«دۇنيا ئۆسمۈرلەر كۈنى» مۇناسىۋىتى بىلەن ئۇيۇشتۇرۇلغان يىغىندا ئۇيغۇر ئۆسمۈرلىرىنىڭ مەسىلىلىرى ئوتتۇرىغا قويۇلدى

0:00 / 0:00

20-نويابىر «دۇنيا ئۆسمۈرلەر كۈنى» مۇناسىۋىتى بىلەن ئىستانبۇلنىڭ باغچىلار شەھەرلىك ھۆكۈمەت يىغىن زالىدا «ئۆسمۈر بولۇش ھەققىم» دېگەن تېمىدا بىر يىغىن ئۇيۇشتۇرۇلدى. يىغىندا ئۇيغۇر، سۈرىيەلىك، پەلەستىنلىك ئۆسمۈرلەر ئۇرۇش ۋە زۇلۇم قالدۇرۇپ كەتكەن ئىزلار توغرىسىدا سۆز قىلدى.

«مىللەت» ۋە «خەۋەر7 گېزىتى» نىڭ «ئانادولۇ ئاگېنتلىقى» دىن نەقىل ئېلىپ خەۋەر قىلىشىچە، «ئۆسمۈر بولۇش ھەققىم» دېگەن تېمىدىكى بۇ يىغىندا ئېچىلىش نۇتقىنى سۆزلىگەن باغچىلار شەھەر باشلىقى لوقمان چاغىرىجى ئەپەندى ئۆسمۈرلەرنىڭ ھاياتقا قارىتا چوڭلارغا نىسبەتەن تېخىمۇ مەنىلىك قارايدىغانلىقىنى بىلدۈرۈپ: «ئەڭ ئېچىنىشلىق بولغىنى، پەن-تېخنىكا ئۇچۇر دەۋرى بولغان 21-ئەسىردە دۇنيادا ئۇرۇشلار يۈز بېرىۋاتىدۇ، ئۆسمۈرلەر ئاچلىقتىن ئۆلۈۋاتىدۇ» دېدى.

يىغىننىڭ كېيىنكى بۆلۈملىرىدە ئۆسمۈرلەر سۆز قىلدى. ئۇيغۇر ئۆسمۈرلىرىگە ۋاكالىتەن ئىستانبۇلدا ياشاۋاتقان شەيمانۇر سۆز قىلىپ، 60 يىلدىن بۇيان ئۇيغۇر قېرىنداشلىرىنىڭ زۇلۇم ئاستىدا ئازاب تارتىۋاتقانلىقىنى بىلدۈردى.

شەيمانۇر سۆزىدە يەنە، ئىنسانلارنىڭ قىيىن-قىستاق ۋە ئىسكەنجە كۆرگەنلىكىنى ئىپادىلىدى ۋە: «خىتايدا نەچچە مىليون بوۋاق ئانىسىنىڭ قارنىدا ئۆلتۈرۈلۈۋاتىدۇ، ئۇيغۇر مىللىتىنى يوق قىلىش ئۈچۈن ئاسسىمىلياتسىيە سىياسىتى يۈرگۈزۈۋاتىدۇ» دېدى.

يىغىن ئاخىرلاشقاندىن كېيىن ئۇيغۇر قىزى شەيمانۇر، «ئۈلكە تېلېۋىزىيە قانىلى» نىڭ كەچلىك پروگراممىسىغا قاتنىشىپ، ئۇيغۇر ئۆسمۈرلىرىنىڭ دۇچ كېلىۋاتقان قىيىنچىلىقلىرى، مەھرۇم قىلىنىۋاتقان ھەق-ھوقۇقلىرى توغرىسىدا سۆز قىلدى. بۇ پروگرامما نەق مەيداندىن بىۋاسىتە تارقىتىلدى.

بىز بۇ يىغىن توغرىسىدا تېخىمۇ كۆپ مەلۇماتقا ئىگە بولۇش ئۈچۈن ئۇيغۇر قىزى شەيمانۇرغا يېتەكچىلىك قىلىپ يىغىنغا قاتناشقان مۇنەۋۋەر ئۆزئۇيغۇر خانىم بىلەن سۆھبەت ئېلىپ باردۇق.

مۇنەۋۋەر ئۆزئۇيغۇر خانىمنىڭ بىلدۈرۈشىچە، ئۇيغۇر قىزى شەيمانۇرنىڭ :«ئىنسانلار قورال ئالدىغان پۇلغا گۈل-چېچەك ئېلىپ، ئۇنى ئىنسانلارغا تارقاتسا نېمە دېگەن ياخشى بۇلار ئىدى، ئىنسانلار ئۇرۇشتىن خالى خۇشال ياشىغان بۇلاتتى» دېگەن سۆزىنىڭ يىغىن ئەھلىنى بەك تەسىرلەندۈرگەنلىكىنى بىلدۈردى.