خىتاي ناتودىن كېيىنكى ئافغانىستان ۋە رايون ۋەزىيىتىدىن ئەندىشە قىلماقتا

0:00 / 0:00

خىتاي دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ يېقىندا ئوتتۇرا ئاسىيا ئەللىرىگە قىلغان زىيارىتىدە رايون بىخەتەرلىكى مەسىلىسىنى قاتتىق تەكىتلەپ، ئوتتۇرا ئاسىيا دۆلەتلىرى بىلەن تېررورلۇققا قارشى كۈرەشتە ھەمكارلىقنى كۈچەيتىش توغرىسىدا بىر قاتار كېلىشىملەرنى تۈزدى.

بۇنىڭدىن سىرت، خىتاي ھۆكۈمىتى يەنە ئافغانىستان بىلەن بىر قاتار ئىقتىسادىي ھەمكارلىق پىلانلىرىنىمۇ تۈزۈپ، ئامېرىكا ئافغانىستاندىن چېكىنىپ چىققاندىن كېيىنكى مۇھىم ئاكتىيور بولۇش يولىدا ئىلگىرىلىمەكتە. خىتاينىڭ ئوتتۇرا ئاسىيا ۋە ئافغانىستاندىكى پائالىيەتلىرى كۆزەتكۈچىلەرنىڭ دىققىتىنى قوزغاۋاتقان بولۇپ، ئۇلار خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ رايوندىكى بۇ پائالىيەتلىرىنىڭ ھەممىسىنىڭ ئۇيغۇرلارنى تېخىمۇ قاتتىق كونترول ئاستىغا ئېلىش بىلەن مۇناسىۋەتلىك ئىكەنلىكىنى بىلدۈرمەكتە.

خىتاي دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ 3-سېنتەبىردىن 13-سېنتەبىرگىچە ئوتتۇرا ئاسىيادىكى تۈركمەنىستان، قازاقىستان، ئۆزبېكىستان، قىرغىزىستان قاتارلىق دۆلەتلەرنى زىيارەت قىلىپ، بۇ دۆلەتلەر بىلەن ئېنېرگىيە ۋە بىخەتەرلىك مەسىلىلىرىدە ھەمكارلىق كېلىشىملىرىنى ئىمزالىدى. شى جىنپىڭ ئوتتۇرا ئاسىيا دۆلەتلىرى بىلەن بولغان ئۇچرىشىشلىرىدا رايون بىخەتەرلىكى ۋە تېررورلۇققا قارشى ئورتاق كۈرەشنى ئالاھىدە تەكىتلىدى. شى جىنپىڭ قازاقىستان بىلەن تۈزگەن «قازاقىستان بىلەن خىتاينىڭ ئىستراتېگىيىلىك شېرىكلىك مۇناسىۋەتلىرىنى تېخىمۇ ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرۇش بىرلەشمە خىتابنامىسى» دا ئوچۇق ھالدا بىر-بىرىنىڭ ئىگىلىك ھوقۇقى ۋە زېمىن پۈتۈنلۈكىنى قوغداش، ھەرقانداق بۆلگۈنچى تەشكىلات ۋە گۇرۇھلارنىڭ پائالىيىتىنى قەتئىي چەكلەش، بۆلگۈنچىلىك، تېررورچىلىق ۋە دىنىي ئەسەبىيلىككە ئورتاق قارشى تۇرۇش ئىپادە قىلىنغان.

خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ بۇ نۆۋەت ئوتتۇرا ئاسىيا ئەللىرىگە قىلغان زىيارىتى سىمۋول خاراكتېرلىك دۆلەت زىيارىتىدەك كۆرۈنسىمۇ، ئەمما كۆزەتكۈچىلەر بۇ زىيارەتنىڭ ناتو 2014-يىلى ئافغانىستاندىن چېكىنىپ چىققاندىن كېيىن شەكىللىنىدىغان مۇرەككەپ ۋەزىيەت بىلەن زىچ مۇناسىۋەتلىكلىكىنى بىلدۈرمەكتە. خوڭكوڭدىكى باپتىست ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ خىتاي ئىشلىرى تەتقىقاتچىسى جىن سېباستىيان يېڭى دېھلى گېزىتىگە قىلغان سۆزىدە 2014-يىلى ئامېرىكا باشچىلىقىدىكى ناتو كۈچلىرىنىڭ ئافغانىستاندىن چېكىنىپ چىقىشىنىڭ رايوندا مۇقىمسىزلىقنىڭ چوڭقۇرلىشىشىغا سەۋەب بولىدىغانلىقىنى، ئىسلام مىلىتارىستلىرىنىڭ ئوتتۇرا ئاسىيا ئەللىرىگە تەھدىت پەيدا قىلىدىغانلىقىنى، شۇڭا خىتاينىڭ رايوندىكى بۇ ئومۇمىي مۇقىمسىزلىق ۋەزىيىتىنىڭ ئۇيغۇر ئېلىغا تەسىر كۆرسىتىپ قېلىشىدىن قاتتىق ئەندىشە قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.

