ناتو ئۇكرائىنا چېگراسى يېنىدا ھەربىي مانېۋىر باشلىدى

0:00 / 0:00

شىمالىي ئاتلانتىك ئوكيان ئەھدى تەشكىلاتى ئۇكرائىنا چېگراسىدا ھەربىي مانېۋىر باشلىدى. نۆۋەتتە ئۇكرائىنا چېگراسى ئىچىدە 1000 ئەتراپىدا رۇسىيە ھەربىي خادىمى بارلىقى، ئىككى تەرەپ ئارىسىدا توقۇنۇشلارنىڭ يەنىلا داۋاملىشىۋاتقانلىقى ئېيتىلماقتا.

شىمالىي ئاتلانتىك ئوكيان ئەھدى تەشكىلاتىغا ئەزا 15 دۆلەتنىڭ 1300 كىشىلىك قوشۇنى ئۇكرائىنانىڭ لىۋوۋ شەھىرىگە يېقىن چېگرا رايونىدا ھەربىي مانېۋىر باشلىغان بولۇپ، مەزكۇر مانېۋىرغا ئامېرىكا ئەسكەرلىرىمۇ قاتناشتى.

ئامېرىكا ئاۋازىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، ئامېرىكا دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىقى مەزكۇر ھەربىي مانېۋىرنىڭ ئۇكرائىنا كرىزىسى پارتلاشتىن ئىلگىرىلا پىلانلانغانلىقىنى ئەسكەرتتى. مانېۋىر 12 كۈن داۋاملىشىدىكەن.

يەكشەنبە كۈنى ئۇكرائىنا مۇداپىئە مىنىستىرى ۋالېرىي گېلېتېي ناتونىڭ ئۇكرائىناغا قورال بېرىشكە باشلىغانلىقىنى ئېيتقان بولسىمۇ، ئەمما قانداق خىلدىكى قورال-ياراقلارنى بېرىۋاتقانلىقىنى ئاشكارىلىمىدى. ئىلگىرى ناتو ئۆزىنىڭ ئۇكرائىناغا قورال بەرمەيدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن ئىدى.

خەۋەردە ئېيتىلىشىچە، غەربىي ئۇكرائىنادىكى لىۋوۋقا يېقىن جايدا ئۆتكۈزۈلۈۋاتقان ھەربىي مانېۋىرغا 200 نەپەر ئامېرىكا ھەربىي خادىمى قاتناشقاندىن سىرت يەنە، ناتونىڭ ئەزالىرى ۋە شەرقىي ياۋروپادىكى بىر قانچە دۆلەتنىڭ ھەربىي خادىملىرى قاتناشتى.

ب ب س ئاگېنتلىقى رۇس بۆلۈمىنىڭ ئېيتىشىچە، 5-سېنتەبىر كۈنى رۇسىيەپەرەس كۈچلەر بىلەن كىيېۋ ئارىسىدا تىنچلىق كېلىشىمى ئىمزالانغان بولسىمۇ، بىراق توقۇنۇشلار يەنىلا داۋاملاشماقتا، بۇ ھەپتە ئاخىرىدا دونېتسك رايونىدا توقۇنۇش يۈز بېرىپ، ئالتە ئادەم ئۆلۈپ، 15 ئادەم يارىلاندى. ئۇكرائىنا ئارمىيىسى بىلەن بۆلگۈنچى كۈچلەر بىر-بىرىنى ئۇرۇش توختىتىش كېلىشىمىنى بۇزغانلىق بىلەن ئەيىبلىمەكتە.

ئامېرىكا ئاۋازىنىڭ يېزىشىچە، شىمالىي ئاتلانتىك ئوكيان ئەھدى تەشكىلاتى رۇسىيەنىڭ ياخشى قوراللانغان تەخمىنەن 1000 ئەتراپىدا ھەربىي خادىمىنىڭ ئۇكرائىنا زېمىنىدا ئىكەنلىكىنى، ئۇكرائىنا چېگراسىدا رۇسىيەنىڭ 20 مىڭ كىشىلىك قوشۇنىنىڭ جايلاشقانلىقىنى تەنقىد قىلماقتا.

ئۇكرائىنا كرىزىسىدىن كېيىن، ئۇكرائىنا بىلەن چېگرىداش شەرقىي ياۋروپادىكى دۆلەتلەر رۇسىيەنىڭ ئۆزلىرىگە ھەربىي تاجاۋۇز قىلىشىدىن ئەندىشە قىلىۋاتقانلىقى ئېيتىلماقتا.

شەنبە كۈنى ئۇكرائىنا باش مىنىستىرى ئارسېنى ياتسۇنوك سۆز قىلىپ، رۇسىيە پرېزىدېنتى ۋلادىمىر پۇتىننى قاتتىق ئەيىبلەپ، پۇتىننىڭ مەقسىتىنىڭ ئۇكرائىنانى يوقىتىش ئىكەنلىكىنى كۆرسەتتى.

رويتېرسنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، ئۇكرائىنا باش مىنىستىرى ياتسۇنوك كىيېۋتا ئۆتكۈزۈلگەن خەلقئارالىق يىغىندا سۆز قىلغاندا گەرچە تىنچلىق كېلىشىمى ئىمزالانغان بولسىمۇ، ئەمما «پرېزىدېنت پۇتىننىڭ مەقسىتى پۈتۈن ئوكرائىنانى مۇستەقىل دۆلەت سۈپىتىدە ۋەيران قىلىشتۇر» دېگەن. ياسۇنوك سۆزىدە يەنە، «ئۇنىڭ مەقسىتى پۈتۈن ئوكرائىنانى ئىگىلەش، رۇسىيە، دۇنياۋى نۇقتىدىن ئالغاندا پۈتۈن ياۋروپانىڭ بىخەتەرلىكى ئۈچۈن تەھدىت» دەپ ئەسكەرتكەن.

«ئۇكرائىنا ھەقىقىتى» گېزىتىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، ناتو ھەربىي مانېۋىر باشلىغان بۇ كۈندە ئۇكرائىنا پرېزىدېنتى پېترو پوروشېنكو ئۇكرائىنا پارلامېنتىدىن شەرقىي ئۇكرائىنادىكى قارشىلىق يۈز بېرىۋاتقان لۇگانسك ۋە دونېتسك ۋىلايەتلىرىگە ئۆزىنى باشقۇرۇش ھوقۇقى بېرىشنى، ئۇرۇشلارغا قاتناشقانلارنىڭ ھەممىسىگە كەچۈرۈم ئېلان قىلىشنى تەلەپ قىلدى. ئەمما ھازىرچە ئۆزلىرىنى مۇستەقىل دونېتسك خەلق جۇمھۇرىيىتى ۋە لۇگانسك خەلق جۇمھۇرىيىتى دەپ ئاتىغان بۇ جايلارغا قانداق سىياسىي ھوقۇق بېرىدىغانلىقى ئېنىق ئەمەس.