ئامېرىكا پرېزىدېنتى باراك ئوباما 23 - ئاپرېلدىن باشلاپ ياپونىيەدە ئېلىپ بېرىۋاتقان زىيارىتىنىڭ ئىككىنچى كۈنىدە، ئىككى دۆلەت رەھبەرلىرى ئۆز - ئارا سۆھبەت ئۆتكۈزگەندىن كېيىن 24 - ئاپرېل چۈشتىن كېيىن توكيودا ئۆتكۈزۈلگەن مۇخبىرلارنى كۈتۈۋېلىش يىغىنىدا باراك ئوبامانىڭ سېنكاكۇ ئارىلى مەسىلىسى ھەققىدە مۇخبىرلارغا بەرگەن باياناتى ياپون مەتبۇئاتلىرىنىڭ ناھايىتى يۇقىرى باھاسىغا ۋە ياپون خەلقىنىڭ ئالقىشىغا ئېرىشكەن.
ياپونىيەدىن چىقىدىغان نوپۇزلۇق گېزىتلەردىن ئاساھى شىمبۇن گېزىتىنىڭ 24 - ئاپرېل سانىدا ئېلان قىلىنغان «خىتايغا بولغان قارشىلىق ھەمكارلىقىدا ئىككى دۆلەتنىڭ قارىشى ئوخشاش ئەمەس» سەرلەۋھىلىك ماقالىدە دېيىلىشىچە، ياپونىيە باش ۋەزىرى شىنزو ئابېنىڭ خىتايغا بولغان قارشىلىقى كۈچلۈك بولسىمۇ، ئەمما ئامېرىكا پرېزىدېنتى باراك ئوبامانىڭ پەرقلىق بولۇپ، بۇ قېتىمقى ئۇنىڭ ئاسىيا ئەللىرىگە قىلغان زىيارىتى ئاسىيانى ئىقتسادى ۋە ھەربىي جەھەتتىن ئۆز كونتروللۇقىغا ئېلىش شۇنداقلا خىتاينى ئۆزىگە بويسۇندۇرۇشنى مەقسەت قىلغانلىقى ئالغا سۈرۈلگەن.
ئاساھى شىمبۇن گېزىتىدە بايان قىلىنىشىچە ياپونىيەدە زىيارەتتە بولۇۋاتقان ئوباما مۇخبىرلارغا قىلغان سۆزىدە « دۆلەتلەر كىچىك ۋە ياكى چوڭ بولۇشتىن قەتئىينەزەر چوقۇم خەلقئارا قائىدىلەرگە بويسۇنۇشى كېرەك» دېگەن. ئۇ سۆزىدە يەنە «سېنكاكۇ ئارىلىنى ئامېرىكا بىلەن ياپونىيە بىرلىكتە قوغدايدۇ» دەپ تەكىتلىگەن. ئوبامانىڭ بۇ سۆزلىرى ھەققىدە گېزىتتە:«ئوبامانىڭ بۇ سۆزلىرى خىتاينى خەلقئارا قائىدە - نىزاملارغا ئەمەل قىلىپ، سېنكاكۇ ئارىلى مەسىلىسىنى ھەل قىلىشتا ھەمكارلىشىشقا دەۋەت قىلغانلىقى» دەپ باھا بېرىلگەن.
ئوبامانىڭ سېنكاكۇ ئارىلى مەسىلىسى توغرىسىدىكى بارلىق قاراشلىرىنى شىنزو ئابېنىڭ قىزغىنلىق بىلەن قوبۇل قىلغانلىقى ماقالىدە ئالاھىدە تىلغا ئېلىپ ئۆتۈلگەن.
ماقالىدە ئېيتىلىشىچە، ياپونىيە باش ۋەزىرى ئابې 24 - ئاپرېل مۇخبىرلارغا بەرگەن باياناتىدا؛«بىز بەزى مەسىلىلەردە ئۆز ئالدىمىزغا خاس بەزى بىر يېڭى قائىدىلەرنى بەلگىلەيمىز. بۇ دېگەنلىكىم، ھەر بىر دۆلەتنىڭ ئۆز ئالدىغا مۇستەقىل قىممەت قارىشى بولىدۇ دېگەنلىكتۇر» دەپ تەكىتلىگەن. كۆزەتكۈچىلەرنىڭ قارىشىچە، ئابېنىڭ بۇ سۆزى خىتايغا قارىتىلىپ ئېيتىلغانلىقى سەۋەبىدىن، شۇ كۈنى خىتاي تاشقى ئىشلار باياناتچىسى چىڭ گاڭ ئابېنىڭ سۆزىگە دەرھال ئىنكاس قايتۇرۇپ: «خىتاينىڭ ئامېرىكا بىلەن ياپونىيە ئارىسىدا تۈزۈلگەن بۇ كېلىشىملەرگە قارشى تۇرىدىغانلىقى» نى ۋە شۇنداقلا «بۇ ئىككى دۆلەت شىرىكچىلىك سوغۇق ئۇرۇش دەۋرىدىكى ھەمكارلىقلارغا ئوخشايدۇ» دېگەن. چىڭ گاڭ سۆزىدە يەنە:«بۇ خىلدىكى ھەمكارلىقلار ئۈچىنچى بىر دۆلەتكە قارىتىلماسلىقى كېرەك» دېگەن.
