خەلقئارا كۆزەتكۈچىلەر بۇ يىلى ئافغانىستاندىن ناتو ئەسكەرلىرىنىڭ چېكىنىشى مۇناسىۋىتى بىلەن سابىق سوۋېت ئوتتۇرا ئاسىيا جۇمھۇرىيەتلىرىدىكى ئومۇمىي ۋەزىيەتنىڭ كەسكىنلىشىپ كېتىدىغانلىقىنى ئوتتۇرىغا قويۇشنى داۋام قىلماقتا.
يېقىندا «سېنتىر ئاسىيا تور گېزىتى» دا ئانالىزچى، ئىسلامشۇناس ئالىم بايرام بالدژىنىڭ مەخسۇس فرانسۇز خەلقئارا تەتقىقاتلار ئىلمىي مەركىزى ئۈچۈن تەييارلىغان «ئافغانىستاندىن غەرب ئەسكەرلىرىنىڭ چىقىرىلىشى: سابىق ئوتتۇرا ئاسىيا سوۋېت جۇمھۇرىيەتلىرى ئۈچۈن مۇمكىن بولىدىغان ئاقىۋەتلەر» ناملىق ماقالىسىنىڭ قىسقارتىلغان نۇسخىسى ئېلان قىلىنغان ئىدى. ماقالىدە ئېيتىلىشىچە، ئوتتۇرا ئاسىيا جۇمھۇرىيەتلىرى، يەنى تۈركمەنىستان، ئۆزبېكىستان، تاجىكىستان، قىرغىزىستان ۋە قازاقىستان ئافغانىستاندىكى ئىجتىمائىي، سىياسىي ۋەزىيەتنىڭ تەرەققىياتىدىن، بولۇپمۇ بۇ مەملىكەتتىن ناتو ئەسكەرلىرىنىڭ كېتىشىنىڭ بۇ دۆلەتلەرنىڭ بىخەتەرلىكى ۋە مۇقىملىقىغا سۆزسىز سەلبىي تەسىر يەتكۈزىدىغانلىقىدىن قاتتىق ئەنسىرىمەكتە. مۇنداق خەۋپلەر قاتارىدا، بىرىنچىدىن، زەھەرلىك چېكىملىك ئەتكەسچىلىكى كۆزدە تۇتۇلسا، ئەمدى ئۇنىڭدىنمۇ زور خەتەر سۈپىتىدە دىنىي ئەسەبىيلىكنىڭ باش كۆتۈرۈشىنىڭ مۇقەررەرلىكى ئىلگىرى سۈرۈلمەكتە.
ب. بالدژى بۇ ھەققىدە ئۆز تەخمىنلىرىنى ئوتتۇرىغا قويىدۇ. ئۇ ئۆزبېكىستان، قىرغىزىستان، تاجىكىستان، ھەتتا ئافغانىستان بىلەن چېگرىداش ئەمەس قازاقىستاننىڭمۇ بۇنىڭدىن ئەندىشە قىلىۋاتقانلىقىنى ئېيتسا، ئەمدى پەقەتلا تۈركمەنىستاننىڭ 2001-يىلغىچە، يەنى تالىپلار ھۆكۈمىتى غۇلىغىچە ئۇلار بىلەن دائىم ئالاقە باغلاپ كەلگەنلىكتىن، ھازىر بولسا بۇنىڭدىن ئانچىمۇ قاتتىق ئەنسىرىمەيۋاتقانلىقىنى ئوتتۇرىغا قويىدۇ. ئۇ مۇنداق خەۋپتىن ئەندىشە قىلىشنىڭ ئاساسى بولسىمۇ، ئامما ئوتتۇرا ئاسىيا جۇمھۇرىيەتلىرىنىڭ ئۆز مەنپەئەتلىرىنى كۆزلىگەن ھالدا، بۇ خەۋپنىڭ ئەسلى ھەقىقىتىنى ھەددىدىن تاشقىرى ئاشۇرۇۋەتكەنلىكىنى يوشۇرمايدۇ.
