ئامېرىكىنىڭ ب د ت دىكى ئەلچىسى نىككى خەيلى خىتاي ئۇيغۇرلارغا قاراتقان باستۇرۇش سىياسەتلىرىنى ئەيىبلىدى

مۇخبىرىمىز جۈمە
2018.07.27
Tahir-Hamut-Nikki-Haley.jpeg شائىر تاھىر ھامۇت «دىنىي ئەركىنلىكنى ئىلگىرى سۈرۈش» يىغىنىدا ئامېرىكىنىڭ ب د ت دىكى ئەلچىسى نىككى خەيلى خانىم بىلەن بىرگە. 2018-يىلى 26- ئىيۇل. ۋاشىنگتون د. س.، ئامېرىكا.
RFA

ئامېرىكىنىڭ ب د ت دىكى ئەلچىسى نىككى خەيلى خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارغا قاراتقان باستۇرۇش سىياسەتلىرىنى ئەيىبلىدى. ئۇنىڭدىن باشقا يىغىنىغا قاتناشقان ۋەكىللەر يىغىدىن كېيىن ئېلان قىلغان بىرلەشمە باياناتىدا خىتاينى لاگېرلارنى تاقاشقا چاقىردى.

ئامېرىكا ئامېرىكا دۆلەت ئىشلار مىنىستىرلىقى چاقىرغان تۇنجى نۆۋەتلىك «دىنىي ئەركىنلىكنى ئىلگىرى سۈرۈش مىنىستىر دەرىجىلىكلەر يىغىنى» 26-ئىيۇل كەچقۇرۇن ئامېرىكا پايتەختى ۋاشىنگتوندىكى «ئىرقىي قىرغىنچىلىق» مۇزېيىدا خۇلاسىلەندى. 

خۇلاسىلەش يىغىندا سۆز قىلغۇچىلار ئارىسىدا ئامېرىكىنىڭ بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىدىكى باش ئەلچىسى نىككى خەيلى خانىم، ئامېرىكا دۆلەت ئىشلار مىنىستىرلىقىنىڭ خەلقئارالىق دىنىي ئەركىنلىككە مەسئۇل ئالاھىدە ئەلچىسى سام بروۋنبەك ئەپەندىلەرمۇ بار ئىدى.

سام بروۋنبەك ئەپەندى ئالدى بىلەن يىغىن ئىشتىراكچىلىرىغا رەھمەت ئېيتقاندىن كېيىن، دىنىي باستۇرۇش مەۋجۇت بولمىغان بىر دۇنيا بەرپا قىلىشقا ئۈمىدۋار ئىكەنلىكىنى بىلدۈردى. 

يىغىن كۈن تەرتىپى بويىچە سۆزگە چىققان ئامېرىكىنىڭ بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىدىكى باش ئەلچىسى نىككى خەيلى خانىم ئالدى بىلەن ئامېرىكىنىڭ سابىق خەلقئارالىق دىنىي ئەركىنلىككە مەسئۇل ئەلچىسى روبېرت سىپپىل ئەپەندىمنىڭ 1999-يىلى تۇنجى نۆۋەتلىك ئەلچى بولۇش سۈپىتى بىلەن ب بىرما، خىتاي، ئىران، ئىراق ۋە سۇدان قاتارلىق بىر نەچچە دۆلەتنى دىنىي ئەركىنلىكنى رەت قىلغۇچى دۆلەتلەر تىزىملىكىگە كىرگۈزگەنلىكىنى بايان قىلدى. 

