پۇتىن: رۇسىيە ئۇكرائىنىيەگە ھازىرچە قوشۇن كىرگۈزمەيدۇ

0:00 / 0:00

شەنبە كۈنى رۇسىيە پرېزىدېنتى پۇتىننىڭ ئۇكرائىنىيەگە قارشى ھەربىي ھەرىكەت قوللىنىشىنى بىلدۈرۈشىدىن كېيىن، ئامېرىكا باشلىق غەرب دۆلەتلىرى بۇنىڭغا قاتتىق نارازىلىق بىلدۈردى. مەتبۇئاتلاردا رۇس قوشۇنلىرىنىڭ قىرىمغا كىرگەنلىكىگە ئائىت ئۇچۇرلار مەيدانغا چىقتى شۇنىڭدەك ئۇرۇش پارتلاش خەۋپىمۇ جىددىيلەشكەن ئىدى. ئامېرىكا بىلەن رۇسىيە ئارىسىدىكى ئۇكرائىنىيە مەسىلىسىدىن كېلىپ چىققان پىكىر ئىختىلاپى كۈچىيىۋاتقان پەيتتە بۈگۈن پۇتىن رۇسىيەنىڭ ھازىرچە ئۇكرائىنىيەگە قوشۇن ئەۋەتمەيدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

رۇسىيە پرېزىدېنتى ۋلادىمىر پۇتىن سەيشەنبە كۈنى مۇخبىرلارنىڭ سوئاللىرىغا جاۋاب بېرىپ، رۇسىيەنىڭ تېخى ھازىرچە ئۇكرائىنىيەگە قوشۇن ئەۋەتىشنىڭ زۆرۈرىيىتى يوقلۇقى، بىراق مۇنداق مۇمكىنچىلىكنى چەتكە قاقمايدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

رۇسىيەنىڭ «نەۋس.رۇ» تورىنىڭ رۇسىيە ئۇچۇر ئاگېنتلىقلىرىدىن نەقىل ئېلىشىچە پرېزىدېنت پۇتىن سۆزىدە رۇسىيە قوشۇنلىرىنىڭ قىرىمغا كىرىپ، ئۇ يەردىكى ئۇكرائىنىيە ئەسكەرلىرىنى قورشاۋغا ئالغانلىقىنى ئىنكار قىلغان.

ئۇ يەنە ئۇكرائىنىيە ئۆكتىچىلىرىنىڭ پرېزىدېنت ۋېكتور يانۇكوۋىچنى تەختتىن چۈشۈرۈۋېتىش ھەرىكىتىنى تەنقىد قىلىپ، «بۇ ئاساسىي قانۇنغا خىلاپ سىياسىي ئۆزگىرىش ۋە قوراللىق ھوقۇق تارتىۋېلىش» دەپ ئاتىغان.

پۇتىن سۆزىدە يەنە ئۇكرائىنىيە ئۆكتىچى كۈچلىرىنى ئۇكرائىنىيەنى قالايمىقانچىلىققا پاتۇرۇش ھەم ئۇكرائىن مىللەتچىلىكى بىلەن ئەيىبلىگەن.

پرېزىدېنت پۇتىن مۇخبىرلارنىڭ سوئالىغا جاۋاب بەرگەندە يەنە ئۇكرائىنىيەنىڭ شەرقىدىكى رۇس تىللىق خەلقلەرنىڭ رۇسىيەدىن ياردەم بېرىشنى تەلەپ قىلغانلىقى ۋە موسكۋانىڭ بۇنىڭغا ئىنكاس قايتۇرىدىغانلىقىنى ئەسكەرتكەن.

ۋلادىمىر پۇتىن ئۆتكەن ھەپتىدىكى سۆزىدىمۇ رۇسىيەنىڭ ئۇكرائىنىيەدىكى رۇس تىللىق خەلقلەرنىڭ مەنپەئەتلىرىنى قوغدايدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن ئىدى.

پۇتىن ئۆتكەن ھەپتە قىرىمنىڭ يەرلىك پارلامېنتىنى ئىشغال قىلىۋالغان كىشىلەرنى «ئۆزىنى قوغداش ئەترىتى» دەپ ئاتىغان.

