مۇتەخەسسىسلەرنىڭ دىئاگنوزلىرىغا ئاساسلانغاندا ئامېرىكا باشلىق غەرب دۆلەتلىرى بىلەن رۇسىيە ئارىسىدىكى ئۇكرائىنا كرىزىسىغا ئالاقىدار مۇناسىۋەتلەر بارغانسېرى ئىللىشقا ئەمەس، بەلكى تېخىمۇ سوغۇقلىشىشقا قاراپ تەرەققىي قىلماقتا.
رۇسىيەنىڭ قىرىمنى قوشۇۋېلىشىدىن كېيىن داۋاملىق تۈردە ئۇكرائىناغا ئىچكىرىلەپ كىرىشى خەۋپى تېخى ئاخىرلاشمىغان ئەھۋال ئاستىدا شىمالىي ئاتلانتىك ئوكيان ئەھدە تەشكىلاتى 1-ئاپرېل كۈنى رۇسىيە بىلەن بولىدىغان بارلىق پۇقراۋى ۋە ھەربىي ھەمكارلىقلارنى توختىتىشنى قارار قىلدى.
شىمالىي ئاتلانتىك ئوكيان ئەھدى تەشكىلاتىغا ئەزا دۆلەتلەرنىڭ تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىرى بىريۇسسېلغا جەم بولۇپ، ئىككى كۈنلۈك يىغىن ئۆتكۈزۈش ئارقىلىق ئاخىرىدا رۇسىيەنىڭ قىرىمنى ئىشغال قىلىشى ۋە قىرىمنى ئۆزىگە قوشۇۋېلىشى تۈپەيلىدىن شىمالىي ئاتلانتىك ئوكيان ئەھدى تەشكىلاتىنىڭ رۇسىيە بىلەن بولىدىغان بارلىق ھەربىي ۋە غەيرىي ھەربىي ئالاقىلىرىنى، يەنى ئاممىۋى ئالاقىلىرىنى توختىتىشنى قارار قىلدى.
رويتېرسنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، بۇ ئامېرىكانىڭ ئىتتىپاقچىلىرى 28 دۆلەت تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىرى سوغۇق مۇناسىۋەتلەر ئۇرۇشى ئاخىرلاشقاندىن كېيىن، بولۇپمۇ رۇسىيە قىرىمنى بېسىۋېلىپ، شەرق-غەرب كرىزىسى ئېغىرلاشقاندىن كېيىن تۇنجى قېتىم ئاچقان مۇھىم يىغىن بولۇپ، بۇ دۆلەتلەرنىڭ ھەممىسى ناتو بىلەن رۇسىيە ئارىسىدىكى پۇقرالار ۋە ھەربىي ھەمكارلىقلىرىنى توختىتىشقا قوشۇلدى.
يىغىندا يەنە ناتونىڭ ئۇكرائىنا بىلەن بولغان ھەمكارلىقىنى كۈچەيتىشى ۋە ئۇكرائىنا قوراللىق كۈچلىرىنى ھەممە جەھەتلەردىن قوللىشى قارار قىلىندى. ناتونىڭ بۇ قارارى 30-مارت كۈنى ئامېرىكا دۆلەت ئىشلىرى مىنىستىرى جون كېررى بىلەن رۇسىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرى سېرگېي لاۋروۋ پارىژدا يېپىق سۆھبەت ئۆتكۈزۈپ، سۆھبەت نەتىجىسىدە قانائەت ھاسىل بولماي، ئىككى كۈندىن كېيىن چىقىرىلغان ئىدى.
ئامېرىكا ئاۋازىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، پارىژدا ئۆتكۈزۈلگەن تۆت سائەتلىك سۆھبەتتىن كېيىن، كېررى ۋە لاۋروۋ مۇخبىرلارغا ئۇچۇر بەردى. ئامېرىكا دۆلەت ئىشلىرى مىنىستىرى جون كېررى ئۆزلىرىنىڭ كۆپ مەسىلىلەر بويىچە سۆزلەشكەنلىكى، موسكۋا ۋە ۋاشىنگتوننىڭ ئۇكرائىن خەلقىنىڭ ئۆز كېلەچىكىنى بەلگىلەش ھوقۇقى بار دەپ قارايدىغانلىقى، ھەر ئىككىلا تەرەپنىڭ ئۇكرائىنا كرىزىسىنى ھەل قىلىش ئۈچۈن ئۆزلىرىنىڭ تەشەببۇسلىرىنى ئوتتۇرىغا قويغانلىقى، بۇ كرىزىسىنى رۇسىيەنىڭ قىرىمنى يۇتۇۋېلىش كەلتۈرۈپ چىقارغانلىقىنى بىلدۈردى.
كېررى رۇسىيە ھۆكۈمىتىدىن ئۇكرائىنا چېگراسىدىكى قوشۇنلىرىنى چېكىندۈرۈشنى تەلەپ قىلغان. ئۇ، رۇسىيە نۆۋەتتە ئۇكرائىنا چېگراسىدا «قورقۇنچلۇق كەيپىيات يارىتىۋاتىدۇ» دەپ ئەسكەرتكەن ئىدى. ئەمما، رۇسىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرى لاۋروۋ بولسا مۇخبىرلارنى كۈتۈۋېلىش يىغىنىدا ئۇكرائىنادىكى ھاكىمىيەت مەسىلىسى ۋە ئاز سانلىق مىللەتلەرنى قوغداش مەسىلىسىنى تىلغا ئېلىپ، ئۇكرائىنادىكى رۇس تىللىق ئاز سانلىق مىللەتلەرنىڭ كەمسىتىشكە ئۇچراۋاتقانلىقى، رۇسىيەنىڭ بۇ يەردىكى رۇسلارنى قوغداش مەجبۇرىيىتى بارلىقىنى تەكىتلىدى. بىراق، ئۇ رۇسىيەنىڭ ئۇكرائىناغا داۋاملىق تاجاۋۇز قىلىپ كىرىش نىيىتى يوقلۇقىنى تەكىتلەپ، «بىزنىڭ ئۇكرائىنا چېگراسىدىن قەتئىي ئۆتۈش نىيىتىمىز ۋە قىزىقىشىمىز يوق» دەپ تەكىتلىدى.
