مەلۇم بولۇشىچە، نورۋېگىيە پارلامېنتىنىڭ تاشقى ئىشلار كومىتېتى ۋە دۆلەت مۇداپىئە كومىتېتىنىڭ يۇقىرى دەرىجىلىك ئەمەلدارلىرىنىڭ خىتاي زىيارىتى 28-ئاۋغۇست باشلانغان. 5 چوڭ پارتىيىنىڭ رەھبەرلىرىدىن تەركىب تاپقان بۇ ئۆمەكتىكى، نورۋېگىيە سوتسىيالىستىك سولچىلار پارتىيەسىنىڭ رەھبىرى ئائۇدۇن ليسباككېن ئەپەندى خىتاي زىيارىتىدىن ئىلگىرى نورۋېگىيە پارلامېنت بىناسىدا نورۋېگىيە ئۇيغۇر كومىتېتى ئەزالىرىدىن كومىتېت رەئىسى بەختىيار ئۆمەر، كومىتېت كاتىپى ئادىلجان ئابدۇرېھىم بىلەن كۆرۈشۈپ، ئۇلاردىن نۆۋەتتىكى ئۇيغۇر ۋەزىيىتى ھەققىدە ئەھۋال ئىگىلىگەن.
بەختىيار ئۆمەر ئەپەندىنىڭ رادىيومىزغا بىلدۈرۈشىچە، ئۇلار نورۋېگىيە سوتسىيالىستىك سولچىلار پارتىيەسىنىڭ رەھبىرى ئائۇدۇن ليسباككېن ئەپەندى بىلەن كۆرۈشكەندە، ئۇنىڭغا ئۇيغۇر دىيارىدىكى جازا لاگېرلىرىغا قامالغان ئۇيغۇرلار توغرىسىدا مەلۇمات بەرگەن. ئۇنىڭدىن باشقا، نورۋېگىيەدە ياشاۋاتقان ئۇيغۇرلارنىڭ ئۈزلۈكسىز ھالدا خىتاي ساقچىلىرىنىڭ پاراكەندە قىلىشىغا ئۇچراۋاتقانلىقى، نورۋېگىيەدىكى ئۇيغۇرلارنىڭ خىتاينىڭ جازا لاگېرلىرىغا قامالغان ئۇرۇق-تۇغقانلىرى ھەققىدىكى ئۇچۇرلار ۋە جازا لاگېرلىرىغا قامالغانلىقى ئىلگىرى سۈرۈلۈۋاتقان ئۇيغۇر سەرخىللىرىنىڭ ئەھۋالى توغرىسىدا تەييارلانغان دوكلاتنى سۇنغان.
كومىتېت رەئىسى بەختىيار ئۆمەر ئەپەندىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، ئۇلار يەنە ئائۇدۇن ليسباككېن ئەپەندىدىن بۇ قېتىمقى خىتاي زىيارىتى مەزگىلىدە، خىتاي ھۆكۈمىتى تەرىپىدىن مۇددەتسىز قاماق جازاسىغا ھۆكۈم قىلىنغان، بۇ يىللىق نوبېل تىنچلىق مۇكاپاتىغا كۆرسىتىلگەن 300 نامزاتنىڭ بىرى بولغان، خەلقئارادا تونۇلغان ئۇيغۇر زىيالىيسى ئىلھام توختىنىڭ نۆۋەتتىكى ئەھۋالىنى سۈرۈشتۈرۈشنىمۇ تەلەپ قىلغان.
نورۋېگىيە ئۇيغۇر كومىتېتىنىڭ ئىلگىرىكى يىللاردىكى رەئىسى، نۆۋەتتە مەزكۇر كومىتېتنىڭ مەسلىھەتچىسىلىك ۋەزىپىسىنى ئۆتەۋاتقان سەمەت ئابلا ئەپەندىمۇ مەزكۇر ئۇچرىشىشنىڭ نورۋېگىيەدىكى ئۇيغۇر تەشكىلاتىنىڭ بۇ يىللاردا ئېلىپ بارغان ئۇيغۇر دەۋاسىنى ئاڭلىتىش تارىخىدىكى خۇشاللىنارلىق بىر نەتىجە دەپ قارايدىغانلىقىنى بىلدۈردى.
