مېركېل ۋە ئوللاند ئۇكرائىنا كرىزىسىنى موسكۋادا ھەل قىلماقچى

0:00 / 0:00

يېقىندىن بۇيان شەرقىي ئۇكرائىنادا كۈنسايىن داۋاملىشىۋاتقان قاتتىق جەڭلەردىن كېيىن ناتو، ئامېرىكا ۋە ياۋروپا ئىتتىپاقى ئۇكرائىنا كرىزىسىنى تىنچلىق بىلەن ھەل قىلىشنىڭ يېڭى قەدەملىرىنى بېسىش ئۈچۈن بىر قاتار جىددىي پائالىيەتلەرنى ئېلىپ باردى. خەۋەرلەردىن، مەلۇم بولۇشىچە، پەيشەنبە كۈنى شىمالىي ئاتلانتىك ئوكيان ئەھدى تەشكىلاتىغا ئەزا دۆلەتلەر مۇداپىئە مىنىستىرلىرى جىددىي يىغىن چاقىردى. شۇ كۈنى يەنە ئامېرىكا دۆلەت ئىشلىرى مىنىستىرى جون كېررى ۋە گېرمانىيە باش مىنىستىرى مېركېل ھەم فىرانسىيە پرېزىدېنتى ئوللاند كىيېۋغا يېتىپ كېلىپ، ئۇكرائىنا رەھبەرلىرى بىلەن پىكىر ئالماشتۇردى. ئوللاند ۋە مېركېل جۈمە كۈنى موسكۋاغا سەپەر قىلىدۇ.

خەۋەرلەردىن مەلۇم بولۇشىچە، پەيشەنبە كۈنى كەچتە فىرانسىيە پرېزىدېنتى فرانسۇئا ئوللاند ۋە گېرمانىيە باش مىنىستىرى ئانگېلا مېركېل ئۇكرائىنا پايتەختى كىيېۋغا يېتىپ كېلىپ، ئۇكرائىنا رەھبەرلىكى بىلەن كۆرۈشۈپ، نۆۋەتتىكى ئۇكرائىنا مەسىلىسىنى مۇھاكىمە قىلدى. ئۇلار ئالدى بىلەن ئۇكرائىنا پرېزىدېنتى پوروشېنكو بىلەن كۆرۈشۈپ بولغاندىن كېيىن، ئەتىسى، يەنى جۈمە كۈنى موسكۋاغا بېرىپ رۇسىيە پرېزىدېنتى ۋلادىمىر پۇتىن بىلەن كۆرۈشۈپ سۆھبەت ئۆتكۈزىدۇ.

فىرانسىيە ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، ئوللاند سەپەرگە ئاتلىنىش ئالدىدا مۇخبىرلارغا، ھازىر ئۇكرائىنادا ئېغىر قوراللارنى ئىشلىتىۋاتقان ئۇرۇشلار نەتىجىسىدە ھەر كۈنى تىنچ ئاھالىلەر ئۆلۈۋاتقانلىقىنى بىلدۈرگەن.

رۇسىيە «نېۋس.رۇ» تورىنىڭ خەۋىرىدە ئېيتىلىشىچە، فىرانسىيە ۋە گېرمانىيە رەھبەرلىرى بۇ قېتىم كىيېۋغا توقۇنۇشنى ھەل قىلىشنىڭ يېڭى تەشەببۇسلىرى بىلەن كەلگەن بولۇپ، جۈمە كۈنى ئۇلار رۇسىيە پرېزىدېنتى پۇتىن بىلەن ئۇكرائىنا كرىزىسنى ھەل قىلىشقا ئائىت بۇ يېڭى لايىھە ھەققىدە سۆھبەتلىشىدۇ.