ناتو تەرەپ رۇسىيەنىڭ ئۇكرائىنانىڭ شەرقىدىكى رۇسىيە چېگراسىغا 40 مىڭ كىشىلىك قوشۇن توپلىغانلىقىنى ھېسابلىسىمۇ، ئەمما ئۇكرائىنا ھۆكۈمىتى رۇسىيەنىڭ بۇ چېگرا رايونلارغا 100 مىڭ كىشىلىك قوشۇن توپلىغانلىقىدىن شىكايەت قىلغان. ناتو رۇسىيەنىڭ ئۇكرائىنانىڭ شەرقىي ۋە جەنۇبىي تەرەپلىرىدىن ھۇجۇم قىلىپ كىرىشىدىن ئەندىشە قىلىۋاتقان بولۇپ، ئۇكرائىنا ئۆكتىچى رەھبىرى يۇلىيا تىموشېنكو ئامېرىكا ۋە غەرب دۆلەتلىرىنى ئۆزلىرىنى ھەربىي جەھەتتىن قوللاشقا چاقىرغان. بىراق، رۇسىيە ئاگېنتلىقلىرى دۈشەنبە كۈنىدىن باشلاپ، رۇسىيە قوشۇنلىرىنىڭ بىر قىسمىنىڭ ھەم مەلۇم ساندىكى ھەربىي تېخنىكىلىرىنىڭ ئۇكرائىنانىڭ شەرقىدىكى چېگرا رايونلىرىدىن چېكىنىشكە باشلىغانلىقىنى خەۋەر قىلىشتى.
ب ب س نىڭ ئېيتىشىچە، دۈشەنبە كۈنى گېرمانىيە باش مىنىستىرى مېركەل رۇسىيە پرېزىدېنتى پۇتىن بىلەن تېلېفوندا سۆزلەشكەندە ئۇنىڭ رۇسىيە قوشۇنلىرىنىڭ چېگرادىن كېتىدىغانلىقى ھەققىدە ۋەدە بەرگەنلىكىنى بىلدۈرگەن. ئۇنىڭ دېيىشىچە، پۇتىن ئۇنىڭغا ئۆزىنىڭ رۇسىيە قوشۇنلىرىنىڭ قىسىملارغا بۆلۈنۈپ ئۇكرائىنا چېگراسىدىن كېتىش ھەققىدە بۇيرۇق چۈشۈرگەنلىكنى ئېيتقان.
ئەنگلىيە ب ب س ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، ناتو باش سېكرېتارى ئاندرېس فوگ راسمۇسسېن رۇسىيەنىڭ ئۇكرائىناغا قاراتقان تاجاۋۇزچىلىقى ياۋروپانىڭ بىخەتەرلىك سىستېمىسىنى جىددىي ئۆزگەرتكەنلىكىنى، شۇڭا ناتو نىڭ شەرقىي ياۋروپادا كوللېكتىپ بىخەتەرلىكنى قوغداش ۋە مۇداپىئەنى كۈچەيتىشىنى تەلەپ قىلغان ئىدى.
ئۇ، يەنە ناتونىڭ ئۆز ئىتتىپاقچىلىرىنى قوغدايدىغانلىقىنى تەكىتلىگەن. بىراق، ناتونىڭ بىريۇسسېلدىكى يىغىنىدا ناتو دۆلەتلىرى تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىرى ۋاقتىنچە رۇسىيە چېگراسىغا تولۇقلىما قوشۇن ئەۋەتمەسلىكنى قارار قىلغان. ناتو سېكرېتارى ئاندرېس فوگ راسسمۇسسېن يىغىندا ياخشىسى دىپلوماتىيە ۋە سىياسىي يۆنىلىشنى قوللىنىشنى تەشەببۇس قىلدى.
بىريۇسسېلدىكى يىغىندا مۇھاكىمە قىلىنغان ئاساسلىق نۇقتىلار شىمالىي ئاتلانتىك ئوكيان ئەھدە تەشكىلاتىنىڭ بالتىق دېڭىزى رايونىدا ياۋروپانىڭ بىخەتەرلىكىنى قوغدايدىغان ئۇزۇن مۇددەتلىك ھەربىي بازا قۇرۇش ۋە ئۇكرائىناغا ياردەم بېرىش قاتارلىقلار بولۇپ، رۇسىيە قىرىمنى ئىگىلىگەندىن كېيىن بالتىق بويىدىكى ئېستونىيە، لاتۋىيە ۋە لىتۋا ئۆزلىرىنىڭ بىخەتەرلىكىدىن ئەنسىرەشكە باشلىغان ئىدى.
ئامېرىكا، ئەنگلىيە ۋە فىرانسىيە قاتارلىق شىمالىي ئاتلانتىك ئوكيان ئەھدى تەشكىلاتىغا ئەزا دۆلەتلەر بالتىق دېڭىز رايونىغا ھەربىي ئايروپىلانلارنى ئەۋەتىپ، مۇداپىئە ۋە چارلاشنى كۈچەيتىشنى قارار قىلغان.