2014 - يىلى ناتو ۋە ئامېرىكا كۈچلىرىنىڭ ئافغانىستاندىن چېكەنگەندىن كېيىنكى ئوتتۇرا ئاسىيا ۋەزىيىتى
2013.12.06
2014 - يىلى ناتو ۋە ئامېرىكا كۈچلىرىنىڭ ئافغانىستاندىن چېكىدىنغانلىقى ئىلگىرى سۈرۈلدى، ئەمما ئافغانىستان ئەسكەرلىرىنى ھەربىي مەشىق قىلدۇرۇش، مەسلىھەت بېرىش ۋە ھەمكارلىشىش ئۈچۈن بىر قىسىم ئەسكىرى كۈچنىڭ ئافغانىستاندا قالىدىغانلىقى بىلدۈرۈلدى.
خەلقئارا مۇتەخەسسىسلەر، 2014 - يىلى ئامېرىكا ۋە ناتو ئەسكەرلىرى ئافغانىستاندىن چېكىنگەندىن كېيىن ئوتتۇرا ئاسىيانىڭ بىخەتەرلىكى ۋە خىتاي، رۇسىيەنىڭ ئوتتۇرا ئاسىيادىكى پايدا مەنپەئەتلىرىنىڭ تەھدىت ئىچىدە قالدىغانلىقىنى ئوتتۇرىغا قويماقتا.
ناتو (شىمالىي ئاتلانتىك ئوكيان ئەھدى تەشكىلاتى) 2014 - يىلىدىن كېيىنمۇ ئافغانىستاندا ھەربىي كۈچىنى ساقلاپ قېلىش ئۈچۈن ئافغانىستان دۆلەت رەئىسى ھامىت كارزائىنىڭ ئامېرىكا بىلەن ئىككى تەرەپلىمە تۈزۈلگەن بىخەتەرلىك كېلىشىمىگە ئىمزا قىلىشنى كۈتىۋاتىدۇ.
ئىگىلىنىشىچە، ناتو (شىمالىي ئاتلانتىك ئوكيان ئەھدى تەشكىلاتى)نىڭ ئافغانىستاندىكى كۈچلىرىنىڭ مەۋجۇت بولۇشى ئۈچۈن 2014 - يىلى كىرىشتىن ئىلگىرى ئىمزا قىلىنىشى كېرەك ئىكەن.
ئامېرىكا ئاۋازىنىڭ خەۋىرىدە بىلدۈرۈشىچە، ناتو (شىمالىي ئاتلانتىك ئوكيان ئەھدى تەشكىلاتى) ئافغانىستاندىكى ۋەزىپىسىنى 2014 - يىلىدىن كېيىنمۇ ئافغانىستاندا قېلىپ، «مەسلىھەت بېرىش، ھەربىي مەشىق قىلدۈرۈش ۋە دەستەك - ياردەم بېرىش» جەھەتتە داۋام قىلدۈرۈش ئۈچۈن ئافغانىستان دۆلەت رەئىسى ھامىت كارزائىنىڭ ئامېرىكا بىلەن ئىككى تەرەپلىمە تۈزۈلگەن بىخەتەرلىك كېلىشىمىگە ئىمزا قىلىشى كېرەك ئىكەن.
ئافغانىستان بىلەن ئامېرىكا ئوتتۇرىسىدىكى بۇ كېلىشىمگە ئىمزا ئېتلمىغان تەقدىردە، ناتو (شىمالىي ئاتلانتىك ئوكيان ئەھدى تەشكىلاتى)نىڭ ئافغانىستاندا قېلىشىنىڭ قانۇنى يولىنىڭ توسالغۇغا ئۇچرايدىغانلىقى ئىلگىرى سۈرۈلدى.
ناتو (شىمالىي ئاتلانتىك ئوكيان ئەھدى تەشكىلاتى) تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىرى يىغىنىدا سۆز قىلغان ناتو باش سېكرىتارى ئاندېرس فوگ راسمۇسسېن، ئافغانىستاننىڭ ئامېرىكا بىلەن ئىككى تەرەپلىمە بىخەتەرلىك كېلىشىمىگە ئىمزا قىلمىغان تەقدىردە ئافغانىستاندا ھەربىي كۈچ ئورۇنلاشتۇرمايدىغانلىقىنى ۋە بۇنىڭ پىلانلانغان ياردەمنى خەۋپكە سوقىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.
