بېيجىڭدا زىيارەتتە بولۇۋاتقان نورۋېگىيە ۋەكىللىرى ئۇيغۇر دىيارىدىكى لاگېرلار مەسىلىسىنى سۈرۈشتۈردى

0:00 / 0:00

نورۋېگىيە تاراتقۇلىرىنىڭ خەۋەرلىرىدىن مەلۇم بولۇشىچە، 3-سېنتەبىردىن باشلاپ بېيجىڭ زىيارەتتە بولۇۋاتقان نورۋېگىيە پارلامېنتى تاشقى ئىشلار ۋە مۇداپىئە كومىتېتىنىڭ 6 پارتىيە، 17 كىشىدىن تەركىب تاپقان زىيارەت ئۆمىكىدىكى نورۋېگىيە سولچىلار پارتىيىسى ۋەكىلى ئابىد راجا خىتاي ھۆكۈمەت دائىرىلىرىدىن ئۇيغۇر دىيارىدىكى لاگېرلار مەسىلىسىنى سۈرۈشتۈرگەن. زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلغان نورۋېگىيە ئۇيغۇر كومىتېت ئەزالىرى ياۋروپا ئىتتىپاقىغا ئەزا دۆلەتلەر ئىچىدە نورۋېگىيە ۋەكىللىرىنىڭ تۇنجى بولۇپ ئۇيغۇرلارنىڭ جازا لاگېرلىرىغا قامىلىش مەسىلىسىنى ئوتتۇرىغا قويغانلىقىدىن سۆيۈنگەنلىكىنى بىلدۈردى.

نورۋېگىيەدە پائالىيەت ئېلىپ بېرىۋاتقان نورۋېگىيە ئۇيغۇر كومىتېتى رەئىسى بەختىيار ئۆمەر ئەپەندى رادىيومىز زىيارىتىنى قوبۇل قىلىپ، 6-سېنتەبىر نورۋېگىيە دۆلەتلىك تېلېۋىزىيەسىدە بېرىلگەن، خىتايدا زىيارەتتە بولغان نورۋېگىيە ۋەكىللىرىنىڭ ئۇيغۇر دىيارىدىكى لاگېرلار مەسىلىسىنى سۈرۈشتۈرگەنلىكى ھەققىدىكى خەۋەردىن نورۋېگىيەدىكى ئۇيغۇرلارنىڭ سۆيۈنگەنلىكىنى بىلدۈردى.

نورۋېگىيە ئۇيغۇر كومىتېتىنىڭ ياشلار بۆلۈمى ھەيئىتى رەنا خانىمنىڭ بىلدۈرۈشىچە، بۇ قېتىمقى خىتاي بىلەن بولغان سۆھبەت جەريانىدا ئۇيغۇر دىيارىدىكى جازا لاگېرلىرى مەسىلىسىنى، مەزكۇر ئۆمەكتىكى نورۋېگىيە سولچىلار پارتىيەسى ۋەكىلى ئابىد راجا يەنى نورۋېگىيەدە تۇغۇلۇپ ئۆسكەن پاكىستانلىق كۆچمەن ئەۋلادى بىرىنچى بولۇپ كونكرېت قىلىپ ئوتتۇرىغا قويغان.

كومىتېت ھەيئىتى بۇخەلچەم مەمتىمىن بۇ قېتىم خىتاي زىيارىتىدە بولغان نورۋېگىيە پارلامېنتى تاشقى ئىشلار ۋە مۇداپىئە كومىتېتى ۋەكىللىرىنىڭ ئوڭچىلار ۋە سولچىلارغا ۋەكىللىك قىلىدىغان ئوخشىمىغان 6 پارتىيىدىن تەشكىللەنگەن بولسىمۇ، ئەمما ئۇلارنىڭ ئۇيغۇرلارنىڭ جازا لاگېرلىرىغا قامىلىشىنى ئوتتۇرىغا قويۇشتا ئوخشاش بىر پىكىرگە كېلەلىشىدە دېموكراتىك تۈزۈمدىكى نورۋېگىيەدە كىشىلىك ھوقۇق ھەممىدىن ئۈستۈن ئىكەنلىكىنىڭ ئىپادىسى ئىكەنلىكىنى تەكىتلىدى.

