9-ئاينىڭ 9-كۈنىدىكى ياپونىيە NHK تېلېۋىزىيە قانىلىنىڭ چۈشلۈك خەۋىرىدە دېيىلىشىچە، 9-ئاينىڭ 7-كۈنى خەلقئارا ئولىمپىك كومىتېتى 2020-يىللىق ئولىمپىك تەنھەرىكەت يىغىنىنىڭ ساھىبخانىلىقىغا توكيونىڭ تاللانغانلىقىنى ئېلان قىلدى.
بۇ خەۋەر دۇنياغا تارقىلىپ 18 سائەتنىڭ ئىچىدە تۈركىيەدىكى تور بەتلىرىدە 180 مىڭدىن ئوشۇق تۈركىيە پۇقراسى «ساڭا قۇتلۇق بولسۇن توكيو»، «توكيونى تەبرىكلەيمەن» دېگەندەك تەبرىك سۆزلىرىنى تور بەتلىرىدە ئېلان قىلدى. تۈركىيە باش مىنىستىرى رەجەپ تاييىپ ئەردوغان خەلقئارا ئولىمپىك كومىتېتىنىڭ يىغىن زالىدا توكيونىڭ ساھىپخانلىققا تاللانغانلىقىنى تەبرىكلەپ ياپونىيە باش ۋەزىرى شىنزو ئابېنى قۇچاقلىدى. گەرچە توكيو ئىستانبۇلنىڭ رىقابەتچىسى بولسىمۇ، تۈركىيە ۋە تۈركىيە خەلقى يەنىلا توكيونى تەبرىكلىدى.
ياپونىيەدە ئۇزۇن يىللاردىن بۇيان ياشاۋاتقان تۈركىيەلىك گۈندۈز ئەپەندى زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلىپ، توكيودا ئولىمپىك ئۆتكۈزۈشنىڭ ئۆزى ئۈچۈن تولىمۇ خۇشاللىق ئىكەنلىكىنى ھەمدە ئولىمپىكنى كۆرۈش ئارزۇسىنىڭ بارلىقىنى بىلدۈردى.
ياپونىيەدە چىقىدىغان نوپۇزلۇق مەتبۇئاتلاردىن «جاپان تىمېس گېزىتى»نىڭ 9-ئاينىڭ 9-كۈنىدىكى تور بېتىدە ئېلان قىلىنغان «كىچىك ئارالدىكى پالاق خىتايدىن كېلىدىغان ئولىمپىك تەبرىك خېتىنى ئۆرۈۋەتتى» دېگەن سەرلەۋھىلىك خەۋىرىدە؛ «خىتاي تەرەپ ھازىرغىچە توكيونىڭ ساھىپخانلىققا تاللانغانلىقىنى تەبرىكلىمىدى. دۈشەنبە كۈنى بېيجىڭدا ئۆتكۈزۈلگەن خىتاينىڭ مۇخبىرلارنى كۈتۈۋېلىش يىغىنىدا خىتاينىڭ تاشقى ئىشلار باياناتچىسى خۇڭ لېيدىن مۇخبىرلار ئىككى قېتىم ياپونىيىنىڭ 2020-يىللىق ئولىمپىك تەنھەرىكەت يىغىنىغا ساھىپخان بولغانلىقىغا خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ قانداق قارايدىغانلىقى ھەققىدە سوئال سورىغان بولسىمۇ، خۇڭ لېي تەبرىكلەپ جاۋاب بېرىشتىن ئۆزىنى قاچۇردى ۋە سوئالنى باشقا ياققا بۇرىۋەتتى» دېيىلگەن.
