نورۋېگىيەدە 5 - ئىيۇل ئۈرۈمچى قىرغىنچىلىقىنى خاتىرىلەش نامايىشى ئۆتكۈزۈلدى

0:00 / 0:00

بۈگۈن نورۋېگىيەنىڭ پايتەختى ئوسلودا ئۈرۈمچى قىرغىنچىلىقىنىڭ 5 - يىللىقىنى خاتىرىلەش نامايىشى ئۆتكۈزۈلدى. خىتاي ئەلچىخانىسىنىڭ ئالدىدىكى نامايىش كۈچلۈك توۋلانغان شۇئارلار بىلەن باشلاندى. ئاندىن پەرھات ياقۇپ ئەپەندى د ئۇ ق نىڭ چاقىرىقىنى ئوقۇپ ئۆتتى.

خىتاي ئەلچىخانىسىنىڭ ئالدىدا شەرقىي تۈركىستاننىڭ ئىستىقلال مارشى قۇيۇلغاندا، لەپىلدەۋاتقان ئاي - يۇلتۇزلۇق كۆك بايراقلار بىلەن نامايىشچىلارنىڭ جەسۇر قىياپەتلىرى بىر گەۋدىلىشىپ ئاجايىپ جەڭگىۋار بىر شەكىل ھاسىل قىلدى.

نورۋېگىيە ئۇيغۇر كومىتېتىنىڭ رەئىسى نىغمەت ھاجىم زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلدى.

نورۋېگىيە ئۇيغۇر كومىتېتى ئاياللار بۆلۈمىنىڭ مەسئۇلى زۇلپىيە قۇربان «ئەگەر، خىتاي زۇلۇم قىلىشنى توختاتمايدىكەن، بىزمۇ خىتايغا قارشى كۈرەش قىلىشنى ھەرگىز توختاتمايمىز» دېدى ۋە سۆزىنى داۋاملاشتۇردى.

نامايىشتتا يەنە يۇرت چوڭلىرىدىن ئۆمەرجان ئاكا، ئۆمەر ھاجىم، تۇرغۇنجان قاتارلىقلار ۋەتەن، مىللەتنى سۆيۈش ۋە قوغداشنى ئىلمىي ۋە دىنىي جەھەتتىن ئىنتايىن تەسىرلىك قىلىپ شەرھلەپ ئۆتتى.

بۈگۈنكى نامايىشنىڭ ئاخىرى چەتئەللىك ساياھەتچىلەر ئەڭ كۆپ يىغىلىدىغان دېڭىز بويىدىكى نوبېل تىنچلىق مەركىزىنىڭ ئالدىدا داۋاملاشتى. يىگىتلەر ۋە كىچىك دوستلار نەچچە يۈزلىگەن تەشۋىقات ۋەرەقىلرىنى ساياھەتچىلەر ۋە يەرلىكلەرگە تارقىتىپ بولدى. ئۇيغۇرلارنىڭ نۆۋەتتىكى ۋەزىيىتى ۋە 5 - ئىيۇل ئۈرۈمچى قىرغىنچىلىقى ھەققىدە مەخسۇس تەييارلانغان ماقالە نورۋېگچە ۋە ئېنگلىزچە تىلدا ئوقۇلدى شۇنداقلا لوزۇنكا پىلاكاتلاردىكى رەسىم ۋە چۈشەندۈرۈشلەرنى قىزىقىپ كۆرۈۋاتقان ساياھەتچىلەرنىڭ سورىغان سوئالىغا ئەتراپلىق جاۋابلار بېرىلدى.