ماقالە ئاپتورىنىڭ ئېيتىشىچە، ئافغانىستاندا تەييارلىنىۋاتقان زەھەرلىك چېكىملىكنىڭ بىر قىسمى ئوتتۇرا ئاسىيا تېررىتورىيىسى ئارقىلىق ئۆتكەنلىكتىن ھەم بۇ مەملىكەتتىكى ئىجتىمائىي ۋە سىياسىي مۇقىمسىزلىقتىن پايدىلىنىشقا ئۇرۇنۇۋاتقان رادىكال ئىسلامچىلار قوشنا ئوتتۇرا ئاسىيا جۇمھۇرىيەتلىرىدىكى ئۆز ھەرىكەتلىرىنى تېخىمۇ جانلاندۇرۇشقا تىرىشىدۇ. ئامما ب. بالدژى ئوتتۇرا ئاسىيا جۇمھۇرىيەتلىرى رەھبەرلىرىنىڭ، شۇنداقلا بۇ رايوننىڭ بەزى كۆزەتكۈچىلىرىنىڭ تالىپلار ھاكىمىيەت بېشىغا كەلگەن تەقدىردە ئافغانىستاندىكى ئوتتۇرا ئاسىيالىق رادىكالچىلار ئۆزبېك، قىرغىز ۋە تاجىك ھاكىمىيەت رەھبەرلىرىگە قارشى زەربە بېرىش ھەرىكىتىگە ئۆتىدۇ ھەمدە بۇ جۇمھۇرىيەتلەردە ياشاۋاتقان ئۆز قېرىنداشلىرىدىن پايدىلىنىشقا تىرىشىدۇ، دېگەن پىكىرلىرىنى چۈشەندۈرۈپ مۇنداق دەيدۇ: ئەمما، ۋەزىيەتنى تەپسىلىي ئانالىز قىلىش مەزكۇر خەۋپلەرنى شۇنداقلا ئىسلامچىلىق يۇقمىسى خەۋپىنى پۇلاڭلىتىش ئارقىسىدا يوشۇرۇنغان سىياسەتچىلەرنىڭ ۋە بىخەتەرلىك خىزمەتلىرىنىڭ ئۆز تەخمىنلىرىنى ئىنتايىن كۈچلۈك ئاشۇرۇۋەتكەنلىكىنى كۆرسىتىدۇ.
ئانالىزچى بۇنىڭ بارلىقىدىن مۇنداق خۇلاسە چىقىرىدۇ: ئافغان چېگرىسىنىڭ ئىككى تەرىپىدە بىر ئېتنىك ۋەكىللىرىنىڭ ياشىشى ئىسلامچىلىق خەۋپى ئۈچۈن يېتەرلىك ئامىل بولۇپ ھېسابلانمايدۇ. ئۇ، مەسىلەن، ئافغانىستان ھەم ئوتتۇرا ئاسىيادا ياشاۋاتقان كۆپ ساندىكى ئۆزبېكلەر، تاجىكلار ۋە تۈركمەنلەرنىڭ تىل، مەدەنىيەت، ھەتتا دىنىي جەھەتتىن بىر-بىرىگە يېقىن ۋە قېرىنداش بولسىمۇ، ئامما ئۇزۇن يىللار داۋامىدا رۇسىيە پادىشاھلىقى، ئاندىن سوۋېت ئىدېئولوگىيىسى قول ئاستىدا بولغان ئوتتۇرا ئاسىيالىقلارنىڭ تامامەن باشقا جەمئىيەتلىك سىياسىي تۈزۈمدە ياشاپ، تا مۇشۇ كۈنگىچە ئۆزلىرىنىڭ ئافغانىستاندىكى قېرىنداشلىرىدىن پەرقلىنىپ تۇرىدىغانلىقىنى ئىلگىرى سۈرىدۇ. ئۇ شۇنداقلا 1979-يىلى سوۋېت ئەسكەرلىرى ئافغانىستانغا بېسىپ كىرگەندە بۇ خەلقلەر ئوتتۇرىسىدا باغلىنىش بولغان ھالەتتىمۇ، ئۇلارنىڭ توقۇنۇشلۇق خاراكتېرگە ئىگە بولغانلىقىنى ھەم بۇ توقۇنۇشلارنىڭ ئۇلارنى تېخىمۇ يىراقلىتىۋەتكەنلىكىنى كۆرسەتتى.