جاپان تىمېس گېزىتىنىڭ تور بېتىدىكى خەۋىرىدە كۆرسىتىلىشىچە،بىر قىسىم مۇخبىرلار خىتاي دۆلەت تەنتەربىيە ئىدارىسىنىڭ تەشۋىقات ئىشلىرى بۆلۈمىگە تېلېفون قىلىپ،بۇ ھەقتە سوئال سورىغان بولسىمۇ، مەزكۇر ئىشخانىدىكى تيەن فامىلىلىك خىزمەتچى بۇ ئىشتىن خەۋىرى يوقلۇقىنى، يۇقىرىدىن بۇ ھەقتە ھېچقانداق بىر ئۇچۇر ئالمىغانلىقىنى بىلدۈردى. تيەننىڭ بىلدۈرۈشىچە خىتاي ئولىمپىك تەنھەرىكەت كومىتېتى تېخىچە بۇ ھەقتە بىرەر نەرسە دېمىگەن.
خەۋەردە بېيجىڭنىڭ ھازىرغىچە بۇ توغرىسىدا ھۆكۈمەت نامىدىن تەبرىك خېتى يوللىمىغانلىقىنى ۋە ھەتتا خىتاي كوممۇنىستىك پارتىيىسىنىڭ مەتبۇئاتلىرىدىن بىرى بولغان «يەر شارى ۋاقىت گېزىتى» دىمۇ توكيونى تەبرىكلەش مەزمۇنىدىكى خەۋەرلەرنىڭ يوقلۇقىنى بىلدۈرگەن.
توكيونىڭ ئولىمپىككە ساھىپخان بولۇشى ياپونىيەلىكلەر ئارىسىدا تۈرلۈك مۇنازىرىلەرنى قوزغىماقتا. تورداشلار ياپونىيەدىكى تىۋېتېر تور بەتلىرىدىكى مۇنازىرىلەردە توكيونىڭ 2020-يىللىق ئولىمپىك تەنھەرىكەت يىغىنىغا ساھىپخانلىق قىلىش سالاھىيىتىنىڭ يوقلۇقىنى، سەۋەبى 2011-يىلى 11-مارتتا يۈز بەرگەن شەرقىي ياپونىيەدىكى يەر تەۋرەش، دېڭىز تاشقىنىنىڭ ئاپىتىدە ئۆي-ماكانلىرىدىن ئايرىلغان پۇقرالارنىڭ تۇرمۇشىنىڭ تېخى ئەسلىگە كەلمىگەنلىكىنى، فۇكۇشىمادىكى ئاتوم رادىئاتسىيىسىنىڭ تەسىرىدە كىشىلەرنىڭ نورمال خىزمەت قىلالمايۋاتقانلىقىنى بىلدۈرگەن.
خەلقئارادىكى ئىنگلىز تىلىدىكى تور بەتلىرىدىن بىرى بولغان «ناتۇرال news.com تور بېتىدە «فۇكۇشىمادىكى رادىئاتسىيە ئىنسانىيەتكە تەھدىت سېلىۋاتقان پەيتتە 2020-يىللىق ئولىمپىك تەنھەرىكەت يىغىنىغا توكيونىڭ ساھىپخان بولۇشى تولىمۇ كۈلكىلىك ئىش. بۇ بىخەتەر ئويۇنمۇ؟» دېگەن سەرلەۋھىدە خەۋەر بېرىلگەن.
ئۇندىن باشقا تېلېگراف خەۋەرلەر تور بېتىدىمۇ ياپونىيە ئولىمپىك كومىتېتىنىڭ رەئىسى تاكېدانىڭ مۇخبىرلارغا بەرگەن باياناتىدا «توكيودا ھېچكىم فۇكۇشىمادىكى رادىئاتسىيەنىڭ تەسىرىگە ئۇچرىغىنى يوق. فۇكۇشىما بىلەن توكيونىڭ ئارىلىقى 250 كىلومېتىر، بىز فۇكۇشىمادىن تولىمۇ يىراق» دېگەن سۆزى بېرىلگەن.