24 - ئاپرېل شىنزو ئابې توكيودا مۇخبىرلارغا بەرگەن باياناتىدا خىتاي ھەققىدە توختىلىپ:« بىز شۇنى قارار قىلدۇقكى، كىمكى ئۆز كۈچىگە تايىنىپ رىئاللىقنى ئۆزگەرتمەكچى بولسا، بىز ئۇنىڭغا قەتئىي قارشى تۇرىمىز» دېگەن. ئوباما بولسا مۇخبىرلارغا بەرگەن باياناتىدا، خىتاينى مەسىلىنى تىنچلىق بىلەن ھەل قىلىشقا چاقىرىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.
ئوباما بىلەن ئابېنىڭ سۆھبىتىدىن كېيىن، خىتاينىڭ ئىككى دۆلەت رەھبەرلىرىنىڭ سۆزلىرىگە دەرھال ئىنكاس قايتۇرۇپ ئۆز نارازىلىقىنى بىلدۈرگەنلىكى ھەققىدە توختالغان خىتاي - ياپون مۇناسىۋەتلىرى مۇستەقىل تەتقىقاتچىسى نورىكو خانىم زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلىپ مۇنداق دېدى: «مېنىڭچە، خىتاي دۆلىتى ئوباما بىلەن ئابېنىڭ ئارىسىدا ئېلىپ بېرىلغان سۆھبەتلەردىكى سېنكاكۇ ئارىلىغا دائىر مەزمۇنلارغا قارشى ھالدا سېنكاكۇغا بولغان ھۇجۇمىنى تېخىمۇ كۈچەيتىشى مۇمكىن. مەن ئىككى دۆلەت ئوتتۇرىسىدىكى مۇناسىۋەت ناچارلىشىشى ئېھتىماللىققا يېقىن دەپ قارايمەن.»
يومىئۇرى شىمبۇن گېزىتىنىڭ 24 - ئاپرېلدىكى سانىدا ئېلان قىلىنغان «سېنكاكۇ ئارىلىنى قوغداش مەسىلىسىدە ئامېرىكا - ياپونىيە ھەمكارلىقىنىڭ باياناتى ئوچۇق بولدى» ماۋزۇلۇق ماقالىسىدە ئامېرىكا - ياپونىيە ھەمكارلىقىنىڭ تېخىمۇ كۈچەيگەنلىكى، ئىككى دۆلەت رەھبەرلىرىنىڭ سۆھبىتىدىن كېيىن ئوبامانىڭ مۇخبىرلارغا بەرگەن باياناتىدا، ئىلگىرى ئامېرىكا بىلەن ياپونىيە ئارىسىدا تۈزۈلگەن تىنچلىق كېلىشىمىنىڭ بەشىنچى ماددىسىغا ئاساسەن سېنكاكۇ ئارىلىنىڭ ئامېرىكا تەرىپىدىن قوغدىلىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەنلىكى بايان قىلغان.
«نىپپون كېئەزاي گېزىتىنىڭ 24 - ئاپرېلدىكى سانىدا « ياپونىيە - خىتاي مۇناسىۋىتى ئىلگىرى سۈرۈلۇشى كېرەك» ماۋزۇلۇق ماقالىدە ياپونىيەدە زىيارەتتە بولۇۋاتقان ئامېرىكا پرېزىدېنتى باراك ئوبامانىڭ ياپونىيە ھۆكۈمىتىنى خىتاي بىلەن بولغان دىپلوماتىك مۇناسىۋىتىنى ئىلگىرى سۈرۈشكە چاقىرغانلىقى بىلدۈرۈلگەن.
ياپونىيىدىن چىقىدىغان «نىشى نىپپون گېزىتى» نىڭ 24 - ئاپرېلدىكى سانىدا ئوبامانىڭ سېنكاكۇ ئارىلى ھەققىدە ئېيتقان سۆزلىرىگە ئالاھىدە ئورۇن بېرىلگەن بولۇپ، ئوباما سۆزىدە سېنكاكۇ ئارىلىنىڭ ئامېرىكا - ياپونىيە ھەمكارلىقىدا بىرلىكتە قوغدىلىدىغانلىقىنى، خىتاينىڭ سېنكاكۇ ئارىلىنىڭ تارىختىن بېرى ياپونىيەنىڭ ئىگىدارچىلىقىدا بولۇپ كېلىۋاتقان ئارال ئىكەنلىكىنى ئېتىراپ قىلىپ، تارىخنى ئۆزگەرتىشكە تىرىشماسلىقىنى ۋە مەسىلىنى تىنچ يول بىلەن ھەل قىلىشقا چاقىرىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەنلىكى ئوتتۇرىغا قويۇلغان.
ماقالىدە كۆرسىتىلىشىچە، ئامېرىكا پرېزىدېنتى باراك ئوباما 24 - ئاپرېل توكيودا مۇخبىرلارغا بەرگەن باياناتىدا سېنكاكۇ ئارىلىنى قوغداشتىكى ئامېرىكا - ياپونىيە ھەمكارلىقى ھەققىدە توختىلىپ:« ئامېرىكا - ياپونىيە تىنچلىق كېلىشىملىرى مەن تۇغۇلماستىلا تۈزۈلگەن» دېگەن.