ئۇ مۇنداق دېدى: «ئەلچى سىپپىل ئەينى چاغدا ئىنتايىن مۇھىم ئەھمىيەتكە ئىگە بىر مەسىلىنى ئوتتۇرىغا قويغان ئىكەن. دىنىي باستۇرۇش قىلمىشلىرى تۈپەيلى بۇ تىزىملىككە كىرگۈزۈلگەن ھەر بىر دۆلەت ئەينى چاغدىكى ۋە كەلگۈسىدىكى خەۋپسىزلىككە تەھدىت ئېلىپ كەلگۈچىلەر ئىدى. ئۇلارنىڭ بەزىلىرى ئاللىبۇرۇن بىزنىڭ كۆزىتىشمىز ئاستىغا ئېلىنغان بولسىمۇ، يەنە بەزىلىرى ئارىدىن نەچچە ئون يىللار ئۆتكەندە ئامېرىكا قوشما شتاتلىرىنىڭ دۆلەت خەۋپسىزلىكىگە تەھدىت سالىدىغان ئاساسلىق كۈچلەرگە ئايلىنىپ قالغۇسى دۆلەتلەر ئىدى. بۇ يەردە دىنىي ئەركىنلىكنى بوغىدىغان دۆلەت بىلەن، تىنچلىق ۋە ئەمىنلىككە تەھدىت يارىتىدىغان دۆلەتلەر بىر بىرى بىلەن جىپسىلىشىپ كەتكەن ئىدى.»

ئۇ سۆزى جەريانىدا دىنىي ئەركىنلىكنىڭ ئامېرىكا تاشقى سىياسىتىدىكى ئورنىنى شەرھلىدى ۋە ئامېرىكا قوشما شتاتلىرىنىڭ ب د ت نىڭ خىزمەت مېخانىزمىنى ئۆزگەرتىپ، دىنىي ئەركىنلىك ۋە كىشىلىك ھوقۇق مەسىلىسىنى ئايرىم سورۇنلاردىلا ئەمەس، بەلكى خەۋپسىزلىك كېڭىشىدىمۇ مۇزاكىرە قىلىنىدىغان ھالەتكە كەلتۈرۈش ئۈچۈن ھەرىكەت قىلغانلىقىنى ۋە نەتىجە قازانغانلىقىنى بىلدۈردى.

ئۇ توقۇنۇش ۋە نىزالار دىنىي ئەركىنلىك ۋە كىشىلىك ھوقۇق دەپسەندىچىلىكىنى كەلتۈرۈپ چىقارماستىن، ئەكسىچە كىشىلىك ھوقۇقنى دەپسەندە قىلىشنىڭ توقۇنۇشلارغا سەۋەب بولىدىغانلىقىنى ئالاھىدە تەكىتلىدى.

ئۇ مۇنداق دېدى: «بۇ ئەھۋال دىنىي ئېتىقاد ئەركىنلىكى دەپسەندە قىلىنغاندا تېخىمۇ ئېغىر بولىدۇ. دىنىي ئېتىقاد ئەركىنلىكىنى رەت قىلىش شۇ قەدەر ۋەيران قىلىش خاراكتېرىگە ئىگە ئىكەنكى، ئۇنىڭدا ھاكىمىيەت ئۆزىنى ئىلاھىي قۇدرەتنىڭ ئۈستىگە قويۇۋالغان بولىدۇ. ئامېرىكىدا دىنىي ئىتقا ئەركىنلىكىمىزنى ئۆز ئىچىگە ئالغان بارلىق ھوقۇقلىرىمىز ھاكىمىيەت چەمبىرىكىنىڭ سىرتىدا. دىنىي ئەركىنلىك ھوقۇقىنى رەت قىلىشنىڭ ئۆزى، ئەڭ تىپىكلەشكەن ئىستىبداتلىقتۇر.»

ئۇ سۆزلەپ دەل مۇشۇ نۇقتىغا كەلگەندە دىنىي ئەركىنلىك چەكلىنىۋاتقان دۆلەتلەردىن خىتاي، رۇسىيە، نىكاراگۇئا قاتارلىق دۆلەتلەرنى مىسال قىلىپ ئۆتتى ۋە خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارغا قاراتقان باستۇرۇش سىياسەتلىرىنى ئەيىبلىدى. 