ئۇيغۇر ئېلىدىكى ۋەقەلەرنى ئەلقائىدىگە ئوخشاش تېررور تەشكىلاتلىرىغا باغلاپ كەلگەن خىتاي ھۆكۈمىتى ئوتتۇرا ئاسىيا بىلەن ئۇيغۇر ئېلىنىڭ مۇقىملىقىنى بىر-بىرىگە زىچ مۇناسىۋەتلىك، دەپ قارايدىغان بولۇپ، خىتاي ئىلگىرى ئوتتۇرا ئاسىيانىڭ خەۋپسىزلىك مەسىلىلىرىگە ئارىلىشىپ قېلىشتىن ئۆزىنى ئۇزاق تۇتۇپ كەلگەن بولسىمۇ، ئەمما ناتونىڭ رايوندىن چېكىنىپ چىقىشى خىتاينىڭ رايوندىكى رولىنى تېخىمۇ مۇرەككەپلەشتۈرۈۋېتىدىكەن.

يەنى مۇنداقچە ئېيتقاندا، خىتاينىڭ ئوتتۇرا ئاسىيا ئەللىرى بىلەن بولغان مۇناسىۋىتىدە كۆزلىگەن سىياسىي مەقسەتلىرىگە يېتىشى ئۇنداق ئاسانغا توختىمايدىكەن. جىن سېباستىياننىڭ بۇ ھەقتە بايان قىلىشىچە، ئوتتۇرا ئاسىيا ئەللىرى گەرچە خىتاي بىلەن ھەمكارلىشىشنى خالىسىمۇ، خىتاي سېلىۋاتقان مەبلەغلەرنى قارشى ئالسىمۇ، بىر ياقتىن يەنە خىتاينىڭ تەسىرى ئاستىدا قېلىشتىنمۇ ئېھتىيات قىلىدىكەن. شۇڭا ئۇلار رۇسىيە بىلەن ھەمكارلىشىش ئارقىلىق خىتاي تەسىرىنى تەڭشەشكە تىرىشىپ كەلگەن. ئۇنىڭ ئۈستىگە ئوتتۇرا ئاسىيا دۆلەتلىرى قارىماققا بىر پۈتۈندەك كۆرۈنسىمۇ، ئەمما بۇ دۆلەتلەرنىڭ بىر-بىرى بولغان مۇناسىۋىتى ياخشى ئەمەس. خىتاي بۇ دۆلەتلەرنىڭ ئۆز-ئارا زىددىيىتىنى يەڭگىللىتىشكە تىرىشىپ باققان بولسىمۇ، كۆرۈنەرلىك بىر نەتىجە ئالالمىغان. مانا بۇلار ھەممىسى خىتاينى ئوتتۇرا ئاسىيا ئەللىرىنى ئۆزىنىڭ سىياسىي مەقسەتلىرى دائىرىسىدە ھەمكارلىشىشقا كۆندۈرۈشىگە قىيىنچىلىق يارىتىدىكەن.

خىتاي ھۆكۈمىتى يېقىندىن بۇيان ئۇيغۇرلارغا قاراتقان مىللىي ۋە دىنىي بېسىم سىياسەتلىرىنى قاتتىق چىڭىتىپ، يۈز بەرگەن نارازىلىق ھەرىكەتلىرىنى قاتتىق قوللۇق بىلەن بىر تەرەپ قىلدى. كۆزەتكۈچىلەر خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ بۇنداق قىلىشىدىكى سەۋەبنىمۇ يۇقىرىدىكى ناتونىڭ ئافغانىستاندىن چېكىنىشى ۋە ئوتتۇرا ئاسىيا ئەللىرى ۋەزىيىتىنىڭ مۇرەككەپلىشىشى بىلەن زىچ مۇناسىۋەتلىك، دەپ كۆرسەتكەن ئىدى. ئۇلار خىتاينىڭ ئوتتۇرا ئاسىيادا شۇنداق مۇرەككەپ ۋەزىيەت شەكىللىنىپ بولغۇچە بولغان ئارىلىقتا يەنى 2020-2025 يىللىرىغىچە بولغان ئارىلىققىچە ئۇيغۇر مەسىلىسىنى بىر تەرەپ قىلىپ بولۇشنى كۆزلەۋاتقانلىقىنى بىلدۈرگەن.

