ئۆمەر ئۇيغۇر پاكىستاندىكى «خىتاي پۇقرالىرى جەمئىيىتى» نىڭ تەھدىتىگە ئۇچرىغان

0:00 / 0:00

پاكىستاندىكى «ئۆمەر ئۇيغۇر ۋەخپى» نىڭ باشلىقى ئۆمەر ئۇيغۇر ئەپەندىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، يېقىندا ئۇ پاكىستاندىكى «سابىق خىتاي پۇقرالىرى جەمئىيىتى» نىڭ ئىقتىسادىي ياردەم نامىدا پاكىستاندىكى ئۇيغۇرلارنى تىزىملاش ئىشىغا نارازىلىق بىلدۈرگەنلىكى ئۈچۈن مەزكۇر جەمئىيەتنىڭ تەھدىتىگە ئۇچرىغان.

مەلۇم بولۇشىچە، «سابىق خىتاي پۇقرالىرى جەمئىيىتى» مەسئۇللىرىدىن گىلگىتتىكى ئابدۇقېيىم مېجىت قاتارلىق خىتاي ئەلچىخانىسىنىڭ پائالىيەتلىرىگە ئاكتىپ قاتنىشىدىغان بىر تۈركۈم خىتايغا مايىل كىشىلەر يېقىندىن بۇيان خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇر سىياسىتىنى مەدھىيەلەيدىغان ماقالىلەرنى ئېلان قىلىپ، «ئۆمەر ئۇيغۇر ۋەخپى» نى قارىلايدىغان تەشۋىقاتلارنى بارغانچە كۈچەيتمەكتىكەن. شۇ سەۋەبتىن نۆۋەتتە «ئۆمەر ئۇيغۇر ۋەخپى» نىڭ پاكىستاندىكى پائالىيەتلىرى چەكلىمىگە ئۇچراپلا قالماستىن، بەلكى يەنە ئۆمەر ئۇيغۇر ئەپەندىنىڭ ئۆزىمۇ مەزكۇر جەمئىيەت خادىملىرى تەرىپىدىن بىۋاسىتە تەھدىتلەرگە دۇچ كەلمەكتىكەن.

ئىگىلىشىمىزچە، پاكىستاننىڭ گىلگىت ۋە راۋالپىندى قاتارلىق جايلىرىدا نۆۋەتتە 600 دىن كۆپرەك ئۇيغۇر ئائىلىسى ياشاۋاتقان بولۇپ، پاكىستانغا يەرلەشكىنىگە 50 يىلدىن ئاشقان بۇ ئۇيغۇرلار خىتاي پۇقرالىقىدىن ۋاز كېچىپ، ئاللىقاچان پاكىستان تەۋەلىكىگە ئۆتۈپ بولغان ئىكەن. ئەمما 2018-يىلنىڭ ئاخىرى ۋە 2019-يىلى كىرگەندىن بۇيان گىلگىت ۋە راۋالپىندىدىكى بىر قىسىم ئۇيغۇرلار خىتاي ئەلچىخانىسى تەرىپىدىن قۇرۇلغان «سابىق خىتاي پۇقرالىرى جەمئىيىتى» تەرىپىدىن تارقىتىلغان بىر جەدۋەل تاپشۇرۇۋالغان. جەدۋەلدە پاكىستاندىكى ئۇيغۇرلارنىڭ ئائىلە ئەزالىرى ۋە ئۇلارنىڭ تولۇق ئۇچۇرىنى تولدۇرۇش تەلەپ قىلىنغان بولۇپ، پاكىستاندىكى ئۇيغۇرلار، بولۇپمۇ ئۆمەر ئۇيغۇرغا ئوخشاش خىتايغا قارشى پائالىيەت ئېلىپ بېرىۋاتقان بىر قىسىم ئۇيغۇر ئاكتىپلىرى بۇنىڭدىن ئەندىشە ھېس قىلغان.

ئۆمەر ئۇيغۇر ئەپەندى بۇ ئەھۋالنى پاكىستاننىڭ مۇناسىۋەتلىك ھۆكۈمەت ئورگانلىرىغا ئۆز ۋاقتىدا مەلۇم قىلغان بولسىمۇ، ئەمما پاكىستان ھۆكۈمەت ئورگانلىرى ئۇلارنىڭ شىكايىتى ۋە ئەندىشىسىگە پەرۋا قىلمىغان.