نورۋېگىيە ئۇيغۇر كومىتېتىنىڭ كاتىپى ئادىلجان ئابدۇرېھىم ئەپەندىمۇ رادىيومىز زىيارىتىنى قوبۇل قىلىپ، بۇلتۇر يېڭى نۆۋەتلىك نورۋېگىيە ئۇيغۇر كومىتېتى ھەيئىتى قۇرۇلغاندىن بۇيان، مەزكۇر كومىتېتنىڭ نورۋېگىيەدىكى ھۆكۈمەت ئورگانلىرى ۋە ھەرقايسى پارتىيەلەر ھەم نورۋېگىيەدىكى مەتبۇئاتلار بىلەن يېقىندىن ئالاقە ئورنىتىپ، نۆۋەتتىكى ئۇيغۇر ۋەزىيىتىنى ئاڭلىتىش يولىدا ئىشلىگەن خىزمەتلەرنى ئاڭلاتتى.
بەختىيار ئەپەندىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، 27-ئاۋغۇست كۈنى يەنە نورۋېگىيەدىكى تەسىرى چوڭ بولغان بىرقانچە تاراتقۇلارنىڭ مۇخبىرلىرىنىڭ نورۋېگىيە ئۇيغۇر كومىتېتى ئەزالىرىنى زىيارەت قىلىپ، نۆۋەتتىكى ئۇيغۇر ۋەزىيىتى ھەققىدە ئەھۋال ئىگىلىگەن.
28-ئاۋغۇست كۈنى نورۋېگىيەدىكى نوپۇزلۇق تاراتقۇلاردىن «بۈگۈنكى نورۋېگىيە» گېزىتىدە «پارلامېنت ئەزالىرىنىڭ خىتاي زىيارىتىدىن ئىلگىرى شىنجاڭ ھەققىدىكى پارتلىغۇچ خەۋەر» ناملىق تەپسىلىي خەۋەر ئېلان قىلىندى. مەزكۇر خەۋەردە نورۋېگىيە پارلامېنت ئەزالىرىنىڭ خىتاي زىيارىتىدىن ئىلگىرى نورۋېگىيەدىكى ئۇيغۇر پائالىيەتچىلىرىدىن خىتاينىڭ جازا لاگېرلىرىغا قامالغان بىر مىليوندىن ئارتۇق ئۇيغۇرنىڭ ۋەزىيىتى توغرىسىدا ئەھۋال ئىگىلىگەنلىكى خەۋەر قىلىندى.
مەزكۇر گېزىت خەۋىرىدە نورۋېگىيە ئۇيغۇر كومىتېتىنىڭ كاتىپى ئادىلجان ئابدۇرېھىم ئەپەندىنىڭ سۆزلىرى نەقىل ئېلىنىپ، نورۋېگىيەدىكى ئۇيغۇر سىياسىي پائالىيەتچىلىرىنىڭ، نورۋېگىيە پارلامېنت ئەزالىرىدىن تەركىب تاپقان مەزكۇر ئۆمەكنىڭ خىتاي زىيارىتى مەزگىلىدە، ئۇلارنىڭ خىتايدىكى كىشىلىك ھوقۇق مەسىلىسىنى ئوتتۇرىغا قويغاندا نۆۋەتتە جازا لاگېرلىرىغا قامالغان بىر مىليوندىن ئارتۇق ئۇيغۇر ۋەزىيىتىگە ئالاقىدار كونكرېت مەسىلىلەرنى تىلغا ئېلىشنى ئالاھىدە تەلەپ قىلغانلىقى تەكىتلەنگەن.