دۇنيا ئاممىۋى ئاخبارات ۋاسىتىلىرى، ئانالىزچىلىرى بىر نەچچە كۈندىن بۇيان ئۇكرائىنا پايتەختى كىيېۋتا داۋاملىشىۋاتقان ئۆكتىچى گۇرۇھلارنىڭ كەڭ كۆلەملىك نامايىشىنىڭ ھەددىدىن تاشقىرى جىددىيلەشكەنلىكىنى، شەھەرنىڭ مۇستەقىللىق مەيدانىدا نامايىشچىلار ۋە ھوقۇق قوغداش ئورگانلىرى ئوتتۇرىسىدا يۈز بەرگەن توقۇنۇشلاردا ھەر ئىككى تەرەپتىن بىر نەچچە ئادەمنىڭ ئۆلگەنلىكىنى، يارىدار بولغانلارنىڭ خېلى كۆپەيگەنلىكىنى خەۋەر قىلماقتا. «تېنگرىنيۇس ئاخبارات ئاگېنتلىقى» مەلۇماتلىرىغا قارىغاندا، نامايىشچىلار شەھەر مەركىزىدىكى ئۇكرائىنا ئۆيىنى، ئاندىن ئەدلىيە مىنىستىرلىقىنىڭ بىناسىنى بېسىۋالغان شۇنداقلا مەملىكەتنىڭ چېركاسسى، روۋنو، تېرنوپول، سۇمى، ئىۋانو-فرانكوۋسك، لىۋوۋ قاتارلىق شەھەرلىرىدىمۇ ئەنە شۇنداق نامايىشلار ئەۋج ئالغان.
بەزى ئانالىزچىلار ئۇكرائىنادىكى ۋەزىيەتنىڭ باشقا دۆلەتلەرگىمۇ تەسىر يەتكۈزۈش مۇمكىنلىكىنى ئىلگىرى سۈرمەكتە. «مېگاپولىس گېزىتى» دا ئېلان قىلىنغان «مەيدان قازاقىستان دائىرىلىرى ئۈچۈن ساۋاق بولالامدۇ؟» ناملىق ماقالىنىڭ ئاپتورى دانىلا يۇۋاچيېف ئۇكرائىنا سىياسەتچىلىرىنىڭ مەملىكەتتە 2004 - ۋە 2005-يىللىرى ئورۇن ئالغان ساغۇچرەك ئىنقىلابتىن، 2010-يىلى قىرغىزىستاندا يۈز بەرگەن «تالاس» ئىنقىلابىدىن ساۋاق ئالمىغانلىقىنى ئەسكەرتىپ، ھەتتا كىيېفتىكى ۋەزىيەتنى 2011-يىلى قازاقىستاننىڭ جانائۆزەن ۋەقەسى بىلەنمۇ سېلىشتۇرىدۇ. ئۇ ھەم كىيېفتىكى، ھەم جانائۆزەندىكى ۋەقەلەرنىڭ قايتىلىنىشىنى خالىمايدىغانلىقىنى ئېيتىپ كېلىپ، ھاكىمىيەتنىڭ دائىم خەلقنىڭ نېمە دەۋاتقانلىقىغا قۇلاق سېلىپ، ئۇنىڭ بىلەن ھېسابلىشىشى لازىملىقىنى ئوتتۇرىغا قويىدۇ. قازاقىستانلىق ئانالىزچى ئايدوس سارىم ئۇكرائىنادىكى ۋەزىيەتنىڭ قازاقىستانغا تەسىر يەتكۈزۈۋاتقانلىقىنى ئىلگىرى سۈردى.
رادىئومىز زىيارىتىنى قوبۇل قىلغان ئايدوس سارىم بۇ ھەقتە ئۆز قاراشلىرىنى ئوتتۇرىغا قويدى.