ئەنئەنىۋىي ئافغان مەجلىسى لوياجېرگادىن، ناتو (شىمالىي ئاتلانتىك ئوكيان ئەھدى تەشكىلاتى)نىڭ ئافغانىستاندا قېلىشىنى قوللىغانلىقىدىن مەمنۇن بولغانلىقىنى ئىپادىلىگەن راسمۇسسېن كېلىشىمنىڭ ۋاقتىدا ئىمزالىنىشىنى ئارزۇ قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈردى ۋە 2014 - يىلىدىن كېيىن ئافغانىستان ھەربىي كۈچلىرىنى ھەربىي مەشىق قىلدۈرۈش، مەسلىھەت بېرىش ۋە ياردەم بېرىش مەقسەتتە ناتو (شىمالىي ئاتلانتىك ئوكيان ئەھدى تەشكىلاتى)نىڭ باشچىلىقىدىكى ۋەزىپىنىڭ ئورۇنلىشىىشى ئۈچۈن كېرەكلىك قانۇنىي مۇھىتنىڭ بەرپا بولۇشى مۇھىم بولىدۇ، دېدى.
ھەربىي مەشىق قىلدۈرۈش ۋەزىپىسىنى ئورۇنلاش مۇمكىن بولمىغان تەقدىردە، بۇنىڭ بىخەتەرلىك ۋەزىيىتى جەھەتتە سەلىبىي تەسىر پەيدا قىلىشىدىن ئەندىشە قىلىدىغانلىقىنى ئىپادىلگەن راسمۇسسېن، ئافغانىستان ئۈچۈن ئاجرىتىلغان ئىقتىسادىي ياردەمنىڭمۇ سەلىبىي جەھەتتىن تەسىرگە ئۇچرايدىغانلىقىنى بىلدۈردى.
ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرى جوھن كېررىيمۇ 2014 - يىلىدىن كېيىن ئافغانىستاندا چەتئەل كۈچلەرنىڭ قېلىش ياكى قالماسلىقى توغرىسىدىكى قارارىنىڭ جىددىي بىر ئىش ئىكەنلىكىنى بىلدۈردى ۋە ئافغانىستان ئەمەلدارلىرىنى تىز سۈرئەتتە قارار بېرىشكە چاقىرىق قىلدى.
ئامېرىكا ئاۋازىنىڭ خەۋىرىدە بىلدۈرۈشىچە، ئامېرىكا كارزائىنىڭ كېلىشىمگە 2014 - يىلىدىن ئىلگىرى ئىمزا قىلىشىنى خالايدىكەن.
ناتو (شىمالىي ئاتلانتىك ئوكيان ئەھدى تەشكىلاتى)نىڭ 2014 - يىلىدىن كېيىن 8 مىڭ بىلەن 12 مىڭ ئوتتۇرىسىدا ئەسكەرنى توختىتىشنى پىلانلىغانلىقى، ئافغانىستاننىڭ 350 مىڭ كىشىدىن تەركىپ تاپقان بىخەتەرلىك قىسىملىرى ئۈچۈن يىلدا ئوتتۇرا ھېساب بىلەن 4، 5 مىليارد دوللار ئىقتىسادىي مەنبەگە ئېھتىياجى بارلىقى ئىلگىرى سۈرۈلدى.
بۇنىڭدىن ئىلگىرى ئامېرىكا ۋە ناتو (شىمالىي ئاتلانتىك ئوكيان ئەھدى تەشكىلاتى) ئافغانىستاندىن 2014 - يىلى چېكىنىپ كېتىدىغانلىقىنى ئېلان قىلغان ئىدى.
21 - ئەسىر تۈركىيە ئىنىستىتۇتىنىڭ تەتقىقاتچىسى تۇرگاي دۈغان يازغان، ئامېرىكا، ناتو (شىمالىي ئاتلانتىك ئوكيان ئەھدى تەشكىلاتى)نىڭ ئافغانىستاندىن چىكىنىشى ۋە شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتى دېگەن تېمىدىكى ماقالىسىدە، 2014 - يىلىدىن كېيىنكى ئوتتۇرا ئاسىيا، خىتاي ۋە رۇسىيە ۋەزىيىتى توغرىسىدا كەڭ توختالغان بولۇپ، ماقالىدە ئوتتۇرا ئاسىيادىكى ئىسلامىي قوراللىق تەشكىلاتلارنىڭ رۇسىيە ۋە خىتاي ئۈچۈن چوڭ تەھدىت بولىدىغانلىقى ئىلگىرى سۈرۈلدى.