ئۆمەر ئەپەندى ئەركىن ئاسىيا رادىيوسى، CNN تېلېۋىزىيەسى، ئەل-جەزىرە تېلېۋىزىيەسى قاتارلىق خەلقئارا تاراتقۇلارنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلىپ، پاكىستاندىكى «سابىق خىتاي پۇقرالىرى جەمئىيىتى» نىڭ ئۇيغۇرلارنى تىزىملاش ئىشىغا بولغان ئۆز ئەندىشىسىنى بىلدۈرگەن. بىراق ئۇنىڭ ئېيتىشىچە، بۇ ئىشتىن كېيىن ئۇ پاكىستان دۆلەت خەۋپسىزلىكى ئورۇنلىرىنىڭ سوراق-سوئالىغا ۋە بېسىم قىلىشىغا ئۇچرىغان.

ئۆمەر ئۇيغۇر ئەپەندى ئۆزى ۋە دوستلىرىنىڭ «سابىق خىتاي پۇقرالىرى جەمئىيىتى» نىڭ تەھدىتىگە قارىماستىن، ئۇلارنىڭ پاكىستان پۇقرالىقىنى ئېلىپ بولغان ئۇيغۇرلارنى تىزىملىشىغا نارازىلىق بىلدۈرگەنلىكىنى بايان قىلدى. ئۇ بۇنىڭ سەۋەبى ھەققىدە توختىلىپ، ئۆزلىرىنىڭ كۈنلەرنىڭ بىرىدە تىزىمغا ئېلىنغانلارنىڭ «خىتاي مۇھاجىرلىرى» دېگەن باھانىدا خىتايغا قايتۇرۇلۇش ئېھتىماللىقىدىن ئەنسىرەيدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

ئۆمەر ئەپەندىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، پاكىستاندىكى خىتاي ئەلچىخانىسىنىڭ بىۋاسىتە ياردىمىدە قۇرۇلغان «سابىق خىتاي پۇقرالىرى جەمئىيىتى» 2019-يىلى كىرگەندىن بۇيان پاكىستاننىڭ راۋالپىندى، گىلگىت قاتارلىق جايلىرىدىكى ئۇيغۇرلارنى «ئىقتىسادىي جەھەتتىن ياردەم بېرىمىز» دېگەن نامدا تىزىملاشنى باشلىغان ئىكەن. ئۇلارنىڭ ئاتا-ئانىلىرى بۇندىن 50-60 يىللار ئىلگىرى خىتاي دۆلەت تەۋەلىكىدىن ۋاز كېچىپ، پاكىستان پۇقرالىقىغا ئۆتكەن ئىكەن. بۇ قېتىم مەزكۇر جەمئىيەت ئاللىقاچان پاكىستان پۇقرالىقىغا ئۆتۈپ بولغان ئۇيغۇرلارنىمۇ تىزىمغا ئالغان. ئۆمەر ئۇيغۇر ئەپەندىنىڭ ئېيتىشىچە، مانا بۇ ئەھۋاللار پاكىستاندىكى خېلى كۆپ ئۇيغۇرلارنى ئەندىشىگە سالغان ئىكەن.

ئۆمەر ئۇيغۇر ئەپەندى مۇنداق دېدى: «خىتاي ئەلچىخانىسىنىڭ بىۋاسىتە ياردىمىدە گىلگىت ۋە راۋالپىندى شەھەرلىرىدە قۇرۇلغان ئاتالمىش ‹سابىق خىتاي يۇرتداشلار جەمئىيىتى› ۋە «سابىق خىتاي پۇقرالىرى جەمئىيىتى» ئۇيغۇرلارغا ياردەم بېرىش نامىدا ئۆي-ئۆيلەرگە جەدۋەل تارقىتىپ، پاكىستان پۇقرالىقىغا ئۆتۈپ بولغان ئۇيغۇرلارنى تىزىملاش ئىشىنى باشلىغاندىن بۇيان بىز ئەندىشىگە چۈشتۇق. بۇنىڭ سەۋەبى ئاتا-ئانىلىرىمىز پاكىستانغا يەرلىشىپ، بۇ دۆلەتنىڭ پۇقرالىقىنى ئالغان بولسىمۇ، ئەمما بۇ يەردىكى خىتاي جەمئىيىتى بۇ دۆلەتكە يەرلەشكەنلىكىگە 50 يىلدىن ئاشقان ئۇيغۇرلارنىمۇ ‹خىتاي مۇھاجىرلىرىغا ياردەم بېرىمىز› دېگەن باھانىدا تىزىملاۋاتىدۇ. مانا بۇ ئەھۋال بىزنى بىئارام قىلىدۇ. چۈنكى ھازىرقىدەك پاكىستان-خىتاي مۇناسىۋىتى ئىنتايىن يېقىن بولۇۋاتقان بىر شارائىتتا ئەگەر خىتاي ھۆكۈمىتى ئاشۇ تىزىملىككە ئىسمى چۈشۈپ قالغان پاكىستان پۇقرالىقىدىكى ئۇيغۇرلارنى ‹خىتاي مۇھاجىرلىرى› دەپ ئېلان قىلىپ پاكىستاندىن خىتايغا قايتۇرۇپ بېرىشنى تەلەپ قىلسا، پاكىستان ھۆكۈمىتى مۇشۇ تىزىملىككە ئاساسەن بۇ ئۇيغۇرلارنى خىتايغا قايتۇرۇپ بېرىشى مۇمكىن. مانا بۇ ئەھۋال ئۇيغۇرلارنى ئەنسىرەتمەكتە».