ئامېرىكا ئاۋازىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، سەيشەنبە كۈنى يەنە ئامېرىكا پرېزىدېنتى باراك ئوباما ۋاشىنگتوندىكى بىر مەكتەپتە سۆزلىگەن سۆزىدە رۇسىيەنى خەلقئارا قانۇنلارنى بۇزۇش بىلەن تەنقىد قىلىپ«مەن ئويلايمەنكى، بىز ھەممىمىز ياۋروپا ئىتتىپاقى، ئامېرىكا قوشما شتاتلىرى ۋە كانادا، ياپونىيەگە ئوخشاش ئىتتىپاقداشلار ھەمدە دۇنيانىڭ ھەر قايسى جايلىرىدىكى دوستلار ۋە ھەمكارچىلىرىمىزنىڭ كۆز قارىشىدىن ئالغاندا، رۇسىيەنىڭ ھەرىكىتى خەلقئارا قانۇنلارنى بۇزۇشتىن ئىبارەت» دېگەن.

ئامېرىكا ئاۋازىنىڭ يېزىشىچە، ب د ت بىخەتەرلىك كېڭىشىنىڭ يىغىنىدا رۇسىيەنىڭ ب د ت تۇرۇشلۇق ۋەكىلى ۋىتالىي چۇركىن تەختتىن قوغلىۋېتىلگەن ئۇكرائىنىيە پرېزىدېنتى ۋېكتور يانۇكوۋىچنىڭ رۇسىيەدىن قوشۇن ئەۋەتىپ، ئۇكرائىنىيەدە قانۇن ۋە تەرتىپ ئورنىتىشنى تەلەپ قىلغانلىقىنى بىلدۈرگەن.

مەلۇمكى، شەنبە كۈنى رۇسىيە پارلامېنتى پرېزىدېنت پۇتىننىڭ ئۇكرائىنىيە مەسىلىسىدە ھەربىي ھەرىكەت قوللىنىشىنى قارار قىلغاندىن كېيىن ئامېرىكا ھۆكۈمىتى بۇنىڭغا قاتتىق قارشىلىق بىلدۈرگەن ھەمدە پرېزىدېنت ئوباما پرېزىدېنت پۇتىن بىلەن تېلېفوندا سۆزلەشكەندە ئەگەر رۇسىيەنىڭ ئۇكرائىنىيەگە ھەربىي قوشۇن كىرگۈزسە، ئۇنىڭ بەدىلىنىڭ ئېغىر بولىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن ئىدى. ئارقىدىن ئامېرىكا، ئەنگلىيە،فىرانسىيە قاتارلىق 8 سانائەتلەشكەن دۆلەت تەشكىلاتىغا ئەزا دۆلەتلەر سانائەت دۆلەتلىرىنىڭ بۇ يىل 6-ئايدا ئېچىلىدىغان دۆلەت باشلىقلىرى يىغىنىنىڭ تەييارلىق يىغىنىغا قاتناشمايدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن ئىدى. ئەمما، قىرىمدىكى ۋەزىيەت ۋە رۇسىيەنىڭ قوشۇن ئەۋەتىش خەۋپى نەتىجىسىدە ئۇرۇش پارتلاش خەۋپىمۇ بارغانسېرى كۈچەيگەن بولۇپ، يەرلىك قىرىملىقلار بۇنىڭدىن ناھايىتى ئەندىشىلەنگەن. قىرىم تاتارلىرى، رۇسلار، ئۇكرائىنلار ۋە باشقا خەلقلەر ئارىسىدا ئۇرۇشقا قارشى ھەرىكەتلەر كۈچەيگەن.

ئەركىن ياۋروپا رادىئوسى تاتار بۆلۈمىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، 3-مارت كۈنى قىرىمدىكى ئاقمەچىت شەھىرىدە بىر قىسىم رۇس ۋە تاتار ئاياللىرى ئۇرۇشقا قارشى نارازىلىق نامايىشى ئۆتكۈزگەن.

ئاياللار ئۆزلىرىنىڭ ئۇرۇشقا قارشى ئىكەنلىكىنى بىلدۈرۈشكەن. بىر رۇس ئايال رۇسلارنىڭ بۇ يەردىكى تاتارلار ۋە باشقىلار بىلەن ئىناق ئۆتەۋاتقانلىقى، ئۆزلىرىنى ھېچكىمنىڭ خاپا قىلمىغانلىقىنى بىلدۈرۈپ، ئۆزلىرىنى ھېچكىمنىڭ قوغدىشى ھاجىتى يوقلۇقىنى ئەسكەرتكەن.

بىر قانچە تاتار ئايال رۇسچە سۆزلەپ، تاتارلارنى ئەينى ۋاقىتتا سوۋېت ھۆكۈمىتىنىڭ قانداق سۈرگۈن قىلغانلىقى،ئۆزلىرىنىڭ قانداق قىيىن كۈنلەرنى ئۆتكۈزگەنلىكىنى ئەسلىشىپ، ئۇرۇشقا قارشى تۇرىدىغانلىقىنى بىلدۈرۈشكەن.