ئوللاندنىڭ سۆزى بويىچە ئالغاندا بېرلىن بىلەن پارىژنىڭ بىرلەشمە دىپلوماتىيىلىك ھەرىكىتىنىڭ مەقسىتى توقۇنۇشتىكى ھەممە تەرەپلەر قوبۇل قىلالايدىغان كېلىشىم ھاسىل قىلىشتىن ئىبارەتتۇر. ئوللاند بۇ ھەقتە«شۇڭا بىز ئانگېلا مېركېل بىلەن بىرلىكتە، پەقەتلا سۆزلىشىش ئەمەس، بەلكى ھەممە تەرەپ قوبۇل قىلىدىغان تېكىست تېپىش مەقسىتىدىكى تەشەببۇسنى ئوتتۇرىغا قويۇشنى قارار قىلدۇق» دېگەن.

ئەمما، ھازىرچە مەزكۇر يېڭى كېلىشىم تەشەببۇسلىرىنىڭ كونكرېت مەزمۇنى تېخى ئېنىق ئەمەس. بەلكى بۇ موسكۋادا پۇتىن بىلەن بولغان ئۇچرىشىشتىن كېيىن رەسمىي ئوتتۇرىغا چىقىشى مۇمكىن ئىكەن.

ئوللاند ئاخىرىدا يەنە ئۆزلىرىنىڭ بۇ قېتىم، «تىنچلىق تەشەببۇسلىرىنى ئىشقا ئاشۇرۇشتا نەتىجىگە ئېرىشەلمىسە، فىرانسىيە ۋە گېرمانىيەنىڭ ئۇكرائىنا ھەم رۇسىيەنىڭ دوستلىرى سۈپىتىدە ئىككى چوڭ دۆلەت قىلالىغۇدەك ياردەمنىڭ ھەممىنى قىلىپ بولىدىغانلىقىنى» ئەسكەرتكەن. بىراق ئۇ، فىرانسىيەنىڭ ئۇكرائىنانىڭ ناتوغا ئەزا بولۇشىغا قارشى ئىكەنلىكىنى ئەسكەرتكەن.

رۇسىيەنىڭ «نېۋس.رۇ» تورىنىڭ ئەڭ يېڭى خەۋىرىدىن مەلۇم بولۇشىچە، ئوللاند، مېركېل ۋە پوروشېنكو كىيېفتىكى ئۇچرىشىشتا شەرقىي ئۇكرائىنادىكى ئۇرۇشنى باھارنىڭ ئاخىرىغىچە توختىتىش ھەققىدە پۈتۈشۈم ھاسىل قىلغان.

ئوللاند ۋە مېركېل كىيېۋقا يېتىپ كەلگەن كۈنىدە يەنە ئامېرىكا دۆلەت ئىشلىرى مىنىستىرى جون كېررى كىيېۋقا كېلىپ، ئۇكرائىنا پرېزىدېنتى پېتىر پوروشېنكو، باش مىنىستىر ئارسېنى ياتسيۇنوك بىلەن كۆرۈشكەن ئىدى.

ئامېرىكا ئاۋازىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، جون كېررى كىيېۋدا ئامېرىكانىڭ ئۇكرائىنا كرىزىسىنى دىپلوماتىك يول بىلەن ھەل قىلىشقا ئەھمىيەت بېرىۋاتقانلىقىدىن سىگنال بەرگەن بولۇپ، ئۇ ئامېرىكانىڭ ئۇكرائىنانى ھەربىي قورال-ياراق بىلەن تەمىنلەيدىغانلىقى ھەققىدە ئېنىق ئىپادە بىلدۈرمىگەن.

پەيشەنبە كۈنىدىكى ئۇچرىشىشلاردىن كېيىن، كېررى سۆزىدە «رۇسىيە بۆلگۈنچىلەرنى قوللاشنى توختىتىشى كېرەك» دەپ ئەسكەرتكەن ھەمدە «بىز بۈگۈن ئۇكرائىنا ئۈچۈن ئەڭ چوڭ تەھدىتنىڭ بۇ ئەلنىڭ شەرقىدە داۋاملىشىۋاتقان رۇسىيەنىڭ ئىشغالچىلىقى ئىكەنلىكى ھەققىدە سۆزلەشتۇق» دېگەن. ئۇ يەنە، ئامېرىكانىڭ «رۇسىيە تانكىلىرى ۋە ئەسكەرلىرىنىڭ ئۇكرائىنا چېگراسىدىن ئۆتۈۋاتقانلىقىغا كۆز يۇمالمايدىغانلىقى»نى بىلدۈرگەن. ئۇ، موسكۋانى مىنسك كېلىشىمىدىكى ۋەدىسىنى ئەمەلىي ھەرىكىتى ئارقىلىق ئىسپاتلاشقا، مەسىلىنى دىپلوماتىك ۋە تىنچلىق بىلەن ھەل قىلىش ئىپادىسىنى كۆرسىتىشكە چاقىرغان.