نورۋېگىيەدىكى ئۇيغۇر پائالىيەتچىلىرىدىن سەمەت ئابلا ئەپەندىنىڭ قارىشىچە، نورۋېگىيە پارلامېنتى تاشقى ئىشلار ۋە مۇداپىئە كومىتېتىنىڭ 6 پارتىيە، 17 كىشىدىن تەركىب تاپقان زىيارەت ئۆمىكىنىڭ زىيارەتتە ئورتاق پىكىرگە كېلىپ، ئۇيغۇر دىيارىدىكى جازا لاگېرلىرىنىڭ ئەھۋالىنى سۈرۈشتۈرۈشىنى نورۋېگىيە دۆلىتىنىڭ خىتاي بىلەن بولغان دىپلوماتىك مۇناسىۋەتتە كىشىلىك ھوقۇق مەسىلىسىگە جىددىي قارىغانلىقى ھەم نورۋېگىيە ئۇيغۇر كومىتېتىنىڭمۇ ئۇيغۇرلار ئەھۋالىنى نورۋېگىيەدىكى مۇناسىۋەتلىك ھۆكۈمەت ئورگانلىرىغا ئاڭلىتىش جەريانىدا كۆرسەتكەن ئۇزۇن مۇددەتلىك تىرىشچانلىقىنىڭ نەتىجىسى دېيىشكە بولىدىكەن.

نورۋېگىيە ئۇيغۇر كومىتېتى رەئىسى بەختىيار ئەپەندى يەنە نورۋېگىيە ۋەكىللىرىنىڭ ئۇيغۇرلار ئۈچۈن ھەققانىيەت ياقلىغانلىقىغا تەشەككۈرىنى بىلدۈرۈپ، «نورۋېگىيەدەك كىچىك بىر دۆلەتنىڭ خىتاي بىلەن يۈزمۇ-يۈز ئولتۇرۇپ بىز ئۈچۈن دادىل گەپ قىلالىشى ھەقىقەتەن ئادەمنى تەسىرلەندۈرىدۇ» دېدى.

بەختىيار ئەپەندى نورۋېگىيە زىيارەت ئۆمىكىدىكىلەرنىڭ ئۇيغۇرلارنىڭ جازا لاگېرلىرىغا قامىلىش مەسىلىسىنى خىتاي زىيارىتىدە ئوتتۇرىغا قويۇشىنىڭ تارىخى ئەھمىيىتىنى تەكىتلىدى.

ئۇنىڭ قارىشىچە، نورۋېگىيەدەك نوپۇسى 5 مىليون ئەتراپىدىكى كىچىك بىر دۆلەتنىڭ ياۋروپا ئىتتىپاقىغا ئەزا دۆلەتلەر ئىچىدە، خىتاي دائىرىلىرى بىلەن بولغان سۆھبەتتە ئامېرىكىدىن قالسىلا تۇنجى بولۇپ ئۇيغۇرلارنىڭ جازا لاگېرلىرىغا قامىلىش مەسىلىسىنى دادىللىق بىلەن ئوتتۇرىغا قويۇشى نۆۋەتتە بىر قىسىم دۆلەت ھۆكۈمەتلىرىنىڭ خىتاي ھۆكۈمىتىنى رەنجىتىشتىن ئەنسىرەپ، خىتاي دۆلىتىنىڭ كىشىلىك ھوقۇق ۋەزىيىتى ۋە خىتايدا ئېغىر باستۇرۇشقا ئۇچراۋاتقان ئۇيغۇر قاتارلىق مىللەتلەرگە مۇناسىۋەتلىك سەزگۈر مەسىلىلەردىن ئۆزىنى قاچۇرۇۋاتقان ۋەزىيەتتە مۇھىم تارىخى ئەھمىيەتكە ئىگە.

رادىيومىز ئىگىلىگەن ئەھۋاللاردىن مەلۇم بولۇشىچە، ئۆتكەن ھەپتە نورۋېگىيە ۋەكىللىرىنىڭ خىتاي زىيارىتىدىن ئىلگىرى، مەزكۇر ئۆمەكتىكى سولچىلار پارتىيەسى رەئىسى ئائودۈن لىسپاكىن ئەپەندى نورۋېگىيە ئۇيغۇر كومىتېتىنىڭ بىر قىسىم ئەزالىرىنى قوبۇل قىلىپ، ئۇلاردىن ئۇيغۇر دىيارىدىكى ئاتالمىش «تەربىيىلەش مەركەزلىرى» دەپ ئاتالغان لاگېرلارغا مۇناسىۋەتلىك كونكرېت مەسىلىلەرنى سورىغاندىن باشقا يەنە، 2014-يىلى خىتاي دائىرىلىرى تەرىپىدىن بۆلگۈنچىلىك بىلەن ئەيىپلىنىپ مۇددەتسىز قاماققا ھۆكۈم قىلىنغان ئۇيغۇر زىيالىيسى ئىلھام توختىنىڭ تۈرمىدىكى ۋەزىيىتىنىمۇ سۈرۈشتۈرگەن.