ئۇ مۇنداق دېدى: «خىتاي ھۆكۈمىتى مىڭلىغان-ئونمىڭلىغان ئۇيغۇر مۇسۇلمانلىرىنى ئۆز ھاكىمىيىتىگە تەھدىت، دەپ قاراپ ئاتالمىش ‹قايتا تەربىيىلەش لاگېرلىرى› غا بەند قىلدى. خىتاي دۆلىتى ئۇيغۇرلار ھاياتىنىڭ ھەممە قاتلاملىرىغىچە قول سوزۇپ، خۇدى بىر پارچە ماقالىدە دېيىلگەندەك، ‹مۇكەممەل ساقچى دۆلىتى بەرپا قىلدى›. مۇتلەق كۆپ ساندىكى ئۇيغۇرلار ياشايدىغان بۇ ئۆلكىدە ئۇلارنىڭ دىنىي ۋە مىللىي كىملىكى خىتاي ھۆكۈمىتى تەرىپىدىن پۈتۈنلەي دېگۈدەك يوقىتىلدى.»

نىككى خەيلى خانىم ئامېرىكا دۆلەت ئىشلار مىنىستىرلىقى ئۇيۇشتۇرغان مەزكۇر ئۈچ كۈنلۈك يىغىن جەريانىدا خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارغا قاراتقان باستۇرۇش سىياسىتىنى تىلغا ئالغان يەنە بىر يۇقىرى دەرىجىلىك ئامېرىكا ئەمەلدارى. 

26-ئىيۇل ئامېرىكا مۇئاۋىن پرېزىدېنتى مايك پەنس ئەپەندىممۇ خىتاينىڭ «مىڭلىغان-ئونمىڭلىغان، بەلكى مىليونلىغان ئۇيغۇرنى ئاتالمىش قاياقتا تەربىيىلەش لاگېرلىرىغا قالمىغان» لىقىنى كۈچلۈك رەۋىشتە ئوتتۇرىغا قويغان ئىدى.

يىغىننىڭ خۇلاسە قىسمىدىكى مەزكۇر پائالىيەتكە قاتناشقا ئۇيغۇر شائىر تاھىر ھامۇت بۇ يىغىن ئەسناسىدىمۇ نىككى خەيلى خانىم بىلەن كۆرۈشۈپ ئۇنىڭدىن ئۇيغۇرلارغا كۆڭۈل بۆلۈشنى ئۆتۈنگەن.

ئۇ ئالدىنقى كۈنى ئامېرىكا مۇئاۋىن پرېزىدېنتى مايك پەنس ئەپەندىم بىلەن كۆرۈشكەندىمۇ ئۇيغۇرلارنىڭ دەردىنى ئاڭلاتقان ئىدى.

ئامېرىكا ئامېرىكا دۆلەت ئىشلار مىنىستىرلىقى چاقىرغان تۇنجى نۆۋەتلىك «دىنىي ئەركىنلىكنى ئىلگىرى سۈرۈش يىغىنى» 3 كۈن داۋام قىلىپ 26 ئىيۇل كەچقۇرۇن رەسمىي ئاياغلاشتى.

يىغىنغا دۇنيانىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىن كەلگەن كىشىلىك ھوقۇق پائالىيەتچىلىرى، دىنىي باستۇرۇش قىلمىشلىرىنىڭ قۇربانلىرى، دىنىي ۋە كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرىنىڭ مەسئۇللىرى قاتناشقاندىن سىرت، بىر قىسىم دۆلەتلەرنىڭ مىنىستىر دەرىجىلىك ئەربابلىرىمۇ ئىشتىراك قىلدى. 

ئۇلار يىغىن ئاخىرىدا بىرلەشمە باياناتلارنى ئېلان قىلىپ، دىنىي دەپسەندىچىلىك ئېغىر بولغان بىر قانچە دۆلەتنى باستۇرۇش سىياسەتلىرىنى توختىتىشقا چاقىردى. 

ئۇلارنىڭ شۇ مەزمۇندىكى بىر باياناتى خىتايغا قارىتىلدى. باياناتتا خىتايدىكى ئۇيغۇر، تۇڭگان، قازاق مۇسۇلمانلىرى، تىبەت بۇددىستلىرى، خرىستىئان ۋە فالۇنگوڭچىلارنىڭ ئۆز دىنىي ئېتىقادى سەۋەبلىك ئېغىر باستۇرۇشلار ۋە كەمسىتىشلەرگە ئۇچراۋاتقانلىقى كۆرسىتىلدى. 

