ياۋروپادىكى دىنىي زىيالىيلار نورۋېگىيەدىكى ئۇيغۇر جامائىتىنى زىيارەت قىلدى

0:00 / 0:00

ياۋروپادا قۇرۇلغان ئۇيغۇر تەشكىلاتلار ئۆز-ئارا ھەمكارلىق ئاساسىدا خىزمەت ئېلىپ بېرىش، ئۆز-ئارا تەجرىبە ئالماشتۇرۇش، ھەمكارلىق ئاستىدا ئۇيغۇر داۋاسىنى بىرلىكتە ياۋروپادا ئاڭلىتىشقا تىرىشىپ كەلمەكتە.

ياۋروپادىكى تەشكىلاتلاردىن، گوللاندىيەدىكى «ياۋروپا شەرقىي تۈركىستان مائارىپ جەمئىيىتى»، «فىنلاندىيە ئۇيغۇر مەدەنىيەت مەركىزى»، «شىۋېتسىيە ئۇيغۇر مائارىپ ئۇيۇشمىسى» قاتارلىق تەشكىلاتلىرىنىڭ مەسئۇللىرىدىن تەشكىل تاپقان دىنىي زىيالىيلار نورۋېگىيەدىكى ئۇيغۇر تەشكىلاتلار ۋە ئۇيغۇر جامائىتىنى زىيارەت قىلدى.

بۇ قېتىملىق زىيارەت 4-مارتتىن 6-مارتقىچە داۋاملاشقان بولۇپ، نورۋېگىيەدىكى «ئۇيغۇر كومىتېتى» ۋە «ئۇيغۇر ئىسلام مەدەنىيەت مەركىزى» بۇ تەشكىلات رەھبەرلىرىنى قىزغىن قارشى ئېلىپ كۈتۈۋالدى.

5-مارت كۈنى نورۋېگىيە پايتەختى ئوسلودىكى ئۇيغۇر ئىسلام مەدەنىيەت مەركىزىدە، شۇ يەر ۋاقتى 15:00 دە نورۋېگىيە ئۇيغۇر كومىتېتى ۋە ئۇيغۇر ئىسلام مەدەنىيەت مەركىزى ساھىبخانىلىقىدا كۈتۈۋېلىش سۆھبەت يىغىنى ئۆتكۈزۈلدى.

بۇ سۆھبەتكە نورۋېگىيەدىكى ئۇيغۇر جامائىتىدىن 100 دىن ئارتۇق كىشى قاتناشقان.

سۆھبەتتە زىيارەتكە كەلگەن دىنىي زىيالىي ۋە تەشكىلات مەسئۇللىرى ئارقا-ئارقىدىن سۆزگە چىقىپ، ئۇيغۇرلارنىڭ كىملىكىنى ساقلاپ قېلىشنىڭ زۆرۈرلۈكى بۇنىڭ ئۈچۈن دىن ۋە ئانا تىلغا بولغان تەربىيىلەشنى چىڭ تۇتۇشنىڭ مۇھىملىقى ۋە جامائەتلىشىپ ياشاش، ئىتتىپاقلىشىش، تەشكىلاتلار ئەتراپىغا زىچ ئۇيۇشۇش ۋە ئۇيغۇر داۋاسىغا ئىگە چىقىشنىڭ مۇھىملىقىنى تەكىتلىدى. ئۇلار يەنە، كەلگۈسى پەرزەنتلەرنى ئۆز ۋەتىنىگە ئىگە چىقىدىغان، ئۆز كىملىكىنى ئېنىق تونۇيدىغان قىلىپ تەربىيىلەش، ياشاۋاتقان دۆلەتلەردە يوقىلىپ كەتمەسلىك ئۈچۈن جامائەتلىشىپ ياشاش قاتارلىقلارنى ھەدىس، ئايەتلەردىن دەلىل قىلىپ يورۇتۇپ بەردى.

بىز بۇ زىيارەت ھەققىدە تەپسىلىي مەلۇمات ئېلىش ئۈچۈن، نورۋېگىيە ئىسلام مەدەنىيەت مەركىزى مەسئۇلى ۋە ئىمامى ئۆمەر ھاجىمنى زىيارەت قىلدۇق. ئۆمەر ھاجىم بۇ قېتىملىق تەشكىلاتلار ئارا زىيارەتنىڭ مۇھىملىقى ۋە مۇۋەپپەقىيەتلىك بولغانلىقى ھەققىدە توختالدى.

نورۋېگىيە ئۇيغۇر كومىتېتى رەئىسى نىغمەت تۇرسۇن ئەپەندى زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلىپ، دىنىي زىيالىيلارنىڭ بۇ قېتىملىق زىيارىتىگە يۇقىرى باھا بەردى.

گوللاندىيە ياۋروپا شەرقىي تۈركىستان مائارىپ جەمئىيىتى رەئىسى ئوبۇلقاسىم ئابلىز بۇ قېتىملىق زىيارەتنىڭ مەقسىتى ھەققىدە ئۆز قارىشىنى بايان قىلدى.

شىۋېتسىيەدىكى ئۇيغۇر مائارىپ ئۇيۇشمىسىنىڭ رەئىسى ئابدۇللا كۆكيار بۇ قېتىملىق زىيارەت ياۋروپادىكى تەشكىلاتلارنىڭ ئۆز-ئارا ھەمكارلىق ئاساسىدا خىزمەت ئېلىپ بېرىشىغا سېلىنغان دەسلەپكى قەدەم ئىكەنلىكىنى مۇئەييەنلەشتۈردى.