ماقالىدا مۇنداق دېيىلگەن: ئافغانىستان مەسىلىسى ئۇ رايون ئۈچۈن بىر - بىرىگە زېچ مۇناسىۋەتلىك ئىككى مۇھىم مەسىلىسىنىڭ مەنبەسىنى تەشكىل قىلىدۇ، بىرىنچىسى، رايوندىكى ئىسلامى قوراللىق گۇرۇپىلارنىڭ ھەرىكەتلىرى رۇسىيە ۋە خىتاينى ئۆز ئىچىگە ئالغان پۈتكۈل رايونغا كەڭ تارقىلىشىدىن ئەندىشە قىلىنماقتا. ئىككىنچىسى، چېگرا بىخەتەرلىكىنى قوغدىيالماسلىق مەسىلىسى. خىتاي، شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتىنىڭ ئىچىدىكى تەسىرىنى ھەم خەلقئارا ساھەدە تەسىرىنى ئاشۇرۇش ھەمدە شەرقىي تۈركىستان مەسىلىسىدە رايوندىكى دۆلەتلەرنىڭ قوللىشىنى قولغا كەلتۈرۈش ئۈچۈن قوللىنىۋاتىدۇ. 1997 - يىلى موسكۋادا ئىمزالانغان كېلىشىم بىلەن قازاقىستان، تاجىكىستان ۋە قىرغىزىستان شەرقىي تۈركىستاننىڭ مۇستەقىللىق ھەرىكىتىنى قوللىماسلىق توغرىسىدا خىتايغا ۋەدە بەرگەن. خىتاي شەرقىي تۈركسىتان مەسىلسى توغرىسىدا شۇنداقلا ئۆزىنىڭ بىخەتەرلىكى ۋە زېمىن پۈتۈنلۈكىنى قوغداش جەھەتتە ئوتتۇرا ئاسىيا دۆلەتلىرى بىلەن بولغان ھەمكارلىققا ئەھمىيەت بېرىۋاتىدۇ. بۇ مۇناسىۋەت بىلەن خىتاي شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتىغا ئەزا دۆلەتلەرنىڭ ئىقتىسادىي تەرەققىياتلىرىنى ياردەم بېرىش ئۈچۈن 12 مىليارد دوللار قەرز بەردى، چۈنكى خىتايغا نىسبەتەن ئوتتۇرا ئاسىيا بىر بىخەتەرلىك مەسىلىسى بولغانغا ئوخشاش يەنە، ئىقتىسادىي ۋە نوپۇس جەھەتتىن كېڭەيمىچىلىك ساھەسىدۇر. خىتاي ئافغانىستاندا مىس، تۆمۈر كانلىرى ئۈچۈن 3 مىليارد دوللار مەبلەغ سېلىش بىلەن ئەڭ كۆپ مەبلەغ سالغان دۆلەت ھېسابلىنىدۇ، شۇنىڭ ئۈچۈن ئافغانىستاننىڭ كەلگۈسى خىتاي تەرەپتىن دىققەت بىلەن كۆزىتىلىپ كەلمەكتە ۋە خىتاينىڭ ئافغانىستاندا رول ئېلىش ئېھتىمالىنى كۆزدە تۇتۇپ ئانالىز قىلىنماقتا.
ماقالىنىڭ ئاخىرىدا 2014 - يىلى ئامېرىكا ۋە ناتو (شىمالىي ئاتلانتىك ئوكيان ئەھدى تەشكىلاتى)نىڭ ئافغانىستاندىن چېكىنگەندىن كېيىنكى ئوتتۇرا ئاسىيا ۋەزىيىتى توغرىسىدا ئانالىز يۈرگۈزۈلۈپ مۇنداق دېيىلگەن: نەتىجە ئېتىبارى بىلەن ئافغانىستاندىكى مەسىلە قىسقا مۇددەت ئىچىدە ھەل بولمايدۇ ۋە ئامېرىكىنىڭ چېكىنىشى بىلەن تالىبان كۈچلىرى قاتارلىق قوراللىق گۇرۇپىلار كۈچلىنىدۇ، بۇ مەسىلە رۇسىيە، خىتاي ۋە ئوتتۇرا ئاسىيا دۆلەتلىرىنى تەسىرگە ئۇچرىتالايدىغان سەۋىيىگە يۈكسىلىدۇ، شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتىغا ئەزا دۆلەتلەر تېررورلۇققا قارشى تۇرۇشتا ئورتاق بىر گەۋدە ھالدا ھەرىكەت قىلىشقا قاراپ ئىلگىرلەۋاتىدۇ، رۇسىيىنىڭ ئافغانىستان مەسىلىسىگە ھەربىي جەھەتتىن مۇداخىلە قىلىشنى خالىمغان بولسىمۇ تەھدىتنىڭ ئېشىشى بىلەن سۈكۈتتە قالمايدۇ، خىتاي جەھەتتىن بولسا ئافغانىستان ھەرىكىتى ئىقتىسادىي كۈچىنى، سىياسىي ۋە ھەربىي ساھەگە يۆتكەشكە بىر ئىمكانىيەت يارىتىدۇ، ئوتتۇرا ئاسىيا دۆلەتلىرى ئۆز ئالدىغا بىر تەرەپ قىلالمايدىغان تېررورلۇق مەسىلىسىگە قارشى تۇرۇشتا بۇ خىل بىر ھەمكارلىققا ئېھتىياجى بولىدۇ، ئافغانىستان مەسىلىسى ئوخشاش ۋاقىتتا يەنە شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتىنىڭ رايوندىكى مەۋجۇتلۇقىنى ئىسپاتلايدىغان بىر يېڭىلىق بولىدۇ.
