ئۆمەر ئۇيغۇر، پاكىستان مۇسۇلمانلار بىرلىكى - ز پارتىيىسىنىڭ باشلىقى مۇھەممەد ئىجازۇلھەق بىلەن كۆرۈشتى

0:00 / 0:00

پاكىستاندا پائالىيەت ئېلىپ بېرىۋاتقان ئۆمەر ئۇيغۇر ۋەخپىنىڭ باشلىقى ئۆمەرجان تۈنۈگۈن ئىسلامئاباددا ئۆتكۈزۈلگەن پاكىستاننىڭ سابىق دۆلەت رەئىسى زىيائۇلھەق ۋاپاتىنىڭ 28 يىللىق خاتىرە مۇراسىمىغا قاتنىشىپ، زىيائۇلھەقنىڭ ئوغلى ۋە پاكىستان مۇسۇلمانلار بىرلىكى - ز پارتىيىسىنىڭ باشلىقى مۇھەممەد ئىجازۇلھەق بىلەن كۆرۈشتى. مۇراسىمغا پاكىستاندىكى 15 نەپەر ئۇيغۇر بىلەن بىرلىكتە قاتناشقان ئۆمەر ئۇيغۇر، ئىجازۇلھەققە بىر مىننەتدارلىق خېتى ۋە بىر تەلەپ خەت بولۇپ ئىككى پارچە مەكتۇپ سۇندى.

كۆزەتكۈچىلەرنىڭ قارىشىچە، پاكىستان بىلەن خىتاي ئارىسىدىكى مۇناسىۋەتنىڭ يېقىنقى يىللاردىن بېرى بارغانسېرى قويۇقلىشىشى، پاكىستاندىكى ئۇيغۇر مەنپەئەتىگە ئېغىر زەربە بەردى. مانا بۇ زەربىنىڭ نەتىجىسىدە، 1980 - يىللاردىن باشلاپ ئۇيغۇر ئوقۇغۇچىلار ئوقۇپ كېلىۋاتقان پاكىستاننىڭ ھەرقايسى ۋىلايەتلىرىدىكى مەكتەپلەرنىڭ ئىشىكى ئۇيغۇرلارغا تاقىۋېتىلدى، پاكىستاندا ئەڭ باشتا چېگرا سودىسىنى باشلىغان ئۇيغۇرلار بازاردىن سىقىپ چىقىرىلىپ، سودا خىتاي شىركەتلىرىنىڭ ئىلكىگە ئۆتتى، ئۇيغۇر ھاجىلار ئۈچۈن ھازىرلانغان ئىككى مېھمانسارايمۇ چۆلدەرىدى. 2006 - يىلدىن باشلاش شەكىللەنگەن بۇ ۋەزىيەتنىڭ نەتىجىسىدە، پاكىستاندىكى ئۆمەر ئۇيغۇر ۋەخپى پاكىستاندىكى ئوخشىمىغان پارتىيەلەر بىلەن، جۈملىدىن ئىلگىرىكى يىللاردا، ئۇيغۇرلارغا يېقىندىن ياردەمدە بولۇپ كەلگەن پاكىستاننىڭ سابىق دۆلەت رەئىسى زىيائۇلھەقنىڭ سىياسىي ئىز باسارلىرى بىلەن ئالاقىلىششكە يۆنلەندى. پاكىستاندىكى پائالىيەتچى ئۆمەر ئۇيغۇرنىڭ تۈنۈگۈنكى پائالىيىتى ئەنە شۇ يۆندىكى قەدەملەردىن بىرى.

ئۆمەر ئۇيغۇر: «ئىسلامئاباددا ئۆتكۈزۈلگەن زىيائۇلھەق ۋاپاتىنىڭ 28 يىللىق خاتىرە مۇراسىمىغا قېتىلدۇق، مۇراسىمدا، ئىجازۇلھەق بىلەن كۆرۈشۈپ ئۇنىڭغا ئىككى پارچە مەكتەپ سۇندۇق» دېدى.

