نوبېل مۇكاپاتىغا ئېرىشكەن ئەزىز سانجارنى ئۇيغۇرلارمۇ كۈتۈۋالدى

0:00 / 0:00


تۈركلەر ئارىسىدا تۇنجى قېتىم خىمىيە مۇكاپاتىغا ئېرىشكەن ئەزىز سانجار ئەپەندى 14 - دېكابىر كۈنى ئەنقەرەنى زىيارەت قىلىش ئۈچۈن كەلگەندە ئەسەنبوغا ئايرودرومىدا ئۇنى قارشى ئالغانلار قاتارىدا ئۇيغۇرلارمۇ گۈل تەقدىم قىلىپ كۈتۈۋالدى.

ئەنقەرەدىكى ئۇيغۇرلارغا ۋاكالىتەن مىركامىل قەشقەرلى ئەپەندى بىلەن شېئىر دېكلاماتسىيە قىلىپ داڭ چىقارغان كىچىك مۈجاھىت قەشقەرلى، قولىدا گۈلدەستە كۆتۈرگەن ھالدا ئەزىز سەنجەرنىڭ ئۇرۇق - تۇغقانلىرى ۋە دۆلەت ئەرباپلىرى بىلەن بىرلىكتە ئۇنى كۈتۈۋالدى. ئۇيغۇر پەرزەنتى كىچىك مۇجاھىت بىلەن مىركامىل قەشقەرلى پۈتۈن ئۇيغۇرلارنىڭ تەبرىك ۋە سالىمىنى ئۇنىڭغا بىلدۈرۈپ، ئۇيغۇر دوپپىسى كىيدۈرگىنىدە دوكتور ئەزىز سانجار رەھمەت ئېيتىپ كىچىك مۈجاھىتنىڭ مەڭزىگە سۆيۈپ قويدى.

مىركامىل قەشقەرلىنىڭ ئېيتىشىچە، ئۇيغۇرلار تەقدىم قىلغان گۈلدەستىنىڭ ئۈستىگە«كۆك بايراقتىن قىزىل بايراققا سالام» دېگەن جۈملە يېزىلغان بولۇپ، گۈلدەستىنى قولىغا ئېلىپ، ئۇيغۇر دوپپىسىنى بېشىغا كىيگەن دوكتور ئەزىز سانجار ئەپەندى ئىنتايىن خۇشال بولغانلىقىنى بىلدۈرۈپ، ئۇيغۇرلارغا ئوتلۇق سالىمىنى يوللايدىغانلىقىنى ئېيتقان.

پروفېسسور دوكتور ئەزىز سانجار ئەپەندى «د ن ئا» ئۈستىدە ئېلىپ بارغان تەتقىقاتلاردا دەۋر بۆلگۈچ يېڭىلىق يارىتىپ، خىمىيە پەنلىرى بويىچە نوبېل مۇكاپاتىغا ئېرىشكەن ئالىمدۇر.

پروفېسسور دوكتور ئەزىز سانجار ئەپەندى تۈركىيە جۇمھۇر رەئىسى رەجەپ تاييىپ ئەردوغاننىڭ ئالاھىدە تەكلىپىگە بىنائەن، شىۋېتسىيەدىكى مۇراسىمدا نوبېل مۇكاپاتىنى تاپشۇرۇپ ئالغاندىن كېيىنلا ئۇدۇل تۈركىيەگە يېتىپ كەلدى. بۈگۈن،يەنى 15 - دېكابىر كۈنى تۈركىيە دۆلەت رەئىسى رەجەپ تاييىپ ئەردوغان، باش مىنىستىر ئەخمەت داۋۇتوغلۇ ئەپەندى ۋە تۈركىيە ئارمىيەسى باش شىتابى قوماندانى خۇلۇسى ئاقار ئەپەندىلەر ئۇنى ئايرىم - ئايرىم قوبۇل قىلىپ، تەبرىكلىدى ۋە ئۇنىڭ بىلەن ئىلىم - پەن تەتقىقاتلىرى ۋە تۈركىيەنىڭ مەسىلىلىرى توغرىسىدا سوھبەتلەشكەن.

ئامېرىكىدا«تۈرك ئۆيى» ئاچقان ۋە ئايالى «تۈرك ئۆيى»نىڭ مۇدىرىلىك ۋەزىپىسىنى ئۆتەۋاتقان پروفېسسور دوكتور ئەزىز سانجار ئەپەندى تۈركىي جۇمھۇرىيەتلەردىن كەلگەن ئوقۇغۇچىلارغا بولۇپمۇ، ئۇيغۇر ئوقۇغۇچىلارغا يېقىندىن ياردەم قىلغان ئىكەن.

پروفېسسور ئەزىز سانجار ئەپەندى 1946 - يىلى تۈركىيەنىڭ ماردىن ۋىلايىتىدە دۇنياغا كەلگەن بولۇپ، ئۇ ئائىلىدە 8 بالىنىڭ 7 - سى ئىكەن. ئۇ بىر قېتىملىق نۇتىقىدا، ئاتا - ئانىسىنىڭ ساۋاتسىز ئىكەنلىكىنى، بىراق مائارىپقا ناھايىتى ئەھمىيەت بېرىدىغانلىقىنى ئېيتقان. ئەزىز سانجار ئەپەندى 1971 - يىلى ئىستانبۇل ئۇنىۋېرسىتېتى مېدىتسىنا فاكۇلتېتىنى پۈتتۈرگەندىن كېيىن بىلىم ئاشۇرۇش ئۈچۈن ئامېرىكىغا بارغان. ئۇ مېدىتسىنا فاكۇلتېتىنى پۈتتۈرگەندىن كېيىن ئېلىپ بارغان تەتقىقاتلىرى نەتىجىسىدە ئامېرىكا دۆلەتلىك ئىلىملەر ئاكادېمىيەسىگە قوبۇل قىلىنغان 3 تۈركنىڭ بىرى ئىكەن. ئۇ، 1997 - يىلىدىن تارتىپ مۇقىم ھالدا ئامېرىكا شىمالىي كارولىنا چاپېل ھېل ئۇنىۋېرسىتېتى ھەمدە شىمالىي كارولىنا ئۇنىۋېرسىتېتىدا بىئو - خىمىيە ۋە بىئو - فىزىكا بۆلۈمىدە خىزمەت قىلغان. بۇ جەرياندا ئۇ، 300گە يېقىن ئىلمىي ماقالىسى ۋە بۇ ماقالىلىرىدىن ئېلىنغان 12000 ئۈزۈندە بىلەن ئىلمىي تەتقىقاتلاردا مىسلىسىز مۇۋەپپەقىيەتلەرگە ئېرىشكەن. ئۇنىڭ «د ن ئا» ئۈستىدە ئېلىپ بارغان تەتقىقاتلاردا قولغا كەلتۈرگەن ئۇتۇقلىرى دەۋر بۆلگۈچ يېڭىلىق دەپ قارالماقتا.

ئەزىز سانجار ئەپەندى تۈرك يازغۇچىسى ئورخان پامۇكتىن كېيىنكى نوبېل مۇكاپاتىغا ئېرىشكەن ئىككىنچى تۈرك ئالىمىدۇر.