خەۋەردە يەنە ياپونىيە باش ۋەزىرى شىنزو ئابېنىڭ خەلقئارا ئولىمپىك تەنھەرىكەت كومىتېتىنىڭ يىغىن زالىدا سۆزلىگەن «فۇكۇشىمادىكى مەسىلە چوڭ مەسىلە ئەمەس» دېگەن نۇتقىمۇ بېرىلگەن.
ياپونىيە كيودو ئاگېنتلىقى خەۋىرىدە «فۇكۇشىمادىكى رادىئاتسىيەنىڭ تەسىرىدە ھەر كۈنلۈكى 400 توننا زەھەرلىك سۇنىڭ سىرتقا قاراپ ئېقىپ چىقىۋاتقانلىقىنى، فۇكۇشىما مەسىلىسىدە يېڭىدىن مەسىلىلەرنىڭ بايقىلىۋاتقانلىقىنى خەۋەر قىلىش بىلەن بىرگە، جەنۇبىي كورېيە ھۆكۈمىتىنىڭ 6-سېنتەبىرىدىن باشلاپ ياپونىيەدىن ئىمپورت قىلىدىغان بېلىق مەھسۇلاتلىرىنى توختاتقانلىقىنى بىلدۈرگەن.
ياپونىيەدىكى تور بەتلىرىدىكى بەزى تور بەت ئەزالىرى«1964-يىلى توكيودا ئۆتكۈزۈلگەن ئولىمپىك تەنھەرىكەت يىغىنىنىڭ مەشئىلى توكيوغا قايتىپ كەلگىنى بىلەن،2011-يىلىدىكى يەر تەۋرەش، دېڭىز تاشقىنى ئاپىتىدە زىيانكەشلىككە ئۇچرىغان خەلقلەر يۇرتلىرىغا قايتقىنى يوق. ياپونىيەگە ھازىرچە ئولىمپىك كېرەك ئەمەس، ئەڭ مۇھىم مەسىلە فۇكۇشىما مەسىلىسى، ھۆكۈمەت ئولىمپىككە ئىشلىتىدىغان ئىقتىسادنى ئاپەتكە ئۇچرىغان خەلققە ئىشلىتىش كېرەك» دېگەن مەزمۇندا ئۆز قاراشلىرىنى ئوتتۇرىغا قويغان.
ياپونىيەدىكى ئۆزىنىڭ تىۋېتېر تور بېتىدە «ئىستانبۇلنىڭ ئولىمپىككە ساھىپخان بولالماسلىقى مېنى تولىمۇ ئەجەبلەندۈردى» دېگەن سەرلەۋھىلىك مۇنازىرىسى بىلەن تورداشلارنى ئۆزىگە جەلپ قىلغان تامائې ئىسىملىك تورداش زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلىپ، ئۆزىنىڭ قاراشلىرىنى بايان قىلىپ مۇنداق دېدى:
-تۈركىيە ياۋروپا بىلەن ئاسىيانىڭ كۆۋرۈكى. تۈركىيە سۈرىيە مەسىلىسى بىلەن ساھىپخانلىقتىن قالدۇرۇلغان بولۇشى مۇمكىن،سۈرىيە مەسىلىسى ئۇزاققا بارماي ھەل بولىدىغان مەسىلە، ئەمما ياپونىيەدىكى فۇكۇشىمادىكى رادىئاتسىيە مەسىلىسىنى كىم يەتتە يىلدا ھەل قىلالايدۇ؟ ياپونىيەدە ئاللىقاچان ئولىمپىك تەنھەرىكەت يىغىنى ئۆتكۈزۈلگەن. بۇ قېتىم ئەلۋەتتە ئوتتۇرا شەرقتە گۈللەنگەن تۈركىيەدەك ئىسلام ئەللىرىگىمۇ ئۆتكۈزۈش پۇرسىتى بېرىپ، ئولىمپىك ئۆزىنىڭ ئادىللىقىنى كۆرسىتىش كېرەك دەپ ئويلايمەن..
ئاۋاز ئۇلىنىشىدىن تەپسىلاتىنى ئاڭلاڭ.