باياناتنىڭ كۆپ قىسمىدا خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارغا قارىتا ئۆتكۈرلەشتۈرگەن باستۇرۇش سىياسەتلىرى ئەيىبلەندى. 

باياناتتا خىتايدا دىنىي ئېتىقاد ئەركىنلىكى ئېغىر دەرىجىدە دەپسەندە قىلىنىپلا قالماي، مەسچىتلەرنىڭ چېقىلىپ ئۇيغۇرلارنىڭ مىسلى كۆرۈلمىگەن دەرىجىدە تەقىب ئاستىغا ئېلىنغانلىقى، مىڭلىغان-ئونمىڭلىغان، بەلكى مىليونلىغان ئۇيغۇرنىڭ جىددىي ھالدا ياسالغان لاگېر ۋە تۈرمىلەرگە قامالغانلىقى تىلغا ئېلىندى. 

باياناتتا مۇنداق دېيىلدى: «بۇ ئورۇنلاردا ئادەملەرنىڭ ئۆلۈۋاتقانلىقىغا ئائىت خەۋەرلەرمۇ بار. بىز خىتاي ھۆكۈمىتىنى بۇ ئورۇنلارغا مەجبۇرىي قامالغان بارلىق كىشىلەرنى دەرھال قويۇپ بېرىشكە چاقىرىمىز.»

بايانات ئاخىرىدا يەنە خىتاينىڭ چېركاۋغا كىرىشنى چەكلەپ، يەر ئاستى چېركاۋلىرى ۋە تىبەتتە ئىبادەتخانىلارنى چاققانلىقى، «ئىنجىل»، «قۇرئان» لارنى كۆيدۈرگەنلىكى كۆرسىتىلدى.

باياناتتا مۇنداق دېيىلدى: «بىز خىتاي ھۆكۈمىتىنى ئۆز قانۇنى ۋە خەلقئارا جەمئىيەتكە كىشىلىك ھوقۇقنى قوغداش خۇسۇسىدا بەرگەن ۋەدىلىرىگە ئاساسەن بارلىق كىشىلەرنىڭ دىنىي ئېتىقاد ئەركىنلىكىنى قوغداشقا ۋە دىنىي گۇرۇپپىلارنىڭ كىشىلىك ھوقۇقلىرىنى ھۆرمەت قىلىشقا كۈچلۈك رەۋىشتە چاقىرىمىز. ئەگەر شۇنداق بولغاندىلا بۇلار خىتاينىڭ ئەمىنلىكى ۋە مۇقىملىقنى كاپالەتكە ئىگە قىلىپلا قالماستىن، قوشنا ئەللەرنىڭ ئەمىنلىكىنىمۇ كاپالەتكە ئىگە قىلىدۇ.»

يىغىن ئاخىرلىشىپ باياناتلار ئېلان قىلغاندىن كېيىن، خىتاينىڭ ھۆكۈمەت ئاۋازى بولغان «يەرشارى ۋاقىت گېزىتى» باش ماقالە ئېلان قىلىپ، ئۇيغۇرلارغا يۈرگۈزۈلۈۋاتقان لاگېر سىياسىتىنى ئاقلاشقا ئۇرۇندى ۋە بۇلارنىڭ پەقەت ئاتالمىش «دىنىي ئەسەبىيلىكنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئۈچۈن قۇرۇلغان دىنىي تەربىيىلەش ئىنستىتۇتلىرى» ئىكەنلىكىنى يازدى. 

ھالبۇكى كۆزەتكۈچىلەر ھەمدە بۇ ھەقتە زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلغان سابىق لاگېر مەھبۇسلىرى خىتاي نۆۋەتتە ئۇيغۇر رايونىدا كۆلەملەشتۈرگەن لاگېرلارنى «قايتا تەربىيىلەش مەركەزلىرى» دەپ ئاتاشنىڭ ئىنتايىن خاتا بولىدىغانلىقى، بۇنى «تۈرمە» دەپ ئاتاشمۇ يېنىك بولۇپ قالىدىغانلىقىنى بىلدۈرۈشكەن ئىدى.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.