ئۆمەر ئۇيغۇرنىڭ دېيىشىچە، مەزكۇر مۇراسىمغا 10 مىڭغا يېقىن كىشى قاتناشقان، ئۆمەرجان مۇراسىمغا ئۆزى بىلەن بىرلىكتە قاتناشقان 15 ئۇيغۇردىن ئۈچ نەپىرى بىلەن بىرلىكتە، مۇراسىم سەھنىسىگە بېرىپ، ئىجازۇلھەق بىلەن كۆرۈشكەن ۋە ئۇنىڭغا ئىككى پارچە مەكتۇپ سۇنغان. مەلۇم بولۇشىچە، مەكتۇپنىڭ بىرىدە سابىق دۆلەت رەئىسى زىيائۇلھەقنىڭ ھاكىمىيەت بېشىدىكى ۋاقتىدا ئۇيغۇرلارغا قىلغان ياردەملىرىگە ئۇيغۇر خەلقى نامىدىن مىننەتدارلىق بىلدۈرۈلگەن، ئىككىنچى پارچە خېتىدە، ئۇيغۇرلارنىڭ بېشىغا نۆۋەتتە كېلىۋاتقان پالاكەتلەر بايان قىلىنىپ، پاكىستاندىن ئۇيغۇر خەلقىغە قارىتا ئىنسانىي ۋە دىنىي قېرىنداشلىق مەسئۇلىيىتىنى ئادا قىلىشنى تەلەپ قىلغان.

مۇھەممەد ئىجازۇلھەق، ئۆمەر ئۇيغۇر ۋە ئىككى سەپدىشىنى قىزغىن قارشى ئالغان ۋە تەلەپلىرىگە جاۋاب بېرىش ئۈچۈن ئايرىم ۋاقىت ئاجىرىتىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.

مەلۇم بولۇشىچە بۇ، ئۆمەر ئۇيغۇرنىڭ ئىجازۇلھەق بىلەن تۇنجى قېتىم كۆرۈشۈشى ئەمەس، 2006 - يىلى ھەج سەپىرىدىكى ئۇيغۇرلار پاكىستاندا توسقۇنلۇققا ئۇچرىغاندا، ئۆمەر ئۇيغۇر بىر تۈركۈم ھاجى نامزاتلىرىنى ئېلىپ ئىجازۇلھەقنىڭ پارتىيە ئىشخانىسىغا بېرىپ ئەھۋال ئېيتقان، ئىجازۇلھەق، بۇلارنى يېتەكلەپ پاكىستاندىكى سەئۇدى ئەلچىخانىسىغا بارغان ۋە ئەلچىخانىنىڭ ئۇيغۇر ھاجى نامزاتلىرىغا ۋىزا بېرىشى ھەققىدە تەكلىپ - تەۋىسىيەلەردە بولغان.

ئۆمەر ئۇيغۇر بۈگۈنكى زىيارىتىمىز داۋامىدا، ئىجازۇلھەقنىڭ دادىسى زىيائۇلھەقنىڭ ئەينى چاغدا ئۇيغۇرلارنىڭ پاكىستاندىكى ئوقۇش، تىجارەت ۋە ھەج سەپىرىگە قىلغان ياردەملىرىنى ئەسلەپ ئۆتتى.

ئۆمەر ئۇيغۇر سۆزىنىڭ ئاخىرىدا، زىيائۇلھەق ئالەمدىن ئۆتكەن بولسىمۇ، ئۇنىڭ ۋارىسلىرى ۋە قوللىغۇچىلىرىنىڭ پاكىستاندا كۆپ ساندا مەۋجۇتلۇقىنى، شۇڭا پاكىستاندىكى نۆۋەتتىكى ئۇيغۇرلارغا پايدىسىز ۋەزىيەتنىڭ كەلگۈسىدە چوقۇم ئۆزگىرىشىگە ئىشىنىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

ھۆرمەتلىك رادىيو ئاڭلىغۇچىلار، زىيائۇلھەق 1978 - ۋە 1988 - يىللىرى ئارىسىدا تەختتە ئولتۇرغان، گۇمانلىق بىر ئايروپلان قازاسى بىلەن ئالەمدىن ئۆتكەن سابىق پرېزىدېنت. ئۇنىڭ ئوغلى ئىجازۇلھەق، دادىسىنىڭ ۋاپاتىدىن كېيىن سىياسىي ھاياتقا ئاتلانغان ۋە پاكىستاندىكى ئوڭ قانات پاكىستان مۇسۇلمانلار بىرلىكى پارتىيسىنىڭ باشلىقى.