بۇ ھەقتە تۈركىيىنىڭ قانال ئا تېلېۋىزىيىدە نەق مەيدان تارقىتىش پروگراممىسىغا قاتناشقان ئىستراتېگىيە مۇتەخەسسىسى دوكتۇر ئەركىن ئەكرەم مۇنداق دېدى: ئەگەر ئامېرىكا ۋە ناتو (شىمالىي ئاتلانتىك ئوكيان ئەھدى تەشكىلاتى) ئافغانىستاندىن چېكىنىپ كېتىدىغان بولسا، ئوتتۇرىغا تالىبان چىقىدۇ، ئەلقائىدە تەشكىلاتىمۇ ئۇ يەردە مەۋجۇت، پاكىستاندىمۇ تالىبان كۈچلەر بار، ئۇنىڭ سىرتىدا يەنە باشقا رادىكال كۈچلەر مەۋجۇت، ئوتتۇرا ئاسىياغا مۇناسىۋەتلىك ھىزبۇتتەھىر دېگەن كۈچلەر بار، شەرقىي تۈركىستانغا مۇناسىۋەتلىك قوراللىق كۈچلەرمۇ بار، شۇنىڭ ئۈچۈن ئامېرىكا ۋە ناتو (شىمالىي ئاتلانتىك ئوكيان ئەھدى تەشكىلاتى) ئافغانىستاندىن چېكىنىپ كېتىدىغان بولسا، كەشمىر، پاكىستان، شىمالىي ھىندىستان ۋە ئوتتۇرا ئاسىيادا قالايمىقانچىلىق يۈز بېرىدۇ. يەنە بىر تەرەپتىن قارايدىغان بولساق، رايوندا يەنە رۇسىيە ۋە خىتاي بۇ بوشلۇقنى تولدۇرىدۇ، لېكىن ئۇلار باشقا بىر تەسىرنى پەيدا قىلىدۇ، يەنى ئامېرىكىنىڭ ئوتتۇرا ئاسىيادىكى مەۋجۇتلۇقىغا پۈتۈنلەي خاتىمە بېرىدۇ، شۇنىڭ بىلەن ئامېرىكىنىڭ خىتاينى شەرقتىن يەنى ئاسىيا تىنچ ئوكياندىن چەمبەر ئاستىغا ئېلىش ئىستراتېگىيىسىنىڭ غەربتىن قورشاش قىسمى بوش قالغان بولىدۇ. يەنى خىتاينى بىر تەرەپتىن مۇھاسىرىگە ئالىدۇ، ئوتتۇرا ئاسىيادىن مۇھاسىرىگە ئالالمايدۇ. مۇنداقچە ئېيىتقاندا، ئامېرىكىغا ئوخشاش ياۋروپا ئىتتىپاقىمۇ ئوتتۇرا ئاسىيادىكى تەسىر كۈچىنى يوقاتقان بولىدۇ. دوكتۇر ئەركىن ئەكرەم، ئەگەر ئامېرىكا ۋە ناتو (شىمالىي ئاتلانتىك ئوكيان ئەھدى تەشكىلاتى) ئافغانىستاندىن چېكىنىپ كېتىدىغان بولسا، بۇ ۋەزىيەتتە رۇسىيە ۋە خىتاينىڭ تالىبان قاتارلىق قوراللىق كۈچلەرنىڭ تەھدىتىگە دۈچ كېلىدىغانلىقىنى، خىتاي ۋە رۇسىيەنىڭ بىخەتەرلىكى ئافغانىستان ۋە ئوتتۇرا ئاسىيانىڭ بىخەتەرلىكى بىلەن مۇناسىۋەتلىك ئىكەنلىكىنى، خىتاينىڭ ئوتتۇرا ئاسىيادىكى ئېنىرگىيە ۋە نېفىت تۇرۇببا لىنىيىسى ۋە ئىقتىسادىي مەنپەئەتلىرىنىڭ زىيانغا ئۇچرايدىغانلىقىنى ئىلگىرى سۈردى.