نورۋېگىيەدىكى سامىلار پارلامېنتىنىڭ رەئىسى ئۇيغۇر ۋەكىللىرىنى قوبۇل قىلدى ۋە ئۇلارنىڭ شەرىپىگە زىياپەت بەردى.
نورۋېگىيە ئۇيغۇر كومىتېتىنىڭ تەشكىللىشى بىلەن 4 كىشىلىك بىر ھەيئەت 12-ئىيۇندىن باشلاپ نورۋېگىيەنىڭ شىمالىدىكى يەرلىك مىللەت سامىلار رايونىدا ۋە ئۇلارنىڭ پارلامېنتىدا 3 كۈنلۈك زىيارىتىنى باشلىغان ئىدى. 13-ئىيۇن كۈنى سامىلار پارلامېنتىنىڭ رەئىسى ئائىلى كېسكىتالو خانىم ئۇيغۇر ۋەكىللىرىنى قوبۇل قىلىپ سۆھبەت ئۆتكۈزگەن ۋە ئۇيغۇر ۋەكىللىرىنىڭ شەرىپىگە زىياپەت بەرگەن.
سامىلار رايونىنىڭ مەركىزى كاراسيوكتىن زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلغان نورۋېگىيە ئۇيغۇر كومىتېتىنىڭ رەئىسى بەختىيار ئۆمەر ئەپەندى 13-ئىيۇن كۈنى سامىلار پارلامېنتىدا بولۇپ ئۆتكەن ئۇچرىشىشلار ھەققىدە بىزنى بەزى مەلۇماتلار بىلەن تەمىنلىدى. نورۋېگىيە ئۇيغۇر كومىتېتىنىڭ مەسئۇللىرىدىن خەلچەم مەمتىمىن خانىم سامىلار پارلامېنتىدىكى ئۇچرىشىشلار جەريانىدا ئۆزىگە تەسىر قىلغان بەزى ئامىللار ھەققىدە توختالدى.
سامىلار پارلامېنتىدىكى مەخسۇس زىيارەتكە نورۋېگىيە ئۇيغۇر كومىتېتىنىڭ رەھبەرلىرى بىلەن بىرگە بارغان دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى ئىجرائىيە كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى سەمەت ئابلا ئەپەندىمۇ زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلىپ، ئۇزۇن زامانلار مىللىي كەمسىتىشلەرگە ۋە خورلۇقلارغا ئۇچرىغان سامى مىللىتىنىڭ ئەركىنلىك يولىدا ئېلىپ بارغان تىنىمسىز كۈرەشلىرىنىڭ ئۆزىگە چونققۇر تەسىر قىلغانلىقىنى تىلغا ئالدى.
ئۇيغۇر ۋەكىللىرى سامىلار پارلامېنتىدا يەنە «سامى رادىيو-تېلېۋىزىيە قانىلى» نى زىيارەت قىلغان. سامىلار پارلامېنتىنىڭ خادىملىرى كەچتە ئۇيغۇر ۋەكىللىرىنىڭ شەرىپىگە مەخسۇس زىياپەت ئۇيۇشتۇرۇپ، پارلامېنت ئەزالىرىغا ئۇيغۇرلار مەسىلىسىنى كەڭ-كۇشادە ئاڭلىتىش پۇرسىتى يارىتىپ بەرگەن.
نورۋېگىيە ئۇيغۇر كومىتېتىنىڭ رەئىسى بەختىيار ئۆمەر ئەپەندى پايتەخت ئوسلودىن 2000 كىلومېتىردىن كۆپرەك مۇساپىنى بېسىپ كېلىپ بۇ يەردە ئېلىپ بارغان بىر قاتار پائالىيەتلىرىنىڭ نەتىجىلىك بولغانلىقىنى ئەسكەرتتى. د ئۇ ق ئىجرائىيە كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى سەمەت ئابلا ئەپەندىمۇ بۇ قېتىمقى زىيارەتكە يۇقىرى باھا بەردى.
0:00 / 0:00