالدا خىتاي ھۆكۈمىتىگە قارشى قوزغىلىپ، شەرقىي تۈركىستان جۇمھۇرىيىتىنى قۇرۇشنى ئارزۇ قىلغان بولسىمۇ، ئەمما شۇ قېتىمقى قارشىلىق بىلدۈرۈش ھەرىكىتىگە قاتناشقان ئۇيغۇرلار «يەرلىك مىللەتچى»، «بۆلگۈنچى» دېگەندەك سىياسىي قالپاقلار كىيگۈزۈلۈپ، كۆپلىگەن ئۇيغۇرلار قاتتىق باستۇرۇلغان. خىتاي ھۆكۈمىتى ئىچىدە كۈچى تولىمۇ كىچىك بولغان ئۇيغۇرلار، ئۆزلىرىنىڭ شەرقىي تۈركىستان جۇمھۇرىيىتىنى قۇرۇشنى ئۇنتۇپ قالغىنى يوق،ئۇلار 1990 - يىلى 4 - ئايدا تۇنجى قېتىم شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايون رايونىنىڭ بارىن يېزىسىدا قوراللىق قوزغىلىپ چېقىپ ھۆكۈمەتكە قارشىلىق بىلدۈرگەن. كۆلىمى ئانچە چوڭ بولمىغان بۇ قوزغىلاڭمۇ خىتاي ھۆكۈمىتى تەرىپىدىن باستۇرۇلغان. بۇ يەردە بىر نۇقتىغا دىققەت قىلىشقا ئەرزىيدۇكى، بارىندا قوزغىلاڭ يۈز بەرگەندە «شىنجاڭ گېزىتى» دە ھۆكۈمەتكە قارشى قوراللىق قوزغىلاڭچىلارنىڭ مەقسىتى بولسا «شەرقىي تۈركىستان جۇمھۇرىيىتىنى قايتا قۇرۇش» دېيىلگەن.

پروفېسسور ناكاجىمانىڭ ئوقۇرمەنلىرىدىن بىرى بولغان ياماگۇچى ئاپتورنىڭ ئۇيغۇرلار ھەققىدىكى قارشى ئۈستىدە توختىلىپ مۇنداق دېدى:

- ناكاجىما خىتايدىكى ئۇيغۇر مەسىلىسىنى ئوبدان چۈشىنىدىغانلاردىن بىرى. ئۇنىڭ قارىشىچە، خىتاي دۆلىتى بىرلەشمە ھۆكۈمەت يەنى فېدېراتسىيون شەكلىدە ھاكىمىيەت قۇرمىسا، ئۆز كونتروللۇقىدىكى ئۇيغۇر، تىبەت قاتارلىق مىللەتلەرنىڭ مۇستەقىللىق كۈرىشى توختىمايدۇ. مەن ئۇنىڭ پىكىرگە تامامەن قوشۇلىمەن.

ئاپتور مەزكۇر پاراگراپتا خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ دائىم دېگۈدەك ئۇيغۇر ئېلىدىكى ئۇيغۇرلارنىڭ خىتاي ھۆكۈمىتىگە قارشى ئېلىپ بېرىلىۋاتقان مىللىي ھەرىكەتلىرىنى يوشۇرۇپ كېلىۋاتقانلىقىنى، ئەمما ئۇيغۇر ئېلىدا ئۇيغۇرلارنىڭ مۇستەقىللىق ئارزۇسى ئىچىدە ئېلىپ بېرىلىۋاتقان ھەرىكەتلەرنىڭ يېقىندىلا ئەمەس، بەلكى خېلى بۇرۇنلا باشلانغانلىقىنى بايان قىلىپ، بۇ ھەقتە مۇنداق توختالغان.

1989 - يىلى تئەنئەنمېن ۋەقەسى يۈز بېرىشتىن ئىلگىرى ئۈرۈمچىدە خىتاي ھۆكۈمىتىگە قارشى چوڭ تىپتىكى نامايىش يۈز بەرگەن ئىدى. 1991 - يىلى 7 - ئايدا چېگرا رايون قەشقەردە قوزغىلاڭ بولدى. قەشقەر تارىختا ئوتتۇرا ئاسىيادىكى تۈركىي خەلقلەرنىڭ ياردىمى بىلەن قەشقەرىيە دۆلىتى قۇرۇلغان جاي ئىدى.

ئاپتور ئۇيغۇرلار توغرىسىدىكى بۇ پاراگراپىنى مۇنداق ئاخىرلاشتۇرغان: شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىدىكى ئەمەلدارلار ئاپتونوم رايوندىن ئىبارەت چوڭ قالپاق ئىچىدە ئۆزىنىڭ شەرقىي تۈركىستان جۇمھۇرىيىتىنى قۇرۇش ئۈچۈن داۋاملىق ھەرىكەت ئېلىپ بېرىۋاتقان ئۇيغۇرلارنىڭ مەسىلىسىنى قانداق بىر تەرەپ قىلىشنى ئويلىشىۋاتقاندۇ؟

ئاپتور مەزكۇر پاراگراپىدا تىبەت ۋە موڭغۇل خەلقىنىڭمۇ خىتايدىن ئايرىلىپ چېقىپ مۇستەقىل دۆلەت قۇرۇشنى ئويلىۋاتقانلىقىنى، تىبەتنىڭ روھانىي داھىسى دالاي لاما دۇنيانىڭ قوللىشىنى قولغا كەلتۈرۈپ، تىبەتتە ئالىي ئاپتونومىيە ھۆكۈمىتى قۇرۇشنى ئارزۇ قىلغان بولسىمۇ، ئەمما خىتاي ھاكىمىيىتىنىڭ بۇنىڭغا يول قويمىغانلىقىنى، تىبەتلەرنىڭ بىر قىسمىنىڭ يەنىلا تىبەتنىڭ مۇستەقىللىقىنى قولغا كەلتۈرۈش يولىدا ئىزدىنىۋاتقانلىقىنىمۇ بايان قىلغان.

ئاپتور ئىچكى موڭغۇلدىكى موڭغۇللار ھەققىدە توختىلىپ موڭغۇللارنىڭ مۇستەقىللىق ئارزۇسى بولسىمۇ، ئەمما تاشقى موڭغۇلدىكى ئۆز قېرىنداشلىرىنىڭ ھېچقانداق ياردىمىگە ئېرىشەلمىگەنلىكىنى، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ موڭغۇللارنىڭ تىل ۋە مەدەنىيىتىنى تىز سۈرئەتتە ئاسسىمىلىياتسىيە قىلىپ بولغانلىقىنى بىلدۈرگەن شۇنداقلا ئىچكى موڭغۇل يايلاقلىرىدىكى بىر قىسىم موڭغۇللارنىڭ يەنىلا خىتايغا قارشى ھەرىكەتلەردە بولۇۋاتقانلىقىنى بايان قىلغان.

ئاۋاز ئۇلىنىشىدىن تەپسىلاتىنى ئاڭلاڭ.