پاكىستاندا پائالىيەت ئېلىپ بېرىۋاتقان ئۇيغۇر پائالىيەتچى ئۆمەر ئۇيغۇر خىتاينىڭ 19-قۇرۇلتىيى ھارپىسىدا پاكىستان ساقچىلىرى تەرىپىدىن تۇتقۇن قىلىنىپ 7 كۈندىن كېيىن قويۇپ بېرىلگەن ئىدى.
بۈگۈن ئۆمەر ئۇيغۇر مۇخبىرىمىزنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلىپ، ئۆزىنىڭ شۇ قېتىم تۇتۇلۇشى ۋە ھازىرغىچە نەزەربەند قىلىنىشىنىڭ سەۋەبىنى ئاشكارىلىدى. ئۇنىڭ بايان قىلىشىچە، ئۇ، پاكىستان ساقچىلىرى تەرىپىدىن ئافغانىستاندىن پاكىستانغا يوشۇرۇنچە كىرگەنلىكى ۋە خىتاي باش ئەلچىسىنى ئۆلتۈرۈشنى پىلانلىغانلىقى ئىلگىرى سۈرۈلگەن بىر گۇماندارغا ھەمكارلىشىش گۇمانى بىلەن تۇتقۇن قىلىنغان ۋە ئۇ گۇماندارنىڭ يوشۇرۇنغان ئورنى ھەققىدە سوراق قىلىنغان. ئۆمەر ئۇيغۇر ھازىرغىچە بولغان تەكشۈرۈشتە دېلونىڭ بىر تۆھمەت ئىكەنلىكى ۋە ئۆزىنىڭ گۇناھسىزلىقى ئايدىڭلىشىپ بولغان بولسىمۇ، پاكىستان ساقچىلىرىنىڭ ئۆزىگە قاراتقان نەزەربەندنى تېخىچە بىكار قىلمىغانلىقى ئۈستىدىن شىكايەت قىلدى.
پاكىستاندىكى ئۆمەر ئۇيغۇر ۋەخپىنىڭ باشلىقى ئۆمەرجان ئۆتكەن يىلى 17-ئۆكتەبىر كۈنى، يەنى خىتاي كومپارتىيەسىنىڭ 19-قۇرۇلتىيى ھارپىسىدا تۇتقۇن قىلىنغان. ئۇ 7 كۈندىن كېيىن قويۇپ بېرىلگەن بولسىمۇ، ئۇ شۇنىڭدىن ئېتىبارەن ئۆيدىن سىرتقا چىقىشتىن، ئىنتېرنېت ۋە تېلېفون ئارقىلىق كىشىلەر بىلەن ئالاقە قىلىشتىن چەكلەنگەن. ئۇ شۇ قېتىمقى تۇتقۇن ۋە نۆۋەتتىكى نەزەربەندنىڭ سەۋەبى ئۈستىدە توختىلىپ مۇنداق دەيدۇ: «ساقچىلار بىرسىنىڭ بەدەخشاندىن راۋالپىندىغا كەلگەنلىكىنى، ئۇنىڭ پاكىستاندىكى خىتاي باش ئەلچىسىنى ئۆلتۈرۈش پىلانى بارلىقىنى ۋە مېنىڭ ئۇنىڭ بىلەن ھەمكارلاشقانلىقىمنى ئېيتتى ۋە مېنى ئۇنىڭ نەدىلىكىنى دەپ بېرىشكە قىستىدى. مەن سوراق داۋامىدا ئۇنداق بىر ئادەمنى تونۇمايدىغانلىقىمنى، كۆرۈپ-ئاڭلاپمۇ باقمىغانلىقىمنى، بۇنىڭ بىر تۆھمەت ئىكەنلىكىنى ئېيتتىم. قويۇپ بېرىلىدىغان چېغىمدا تېلېفون ۋە كومپيۇتېرلىرىم تارتىۋېلىندى، فەيسبوك ۋە ۋاتساپلارغا چىقماسلىققا بۇيرۇلدۇم».
