تۈركىيەنىڭ پايتەختى ئەنقەرەدىكى خاجەتتەپە ئۇنىۋېرسىتېتىدا «ئۆكتەبىر ئىنقىلابىنىڭ 100-يىلىدا تۈرك دۇنياسى» ماۋزۇلۇق خەلقئارالىق ئىلمىي مۇھاكىمە يىغىنى ئۆتكۈزۈلگەن بولۇپ، ئۇنىڭدا سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ ئۇيغۇر سىياسىتى، خىتايغا بولغان تەسىرى، جەدىدىزىم، يەنى يېڭىلاش ھەرىكىتىنىڭ ئۇيغۇرلارغا بولغان تەسىرى قاتارلىق تېمىلار قىسقىچە بايان قىلىندى.
يىغىنغا ياۋروپا دۆلەتلىرى، رۇسىيە فېدېراتسىيەسى، ئەزەربەيجان، تۈركمەنىستان، قازاقىستان، قىرغىزىستان ۋە تۈركىيە قاتارلىق 30 دۆلەتتىن كەلگەن 100 ئەتراپىدىكى تەتقىقاتچىلار قاتناشتى. 3 كۈن داۋاملاشقان ئىلمىي مۇھاكىمە يىغىنىنىڭ 3-كۈنى ئەتىگەن ئۇيغۇرلار توغرىسىدا مەخسۇس بىر مۇنبەر ئۇيۇشتۇرۇلغان بولۇپ، پروفېسسور مارسېل ئەردال ئەپەندى «شەرقىي تۈركىستاندا بولشېۋىك ئىنقىلابىنىڭ ئالدى كەينىدىكى جەدىتچىلىك ھەرىكىتى ۋە كوممۇنىزم» تېمىسىدا، خاجەتتەپە ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ تارىخ ئوقۇتقۇچىسى، دوكتور ئەركىن ئەكرەم بولسا «بولشېۋىك ئىنقىلابىنىڭ خىتايغا بولغان تەسىرى» تېمىسىدا دوكلات بەردى.
مارسېل ئەردال ئەپەندى دوكلاتىدا نۇقتىلىق ھالدا قىرىم يېرىم ئارىلىدا ئىسمائىل گاسپىرالى ئوتتۇرىغا قويغان جەدىتچىلىك يەنى يېڭىلاش ھەرىكىتى توغرىسىدا توختالدى. ئۇ، ئۇيغۇرلاردىكى يېڭىچە مائارىپ ھەرىكىتىنىڭ 19-ئەسىرنىڭ باشلىرىدا قەشقەرنىڭ بىقىنىدىكى ئاتۇشتا ئېچىلغان مەكتەپلەر بىلەن باشلانغانلىقىنى بايان قىلىپ مۇنداق دېدى: «19-ئەسىرنىڭ ئاخىرلىرىدا قەشقەرنىڭ يېقىنىدىكى ئاتۇشتا يېڭىچە مەكتەپ ئېچىلغان. ئاتۇشتىكى مەكتەپنىڭ ئوقۇتقۇچى ۋە ئوقۇغۇچىلىرىدىن بىر گۇرۇپپا ئۇيغۇرنى ئوقۇش ئۈچۈن تۈركىيەگە ئەۋەتكەن.»
مارسېل ئەردال ئەپەندى 1910-يىلىدا غۇلجىدا تۇنجى قېتىم جەدىتچىلىك مەزمۇنىدىكى ژۇرنال چىقىرىلغانلىقىنى، 1933-يىلى قۇرۇلغان شەرقىي تۈركىستان ئىسلام جۇمھۇرىيىتىنىڭ قۇرغۇچىلىرىنىڭمۇ ئۇيغۇر جەدىتچىلەردىن ئىكەنلىكىنى بايان قىلىپ مۇنداق دېدى: «شىنجاڭدىكى تۇنجى جەدىتچىلىك ژۇرنىلى 1920-يىلىدا نەشر قىلىنىشقا باشلىغان، 1933-يىلى قۇرۇلغان شەرقىي تۈركىستان ئىسلام جۇمھۇرىيىتىنىڭ مەدەنىيەت-مائارىپقا مەسئۇل كىشىلىرى جەدىتچىلەردىن ئىدى. شۇندىن كېيىن يېڭىچە مائارىپ رايوندا تەرەققىي قىلىشقا باشلىغان. بۈگۈنكى قازاقىستاننىڭ ئالمۇتا شەھىرىدە روزىباقىيېف باشچىلىقىدىكى بىر گۇرۇپپا ئۇيغۇر كوممۇنىستلار بولشېۋىك ئىنقىلابىنىڭ تەسىرى بىلەن كوممۇنىزم ئىدىيىسىنى قوبۇل قىلغان. بۇ مەزگىلدىن تارتىپ ئۇيغۇر مىللىي كىملىكى شەكىللىنىشكە باشلىغان.»
بۇ قېتىمقى يىغىنغا قازاقىستان پەنلەر ئاكادېمىيىسىنىڭ ئۇيغۇرشۇناسلىق بۆلۈمى مۇتەخەسسىسى دوكتور ئابلەت كامالوف، ئامېرىكىدىن دوكتور نەبىجان تۇرسۇن ئەپەندىلەرمۇ تەكلىپ قىلىنغان بولۇپ، تۈركىيە بىلەن ئامېرىكا ئوتتۇرىسىدىكى كرىزىس تۈپەيلى ئىككى دۆلەت ئوتتۇرىسىدىكى ۋىزا خىزمەتلىرى توختىتىۋېتىلگەن بولغاچقا، كېلەلمىگەن.
دوكتور ئەركىن ئەكرەم، ئۆكتەبىر سوۋېت ئىنقىلابىنىڭ تەسىرىگە تۇنجى ئۇچرىغان ئۇيغۇرلارنىڭ ئوتتۇرا ئاسىيادىكى ئۇيغۇرلار ئىكەنلىكىنى بايان قىلدى. ئۇ دوكلاتىدا ئۆكتەبىر ئىنقىلابى يۈز بەرگىلى 100 يىل بولغانلىقىنى، يۈز يىلدىن كېيىن بۇنىڭدىن بىر يەكۈن چىقىرىش كېرەكلىكىنى تەكىتلىدى.
3 كۈن داۋاملاشقان «ئۆكتەبىر ئىنقىلابىنىڭ 100-يىلىدا تۈرك دۇنياسى» ناملىق يىغىن 27-ئۆكتەبىر كۈنى ئاخىرلاشتى. يىغىندا ئۇيغۇرلار توغرىسىدا 4 دوكلاتقا يەر بېرىلگەن بولسىمۇ، ئەمما كۆپ ساندىكى ئىلىم ئادەملىرى دوكلاتلىرىدا ئۇيغۇرلار توغرىسىدا توختالدى.