ب ب س نىڭ خەۋىرىدە بايان قىلىنىشىچە، ئۇكرائىنا باش مىنىستىرى ئارسېنوك بىلەن ئۆتكۈزگەن مۇخبىرلارنى كۈتۈۋېلىش يىغىنىدا كېررى ئامېرىكانىڭ ئۇكرائىناغا قورال-ياراق بېرىش مەسىلىسى ھەققىدە توختىلىپ، پرېزىدېنت باراك ئوبامانىڭ پات ئارىدا ئۇكرائىناغا قورال بېرىش ياكى بەرمەسلىك ھەققىدە قارار چىقىرىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.

چارشەنبە كۈنى ئامېرىكا دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىق ۋەزىپىسىگە يېڭىدىن كۆرسىتىلگەن نامزات ئاشتون كاتېر ئۆزىنىڭ ئۇكرائىنانىڭ رۇسىيە قوللاۋاتقان بۆلگۈنچىلەرگە زەربە بېرىشى ئۈچۈن قوراللار ياردىمى بېرىشنى چەتكە قاقمايدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.

فىرانسىيە دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرى ۋە گېرمانىيە باش مىنىستىرى مېركېل بۇنداق قىلىشقا قارشى پىكىر ئىپادە قىلغان بولۇپ، مېركېل گېرمانىيەنىڭ ئۇكرائىناغا قىرغۇچى قورال بەرمەيدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن ئىدى.

پەيشەنبە كۈنى ناتوغا ئەزا دۆلەتلەر مۇداپىئە مىنىستىرلىرى يىغىنى نەتىجىسى سۈپىتىدە ناتو ئۆزىنىڭ كۆپ دۆلەت قاتناشقان تېز ھەرىكەت قىلىش قوشۇنىنى كۈچەيتىشنى قارار قىلغان. شۇنىڭدەك بۇلغارىيە، ئېستونىيە، لاتۋىيە، لىتۋا، پولشا ۋە رۇمىنىيەدە 6 مەركەز قۇرۇشنى قارا قىلغان.

رۇسىيە ئاگېنتلىقلىرىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، پەيشەنبە كۈنى رۇسىيە پرېزىدېنتى پۇتىن ھەربىي سەپتىن قايتقان زاپاستىكى ھەربىيلەرنى قايتىدىن سەپكە چاقىرىش بۇيرۇقىغا ئىمزا قويۇش بىلەن بىر ۋاقىتتا يەنە دۆلەت بىخەتەرلىك كېڭىشىنىڭ يىغىنى چاقىرىپ، نۆۋەتتىكى ۋەزىيەت ۋە فىرانسىيە ھەم گېرمانىيە رەھبەرلىرى بىلەن موسكۋادا بولىدىغان ئۇكرائىنادا تىنچلىق ئورنىتىشقا ئائىت سۆھبەت مەسىلىسىنى مۇھاكىمە قىلدى.

نۆۋەتتە، ھەممىنىڭ جۈمە كۈنى فىرانسىيە پرېزىدېنتى ئوللاند، گېرمانىيە باش مىنىستىرى مېركېلنىڭ رۇسىيە پرېزىدېنتى پۇتىن بىلەن ئۆتكۈزىدىغان شەرقىي ئۇكرائىنادىكى تىنچلىقنى ئەمەلگە ئاشۇرۇش سۆھبىتىنىڭ نەتىجىسىگە قاراۋاتقانلىقى مەلۇم.