ئۆمەر ئۇيغۇرنىڭ دېيىشىچە، سوراق ۋە تەكشۈرۈش جەريانىدا، ئۇنىڭدىن ھەرقانداق بىر گۇماندارغا ياكى گۇمانلىق ھەرىكەتكە چېتىشلىق، ھېچقانداق پاكىت بايقالمىغان. ساقچىلار دەسلەپتە ئۇنىڭغا قارىتا ئۆيىدىن تالاغا چىقماسلىق چەكلىمىسىنى بەلگىلىگەن. ساقچىلار دەسلەپتە تەكشۈرۈشنىڭ يەنە 10 كۈنچە داۋام قىلىدىغانلىقى، ئۇنىڭدىن كېيىن ئۇنىڭغا قارىتا نەزەربەندنىڭ، يەنى ئۆيىدىن سىرتقا چىقماسلىق چەكلىمىسىنىڭ ئەمەلدىن قالدۇرۇلىدىغانلىقىنى ئۇقتۇرغان. ئەمما ئارىدىن 3 ئاي ئۆتكەن بولسىمۇ، نەزەربەند ۋە تەكشۈرۈش نېمە ئۈچۈندۇر تۈگىمىگەن.
ئۆمەر ئۇيغۇرنىڭ دېيىشىچە، بىر گۇماندارنىڭ پاكىستاندىكى خىتاي باش ئەلچىسىنى ئۆلتۈرۈش پىلانى دېلوسىنىڭ راست دېلو ياكى خىتاي ياساپ چىققان دېلو ئىكەنلىكى ئۆمەرجان ئۇيغۇرغا مەلۇم ئەمەس، ئەمما دېلوغا ئۆزىنىڭ چېتىلىپ قېلىشى بىر تۆھمەت؛ ئۇ نۆۋەتتە دېلودىكى تۆھمەتنىڭ ساقچىلارغا ئېنىق بولۇپ بولغانلىقىنى، ئەمما بىر قىسىم ساقچىلار پەقەت خىتاي تەرەپنىڭ كۆڭلىنى ئېلىش ياكى رازى قىلىش ئۈچۈنلا ئۆزىنى داۋاملىق نەزەربەند قىلىۋاتقانلىقىنى ئىلگىرى سۈردى. ئۇ يەنە پاكىستان ساقچىلىرى ئىچىدە ئادىل پوزىتسىيە ۋە مەيدان ئىپادىلىگەن، ئۆزىگە ھېسداشلىق قىلغانلارنىڭمۇ بارلىقىنى، شۇڭا 7 كۈندىن كېيىن قويۇۋېتىلگەنلىكىنى، ئۇنداق بولمىغاندا ئۆزىگە ئارتىلغان جىنايەتنىڭ چوڭلۇقىدا، بۈگۈنكىدەك گەپ قىلىش پۇرسىتىنىڭمۇ بولمايدىغانلىقىنى ئەسكەرتتى.
19-قۇرۇلتاي ھارپىسىدا ئۆمەرجاندىن بىر كۈن ئىلگىرى كېيىن، راۋالپىندىدىكى ئۇيغۇر مۇھاجىرلاردىن ئابدۇقېيۇم شەمشىدىن ۋە ئابدۇغېنىلارمۇ تۇتقۇن قىلىنغان؛ دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى ئالىي رەھبىرى رابىيە قادىر خانىم، مەزكۇر ئۈچ ئۇيغۇرنىڭ تۇتقۇن قىلىنىشى ھەققىدە بايانات ئېلان قىلىپ، پاكىستاننى خىتاينىڭ بىر ئۆلكىسىگە ئايلىنىپ قالماسلىققا ۋە ئۈچ ئۇيغۇرنى قويۇپ بېرىشكە دەۋەت قىلغان ئىدى. پاكىستاندىكى ۋەزىيەتتىن خەۋەردار كىشىلەرنىڭ بايان قىلىشىچە، ئابدۇقېيۇم بىلەن ئابدۇغېنىمۇ تۇتقۇندىن بىر ھەپتىچە ئۆتكەندىن كېيىن قويۇۋېتىلگەن، ئەمما ئۇلارنىڭمۇ قول تېلېفون ۋە كومپيۇتېرلىرى يىغىۋېلىنغان؛ نازارەت ئۇلارغا قارىتامۇ يوشۇرۇن شەكىلدە داۋام قىلماقتا.
0:00 / 0:00