«ئۇيغۇرلارنىڭ ئىقتىسادىي ئەھۋالىنى تىزىملاش جەدۋىلى» نى تارقاتقان راۋالپىندىكى «سابىق خىتاي پۇقرالىرى جەمئىيىتى» نىڭ رەئىسى ئېھسان پاشا زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلىپ، مەزكۇر جەدۋەلنىڭ پەقەت پاكىستاندىكى ئۇيغۇرلارغا ئىقتىسادىي جەھەتتىن ياردەم بېرىش مەقسىتىدە تارقىتىلغانلىقىنى تەكىتلىدى. ئۇ جەدۋەلنى قايتۇرۇۋالغان ئۇيغۇرلارنىڭ ئەندىشىسىنىڭ ئورۇنسىز ئىكەنلىكىنى بىلدۈردى.

ئۆمەر ئۇيغۇر ئەپەندىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، ئۇلار 6-فېۋرال كۈنى يەنە گىلگىتتىكى «سابىق خىتاي يۇرتداشلار جەمئىيىتى» نىڭ مەسئۇلى ئابدۇقېيىم مېجىتنىڭ، گىلگىتتا تىزىمغا ئېلىنغان 200 نەپەر ئۇيغۇرنىڭ جەدۋىلىنى ئىسلاماباتتىكى خىتاي ئەلچىخانىسىغا تاپشۇرۇپ بەرگەنلىكىدىن خەۋەر ئالغان.

ئەمما گىلگىتتىكى «سابىق خىتاي يۇرتداشلار جەمئىيىتى» نىڭ مەسئۇلى ئابدۇقېيىم مېجىتتىن ئەھۋال ئىگىلەش ئۈچۈن تېلېفون قىلغىنىمىزدا ئۇ ئۆزىنىڭ مەزكۇر جەمئىيەتنىڭ مەسئۇلى ئىكەنلىكىنى ئېتىراپ قىلغان بولسىمۇ، ئەمما ئۇ بىزنىڭ ئامېرىكىدىن تېلېفون ئۇرغانلىقىنى بىلگەندىن كېيىن مەزكۇر جەمئىيەتنىڭ پەقەت خىتاي بىلەنلا ئالاقىسى بارلىقىنى، ئامېرىكا بىلەن ھېچقانداق ئالاقىسى يوقلۇقىنى بىلدۈرۈپ، سوئاللىرىمىزغا داۋاملىق جاۋاب بېرىشنى رەت قىلدى.

ئۆمەر ئۇيغۇر ئەپەندىنىڭ بايانىدىن مەلۇم بولۇشىچە، گىلگىت ۋە راۋالپىندىدىكى خىتاي جەمئىيەتلىرى ئۇيغۇرلارنى تىزىملاشقا باشلىغان بىر ئايدىن بۇيان، پەقەت راۋالپىندىدىنلا 360 ئۇيغۇرنى تىزىملاپ بولغان. «ئۆمەر ئۇيغۇر ۋەخپى» دىكى ئۇيغۇرلارنىڭ تىرىشچانلىقى ۋە ئارىلىشىش بىلەن 50 تەك ئۇيغۇر ئائىلىسى ئىلگىرى تولدۇرۇلۇپ تاپشۇرۇپ بولغان جەدۋەللىرىنى قايتۇرۇۋالغان. ئەمما راۋالپىنىدىدىكى «سابىق خىتاي پۇقرالىرى جەمئىيىتى» بىلەن «سابىق خىتاي يۇرتداشلار جەمئىيىتى» نىڭ قولىدا يەنە 210 ئۇيغۇر ئائىلىسىنىڭ تەپسىلىي مەلۇماتلىرى تىزىملانغان جەدۋەل بار ئىكەن.