خىتاي ھۆكۈمىتى ئۇيغۇرلارنىڭ نارازىلىق ھەرىكەتلىرىنى ئەلقائىدە تەشكىلاتىغا باغلاپ، ئۇنى خەلقئارا تېررورلۇق ھەرىكەتلىرىنىڭ بىر پارچىسى قىلىپ كۆرسىتىش ئارقىلىق ئۇيغۇرلارغا يۈرگۈزۈۋاتقان قاتتىق قوللۇق بېسىم سىياسىتىنى قانۇنلاشتۇرۇشقا ئۇرۇنۇپ كەلدى. ھازىر خەلقئارادا ئىسلام تېررورچىلىقىغا قارشى ئۇرۇش بازار تېپىۋاتقان بىر پەيتتە، خىتاي قوزغىغان تېررورلۇققا قارشى كۈرەش قوللاشقا ئېرىشەلەمدۇ؟

ئامېرىكىدىكى فوربىس ژۇرنىلىنىڭ ئوبزورچىسى، خىتاي ئىشلىرى تەتقىقاتچىسى گوردون چاڭ ئەپەندى بۇ ھەقتە كېلىرىيون تېررورلوق تەتقىقات مەركىزىنىڭ سوئالىغا جاۋاب بەرگەندە ئۇيغۇرلارنىڭ ھەرىكىتىنىڭ پۈتۈنلەي خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ بېسىم سىياسىتىگە قارشى ئېلىپ بېرىلىۋاتقان ھەرىكەتلىكىنى، ئۇلارنىڭ ھېچقايسىسىنىڭ ئاۋام پۇقرانى نىشان قىلمىغانلىقىنى ئەسكەرتكەن. ئۇ ئۇيغۇر ئېلىدا يۈز بەرگەن ۋەقەلەرنىڭ ھېچقايسىسىنىڭ باشقا تەشكىلاتلارنىڭ ھەرىكەتلىرىدەك تەشكىللىك ئەمەسلىكىنى، ئۇيغۇرلارنى خەلقئارا تېررورلۇق ھەرىكەتلىرىگە باغلايدىغان ھېچقانداق ئىسپاتنىڭ يوقلۇقىنى بىلدۈرگەن. ئۇ ئامېرىكىنىڭ ئۇيغۇر مەسىلىسى ئۈستىدىكى بۇ مەيدانى ئۈستىدە توختىلىپ: «خىتاي ھۆكۈمىتى ئۇيغۇر ئېلىدا ناھايىتى قاتتىق قوللۇق سىياسەت يۈرگۈزمەكتە. مانا بۇ ئامېرىكىنى تېررورلۇققا قارشى كۈرەشتە خىتاي بىلەن ھەمكارلىشىشتىن توسۇپ كېلىۋاتقان بىر ئامىل. 2002-يىلى ئامېرىكا شەرقىي تۈركىستان ئىسلام ھەرىكىتىنى تېررور تەشكىلاتى دەپ ئېلان قىلدى. گەرچە بۇ قارار خىتاينى بىر مەھەل خۇشال قىلغان بولسىمۇ، ئەمما ئامېرىكىنىڭ ئۇيغۇر ئېلىدا يېقىندا يۈز بەرگەن ۋەقەلەرگە قايتۇرغان ئىنكاسى خىتاينى قاتتىق نارازى قىلدى. ئۇيغۇر مەسىلىسى بۇ ئىككى دۆلەتنى ھەمكارلىشىشتىن بەك، زىددىيەتكە ئىتتىرىپ كەلمەكتە» دېگەن.

گوردون چاڭ سۆزىدە يەنە، شەرقىي تۈركىستان ئىسلام ھەرىكىتى تەشكىلاتىنىڭ ھەقىقەتەن مەۋجۇت ياكى ئەمەسلىكىگە ئائىت خىتاي ھۆكۈمىتى تەمىنلىگەندىن باشقا ھېچقانداق مۇستەقىل بىر مەلۇماتنىڭ يوقلۇقىنى، خىتاي ھۆكۈمىتى ئىلگىرى سۈرگەن مەلۇماتلارغا ئىشىنىشكە بولمايدىغانلىقىدەك بىر پاكىتنى نەزەردە تۇتقاندا، ئۇيغۇرلارنىڭ ھەرىكىتىنىڭ تېررورلۇق تەشكىلاتلىرى بىلەن ئالاقىسى بارلىقىنى ئىسپاتلايدىغان ھېچقانداق پاكىت يوقلۇقىنى ئەسكەرتكەن.

گوردۇن چاڭ ئەپەندى سۆزىدە يەنە، ھازىر خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇرلارغا قاراتقان مىللىي سىياسىتىنى يۇمشىتىدىغانلىقىنى ئىشارەت قىلىدىغان ھېچقانداق شەپە يوقلۇقىنى، شۇڭا ئۇيغۇرلار بىلەن خىتايلار ئارىسىدىكى زىددىيەتنى پەسىيىدۇ دەپ قاراشنىڭ قېيىنغا توختايدىغانلىقىنى ئېيتقان.

ئۇمۇ ئوخشاشلا، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئىرانغا ئوخشاش دىنىي دۆلەتنى قوللاپ، ب د ت دا ئۇلارغا چاپان يېپىشىنىڭ ئاقىۋەتتە يەنىلا ئىران ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇرلارغا ياردەم قىلىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئۈچۈن ئىكەنلىكىنى بىلدۈرگەن.