ئاياللار ۋە بالىلار بىردەك ھالدا «ئۇرۇش يوق»، «ئۇرۇش كېرەك ئەمەس» دەپ توۋلاشقان.

ئەنگلىيە ب ب س ئاگېنتلىقىنىڭ 4-مارت كۈنىدىكى ۋىدېئو خەۋىرىدە كۆرسىتىلىشىچە، قىرىمدىكى بېلبېك دېگەن جايغا جايلاشقان رۇسىيە ئارمىيە بازىسىنىڭ يېنىغا بىر توپ ئۇكرائىن ئەسكەرلىرى ئۇكرائىن ۋە سابىق سوۋېت ئىتتىپاقى بايرىقىنى كۆتۈرۈپ، ئۇكرائىنىيە دۆلەت ناخشىسىنى ئېيتىپ بېرىپ، رۇس ئەسكەرلىرىدىن چىقىپ كېتىشنى تەلەپ قىلغان. ھەر ئىككىلا تەرەپ ئۆزلىرىنى تۇتىۋېلىشىپ، ئوق چىقىرىشتىن ساقلانغان.

ئۇكرائىن ئەسكەرلىرى رۇس ئەسكەرلىرىدىن بۇ يەردىن كېتىشنى تەلەپ قىلغان ھەمدە ئۆزلىرىنىڭ ئۇرۇشقا قارشى ئىكەنلىكىنى بىلدۈرۈشكەن. ئۇكرائىن ئەسكەرلىرىنىڭ بەزىلىرى ئۆزلىرىنىڭ يېنىدا ئامېرىكا بارلىقىنى ئېيتسا، يەنە بەزىلىرى ئۇكرائىن ۋە رۇس بىر خەلق ئىكەنلىكىنى، يەنە بەزىلىرى بولسا ھەممىسىنىڭ ئەسلىدە سوۋېت دۆلىتىدە بىرگە ياشىغانلىقىنى چۈشەندۈرۈشكەن.

سەيشەنبە كۈنى ئامېرىكا دۆلەت ئىشلىرى مىنىستىرى جون كېررى كىيېۋقا يېتىپ كەلگەن بولۇپ، ئۇ ئۇكرائىنىيە ۋاقىتلىق ھۆكۈمىتى رەھبەرلىرى بىلەن كۆرۈشۈپ، ئامېرىكىنىڭ ئۇكرائىنىيەگە ياردەم بېرىش مەسىلىسىنى مۇھاكىمە قىلغان.

«گۇئاردىيان»نىڭ خەۋىرىدىن مەلۇم بولۇشىچە، ئامېرىكا ئۇكرائىنىيەگە بىر مىليارد دوللار ئىقتىسادىي ياردەم بېرىدىغانلىقىنى ئېلان قىلدى. جون كېررى كىيېۋتا سۆزلىگەن سۆزىدە رۇسىيەنىڭ ئۇكرائىنىيەگە ھەربىي قوشۇن كىرگۈزۈش تەھدىتىنى ئەيىبلىگەن ھەمدە بۇ قىلمىشنىڭ ئامېرىكا ۋە ئۇنىڭ ھەمكارچىلىرىنىڭ رۇسىيەگە قاراتقان سىياسىتىنى جىددىيلەشتۈرۈۋېتىدىغانلىقىنى ئەسكەرتكەن.

ئامېرىكا ئاۋازىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، كېررىنىڭ كىيېۋقا يېتىپ كېلىشى پەيتىدە پرېزىدېنت پۇتىن ئۇكرائىنىيەنىڭ شەرقىدىكى رۇسىيە بىلەن چېگرىداش رايونلاردا ھەربىي مانېۋىر ئۆتكۈزۈۋاتقان رۇسىيە قوشۇنلىرىنىڭ ئۆز لاگېرلىرىغا قايتىشى ھەققىدە بۇيرۇق چىقارغان.

سەيشەنبە كۈنى يەنە ئامېرىكا ھۆكۈمىتى رۇسىيە بىلەن سودا ۋە مەبلەغ سېلىش مەسىلىلىرىدە رۇسىيە بىلەن سۆھبەتلىشىشنى توختىتىدىغانلىقىنى ئېلان قىلغاندىن كېيىن رۇسىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى بۇنىڭغا قارىتا تەنقىدىي پوزىتسىيىسىنى بىلدۈردى.