ب. بالدژى بۇ خەلقلەر ئېتىقاد قىلىۋاتقان ئىسلام دىنىنىڭ ئاسىيانىڭ شىمالى ۋە جەنۇبىدىكى ئەھۋالى، ئېنىقراق ئېيتقاندا ئافغانىستان، پاكىستان، ھىندىستان ھەم سابىق سوۋېت ئوتتۇرا ئاسىيا مۇسۇلمانلىرى ئوتتۇرىسىدا كەسكىن پەرقلەرنىڭ بارلىقىنى ئىلگىرى سۈرىدۇ. يەنى جەنۇبقا قارىغاندا شىمالدا ئەنئەنىۋى ئىسلامنىڭ راۋاجلانغانلىقى، ئوتتۇرا ئاسىيا خەلقلىرىنىڭ، مەسىلەن، «ھىزبۇت تەخرىر»، ئۆزبېكىستان ئىسلام ھەرىكىتى ئوخشاش تەشكىلاتلار تەسىرىدىن ئۆزلىرىنى يىراق تۇتۇشقا تىرىشىدىغانلىقى تەكىتلىنىدۇ.
ئۇ مۇنداق سوئال قويىدۇ: نېمە ئۈچۈن يەرلىك دۆلەت تۈزۈملىرى ئىسلامچىلىق خەۋپىنى شۇنداق ئاشۇرۇپ كۆرسىتىۋاتىدۇ؟
بىرىنچىدىن، ئۇلارنىڭ يۇقىرىدا ئېيتىلغاندەك ھەر خىل تەھدىتلەردىن ئەنسىرىشى ئۇلارنىڭ مەنبەلىرىنىڭ ھەم ئۇلارنىڭ رايون ۋە خەلقئارا مىقياسىدىكى رولىنىڭ ئۆسۈشىدىن كېلىپ چىقىدۇ. مەسىلەن، ئافغانىستاندىكى ۋەزىيەت مۇناسىۋىتى بىلەن قىرغىزىستان ۋە ئۆزبېكىستاندا ئا ق ش ھەربىي بازىلىرىنىڭ ئورۇنلىشىدىن بۇ دۆلەتلەر سىياسىي، ئىقتىسادىي ۋە ئىستراتېگىيىلىك مەنپەئەتنى كۆزلەيدۇ. ماقالىدە ئېيتىلىشىچە، ئافغان مەسىلىسى ئارقىلىق ئوتتۇرا ئاسىيا جۇمھۇرىيەتلىرىنىڭ ھاكىمىيەتلىرى ئۆزلىرىنىڭ ئىچكى ۋە تاشقى مەنپەئەتلىرىنى ئەمەلگە ئاشۇرۇشقا ئىنتىلمەكتە.
ئىككىنچىدىن، ب. بالدژىنىڭ پىكرىچە، ئوتتۇرا ئاسىيا جۇمھۇرىيەتلىرى، بولۇپمۇ، قازاقىستان ۋە ئۆزبېكىستاننىڭ ھازىرقى رەھبەرلىرى ئالدىدا تۇرغان ھاكىمىيەتنى تاپشۇرۇش مەسىلىسى ئەپسانىۋى «ئافغان خەۋپى» مەسىلىسىدىنمۇ مۇھىمراق بولۇپ قالماقتا.
خۇلاسىلەپ ئېيتقاندا، ئافغان مەسىلىسى ھەقىقەتەن سابىق سوۋېت ئوتتۇرا ئاسىيا جۇمھۇرىيەتلىرى ئۈچۈن خەۋپ تۇغدۇرۇۋاتامدۇ، دېگەن سوئال ئوچۇق پېتى قالماقتا.